اِقْضِ لِي يَا ٱللهُ، وَخَاصِمْ مُخَاصَمَتِي مَعَ أُمَّةٍ غَيْرِ رَاحِمَةٍ، وَمِنْ إِنْسَانِ غِشٍّ وَظُلْمٍ نَجِّنِي. | ١ 1 |
ئى پەرۋەردىگار، مەن توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغايسەن، دەۋايىمنى ئەقىدىسىز بىر خەلق ئالدىدا سورىغايسەن؛ مېنى ھىيلىگەر ھەم قەبىھ ئادەمدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. |
لِأَنَّكَ أَنْتَ إِلَهُ حِصْنِي. لِمَاذَا رَفَضْتَنِي؟ لِمَاذَا أَتَمَشَّى حَزِينًا مِنْ مُضَايَقَةِ ٱلْعَدُوِّ؟ | ٢ 2 |
چۈنكى سەن پاناھگاھىم بولغان خۇدادۇرسەن؛ نېمىشقا مېنى تاشلاۋەتكەنسەن؟ نېمىشقا دۈشمەننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، ھەمىشە ئازاب چېكىپ يۈرىۋاتىمەن؟» ــ دەيمەن. |
أَرْسِلْ نُورَكَ وَحَقَّكَ، هُمَا يَهْدِيَانِنِي وَيَأْتِيَانِبِي إِلَى جَبَلِ قُدْسِكَ وَإِلَى مَسَاكِنِكَ. | ٣ 3 |
ئۆز ھەقىقىتىڭ ۋە نۇرۇڭنى ئەۋەتكىن، ئۇلار مېنى يېتەكلىگەي! مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ماكانىڭغا ئېلىپ كەلگەي! |
فَآتِي إِلَى مَذْبَحِ ٱللهِ، إِلَى ٱللهِ بَهْجَةِ فَرَحِي، وَأَحْمَدُكَ بِٱلْعُودِ يَا ٱللهُ إِلَهِي. | ٤ 4 |
شۇنىڭ بىلەن مەن خۇدانىڭ قۇربانگاھى ئالدىغا باراي، يەنى مېنىڭ چەكسىز خۇشلۇقۇم بولغان تەڭرىنىڭ يېنىغا باراي؛ بەرھەق، چىلتار چېلىپ سېنى مەدھىيىلەيمەن، ئى خۇدا، مېنىڭ خۇدايىم! |
لِمَاذَا أَنْتِ مُنْحَنِيَةٌ يَا نَفْسِي؟ وَلِمَاذَا تَئِنِّينَ فِيَّ؟ تَرَجَّيِ ٱللهَ، لِأَنِّي بَعْدُ أَحْمَدُهُ، خَلَاصَ وَجْهِي وَإِلَهِي. | ٥ 5 |
ئى جېنىم، سەن نېمىشقا بۇنداق قايغۇرىسەن؟ نېمىشقا ئىچىمدە بۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىسەن؟ خۇداغا ئۈمىد باغلا! چۈنكى مەن ئۇنى يەنىلا مەدھىيىلەيمەن، يەنى چىرايىمغا سالامەتلىك، نىجاتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدايىمنى مەدھىيىلەيمەن! |