لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ. تَسْبِيحَةٌ لَكَ يَنْبَغِي ٱلتَّسْبِيحُ يَا ٱللهُ فِي صِهْيَوْنَ، وَلَكَ يُوفَى ٱلنَّذْرُ. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي-ناخشا: ــ زىئوندا، مەدھىيە سۈكۈت ئىچىدە سېنى كۈتىدۇ، ئى خۇدا؛ ساڭا قىلغان ۋەدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. |
يَا سَامِعَ ٱلصَّلَاةِ، إِلَيْكَ يَأْتِي كُلُّ بَشَرٍ. | ٢ 2 |
ئى، دۇئا ئاڭلىغۇچى، سېنىڭ ئالدىڭغا بارلىق ئەت ئىگىلىرى كېلىدۇ. |
آثَامٌ قَدْ قَوِيَتْ عَلَيَّ. مَعَاصِينَا أَنْتَ تُكَفِّرُ عَنْهَا. | ٣ 3 |
گۇناھلىق ئىشلار، ئاسىيلىقلىرىمىز، [كەلكۈن باسقاندەك] مەندىن غالىپ كېلىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇلارنى يېپىپ كەچۈرۈم قىلىسەن؛ |
طُوبَى لِلَّذِي تَخْتَارُهُ وَتُقَرِّبُهُ لِيَسْكُنَ فِي دِيَارِكَ. لَنَشْبَعَنَّ مِنْ خَيْرِ بَيْتِكَ، قُدْسِ هَيْكَلِكَ. | ٤ 4 |
سەن تاللاپ ئۆزۈڭگە يېقىنلاشتۇرغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك! ئۇ ھويلىلىرىڭدا ماكانلىشىدۇ؛ بىزلەر سېنىڭ ماكانىڭنىڭ، يەنى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنىڭ بەرىكىتىدىن قانائەت تاپىمىز؛ |
بِمَخَاوِفَ فِي ٱلْعَدْلِ تَسْتَجِيبُنَا يَا إِلَهَ خَلَاصِنَا، يَا مُتَّكَلَ جَمِيعِ أَقَاصِي ٱلْأَرْضِ وَٱلْبَحْرِ ٱلْبَعِيدَةِ. | ٥ 5 |
سەن ھەققانىيلىقنى نامايان قىلىدىغان كارامەت ۋە دەھشەت ئىشلار بىلەن بىزگە جاۋاب، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا، پۈتكۈل يەر-دېڭىزلارنىڭ چەت-چەتلىرىدىكىلەرگىچە تايانچى بولغۇچى! |
ٱلْمُثْبِتُ ٱلْجِبَالَ بِقُوَّتِهِ، ٱلْمُتَنَطِّقُ بِٱلْقُدْرَةِ، | ٦ 6 |
بېلىڭ قۇدرەت بىلەن باغلانغان بولۇپ، كۈچۈڭ بىلەن تاغلارنى بەرپا قىلغانسەن؛ |
ٱلْمُهْدِّئُ عَجِيجَ ٱلْبِحَارِ، عَجِيجَ أَمْوَاجِهَا، وَضَجِيجَ ٱلْأُمَمِ. | ٧ 7 |
دېڭىزلارنىڭ ئۆركەشلىگەن شاۋقۇنلىرىنى، دولقۇنلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەمدە ئەللەرنىڭ چۇقانلىرىنى تىنجىتقۇچىسەن! |
وَتَخَافُ سُكَّانُ ٱلْأَقَاصِي مِنْ آيَاتِكَ. تَجْعَلُ مَطَالِعَ ٱلصَّبَاحِ وَٱلْمَسَاءِ تَبْتَهِجُ. | ٨ 8 |
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار كارامەتلىرىڭدىن قورقىدۇ؛ سەن كۈنچىقىشتىكىلەرنى، كۈنپېتىشتىكىلەرنى شادلاندۇرىسەن؛ |
تَعَهَّدْتَ ٱلْأَرْضَ وَجَعَلْتَهَا تَفِيضُ. تُغْنِيهَا جِدًّا. سَوَاقِي ٱللهِ مَلآنَةٌ مَاءً. تُهَيِّئُ طَعَامَهُمْ لِأَنَّكَ هَكَذَا تُعِدُّهَا. | ٩ 9 |
يەر يۈزىنىڭ [غېمىنى يەپ] يوقلاپ كېلىپ، ئۇنى سۇغىرىسەن، ئۇنى تولىمۇ مۇنبەتلەشتۈرىسەن. خۇدانىڭ دەريا-ئېرىقلىرى سۇغا تولغاندۇر؛ شۇنداق قىلىپ سۇلارنى تەييارلاپ، كىشىلەرنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەيسەن. |
أَرْوِ أَتْلَامَهَا. مَهِّدْ أَخَادِيدَهَا. بِٱلْغُيُوثِ تُحَلِّلُهَا. تُبَارِكُ غَلَّتَهَا. | ١٠ 10 |
تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ چۆنەكلىرىنى سۇغا قاندۇرىسەن، قىرلىرىنى تاراشلايسەن، تۇپراقنى مول يېغىنلار بىلەن يۇمشىتىسەن؛ ئۇنىڭدا ئۈنگەنلەرنى بەرىكەتلەيسەن. |
كَلَّلْتَ ٱلسَّنَةَ بِجُودِكَ، وَآثَارُكَ تَقْطُرُ دَسَمًا. | ١١ 11 |
سەن نېمەتلىرىڭنى يىلنىڭ ھوسۇلىغا تاج قىلىپ قوشۇپ بېرىسەن؛ قەدەملىرىڭدىن باياشاتلىق ھەريانغا تامىدۇ؛ |
تَقْطُرُ مَرَاعِي ٱلْبَرِّيَّةِ، وَتَتَنَطَّقُ ٱلْآكَامُ بِٱلْبَهْجَةِ. | ١٢ 12 |
دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛ |
ٱكْتَسَتِ ٱلْمُرُوجُ غَنَمًا، وَٱلْأَوْدِيَةُ تَتَعَطَّفُ بُرًّا. تَهْتِفُ وَأَيْضًا تُغَنِّي. | ١٣ 13 |
كۆكلەملەر قوي پادىلىرى بىلەن كىيىنگەن، جىلغىلار مايسىلارغا قاپلىنىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ناخشىلارنى ياڭرىتىشىدۇ! |