لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «ذَوَاتِ ٱلْأَوْتَارِ». قَصِيدَةٌ لِدَاوُدَ اِصْغَ يَا ٱللهُ إِلَى صَلَاتِي، وَلَا تَتَغَاضَ عَنْ تَضَرُّعِي. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ تىلىكىمدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغايسەن، |
ٱسْتَمِعْ لِي وَٱسْتَجِبْ لِي. أَتَحَيَّرُ فِي كُرْبَتِي وَأَضْطَرِبُ | ٢ 2 |
ماڭا قۇلاق سېلىپ، جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن داد-پەرياد ئىچىدە كېزىپ، ئاھ-زار چېكىپ يۈرىمەن؛ |
مِنْ صَوْتِ ٱلْعَدُوِّ، مِنْ قِبَلِ ظُلْمِ ٱلشِّرِّيرِ. لِأَنَّهُمْ يُحِيلُونَ عَلَيَّ إِثْمًا، وَبِغَضَبٍ يَضْطَهِدُونَنِي. | ٣ 3 |
سەۋەبى دۈشمەننىڭ تەھدىتلىرى، رەزىللەرنىڭ زۇلۇملىرى؛ ئۇلار بېشىمغا ئاۋارىچىلىكلەرنى تۆكىدۇ؛ ئۇلار غەزەپلىنىپ ماڭا ئاداۋەت ساقلايدۇ. |
يَمْخَضُ قَلْبِي فِي دَاخِلِي، وَأَهْوَالُ ٱلْمَوْتِ سَقَطَتْ عَلَيَّ. | ٤ 4 |
ئىچىمدە يۈرىكىم تولغىنىپ كەتتى؛ ئۆلۈم ۋەھشەتلىرى ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى. |
خَوْفٌ وَرَعْدَةٌ أَتَيَا عَلَيَّ، وَغَشِيَنِي رُعْبٌ. | ٥ 5 |
قورقۇنچ ۋە تىترەك بېشىمغا چۈشتى، دەھشەت مېنى چۆمكۈۋالدى. |
فَقُلْتُ: «لَيْتَ لِي جَنَاحًا كَٱلْحَمَامَةِ، فَأَطِيرَ وَأَسْتَرِيحَ! | ٦ 6 |
مەن: ــ «كەپتەردەك قانىتىم بولسىچۇ كاشكى، ئۇچۇپ بېرىپ ئارامگاھ تاپار ئىدىم» ــ دېدىم. |
هَأَنَذَا كُنْتُ أَبْعُدُ هَارِبًا، وَأَبِيتُ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ. سِلَاهْ. | ٧ 7 |
ــ «يىراق جايلارغا قېچىپ، چۆل-باياۋانلاردا ماكانلىشار ئىدىم؛ سېلاھ. |
كُنْتُ أُسْرِعُ فِي نَجَاتِي مِنَ ٱلرِّيحِ ٱلْعَاصِفَةِ، وَمِنَ ٱلنَّوْءِ». | ٨ 8 |
بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!». |
أَهْلِكْ يَارَبُّ، فَرِّقْ أَلْسِنَتَهُمْ، لِأَنِّي قَدْ رَأَيْتُ ظُلْمًا وَخِصَامًا فِي ٱلْمَدِينَةِ. | ٩ 9 |
ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم. |
نَهَارًا وَلَيْلًا يُحِيطُونَ بِهَا عَلَى أَسْوَارِهَا، وَإِثْمٌ وَمَشَقَّةٌ فِي وَسَطِهَا. | ١٠ 10 |
ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى. |
مَفَاسِدُ فِي وَسَطِهَا، وَلَا يَبْرَحُ مِنْ سَاحَتِهَا ظُلْمٌ وَغِشٌّ. | ١١ 11 |
ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ. |
لِأَنَّهُ لَيْسَ عَدُوٌّ يُعَيِّرُنِي فَأَحْتَمِلَ. لَيْسَ مُبْغِضِي تَعَظَّمَ عَلَيَّ فَأَخْتَبِئَ مِنْهُ. | ١٢ 12 |
ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛ |
بَلْ أَنْتَ إِنْسَانٌ عَدِيلِي، إِلْفِي وَصَدِيقِي، | ١٣ 13 |
لېكىن بۇنى قىلغان سەن ئىكەنلىكىڭنى ــ مېنىڭ بۇرادىرىم، سىردىشىم، ئەزىز دوستۇم بولۇپ چىقىشىڭنى ئويلىماپتىمەن! |
ٱلَّذِي مَعَهُ كَانَتْ تَحْلُو لَنَا ٱلْعِشْرَةُ. إِلَى بَيْتِ ٱللهِ كُنَّا نَذْهَبُ فِي ٱلْجُمْهُورِ. | ١٤ 14 |
خالايىققا قېتىلىپ، خۇدانىڭ ئۆيىگە ئىككىمىز بىللە ماڭغانىدۇق، ئۆزئارا شېرىن پاراڭلاردا بولغانىدۇق؛ |
لِيَبْغَتْهُمُ ٱلْمَوْتُ. لِيَنْحَدِرُوا إِلَى ٱلْهَاوِيَةِ أَحْيَاءً، لِأَنَّ فِي مَسَاكِنِهِمْ، فِي وَسْطِهِمْ شُرُورًا. (Sheol h7585) | ١٥ 15 |
مۇشۇنداق [ساتقۇنلارنى] ئۆلۈم تۇيۇقسىز چۆچىتىۋەتسۇن! ئۇلار تەھتىساراغا تىرىك چۈشكەي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا رەزىللىك تۇرماقتا. (Sheol h7585) |
أَمَّا أَنَا فَإِلَى ٱللهِ أَصْرُخُ، وَٱلرَّبُّ يُخَلِّصُنِي. | ١٦ 16 |
لېكىن مەن بولسام، خۇداغا نىدا قىلىمەن؛ پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزىدۇ. |
مَسَاءً وَصَبَاحًا وَظُهْرًا أَشْكُو وَأَنُوحُ، فَيَسْمَعُ صَوْتِي. | ١٧ 17 |
ئەتىگىنى، ئاخشىمى ۋە چۈشتە، دەردىمنى تۆكۈپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ ئۇ جەزمەن سادايىمغا قۇلاق سالىدۇ. |
فَدَى بِسَلَامٍ نَفْسِي مِنْ قِتَالٍ عَلَيَّ، لِأَنَّهُمْ بِكَثْرَةٍ كَانُوا حَوْلِي. | ١٨ 18 |
ئۇ ماڭا قارشى قىلىنغان جەڭدىن مېنى ئامان قىلىدۇ؛ گەرچە كۆپ ئادەملەر مېنى قورشاۋغا ئالغان بولسىمۇ. |
يَسْمَعُ ٱللهُ فَيُذِلُّهُمْ، وَٱلْجَالِسُ مُنْذُ ٱلْقِدَمِ. سِلَاهْ. ٱلَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ تَغَيُّرٌ، وَلَا يَخَافُونَ ٱللهَ. | ١٩ 19 |
تەڭرى ــ ئەزەلدىن تەختتە ئولتۇرۇپ كەلگۈچى! [ئۇ نالەمنى] ئاڭلاپ ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ (سېلاھ) چۈنكى ئۇلاردا ھېچ ئۆزگىرىشلەر بولمىدى؛ ئۇلار خۇدادىن ھېچ قورقمايدۇ. |
أَلْقَى يَدَيْهِ عَلَى مُسَالِمِيهِ. نَقَضَ عَهْدَهُ. | ٢٠ 20 |
[ھېلىقى بۇرادىرىم] ئۆزى بىلەن دوست بولغانلارغا مۇشت كۆتۈردى؛ ئۆز ئەھدىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. |
أَنْعَمُ مِنَ ٱلزُّبْدَةِ فَمُهُ، وَقَلْبُهُ قِتَالٌ. أَلْيَنُ مِنَ ٱلزَّيْتِ كَلِمَاتُهُ، وَهِيَ سُيُوفٌ مَسْلُولَةٌ. | ٢١ 21 |
ئاغزى سېرىق مايدىنمۇ يۇمشاق، بىراق كۆڭلى جەڭدۇر ئۇنىڭ؛ ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدىنمۇ سىلىق، ئەمەلىيەتتە سۇغۇرۇپ ئالغان قىلىچلاردۇر. |
أَلْقِ عَلَى ٱلرَّبِّ هَمَّكَ فَهُوَ يَعُولُكَ. لَا يَدَعُ ٱلصِّدِّيقَ يَتَزَعْزَعُ إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ٢٢ 22 |
يۈكۈڭنى پەرۋەردىگارغا تاشلاپ قوي، ئۇ سېنى يۆلەيدۇ؛ ئۇ ھەققانىيلارنى ھەرگىز تەۋرەتمەيدۇ. |
وَأَنْتَ يَا ٱللهُ تُحَدِّرُهُمْ إِلَى جُبِّ ٱلْهَلَاكِ. رِجَالُ ٱلدِّمَاءِ وَٱلْغِشِّ لَا يَنْصُفُونَ أَيَّامَهُمْ. أَمَّا أَنَا فَأَتَّكِلُ عَلَيْكَ. | ٢٣ 23 |
بىراق، سەن خۇدا ئاشۇ رەزىللەرنى ھالاكەت ھاڭىغا چۈشۈرىسەن؛ قانخورلار ۋە ھىيلىگەرلەر ئۆمرىنىڭ يېرىمىنىمۇ كۆرمەيدۇ؛ بىراق مەن بولسام، ساڭا تايىنىمەن. |