لِمَاذَا ٱرْتَجَّتِ ٱلْأُمَمُ، وَتَفَكَّرَ ٱلشُّعُوبُ فِي ٱلْبَاطِلِ؟ | ١ 1 |
ئەللەر نېمىشقا چۇقان سالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست ئويلايدۇ؟ |
قَامَ مُلُوكُ ٱلْأَرْضِ، وَتَآمَرَ ٱلرُّؤَسَاءُ مَعًا عَلَى ٱلرَّبِّ وَعَلَى مَسِيحِهِ، قَائِلِينَ: | ٢ 2 |
دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپكە تىزىلىپ، ئەمەلدارلار قارا نىيەت ئەيلىشىپ، پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ مەسىھى بىلەن قارشىلىشىپ: ــ |
«لِنَقْطَعْ قُيُودَهُمَا، وَلْنَطْرَحْ عَنَّا رُبُطَهُمَا». | ٣ 3 |
«ئۇلارنىڭ چەكلىمىلىرىنى چۆرۈۋېتەيلى، ئۇلارنىڭ ئاسارەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايلى!» ــ دېيىشىدۇ. |
اَلسَّاكِنُ فِي ٱلسَّمَاوَاتِ يَضْحَكُ. ٱلرَّبُّ يَسْتَهْزِئُ بِهِمْ. | ٤ 4 |
ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛ |
حِينَئِذٍ يَتَكَلَّمُ عَلَيْهِمْ بِغَضَبِهِ، وَيَرْجُفُهُمْ بِغَيْظِهِ. | ٥ 5 |
ھەم ئاچچىقىدا ئۇلارغا سۆزلەپ، قەھرى بىلەن ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ: ــ |
«أَمَّا أَنَا فَقَدْ مَسَحْتُ مَلِكِي عَلَى صِهْيَوْنَ جَبَلِ قُدْسِي». | ٦ 6 |
«ئۆزۈم بولسام زىئوندا، يەنى مۇقەددەس تېغىمدا، ئۆزۈم مەسىھ قىلغان پادىشاھنى تىكلىدىم». |
إِنِّي أُخْبِرُ مِنْ جِهَةِ قَضَاءِ ٱلرَّبِّ: قَالَ لِي: «أَنْتَ ٱبْنِي، أَنَا ٱلْيَوْمَ وَلَدْتُكَ. | ٧ 7 |
«مەن [ئەرشتىكى] پەرماننى جاكارلايمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا: ــ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم؛ ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈندە تۇغۇلدۇردۇم؛ |
ٱسْأَلْنِي فَأُعْطِيَكَ ٱلْأُمَمَ مِيرَاثًا لَكَ، وَأَقَاصِيَ ٱلْأَرْضِ مُلْكًا لَكَ. | ٨ 8 |
مەندىن سورا، مەن ساڭا مىراس بولۇشقا ئەللەرنى، تەئەللۇقۇڭ بولۇشقا يەر يۈزىنى چەت-چەتلىرىگىچە بېرىمەن؛ |
تُحَطِّمُهُمْ بِقَضِيبٍ مِنْ حَدِيدٍ. مِثْلَ إِنَاءِ خَزَّافٍ تُكَسِّرُهُمْ». | ٩ 9 |
سەن تۆمۈر تاياق بىلەن ئۇلارنى بىتچىت قىلىۋېتىسەن؛ ساپال چىنىنى كۇكۇم-تالقان قىلغاندەك، سەن ئۇلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىسەن» ــ دېدى». |
فَٱلْآنَ يَا أَيُّهَا ٱلْمُلُوكُ تَعَقَّلُوا. تَأَدَّبُوا يَا قُضَاةَ ٱلْأَرْضِ. | ١٠ 10 |
ئەمدى، ھەي پادىشاھلار، ئەقىلدار بولۇڭلار! جاھاندىكى سوراقچىلار ساۋاق ئېلىڭلار؛ |
ٱعْبُدُوا ٱلرَّبَّ بِخَوْفٍ، وَٱهْتِفُوا بِرَعْدَةٍ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولۇڭلار؛ تىترەك ئىچىدە خۇشاللىنىڭلار! |
قَبِّلُوا ٱلِٱبْنَ لِئَلَّا يَغْضَبَ فَتَبِيدُوا مِنَ ٱلطَّرِيقِ. لِأَنَّهُ عَنْ قَلِيلٍ يَتَّقِدُ غَضَبُهُ. طُوبَى لِجَمِيعِ ٱلْمُتَّكِلِينَ عَلَيْهِ. | ١٢ 12 |
ئوغۇلنىڭ غەزىپىنىڭ قوزغالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى سۆيۈڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ غەزىپى سەللا قاينىسا، يولۇڭلاردىلا ھالاك بولىسىلەر؛ ئۇنىڭغا تايانغانلار نەقەدەر بەختلىكتۇر! |