لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «ذَوَاتِ ٱلْأَوْتَارِ». لِدَاوُدَ اِسْمَعْ يَا ٱللهُ صُرَاخِي، وَٱصْغَ إِلَى صَلَاتِي. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى خۇدا، پەريادىمنى ئاڭلىغايسەن؛ دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! |
مِنْ أَقْصَى ٱلْأَرْضِ أَدْعُوكَ إِذَا غُشِيَ عَلَى قَلْبِي. إِلَى صَخْرَةٍ أَرْفَعَ مِنِّي تَهْدِينِي. | ٢ 2 |
يەرنىڭ چەت-چەتلىرىدە تۇرۇپ، يۈرىكىم زەئىپلىشىپ كەتكەندە، مەن ساڭا مۇراجىئەت قىلىمەن: ــ سەن مېنى ئۆزۈمدىن يۇقىرى قورام تاشقا يېتەكلەيسەن! |
لِأَنَّكَ كُنْتَ مَلْجَأً لِي، بُرْجَ قُوَّةٍ مِنْ وَجْهِ ٱلْعَدُوِّ. | ٣ 3 |
چۈنكى سەن ماڭا پاناھگاھ، دۈشمىنىم ئالدىدا مۇستەھكەم مۇنار بولۇپ كەلگەنسەن. |
لَأَسْكُنَنَّ فِي مَسْكَنِكَ إِلَى ٱلدُّهُورِ. أَحْتَمِي بِسِتْرِ جَنَاحَيْكَ. سِلَاهْ. | ٤ 4 |
مەن چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك تۇرالغۇم قىلىمەن؛ قاناتلىرىڭ سايىسىدە پاناھ تاپىمەن. سېلاھ. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ يَا ٱللهُ ٱسْتَمَعْتَ نُذُورِي. أَعْطَيْتَ مِيرَاثَ خَائِفِي ٱسْمِكَ. | ٥ 5 |
چۈنكى سەن، ئى خۇدا، قەسەملىرىمنى ئاڭلىدىڭ؛ ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تەۋە مىراسنى ماڭىمۇ بەردىڭسەن. |
إِلَى أَيَّامِ ٱلْمَلِكِ تُضِيفُ أَيَّامًا. سِنِينُهُ كَدَوْرٍ فَدَوْرٍ. | ٦ 6 |
پادىشاھنىڭ كۈنلىرىگە كۈن قوشۇپ ئۇزارتىسەن؛ ئۇنىڭ يىللىرى دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ. |
يَجْلِسُ قُدَّامَ ٱللهِ إِلَى ٱلدَّهْرِ. ٱجْعَلْ رَحْمَةً وَحَقًّا يَحْفَظَانِهِ. | ٧ 7 |
ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنى ئامان ساقلاشقا مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتنى بېكىتىپ تەمىنلىگەيسەن؛ |
هَكَذَا أُرَنِّمُ لِٱسْمِكَ إِلَى ٱلْأَبَدِ، لِوَفَاءِ نُذُورِي يَوْمًا فَيَوْمًا. | ٨ 8 |
شۇنىڭ بىلەن ئالدىڭدا ئىچكەن قەسەملىرىمگە ھەر كۈنى ئەمەل قىلىمەن؛ مەن نامىڭنى مەڭگۈ كۈيلەيمەن! |