تَرْنِيمَةُ ٱلْمَصَاعِدِ عِنْدَمَا رَدَّ ٱلرَّبُّ سَبْيَ صِهْيَوْنَ، صِرْنَا مِثْلَ ٱلْحَالِمِينَ. | ١ 1 |
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛ |
حِينَئِذٍ ٱمْتَلَأَتْ أَفْوَاهُنَا ضِحْكًا، وَأَلْسِنَتُنَا تَرَنُّمًا. حِينَئِذٍ قَالُوا بَيْنَ ٱلْأُمَمِ: «إِنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ عَظَّمَ ٱلْعَمَلَ مَعَ هَؤُلَاءِ». | ٢ 2 |
ئاغزىمىز كۈلكىگە، تىلىمىز شادلىنىشقا تولدى؛ شۇ تاپتا ئەللەر ئارىسىدا ئۇلار: ــ «پەرۋەردىگار ئۇلارغا زور ئىشلارنى قىلىپ بەردى» ــ دېيىشتى. |
عَظَّمَ ٱلرَّبُّ ٱلْعَمَلَ مَعَنَا، وَصِرْنَا فَرِحِينَ. | ٣ 3 |
پەرۋەردىگار دەرۋەقە بىز ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلدى، بىز بۇلاردىن شادلىنىمىز. |
ٱرْدُدْ يَارَبُّ سَبْيَنَا، مِثْلَ ٱلسَّوَاقِي فِي ٱلْجَنُوبِ. | ٤ 4 |
جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار [شار-شار سۇلارغا] ئايلاندۇرۇلغاندەك، بىز تۇتقۇنلارنىمۇ ئۆز ئەركىمىزگە قايتۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ |
ٱلَّذِينَ يَزْرَعُونَ بِٱلدُّمُوعِ يَحْصُدُونَ بِٱلِٱبْتِهَاجِ. | ٥ 5 |
كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ تېرىغانلار شادلىق بىلەن ئورار؛ |
ٱلذَّاهِبُ ذَهَابًا بِٱلْبُكَاءِ حَامِلًا مِبْذَرَ ٱلزَّرْعِ، مَجِيئًا يَجِيءُ بِٱلتَّرَنُّمِ حَامِلًا حُزَمَهُ. | ٦ 6 |
يىغلاپ يۈرۈپ چاچىدىغان ئۇرۇقنى كۆتۈرگەن كىشى، بەرھەق، شادلىق-تەنتەنە بىلەن ئورىغان باغلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىدۇ. |