لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «ذَوَاتِ اَلْأَوْتَارِ». مَزْمُورٌ لِآسَافَ. تَسْبِيحَةٌ ٱللهُ مَعْرُوفٌ فِي يَهُوذَا. ٱسْمُهُ عَظِيمٌ فِي إِسْرَائِيلَ. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا، تارلىق سازلاردا چېلىنسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ يەھۇدادا خۇدا تونۇلغاندۇر؛ ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلدا ئۇلۇغدۇر. |
كَانَتْ فِي سَالِيمَ مِظَلَّتُهُ، وَمَسْكَنُهُ فِي صِهْيَوْنَ. | ٢ 2 |
ئۇنىڭ پاناھىي جايى سالېمدا، زىئون تېغىدا ئۇنىڭ ماكانى بار. |
هُنَاكَ سَحَقَ ٱلْقِسِيَّ ٱلْبَارِقَةَ. ٱلْمِجَنَّ وَٱلسَّيْفَ وَٱلْقِتَالَ. سِلَاهْ. | ٣ 3 |
ئۇ يەردە ئۇ ئوتلۇق ئوقلارنى، قالقان، قىلىچ ھەم جەڭ قوراللىرىنى چېقىپ تاشلىدى. سېلاھ. |
أَبْهَى أَنْتَ، أَمْجَدُ مِنْ جِبَالِ ٱلسَّلَبِ. | ٤ 4 |
ئۆزۈڭ ئوۋ-ئولجا تاغلىرىدىن نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر ئەلاسەن! |
سُلِبَ أَشِدَّاءُ ٱلْقَلْبِ. نَامُوا سِنَتَهُمْ. كُلُّ رِجَالِ ٱلْبَأْسِ لَمْ يَجِدُوا أَيْدِيَهُمْ. | ٥ 5 |
باتۇرلار بۇلاندى؛ ئۇلار ئۇزۇن ئۇيقۇغا كەتتى؛ پالۋانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز قولىنى كۆتۈرەلمىدى. |
مِنِ ٱنْتِهَارِكَ يَا إِلَهَ يَعْقُوبَ يُسَبَّخُ فَارِسٌ وَخَيْلٌ. | ٦ 6 |
سېنىڭ ئەيىبلىشىڭ بىلەن، ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، جەڭ ھارۋىسى ھەم ئاتلار ئۆلۈكتەك ئۇخلىتىلدى. |
أَنْتَ مَهُوبٌ أَنْتَ. فَمَنْ يَقِفُ قُدَّامَكَ حَالَ غَضَبِكَ؟ | ٧ 7 |
سەندىن، سەندىن قورقۇش كېرەكتۇر؛ غەزەپلەنگىنىڭدە كىم ئالدىڭدا تۇرالىسۇن؟ |
مِنَ ٱلسَّمَاءِ أَسْمَعْتَ حُكْمًا. ٱلْأَرْضُ فَزِعَتْ وَسَكَتَتْ | ٨ 8 |
يەر يۈزىدىكى بارلىق ياۋاش مۆمىنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سەن خۇدا سوراق قىلىشقا ئورنۇڭدىن تۇرغان ۋاقتىڭدا، ئاسماندىن ھۆكۈمنى چىقىرىپ ئاڭلاتقۇزدۇڭ؛ يەر بولسا ۋەھىمىگە چۈشۈپ، سۈكۈت قىلدى. سېلاھ. |
عِنْدَ قِيَامِ ٱللهِ لِلْقَضَاءِ، لِتَخْلِيصِ كُلِّ وُدَعَاءِ ٱلْأَرْضِ. سِلَاهْ. | ٩ 9 |
لِأَنَّ غَضَبَ ٱلْإِنْسَانِ يَحْمَدُكَ. بَقِيَّةُ ٱلْغَضَبِ تَتَمَنْطَقُ بِهَا. | ١٠ 10 |
چۈنكى ئىنسانلارنىڭ قەھرى ساڭا شۆھرەت كەلتۈرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قالغان قەھرى ساڭا بەلۋاغ بولىدۇ. |
اُنْذُرُوا وَأَوْفُوا لِلرَّبِّ إِلَهِكُمْ يَا جَمِيعَ ٱلَّذِينَ حَوْلَهُ. لِيُقَدِّمُوا هَدِيَّةً لِلْمَهُوبِ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا قەسەم قىلىپ، ئەمەل قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇرتتىكىلەر قورقۇشى كېرەك بولغۇچىغا ھەدىيەلەر سۇنسۇن؛ |
يَقْطِفُ رُوحَ ٱلرُّؤَسَاءِ. هُوَ مَهُوبٌ لِمُلُوكِ ٱلْأَرْضِ. | ١٢ 12 |
ئۇ ئەمىرلەرنىڭمۇ روھىنى سۇندۇرىدۇ؛ ئۇ يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارغا دەھشەتلىكتۇر. |