لِدَاوُدَ إِلَيْكَ يَارَبُّ أَرْفَعُ نَفْسِي. | ١ 1 |
داۋۇت يازغان كۈي: پەرۋەردىگار، جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛ |
يَا إِلَهِي عَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ، فَلَا تَدَعْنِي أَخْزَى. لَا تَشْمَتْ بِي أَعْدَائِي. | ٢ 2 |
ساڭا تايىنىمەن، ئى خۇدايىم؛ مېنى يەرگە قارىتىپ خىجالەتتە قالدۇرمىغايسەن؛ ۋە ياكى دۈشمەنلىرىمنى ئۈستۈمدىن غالىب قىلىپ شادلاندۇرمىغايسەن؛ |
أَيْضًا كُلُّ مُنْتَظِرِيكَ لَا يَخْزَوْا. لِيَخْزَ ٱلْغَادِرُونَ بِلَا سَبَبٍ. | ٣ 3 |
بەرھەق، سېنى كۈتكۈچىلەردىن ھېچقايسىسى شەرمەندە بولماس؛ بىراق ھېچبىر سەۋەبسىز خائىنلىق قىلغۇچىلار شەرمەندە بولىدۇ. |
طُرُقَكَ يَارَبُّ عَرِّفْنِي. سُبُلَكَ عَلِّمْنِي. | ٤ 4 |
مېنى سېنىڭ ئىزلىرىڭنى بىلىدىغان قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يوللىرىڭنى ماڭا ئۆگىتىپ قويغايسەن. |
دَرِّبْنِي فِي حَقِّكَ وَعَلِّمْنِي، لِأَنَّكَ أَنْتَ إِلَهُ خَلَاصِي. إِيَّاكَ ٱنْتَظَرْتُ ٱلْيَوْمَ كُلَّهُ. | ٥ 5 |
مېنى ھەقىقىتىڭدە ماڭدۇرۇپ، ماڭا ئۆگەتكەيسەن؛ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ نىجاتلىقىم بولغان خۇدايىمدۇرسەن؛ مەن كۈن بويى ساڭا قاراپ تەلمۈرىمەن؛ |
ٱذْكُرْ مَرَاحِمَكَ يَارَبُّ وَإِحْسَانَاتِكَ، لِأَنَّهَا مُنْذُ ٱلْأَزَلِ هِيَ. | ٦ 6 |
ئۆز رەھىمدىللىقلىرىڭنى، ئۆزگەرمەس مېھىرلىرىڭنى يادىڭغا كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار! چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ بار بولۇپ كەلگەندۇر؛ |
لَا تَذْكُرْ خَطَايَا صِبَايَ وَلَا مَعَاصِيَّ. كَرَحْمَتِكَ ٱذْكُرْنِي أَنْتَ مِنْ أَجْلِ جُودِكَ يَارَبُّ. | ٧ 7 |
مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ |
اَلرَّبُّ صَالِحٌ وَمُسْتَقِيمٌ، لِذَلِكَ يُعَلِّمُ ٱلْخُطَاةَ ٱلطَّرِيقَ. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ. |
يُدَرِّبُ ٱلْوُدَعَاءَ فِي ٱلْحَقِّ، وَيُعَلِّمُ ٱلْوُدَعَاءَ طُرُقَهُ. | ٩ 9 |
مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ. |
كُلُّ سُبُلِ ٱلرَّبِّ رَحْمَةٌ وَحَقٌّ لِحَافِظِي عَهْدِهِ وَشَهَادَاتِهِ. | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر. |
مِنْ أَجْلِ ٱسْمِكَ يَارَبُّ ٱغْفِرْ إِثْمِي لِأَنَّهُ عَظِيمٌ. | ١١ 11 |
ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن. |
مَنْ هُوَ ٱلْإِنْسَانُ ٱلْخَائِفُ ٱلرَّبَّ؟ يُعَلِّمُهُ طَرِيقًا يَخْتَارُهُ. | ١٢ 12 |
كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا [ھەقىقەتنى] ئۆگىتىدۇ؛ |
نَفْسُهُ فِي ٱلْخَيْرِ تَبِيتُ، وَنَسْلُهُ يَرِثُ ٱلْأَرْضَ. | ١٣ 13 |
ئۇنىڭ جېنى ئازادە-ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ. |
سِرُّ ٱلرَّبِّ لِخَائِفِيهِ، وَعَهْدُهُ لِتَعْلِيمِهِمْ. | ١٤ 14 |
پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. |
عَيْنَايَ دَائِمًا إِلَى ٱلرَّبِّ، لِأَنَّهُ هُوَ يُخْرِجُ رِجْلَيَّ مِنَ ٱلشَّبَكَةِ. | ١٥ 15 |
مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ. |
اِلْتَفِتْ إِلَيَّ وَٱرْحَمْنِي، لِأَنِّي وَحْدٌ وَمِسْكِينٌ أَنَا. | ١٦ 16 |
ماڭا قاراپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن. |
اُفْرُجْ ضِيقَاتِ قَلْبِي. مِنْ شَدَائِدِي أَخْرِجْنِي. | ١٧ 17 |
كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن. |
ٱنْظُرْ إِلَى ذُلِّي وَتَعَبِي، وَٱغْفِرْ جَمِيعَ خَطَايَايَ. | ١٨ 18 |
دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! |
ٱنْظُرْ إِلَى أَعْدَائِي لِأَنَّهُمْ قَدْ كَثُرُوا، وَبُغْضًا ظُلْمًا أَبْغَضُونِي. | ١٩ 19 |
مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ. |
ٱحْفَظْ نَفْسِي وَأَنْقِذْنِي. لَا أُخْزَى لِأَنِّي عَلَيْكَ تَوَكَّلْتُ. | ٢٠ 20 |
جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم. |
يَحْفَظُنِي ٱلْكَمَالُ وَٱلِٱسْتِقَامَةُ، لِأَنِّي ٱنْتَظَرْتُكَ. | ٢١ 21 |
كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن. |
يَا ٱللهُ، ٱفْدِ إِسْرَائِيلَ مِنْ كُلِّ ضِيقَاتِهِ. | ٢٢ 22 |
ئى خۇدا، ئىسرائىلنى بارلىق كۈلپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە چىقارغايسەن! |