لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ عَلَى «ذَوَاتِ ٱلنَّفْخِ». مَزْمُورٌ لِدَاوُدَ لِكَلِمَاتِي أَصْغِ يَارَبُّ. تَأَمَّلْ صُرَاخِي. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، نەيلەر بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ ئاھلىرىمغا كۆڭۈل بۆلگەيسەن. |
ٱسْتَمِعْ لِصَوْتِ دُعَائِي يَا مَلِكِي وَإِلَهِي، لِأَنِّي إِلَيْكَ أُصَلِّي. | ٢ 2 |
كۆتۈرگەن پەريادلىرىمنى ئاڭلا، مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم، چۈنكى ساڭىلا دۇئا قىلىمەن. |
يَارَبُّ، بِٱلْغَدَاةِ تَسْمَعُ صَوْتِي. بِٱلْغَدَاةِ أُوَجِّهُ صَلَاتِي نَحْوَكَ وَأَنْتَظِرُ. | ٣ 3 |
ئى پەرۋەردىگار، سەھەردە سەن ئاۋازىمنى ئاڭلايسەن؛ مەن سەھەردە ئۆزۈمنى ساڭا قارىتىمەن، يۇقىرىغا كۆز تىكىمەن. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ لَسْتَ إِلَهًا يُسَرُّ بِٱلشَّرِّ، لَا يُسَاكِنُكَ ٱلشِّرِّيرُ. | ٤ 4 |
چۈنكى سەن رەزىللىكتىن ھۇزۇر ئالغۇچى ئىلاھ ئەمەسدۇرسەن؛ يامانلىق ھەرگىز سەن بىلەن بىللە تۇرمايدۇ. |
لَا يَقِفُ ٱلْمُفْتَخِرُونَ قُدَّامَ عَيْنَيْكَ. أَبْغَضْتَ كُلَّ فَاعِلِي ٱلْإِثْمِ. | ٥ 5 |
پوچى-تەكەببۇرلار كۆزۈڭ ئالدىدا تۇرالمايدۇ؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ساڭا يىرگىنچلىكتۇر. |
تُهْلِكُ ٱلْمُتَكَلِّمِينَ بِٱلْكَذِبِ. رَجُلُ ٱلدِّمَاءِ وَٱلْغِشِّ يَكْرَهُهُ ٱلرَّبُّ. | ٦ 6 |
يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر. |
أَمَّا أَنَا فَبِكَثْرَةِ رَحْمَتِكَ أَدْخُلُ بَيْتَكَ. أَسْجُدُ فِي هَيْكَلِ قُدْسِكَ بِخَوْفِكَ. | ٧ 7 |
بىراق مەن بولسام، مېھرى-شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛ |
يَارَبُّ، ٱهْدِنِي إِلَى بِرِّكَ بِسَبَبِ أَعْدَائِي. سَهِّلْ قُدَّامِي طَرِيقَكَ. | ٨ 8 |
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن. |
لِأَنَّهُ لَيْسَ فِي أَفْوَاهِهِمْ صِدْقٌ. جَوْفُهُمْ هُوَّةٌ. حَلْقُهُمْ قَبْرٌ مَفْتُوحٌ. أَلْسِنَتُهُمْ صَقَلُوهَا. | ٩ 9 |
چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ. |
دِنْهُمْ يَا ٱللهُ! لِيَسْقُطُوا مِنْ مُؤَامَرَاتِهِمْ. بِكَثْرَةِ ذُنُوبِهِمْ طَوِّحْ بِهِمْ، لِأَنَّهُمْ تَمَرَّدُوا عَلَيْكَ. | ١٠ 10 |
ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى. |
وَيَفْرَحُ جَمِيعُ ٱلْمُتَّكِلِينَ عَلَيْكَ. إِلَى ٱلْأَبَدِ يَهْتِفُونَ، وَتُظَلِّلُهُمْ. وَيَبْتَهِجُ بِكَ مُحِبُّو ٱسْمِكَ. | ١١ 11 |
شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ تُبَارِكُ ٱلصِّدِّيقَ يَارَبُّ. كَأَنَّهُ بِتُرْسٍ تُحِيطُهُ بِٱلرِّضَا. | ١٢ 12 |
چۈنكى سەن، ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىي ئادەمگە بەخت ئاتا قىلىسەن؛ ئۇنى شاپائىتىڭ بىلەن قالقان كەبى ئورايسەن. |