لِدَاوُدَ اِقْضِ لِي يَارَبُّ لِأَنِّي بِكَمَالِي سَلَكْتُ، وَعَلَى ٱلرَّبِّ تَوَكَّلْتُ بِلَا تَقَلْقُلٍ. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: ــ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛ مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن. |
جَرِّبْنِي يَارَبُّ وَٱمْتَحِنِّي. صَفِّ كُلْيَتَيَّ وَقَلْبِي. | ٢ 2 |
مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛ ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛ |
لِأَنَّ رَحْمَتَكَ أَمَامَ عَيْنِي. وَقَدْ سَلَكْتُ بِحَقِّكَ. | ٣ 3 |
چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛ مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن. |
لَمْ أَجْلِسْ مَعَ أُنَاسِ ٱلسُّوءِ، وَمَعَ ٱلْمَاكِرِينَ لَا أَدْخُلُ. | ٤ 4 |
مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛ ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن. |
أَبْغَضْتُ جَمَاعَةَ ٱلْأَثَمَةِ، وَمَعَ ٱلْأَشْرَارِ لَا أَجْلِسُ. | ٥ 5 |
يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛ رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن. |
أَغْسِلُ يَدَيَّ فِي ٱلنَّقَاوَةِ، فَأَطُوفُ بِمَذْبَحِكَ يَارَبُّ، | ٦ 6 |
قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛ شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن. |
لِأُسَمِّعَ بِصَوْتِ ٱلْحَمْدِ، وَأُحَدِّثَ بِجَمِيعِ عَجَائِبِكَ. | ٧ 7 |
ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن. |
يَارَبُّ، أَحْبَبْتُ مَحَلَّ بَيْتِكَ وَمَوْضِعَ مَسْكَنِ مَجْدِكَ. | ٨ 8 |
ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛ |
لَا تَجْمَعْ مَعَ ٱلْخُطَاةِ نَفْسِي، وَلَا مَعَ رِجَالِ ٱلدِّمَاءِ حَيَاتِي. | ٩ 9 |
جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛ |
ٱلَّذِينَ فِي أَيْدِيهِمْ رَذِيلَةٌ، وَيَمِينُهُمْ مَلآنَةٌ رِشْوَةً. | ١٠ 10 |
ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى. |
أَمَّا أَنَا فَبِكَمَالِي أَسْلُكُ. ٱفْدِنِي وَٱرْحَمْنِي. | ١١ 11 |
مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛ مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن، ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن. |
رِجْلِي وَاقِفَةٌ عَلَى سَهْلٍ. فِي ٱلْجَمَاعَاتِ أُبَارِكُ ٱلرَّبَّ. | ١٢ 12 |
پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛ جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن. |