لِإِمَامِ ٱلْمُغَنِّينَ. لِبَنِي قُورَحَ. قَصِيدَةٌ اَللَّهُمَّ، بِآذَانِنَا قَدْ سَمِعْنَا. آبَاؤُنَا أَخْبَرُونَا بِعَمَلٍ عَمِلْتَهُ فِي أَيَّامِهِمْ، فِي أَيَّامِ ٱلْقِدَمِ. | ١ 1 |
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان «ماسقىل»: ــ ئى خۇدا، ئۆز قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ئاتىلىرىمىز بىزگە بايان قىلىپ، ئۆز كۈنلىرىدە، يەنى قەدىمكى زامانلاردا سېنىڭ قىلغان زور ئىشلىرىڭنى ئۇقتۇرغانىدى؛ |
أَنْتَ بِيَدِكَ ٱسْتَأْصَلْتَ ٱلْأُمَمَ وَغَرَسْتَهُمْ. حَطَّمْتَ شُعُوبًا وَمَدَدْتَهُمْ. | ٢ 2 |
سەن [ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئالدىدا] ئۆز قولۇڭ بىلەن يات ئەللەرنى قوغلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ [زېمىنىغا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى] ئورۇنلاشتۇردۇڭ؛ يات قوۋملارغا ئاپەت چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى تارقىتىۋەتتىڭ. |
لِأَنَّهُ لَيْسَ بِسَيْفِهِمْ ٱمْتَلَكُوا ٱلْأَرْضَ، وَلَا ذِرَاعُهُمْ خَلَّصَتْهُمْ، لَكِنْ يَمِينُكَ وَذِرَاعُكَ وَنُورُ وَجْهِكَ، لِأَنَّكَ رَضِيتَ عَنْهُمْ. | ٣ 3 |
بەرھەق، بوۋىلىرىمىز زېمىننى ئۆز قىلىچى بىلەن ئالغىنى يوق، ئۆز بىلىكى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزغىنىمۇ يوق؛ بۇ بەلكى سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، سېنىڭ بىلىكىڭ ۋە جامالىڭنىڭ نۇرىنىڭ قىلغىنىدۇر؛ چۈنكى سەن ئۇلاردىن خۇرسەنلىك تاپتىڭ. |
أَنْتَ هُوَ مَلِكِي يَا ٱللهُ، فَأْمُرْ بِخَلَاصِ يَعْقُوبَ. | ٤ 4 |
سەن ئۆزۈڭ مېنىڭ پادىشاھىمدۇرسەن، ئى خۇدا، سەن ياقۇپ ئۈچۈن غەلىبىلەر بۇيرۇغۇچىدۇرسەن. |
بِكَ نَنْطَحُ مُضَايِقِينَا. بِٱسْمِكَ نَدُوسُ ٱلْقَائِمِينَ عَلَيْنَا. | ٥ 5 |
سەن ئارقىلىق بىز رەقىبلىرىمىزنى ھەيدىۋېتىمىز؛ نامىڭ بىلەن ئۆزىمىزگە قارشى تۇرغانلارنى چەيلەيمىز؛ |
لِأَنِّي عَلَى قَوْسِي لَا أَتَّكِلُ، وَسَيْفِي لَا يُخَلِّصُنِي. | ٦ 6 |
چۈنكى ئۆز ئوقيايىمغا تايانمايمەن، قىلىچىممۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ خَلَّصْتَنَا مِنْ مُضَايِقِينَا، وَأَخْزَيْتَ مُبْغِضِينَا. | ٧ 7 |
چۈنكى سەن بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قۇتقۇزدۇڭ، بىزگە ئۆچ بولغانلارنى يەرگە قاراتتىڭ. |
بِٱللهِ نَفْتَخِرُ ٱلْيَوْمَ كُلَّهُ، وَٱسْمَكَ نَحْمَدُ إِلَى ٱلدَّهْرِ. سِلَاهْ. | ٨ 8 |
خۇدانى كۈن بويى ئىپتىخارلىنىپ ماختايمىز؛ نامىڭنى ئەبەدىلئەبەدگىچە مەدھىيىلەيمىز. سېلاھ! |
لَكِنَّكَ قَدْ رَفَضْتَنَا وَأَخْجَلْتَنَا، وَلَا تَخْرُجُ مَعَ جُنُودِنَا. | ٩ 9 |
بىراق سەن [ھازىر] بىزنى تاشلاۋېتىپ ئاھانەتكە قالدۇردۇڭ؛ قوشۇنلىرىمىز بىلەن جەڭگە بىللە چىقمايسەن. |
تُرْجِعُنَا إِلَى ٱلْوَرَاءِ عَنِ ٱلْعَدُوِّ، وَمُبْغِضُونَا نَهَبُوا لِأَنْفُسِهِمْ. | ١٠ 10 |
سەن رەقىبلىرىمىز ئالدىدا بىزنى چېكىندۈردۈڭ؛ بىزنى ئۆچمەنلەرگە خالىغانچە تالان-تاراج قىلدۇردۇڭ. |
جَعَلْتَنَا كَٱلضَّأْنِ أُكْلًا. ذَرَّيْتَنَا بَيْنَ ٱلْأُمَمِ. | ١١ 11 |
سويۇشقا تاپشۇرۇلغان قويلاردەك، بىزنى ئۇلارغا تاپشۇردۇڭ، ئەللەر ئارىسىغا بىزنى تارقىتىۋەتتىڭ. |
بِعْتَ شَعْبَكَ بِغَيْرِ مَالٍ، وَمَا رَبِحْتَ بِثَمَنِهِمْ. | ١٢ 12 |
سەن ئۆز خەلقىڭنى بىكارغا سېتىۋەتتىڭ، ئۇنىڭ قىممىتىدىن ئۆزۈڭ ھېچ بېيىپ كەتمىدىڭ؛ |
تَجْعَلُنَا عَارًا عِنْدَ جِيرَانِنَا، هُزْأَةً وَسُخْرَةً لِلَّذِينَ حَوْلَنَا. | ١٣ 13 |
سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن. |
تَجْعَلُنَا مَثَلًا بَيْنَ ٱلشُّعُوبِ. لِإِنْغَاضِ ٱلرَّأْسِ بَيْنَ ٱلْأُمَمِ. | ١٤ 14 |
سەن بىزنى ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەككە قويدۇڭسەن، يات قوۋملار بىزگە باش چايقىشىپ قاراشماقتا. |
ٱلْيَوْمَ كُلَّهُ خَجَلِي أَمَامِي، وَخِزْيُ وَجْهِي قَدْ غَطَّانِي. | ١٥ 15 |
مەسخىرە ھەم كۇپۇرلۇق ئېيتقۇچىلارنىڭ ئاۋازى تۈپەيلىدىن، دۈشمەنلەر ۋە ئۆچ ئالغۇچىلار تۈپەيلىدىن، كۈن بويى ئۇياتىم ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، يۈزۈمنىڭ نومۇسى مېنى چىرمىۋالدى. |
مِنْ صَوْتِ ٱلْمُعَيِّرِ وَٱلشَّاتِمِ. مِنْ وَجْهِ عَدُوٍّ وَمُنْتَقِمٍ. | ١٦ 16 |
هَذَا كُلُّهُ جَاءَ عَلَيْنَا، وَمَا نَسِينَاكَ وَلَا خُنَّا فِي عَهْدِكَ. | ١٧ 17 |
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېشىمىزغا چۈشتى؛ بىراق بىز سېنى ئۇنتۇمىدۇق، ياكى ئەھدەڭگە ھېچ ئاسىيلىق قىلمىدۇق؛ |
لَمْ يَرْتَدَّ قَلْبُنَا إِلَى وَرَاءٍ، وَلَا مَالَتْ خَطْوَتُنَا عَنْ طَرِيقِكَ، | ١٨ 18 |
قەلبىمىز ھېچ يانمىدى، ساڭا ساداقەتسىزلىك قىلمىدۇق، قەدەملىرىمىز يولۇڭدىن ھېچ ئېزىپ كەتمىدى. |
حَتَّى سَحَقْتَنَا فِي مَكَانِ ٱلتَّنَانِينِ، وَغَطَّيْتَنَا بِظِلِّ ٱلْمَوْتِ. | ١٩ 19 |
بىراق سەن بىزنى چىلبۆرىلەر ماكانىدا ئەزدىڭ، بىزگە ئۆلۈم سايىسىنى چاپلاشتۇردۇڭ. |
إِنْ نَسِينَا ٱسْمَ إِلَهِنَا أَوْ بَسَطْنَا أَيْدِيَنَا إِلَى إِلَهٍ غَرِيبٍ، | ٢٠ 20 |
ئەگەر بىز خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، ياكى يات بىر ئىلاھقا قول كۆتۈرگەن بولساق، |
أَفَلَا يَفْحَصُ ٱللهُ عَنْ هَذَا؟ لِأَنَّهُ هُوَ يَعْرِفُ خَفِيَّاتِ ٱلْقَلْبِ. | ٢١ 21 |
خۇدا سەن چوقۇم بۇنى سۈرۈشتە قىلماس ئىدىڭمۇ، قەلبتىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرىدىغان تۇرساڭ؟ |
لِأَنَّنَا مِنْ أَجْلِكَ نُمَاتُ ٱلْيَوْمَ كُلَّهُ. قَدْ حُسِبْنَا مِثْلَ غَنَمٍ لِلذَّبْحِ. | ٢٢ 22 |
بىراق سەن تۈپەيلى بىز كۈن بويى قىرىلماقتىمىز؛ بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلار كەبى ھېسابلانماقتىمىز. |
اِسْتَيْقِظْ! لِمَاذَا تَتَغَافَى يَارَبُّ؟ ٱنْتَبِهْ! لَا تَرْفُضْ إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ٢٣ 23 |
ئويغان، ئى رەب! نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر، بىزنى مەڭگۈگە تاشلاۋەتمىگەيسەن! |
لِمَاذَا تَحْجُبُ وَجْهَكَ وَتَنْسَى مَذَلَّتَنَا وَضِيقَنَا؟ | ٢٤ 24 |
نېمىشقا يۈزۈڭنى بىزدىن يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا كۈلپەتلىرىمىزگە، ئۇچرىغان زۇلۇملىرىمىزغا پىسەنت قىلمايسەن؟ |
لِأَنَّ أَنْفُسَنَا مُنْحَنِيَةٌ إِلَى ٱلتُّرَابِ. لَصِقَتْ فِي ٱلْأَرْضِ بُطُونُنَا. | ٢٥ 25 |
قارىغىنا، جېنىمىز تۇپراقتا بېغىرلاپ يۈرىدۇ؛ تېنىمىز يەرگە چاپلاشتى؛ |
قُمْ عَوْنًا لَنَا وَٱفْدِنَا مِنْ أَجْلِ رَحْمَتِكَ. | ٢٦ 26 |
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بىزگە ياردەمدە بولغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ سەۋەبىدىن، بىزلەرنى ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! |