لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ اِسْتَمِعْ يَا ٱللهُ صَوْتِي فِي شَكْوَايَ. مِنْ خَوْفِ ٱلْعَدُوِّ ٱحْفَظْ حَيَاتِي. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، ئاھلىرىمنى كۆتۈرگەندە، مېنى ئاڭلىغايسەن! ھاياتىمنى دۈشمەننىڭ ۋەھشىلىكىدىن قۇغدىغايسەن! |
ٱسْتُرْنِي مِنْ مُؤَامَرَةِ ٱلْأَشْرَارِ، مِنْ جُمْهُورِ فَاعِلِي ٱلْإِثْمِ، | ٢ 2 |
قارا نىيەتلەرنىڭ يوشۇرۇن سۇيىقەستلىرىدىن، يامانلىق ئەيلىگۈچى قاغا-قۇزغۇنلاردىن ئامان قىلغايسەن. |
ٱلَّذِينَ صَقَلُوا أَلْسِنَتَهُمْ كَٱلسَّيْفِ. فَوَّقُوا سَهْمَهُمْ كَلَامًا مُرًّا، | ٣ 3 |
ئۇلار تىللىرىنى قىلىچتەك ئۆتكۈر بىلىدى؛ مۇكەممەل ئادەمنى يوشۇرۇن جايدىن ئېتىش ئۈچۈن، ئۇلار ئوقىنى بەتلىگەندەك زەھەرلىك سۆزىنى تەييارلىدى. ئۇلار قىلچە ئەيمەنمەي تۇيۇقسىز ئوق چىقىرىدۇ. |
لِيَرْمُوا ٱلْكَامِلَ فِي ٱلْمُخْتَفَى بَغْتَةً. يَرْمُونَهُ وَلَا يَخْشَوْنَ. | ٤ 4 |
يُشَدِّدُونَ أَنْفُسَهُمْ لِأَمْرٍ رَدِيءٍ. يَتَحَادَثُونَ بِطَمْرِ فِخَاخٍ. قَالُوا: «مَنْ يَرَاهُمْ؟». | ٥ 5 |
ئۇلار بەتنىيەتتە بىر-بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىپ، «بىزنى كىم كۆرەلەيتتى؟» ــ دېيىشمەكتە. |
يَخْتَرِعُونَ إِثْمًا، تَمَّمُوا ٱخْتِرَاعًا مُحْكَمًا. وَدَاخِلُ ٱلْإِنْسَانِ وَقَلْبُهُ عَمِيقٌ. | ٦ 6 |
ئۇلار قەبىھلىككە ئىنتىلىپ: ــ «بىز ئىزدىنىپ، ئەتراپلىق بىر تەدبىر تېپىپ چىقتۇق!» ــ دەيدۇ؛ ئىنساننىڭ ئىچ-باغرى ۋە قەلبى دەرۋەقە چوڭقۇر ۋە [بىلىپ بولماس] بىر نەرسىدۇر! |
فَيَرْمِيهِمِ ٱللهُ بِسَهْمٍ. بَغْتَةً كَانَتْ ضَرْبَتُهُمْ. | ٧ 7 |
لېكىن خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتىدۇ؛ ئۇلار تۇيۇقسىز زەخىملىنىدۇ. |
وَيُوقِعُونَ أَلْسِنَتَهُمْ عَلَى أَنْفُسِهِمْ. يُنْغِضُ ٱلرَّأْسَ كُلُّ مَنْ يَنْظُرُ إِلَيْهِمْ. | ٨ 8 |
ئۇلار ئۆز تىلى بىلەن پۇتلىشىدۇ؛ ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى نېرى تارتىدۇ. |
وَيَخْشَى كُلُّ إِنْسَانٍ، وَيُخْبِرُ بِفِعْلِ ٱللهِ، وَبِعَمَلِهِ يَفْطَنُونَ. | ٩ 9 |
ھەممە ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بايان قىلىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىنىپ ساۋاق ئالىدۇ. |
يَفْرَحُ ٱلصِّدِّيقُ بِٱلرَّبِّ وَيَحْتَمِي بِهِ، وَيَبْتَهِجُ كُلُّ ٱلْمُسْتَقِيمِي ٱلْقُلُوبِ. | ١٠ 10 |
ھەققانىيلار پەرۋەردىگاردا خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىدۇ؛ كۆڭلى دۇرۇس ئادەملەر روھلىنىپ شادلىنىدۇ. |