ثُمَّ بَعْدَ هَذَا رَأَيْتُ مَلَاكًا آخَرَ نَازِلًا مِنَ ٱلسَّمَاءِ، لَهُ سُلْطَانٌ عَظِيمٌ. وَٱسْتَنَارَتِ ٱلْأَرْضُ مِنْ بَهَائِهِ. | ١ 1 |
ئۇ ئىشلاردىن كېيىن مەن چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ جۇلالىلىقىدىن يورۇپ كەتتى. |
وَصَرَخَ بِشِدَّةٍ بِصَوْتٍ عَظِيمٍ قَائِلًا: «سَقَطَتْ! سَقَطَتْ بَابِلُ ٱلْعَظِيمَةُ! وَصَارَتْ مَسْكَنًا لِشَيَاطِينَ، وَمَحْرَسًا لِكُلِّ رُوحٍ نَجِسٍ، وَمَحْرَسًا لِكُلِّ طَائِرٍ نَجِسٍ وَمَمْقُوتٍ، | ٢ 2 |
پەرىشتە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: ــ «غۇلىدى! كاتتا شەھەر بابىل غۇلىدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەربىر ناپاك روھلارنىڭ سولاقخانىسى، ھەربىر مەكرۇھ ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ سولاق-چاڭگىسى بولدى! |
لِأَنَّهُ مِنْ خَمْرِ غَضَبِ زِنَاهَا قَدْ شَرِبَ جَمِيعُ ٱلْأُمَمِ، وَمُلُوكُ ٱلْأَرْضِ زَنَوْا مَعَهَا، وَتُجَّارُ ٱلْأَرْضِ ٱسْتَغْنَوْا مِنْ وَفْرَةِ نَعِيمِهَا». | ٣ 3 |
چۈنكى بارلىق ئەللەر ئۇنىڭ زىنا-بۇزۇقلۇقىنىڭ سەۋدالىق شارابىدىن ئىچىشتى؛ يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق ئۆتكۈزۈشتى، يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئەيش-ئىشرىتىنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن بېيىشتى». |
ثُمَّ سَمِعْتُ صَوْتًا آخَرَ مِنَ ٱلسَّمَاءِ قَائِلًا: «ٱخْرُجُوا مِنْهَا يَا شَعْبِي، لِئَلَّا تَشْتَرِكُوا فِي خَطَايَاهَا، وَلِئَلَّا تَأْخُذُوا مِنْ ضَرَبَاتِهَا. | ٤ 4 |
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: ــ «ئى مېنىڭ خەلقىم، ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ھەم ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىڭلار! |
لِأَنَّ خَطَايَاهَا لَحِقَتِ ٱلسَّمَاءَ، وَتَذَكَّرَ ٱللهُ آثَامَهَا. | ٥ 5 |
چۈنكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى پەلەككە يەتكۈدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، خۇدا ئۇنىڭ ھەققانىيەتسىزلىكلىرىنى ئېسىگە ئالدى. |
جَازُوهَا كَمَا هِيَ أَيْضًا جَازَتْكُمْ، وَضَاعِفُوا لَهَا ضِعْفًا نَظِيرَ أَعْمَالِهَا. فِي ٱلْكَأْسِ ٱلَّتِي مَزَجَتْ فِيهَا، ٱمْزُجُوا لَهَا ضِعْفًا. | ٦ 6 |
ئۇ باشقىلارغا ياندۇرغىنىدەك ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار؛ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق ئىككى ھەسسە قوشلاپ قايتۇرۇڭلار؛ ئۇ [باشقىلارغا] ئەبجەش قىلىپ بەرگەن قەدەھتە ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە قويۇق ئەبجەش قىلىڭلار. |
بِقَدْرِ مَا مَجَّدَتْ نَفْسَهَا وَتَنَعَّمَتْ، بِقَدْرِ ذَلِكَ أَعْطُوهَا عَذَابًا وَحُزْنًا. لِأَنَّهَا تَقُولُ فِي قَلْبِهَا: أَنَا جَالِسَةٌ مَلِكَةً، وَلَسْتُ أَرْمَلَةً، وَلَنْ أَرَى حُزَنًا. | ٧ 7 |
ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك ئۇلۇغلىغان بولسا، قانچىلىك ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قىينىلىش ۋە دەرد بېرىڭلار؛ ئۇ كۆڭلىدە: «مەن تۇل ئەمەس، بەلكى تەختە ئولتۇرغان خانىشمەن؛ مەن دەرد-ئەلەمنى ئەسلا كۆرمەيمەن» دېگىنى تۈپەيلىدىن، |
مِنْ أَجْلِ ذَلِكَ فِي يَوْمٍ وَاحِدٍ سَتَأْتِي ضَرَبَاتُهَا: مَوْتٌ وَحُزْنٌ وَجُوعٌ، وَتَحْتَرِقُ بِٱلنَّارِ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ ٱلْإِلَهَ ٱلَّذِي يَدِينُهَا قَوِيٌّ. | ٨ 8 |
بۇ ۋەجىدىن بىر كۈن ئىچىدىلا ئۇنىڭغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەر، يەنى ئۆلۈم، دەرد-ئەلەم ۋە ئاچارچىلىق كېلىدۇ، ئۇ ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سوراق قىلغۇچى پەرۋەردىگار خۇدا قۇدرەتلىكتۇر!». |
«وَسَيَبْكِي وَيَنُوحُ عَلَيْهَا مُلُوكُ ٱلْأَرْضِ، ٱلَّذِينَ زَنَوْا وَتَنَعَّمُوا مَعَهَا، حِينَمَا يَنْظُرُونَ دُخَانَ حَرِيقِهَا، | ٩ 9 |
ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىدۇ. |
وَاقِفِينَ مِنْ بَعِيدٍ لِأَجْلِ خَوْفِ عَذَابِهَا، قَائِلِينَ: وَيْلٌ! وَيْلٌ! ٱلْمَدِينَةُ ٱلْعَظِيمَةُ بَابِلُ! ٱلْمَدِينَةُ ٱلْقَوِيَّةُ! لِأَنَّهُ فِي سَاعَةٍ وَاحِدَةٍ جَاءَتْ دَيْنُونَتُكِ. | ١٠ 10 |
ئۇلار ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: ــ «ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! چۈنكى بىر سائەت ئىچىدىلا جازايىڭ بېشىڭغا چۈشتى!» |
وَيَبْكِي تُجَّارُ ٱلْأَرْضِ وَيَنُوحُونَ عَلَيْهَا، لِأَنَّ بَضَائِعَهُمْ لَا يَشْتَرِيهَا أَحَدٌ فِي مَا بَعْدُ، | ١١ 11 |
يەر يۈزىدىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى ئەمدى ئۇلارنىڭ كېمىدىكى يۈك-ماللىرىنى، |
بَضَائِعَ مِنَ ٱلذَّهَبِ وَٱلْفِضَّةِ وَٱلْحَجَرِ ٱلْكَرِيمِ وَٱللُّؤْلُؤِ وَٱلْبَزِّ وَٱلْأُرْجُوانِ وَٱلْحَرِيرِ وَٱلْقِرْمِزِ، وَكُلَّ عُودٍ ثِينِيٍّ، وَكُلَّ إِنَاءٍ مِنَ ٱلْعَاجِ، وَكُلَّ إِنَاءٍ مِنْ أَثْمَنِ ٱلْخَشَبِ وَٱلنُّحَاسِ وَٱلْحَدِيدِ وَٱلْمَرْمَرِ، | ١٢ 12 |
يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەتلىك ياقۇتلار، ئۈنچە-مەرۋايىت، نەپىس لىباس رەخت، سۆسۈن رەخت، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەرخىل خۇشبۇي تۇرۇنج ياغاچلار، پىل چىشى بۇيۇملىرى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، |
وَقِرْفَةً وَبَخُورًا وَطِيبًا وَلُبَانًا وَخَمْرًا وَزَيْتًا وَسَمِيذًا وَحِنْطَةً، وَبَهَائِمَ وَغَنَمًا وَخَيْلًا، وَمَرْكَبَاتٍ، وَأَجْسَادًا، وَنُفُوسَ ٱلنَّاسِ. | ١٣ 13 |
شۇنىڭدەك قوۋزاقدارچىن، تېتىتقۇلار، خۇشبۇي، مۇرمەككى، مەستىكى، شاراب، زەيتۇن مېيى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە ئىنسانلارنىڭ تەنلىرى ۋە جانلىرى دېگەن ماللىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. |
وَذَهَبَ عَنْكِ جَنَى شَهْوَةِ نَفْسِكِ، وَذَهَبَ عَنْكِ كُلُّ مَا هُوَ مُشْحِمٌ وَبَهِيٌّ، وَلَنْ تَجِدِيهِ فِي مَا بَعْدُ. | ١٤ 14 |
([ئى بابىل]، جېنىڭ مەستانە بولغان ئېسىل مېۋىلەر سەندىن كەتتى، بارلىق ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مال-دۇنيالىرىڭ سەندىن يوقالدى. ئۇلار بۇلارنى ئەمدى ھەرگىز تاپالمايدۇ!) |
تُجَّارُ هَذِهِ ٱلْأَشْيَاءِ ٱلَّذِينَ ٱسْتَغْنَوْا مِنْهَا، سَيَقِفُونَ مِنْ بَعِيدٍ، مِنْ أَجْلِ خَوْفِ عَذَابِهَا، يَبْكُونَ وَيَنُوحُونَ، | ١٥ 15 |
بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر بولسا شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: ــ |
وَيَقُولُونَ: وَيْلٌ! وَيْلٌ! ٱلْمَدِينَةُ ٱلْعَظِيمَةُ ٱلْمُتَسَرْبِلَةُ بِبَزٍّ وَأُرْجُوانٍ وَقِرْمِزٍ، وَٱلْمُتَحَلِّيَةُ بِذَهَبٍ وَحَجَرٍ كَرِيمٍ وَلُؤْلُؤٍ! | ١٦ 16 |
«ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئى كاتتا شەھەر! نەپىس لىباس رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا ئورىلىپ، ئالتۇن، قىممەتلىك ياقۇتلار ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنسەن! |
لِأَنَّهُ فِي سَاعَةٍ وَاحِدَةٍ خَرِبَ غِنىً مِثْلُ هَذَا. وَكُلُّ رُبَّانٍ، وَكُلُّ ٱلْجَمَاعَةِ فِي ٱلسُّفُنِ، وَٱلْمَلَّاحُونَ وَجَمِيعُ عُمَّالِ ٱلْبَحْرِ، وَقَفُوا مِنْ بَعِيدٍ، | ١٧ 17 |
بىر سائەت ئىچىدىلا شۇنچە كاتتا بايلىقلار ۋەيران بولدى!» بارلىق كېمە خوجايىنلىرى، كېمىدىكى بارلىق يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، |
وَصَرَخُوا إِذْ نَظَرُوا دُخَانَ حَرِيقِهَا، قَائِلِينَ: أَيَّةُ مَدِينَةٍ مِثْلُ ٱلْمَدِينَةِ ٱلْعَظِيمَةِ؟ | ١٨ 18 |
ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ــ بۇ كاتتا شەھەرگە قايسى شەھەر تەڭ كېلەلىسۇن؟ ــ دەپ پەرياد كۆتۈرۈشتى. |
وَأَلْقَوْا تُرَابًا عَلَى رُؤُوسِهِمْ، وَصَرَخُوا بَاكِينَ وَنَائِحِينَ قَائِلِينَ: وَيْلٌ! وَيْلٌ! ٱلْمَدِينَةُ ٱلْعَظِيمَةُ، ٱلَّتِي فِيهَا ٱسْتَغْنَى جَمِيعُ ٱلَّذِينَ لَهُمْ سُفُنٌ فِي ٱلْبَحْرِ مِنْ نَفَائِسِهَا! لِأَنَّهَا فِي سَاعَةٍ وَاحِدَةٍ خَرِبَتْ! | ١٩ 19 |
ئۇلار باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، يىغا-زار قىلىشىپ: ــ ۋاي ئىسىت، ۋاي ئىسىت، ئۇ كاتتا شەھەر! ئۇ ئارقىلىق، ئۇنىڭ دۆلىتىدىن، دېڭىزدا كېمىسى بارلار بېيىغانىدى! بىر سائەت ئىچىدىلا ۋەيران بولدى بۇ شەھەر! ــ دېيىشىدۇ. |
اِفْرَحِي لَهَا أَيَّتُهَا ٱلسَّمَاءُ، وَٱلرُّسُلُ ٱلْقِدِّيسُونَ وَٱلْأَنْبِيَاءُ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ دَانَهَا دَيْنُونَتَكُمْ». | ٢٠ 20 |
ــ «ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن شادلىنىڭلار، ئەي ئەرش، ئەي مۇقەددەس بەندىلەر، روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر! چۈنكى خۇدا سىلەرنىڭ دەۋايىڭلاردىكى ھۆكۈمنى ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان!». |
وَرَفَعَ مَلَاكٌ وَاحِدٌ قَوِيٌّ حَجَرًا كَرَحًى عَظِيمَةٍ، وَرَمَاهُ فِي ٱلْبَحْرِ قَائِلًا: «هَكَذَا بِدَفْعٍ سَتُرْمَى بَابِلُ ٱلْمَدِينَةُ ٱلْعَظِيمَةُ، وَلَنْ تُوجَدَ فِي مَا بَعْدُ. | ٢١ 21 |
ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ! |
وَصَوْتُ ٱلضَّارِبِينَ بِٱلْقِيثَارَةِ وَٱلْمُغَنِّينَ وَٱلْمُزَمِّرِينَ وَٱلنَّافِخِينَ بِٱلْبُوقِ، لَنْ يُسْمَعَ فِيكِ فِي مَا بَعْدُ. وَكُلُّ صَانِعٍ صِنَاعَةً لَنْ يُوجَدَ فِيكِ فِي مَا بَعْدُ. وَصَوْتُ رَحًى لَنْ يُسْمَعَ فِيكِ فِي مَا بَعْدُ. | ٢٢ 22 |
چىلتارچىلارنىڭ، سازچىلارنىڭ، نەيچىلەر ۋە سۇنايچىلارنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، ھەرخىل ھۈنەرنى قىلىدىغان ھۈنەرۋەن سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز تېپىلمايدۇ، تۈگمەننىڭمۇ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ، |
وَنُورُ سِرَاجٍ لَنْ يُضِيءَ فِيكِ فِي مَا بَعْدُ. وَصَوْتُ عَرِيسٍ وَعَرُوسٍ لَنْ يُسْمَعَ فِيكِ فِي مَا بَعْدُ. لِأَنَّ تُجَّارَكِ كَانُوا عُظَمَاءَ ٱلْأَرْضِ. إِذْ بِسِحْرِكِ ضَلَّتْ جَمِيعُ ٱلْأُمَمِ. | ٢٣ 23 |
ھەتتا چىراغنىڭ يورۇقى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز يورۇمايدۇ، توي بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى سېنىڭدە قايتىدىن ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ؛ چۈنكى سېنىڭ سودىگەرلىرىڭ يەر يۈزىدىكى ئەربابلار بولۇپ چىقتى، بارلىق ئەللەر سېنىڭ سېھىر-ئەپسۇنلىرىڭغا ئالداندى؛ |
وَفِيهَا وُجِدَ دَمُ أَنْبِيَاءَ وَقِدِّيسِينَ، وَجَمِيعِ مَنْ قُتِلَ عَلَى ٱلْأَرْضِ». | ٢٤ 24 |
پەيغەمبەرلەرنىڭ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ [تۆكۈلگەن قانلىرى]، شۇنداقلا يەر يۈزىدە بارلىق قىرغىن بولغانلارنىڭ قانلىرىمۇ ئۇنىڭدا تېپىلدى». |