سَبِّحُوا ٱلرَّبَّ، لِأَنَّ ٱلتَّرَنُّمَ لِإِلَهِنَا صَالِحٌ. لِأَنَّهُ مُلِذٌّ. ٱلتَّسْبِيحُ لَائِقٌ. | ١ 1 |
ھەمدۇسانا! ياھنى مەدھىيىلەڭلار! بەرھەق، بۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛ خۇدايىمىزنى كۈيلەڭلار! مەدھىيە ئوقۇش ئىنسانغا يارىشىدۇ. |
ٱلرَّبُّ يَبْنِي أُورُشَلِيمَ. يَجْمَعُ مَنْفِيِّي إِسْرَائِيلَ. | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى بىنا قىلماقتا؛ ئىسرائىلنىڭ سۈرگۈن قىلىنغانلىرىنى ئۇ يىغىپ كېلىدۇ؛ |
يَشْفِي ٱلْمُنْكَسِرِي ٱلْقُلُوبِ، وَيَجْبُرُ كَسْرَهُمْ. | ٣ 3 |
ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ. |
يُحْصِي عَدَدَ ٱلْكَوَاكِبِ. يَدْعُو كُلَّهَا بِأَسْمَاءٍ. | ٤ 4 |
ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ. |
عَظِيمٌ هُوَ رَبُّنَا، وَعَظِيمُ ٱلْقُوَّةِ. لِفَهْمِهِ لَا إِحْصَاءَ. | ٥ 5 |
ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر. |
ٱلرَّبُّ يَرْفَعُ ٱلْوُدَعَاءَ، وَيَضَعُ ٱلْأَشْرَارَ إِلَى ٱلْأَرْضِ. | ٦ 6 |
پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ. |
أَجِيبُوا ٱلرَّبَّ بِحَمْدٍ. رَنِّمُوا لِإِلَهِنَا بِعُودٍ. | ٧ 7 |
پەرۋەردىگارغا تەشەككۈرلەر بىلەن ناخشا ئېيتىڭلار؛ كۈيلەرنى چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتىڭلار! |
ٱلْكَاسِي ٱلسَّمَاوَاتِ سَحَابًا، ٱلْمُهَيِّئِ لِلْأَرْضِ مَطَرًا، ٱلْمُنْبِتِ ٱلْجِبَالَ عُشْبًا، | ٨ 8 |
ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلار بىلەن قاپلىتىدۇ، زېمىنغا يامغۇرنى بېكىتىدۇ، تاغلاردا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈرىدۇ؛ |
ٱلْمُعْطِي لِلْبَهَائِمِ طَعَامَهَا، لِفِرَاخِ ٱلْغِرْبَانِ ٱلَّتِي تَصْرُخُ. | ٩ 9 |
ماللارغا ئوزۇق، تاغ قاغىسىنىڭ چۈجىلىرى زارلىغاندا، ئۇلارغا ئوزۇق بېرىدۇ؛ |
لَا يُسَرُّ بِقُوَّةِ ٱلْخَيْلِ. لَا يَرْضَى بِسَاقَيِ ٱلرَّجُلِ. | ١٠ 10 |
ئات كۈچىدىن ئۇ زوق ئالمايدۇ؛ ئادەمنىڭ چەبدەس پۇتلىرىنى خۇرسەنلىك دەپ بىلمەيدۇ؛ |
يَرْضَى ٱلرَّبُّ بِأَتْقِيَائِهِ، بِٱلرَّاجِينَ رَحْمَتَهُ. | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ. |
سَبِّحِي يَا أُورُشَلِيمُ ٱلرَّبَّ، سَبِّحِي إِلَهَكِ يَاصِهْيَوْنُ. | ١٢ 12 |
پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون. |
لِأَنَّهُ قَدْ شَدَّدَ عَوَارِضَ أَبْوَابِكِ. بَارَكَ أَبْنَاءَكِ دَاخِلَكِ. | ١٣ 13 |
چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى. |
ٱلَّذِي يَجْعَلُ تُخُومَكِ سَلَامًا، وَيُشْبِعُكِ مِنْ شَحْمِ ٱلْحِنْطَةِ. | ١٤ 14 |
ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ. |
يُرْسِلُ كَلِمَتَهُ فِي ٱلْأَرْضِ. سَرِيعًا جِدًا يُجْرِي قَوْلَهُ. | ١٥ 15 |
ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ. |
ٱلَّذِي يُعطِي ٱلثَّلْجَ كَٱلصُّوفِ، وَيُذَرِّي ٱلصَّقِيعَ كَٱلرَّمَادِ. | ١٦ 16 |
ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ. |
يُلْقِي جَمْدَهُ كَفُتَاتٍ. قُدَّامَ بَرْدِهِ مَنْ يَقِفُ؟ | ١٧ 17 |
ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟ |
يُرْسِلُ كَلِمَتَهُ فَيُذِيبُهَا. يَهُبُّ بِرِيحِهِ فَتَسِيلُ ٱلْمِيَاهُ. | ١٨ 18 |
ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ. |
يُخْبِرُ يَعْقُوبَ بِكَلِمَتِهِ، وَإِسْرَائِيلَ بِفَرَائِضِهِ وَأَحْكَامِهِ. | ١٩ 19 |
ئۇ ئۆز سۆز-كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛ |
لَمْ يَصْنَعْ هَكَذَا بِإِحْدَى ٱلأُمَمِ، وَأَحْكَامُهُ لَمْ يَعْرِفُوهَا. هَلِّلُويَا. | ٢٠ 20 |
ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا! |