هَلِّلُويَا. غَنُّوا لِلرَّبِّ تَرْنِيمَةً جَدِيدَةً، تَسْبِيحَتَهُ فِي جَمَاعَةِ ٱلْأَتْقِيَاءِ. | ١ 1 |
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! |
لِيَفْرَحْ إِسْرَائِيلُ بِخَالِقِهِ. لِيَبْتَهِجْ بَنُو صِهْيَوْنَ بِمَلِكِهِمْ. | ٢ 2 |
ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! |
لِيُسَبِّحُوا ٱسْمَهُ بِرَقْصٍ. بِدُفٍّ وَعُودٍ لِيُرَنِّمُوا لَهُ. | ٣ 3 |
ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن! |
لِأَنَّ ٱلرَّبَّ رَاضٍ عَنْ شَعْبِهِ. يُجَمِّلُ ٱلْوُدَعَاءَ بِٱلْخَلَاصِ. | ٤ 4 |
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ |
لِيَبْتَهِجِ ٱلْأَتْقِيَاءُ بِمَجْدٍ. لِيُرَنِّمُوا عَلَى مَضَاجِعِهِمْ. | ٥ 5 |
ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! |
تَنْوِيهَاتُ ٱللهِ فِي أَفْوَاهِهِمْ، وَسَيْفٌ ذُو حَدَّيْنِ فِي يَدِهِمْ. | ٦ 6 |
ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛ |
لِيَصْنَعُوا نَقْمَةً فِي ٱلْأُمَمِ، وَتَأْدِيبَاتٍ فِي ٱلشُّعُوبِ. | ٧ 7 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ |
لِأَسْرِ مُلُوكِهِمْ بِقُيُودٍ، وَشُرَفَائِهِمْ بِكُبُولٍ مِنْ حَدِيدٍ. | ٨ 8 |
ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ |
لِيُجْرُوا بِهِمْ ٱلْحُكْمَ ٱلْمَكْتُوبَ. كَرَامَةٌ هَذَا لِجَمِيعِ أَتْقِيَائِهِ. هَلِّلُويَا. | ٩ 9 |
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! ھەمدۇسانا! |