لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «ٱلْجَتِّيَّةِ». لِبَنِي قُورَحَ. مَزْمُورٌ مَا أَحْلَى مَسَاكِنَكَ يَارَبَّ ٱلْجُنُودِ! | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! |
تَشْتَاقُ بَلْ تَتُوقُ نَفْسِي إِلَى دِيَارِ ٱلرَّبِّ. قَلْبِي وَلَحْمِي يَهْتِفَانِ بِٱلْإِلَهِ ٱلْحَيِّ. | ٢ 2 |
جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتىدۇ، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلىدۇ؛ |
ٱلْعُصْفُورُ أَيْضًا وَجَدَ بَيْتًا، وَٱلسُّنُونَةُ عُشًّا لِنَفْسِهَا حَيْثُ تَضَعُ أَفْرَاخَهَا، مَذَابِحَكَ يَارَبَّ ٱلْجُنُودِ، مَلِكِي وَإِلَهِي. | ٣ 3 |
مانا، ھەتتا مۇبارەك قۇچقاچمۇ بىر ماكاننى تاپقان، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم! |
طُوبَى لِلسَّاكِنِينَ فِي بَيْتِكَ، أَبَدًا يُسَبِّحُونَكَ. سِلَاهْ. | ٤ 4 |
سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ. |
طُوبَى لِأُنَاسٍ عِزُّهُمْ بِكَ. طُرُقُ بَيْتِكَ فِي قُلُوبِهِمْ. | ٥ 5 |
كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ |
عَابِرِينَ فِي وَادِي ٱلْبُكَاءِ، يُصَيِّرُونَهُ يَنْبُوعًا. أَيْضًا بِبَرَكَاتٍ يُغَطُّونَ مُورَةَ. | ٦ 6 |
يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ. |
يَذْهَبُونَ مِنْ قُوَّةٍ إِلَى قُوَّةٍ. يُرَوْنَ قُدَّامَ ٱللهِ فِي صِهْيَوْنَ. | ٧ 7 |
ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ. |
يَارَبُّ إِلَهَ ٱلْجُنُودِ، ٱسْمَعْ صَلَاتِي، وَٱصْغَ يَا إِلَهَ يَعْقُوبَ. سِلَاهْ. | ٨ 8 |
ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ. |
يَا مِجَنَّنَا ٱنْظُرْ يَا ٱللهُ، وَٱلْتَفِتْ إِلَى وَجْهِ مَسِيحِكَ. | ٩ 9 |
قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن! |
لِأَنَّ يَوْمًا وَاحِدًا فِي دِيَارِكَ خَيْرٌ مِنْ أَلْفٍ. ٱخْتَرْتُ ٱلْوُقُوفَ عَلَى ٱلْعَتَبَةِ فِي بَيْتِ إِلَهِي عَلَى ٱلسَّكَنِ فِي خِيَامِ ٱلْأَشْرَارِ. | ١٠ 10 |
چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. |
لِأَنَّ ٱلرَّبَّ ٱللهَ، شَمْسٌ وَمِجَنٌّ. ٱلرَّبُّ يُعْطِي رَحْمَةً وَمَجْدًا. لَا يَمْنَعُ خَيْرًا عَنِ ٱلسَّالِكِينَ بِٱلْكَمَالِ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ |
يَارَبَّ ٱلْجُنُودِ، طُوبَى لِلْإِنْسَانِ ٱلْمُتَّكِلِ عَلَيْكَ. | ١٢ 12 |
ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان! |