اِحْمَدُوا ٱلرَّبَّ لِأَنَّهُ صَالِحٌ، لِأَنَّ إِلَى ٱلْأَبَدِ رَحْمَتَهُ. | ١ 1 |
ئاھ، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى ئۇ مېھرىباندۇر، ئەبەدىيدۇر ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى! |
لِيَقُلْ مَفْدِيُّو ٱلرَّبِّ، ٱلَّذِينَ فَدَاهُمْ مِنْ يَدِ ٱلْعَدُوِّ، | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزغانلار، ئۇ ھەمجەمەت بولۇپ قۇتقۇزغان خەلقى بۇنى داۋاملىق بايان قىلسۇن ــ |
وَمِنَ ٱلْبُلْدَانِ جَمَعَهُمْ، مِنَ ٱلْمَشْرِقِ وَمِنَ ٱلْمَغْرِبِ، مِنَ ٱلشِّمَالِ وَمِنَ ٱلْبَحْرِ. | ٣ 3 |
يەنى ئۇ شەرق بىلەن غەربتىن، شىمال بىلەن جەنۇبتىن، ھەرقايسى يۇرتلاردىن يىغىۋېلىنغانلار بۇنى ئېيتسۇن! |
تَاهُوا فِي ٱلْبَرِّيَّةِ فِي قَفْرٍ بِلَا طَرِيقٍ. لَمْ يَجِدُوا مَدِينَةَ سَكَنٍ. | ٤ 4 |
ئۇلار چۆل-باياۋاننى كېزىپ پىنھان يولدا ئاداشتى، ئادەم ماكانلاشقان ھېچبىر شەھەرنى تاپالماستىن. |
جِيَاعٌ عِطَاشٌ أَيْضًا أَعْيَتْ أَنْفُسُهُمْ فِيهِمْ. | ٥ 5 |
ئاچ ھەمدە ئۇسسۇز بولۇپ، جېنى چىقاي دەپ قالدى. |
فَصَرَخُوا إِلَى ٱلرَّبِّ فِي ضِيقِهِمْ، فَأَنْقَذَهُمْ مِنْ شَدَائِدِهِمْ، | ٦ 6 |
ئاندىن پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. |
وَهَدَاهُمْ طَرِيقًا مُسْتَقِيمًا لِيَذْهَبُوا إِلَى مَدِينَةِ سَكَنٍ. | ٧ 7 |
ماكانلاشقۇدەك شەھەرگە يەتكۈچە، ئۇ ئۇلارنى تۈز يولدا باشلىدى. |
فَلْيَحْمَدُوا ٱلرَّبَّ عَلَى رَحْمَتِهِ وَعَجَائِبِهِ لِبَنِي آدَمَ. | ٨ 8 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! |
لِأَنَّهُ أَشْبَعَ نَفْسًا مُشْتَهِيَةً وَمَلَأَ نَفْسًا جَائِعَةً خَيْرًا، | ٩ 9 |
چۈنكى ئۇ چاڭقىغان كۆڭۈلنى قاندۇردى، ئاچ قالغان جاننى ئېسىل نېمەتلەر بىلەن تولدۇردى. |
ٱلْجُلُوسَ فِي ٱلظُّلْمَةِ وَظِلَالِ ٱلْمَوْتِ، مُوثَقِينَ بِٱلذُّلِّ وَٱلْحَدِيدِ. | ١٠ 10 |
زۈلمەتتە، ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە ياشىغانلار، تۆمۈر كىشەن سېلىنىپ، ئازاب چەككەنلەرنى بولسا، |
لِأَنَّهُمْ عَصَوْا كَلَامَ ٱللهِ، وَأَهَانُوا مَشُورَةَ ٱلْعَلِيِّ. | ١١ 11 |
(چۈنكى ئۇلار تەڭرىنىڭ ئەمىرلىرىگە قارشىلىق قىلدى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى كەمسىتتى) |
فَأَذَلَّ قُلُوبَهُمْ بِتَعَبٍ. عَثَرُوا وَلَا مَعِينَ. | ١٢ 12 |
ــ ئۇ ئۇلارنى جاپا-مۇشەققەت تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلدى، ئۇلارغا ياردەمگە بىرسىمۇ يوق ئىدى. |
ثُمَّ صَرَخُوا إِلَى ٱلرَّبِّ فِي ضِيقِهِمْ، فَخَلَّصَهُمْ مِنْ شَدَائِدِهِمْ. | ١٣ 13 |
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلدى، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلدى. |
أَخْرَجَهُمْ مِنَ ٱلظُّلْمَةِ وَظِلَالِ ٱلْمَوْتِ، وَقَطَّعَ قُيُودَهُمْ. | ١٤ 14 |
ئۇلارنى زۇلمەت ھەم ئۆلۈم سايىسىدىن چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلىدى. |
فَلْيَحْمَدُوا ٱلرَّبَّ عَلَى رَحْمَتِهِ وَعَجَائِبِهِ لِبَنِي آدَمَ. | ١٥ 15 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! |
لِأَنَّهُ كَسَّرَ مَصَارِيعَ نُحَاسٍ، وَقَطَّعَ عَوَارِضَ حَدِيدٍ. | ١٦ 16 |
مانا ئۇ مىس دەرۋازىلارنى پارە-پارە قىلىپ، تۆمۈر تاقاقلارنى كېسىپ تاشلىدى. |
وَٱلْجُهَّالُ مِنْ طَرِيقِ مَعْصِيَتِهِمْ، وَمِنْ آثَامِهِمْ يُذَلُّونَ. | ١٧ 17 |
ھاماقەتلەر ئۆز ئىتائەتسىزلىك يوللىرىدىن، قەبىھلىكلىرىدىن ئازابلارغا ئۇچرايدۇ؛ |
كَرِهَتْ أَنْفُسُهُمْ كُلَّ طَعَامٍ، وَٱقْتَرَبُوا إِلَى أَبْوَابِ ٱلْمَوْتِ. | ١٨ 18 |
كۆڭلىدە ھەرخىل ئوزۇق-تۈلۈكتىن بىزار بولۇپ، ئۆلۈم دەرۋازىلىرىغا يېقىنلىشىدۇ. |
فَصَرَخُوا إِلَى ٱلرَّبِّ فِي ضِيقِهِمْ، فَخَلَّصَهُمْ مِنْ شَدَائِدِهِمْ. | ١٩ 19 |
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. |
أَرْسَلَ كَلِمَتَهُ فَشَفَاهُمْ، وَنَجَّاهُمْ مِنْ تَهْلُكَاتِهِمْ. | ٢٠ 20 |
ئۇ سۆز-كالامىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ساقايتىدۇ، ئۇلارنى زاۋاللىقلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. |
فَلْيَحْمَدُوا ٱلرَّبَّ عَلَى رَحْمَتِهِ وَعَجَائِبِهِ لِبَنِي آدَمَ. | ٢١ 21 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئادەم بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! |
وَلْيَذْبَحُوا لَهُ ذَبَائِحَ ٱلْحَمْدِ، وَلْيَعُدُّوا أَعْمَالَهُ بِتَرَنُّمٍ. | ٢٢ 22 |
قۇربانلىق سۈپىتىدە تەشەككۈرلەر ئېيتسۇن، ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى تەنتەنىلىك ناخشىلار بىلەن بايان قىلسۇن! |
اَلنَّازِلُونَ إِلَى ٱلْبَحْرِ فِي ٱلسُّفُنِ، ٱلْعَامِلُونَ عَمَلًا فِي ٱلْمِيَاهِ ٱلْكَثِيرَةِ، | ٢٣ 23 |
كېمىلەردە دېڭىزغا چۈشۈپ قاتنىغۇچىلار، ئۇلۇغ سۇلاردا تىرىكچىلىك قىلغۇچىلار، |
هُمْ رَأَوْا أَعْمَالَ ٱلرَّبِّ وَعَجَائِبَهُ فِي ٱلْعُمْقِ. | ٢٤ 24 |
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىشلىرىغا گۇۋاھچىدۇر، چوڭقۇر ئوكياندا كۆرسەتكەن كارامەتلەرنى كۆرگۈچىدۇر. |
أَمَرَ فَأَهَاجَ رِيحًا عَاصِفَةً فَرَفَعَتْ أَمْوَاجَهُ. | ٢٥ 25 |
چۈنكى ئۇ بىر سۆز بىلەنلا شىددەتلىك شامالنى چىقىرىپ، دولقۇنلىرىنى ئۆركەشلىتىدۇ؛ |
يَصْعَدُونَ إِلَى ٱلسَّمَاوَاتِ، يَهْبِطُونَ إِلَى ٱلْأَعْمَاقِ. ذَابَتْ أَنْفُسُهُمْ بِٱلشَّقَاءِ. | ٢٦ 26 |
كېمىچىلەر ئاسمان-پەلەك ئۆرلەيدۇ، سۇلارنىڭ تەھتىلىرىگە چۈشىدۇ، دەھشەتتىن ئۇلارنىڭ جېنى ئېرىپ كېتىدۇ. |
يَتَمَايَلُونَ وَيَتَرَنَّحُونَ مِثْلَ ٱلسَّكْرَانِ، وَكُلُّ حِكْمَتِهِمِ ٱبْتُلِعَتْ. | ٢٧ 27 |
ئۇلار مەست ئادەمدەك ئەلەڭ-سەلەڭ ئىرغاڭلايدۇ، ھەرقانداق ئەقىل-چارىسى تۈگەيدۇ؛ |
فَيَصْرُخُونَ إِلَى ٱلرَّبِّ فِي ضِيقِهِمْ، وَمِنْ شَدَائِدِهِمْ يُخَلِّصُهُمْ. | ٢٨ 28 |
ئاندىن پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ پەرياد قىلىدۇ، ئۇ ئۇلارنى مۇشەققەتلىرىدىن ئازاد قىلىدۇ. |
يُهْدِئُ ٱلْعَاصِفَةَ فَتَسْكُنُ، وَتَسْكُتُ أَمْوَاجُهَا. | ٢٩ 29 |
ئۇ بوراننى تىنچىتىدۇ، سۇ دولقۇنلىرىمۇ جىم بولىدۇ. |
فَيَفْرَحُونَ لِأَنَّهُمْ هَدَأُوا، فَيَهْدِيهِمْ إِلَى ٱلْمَرْفَإِ ٱلَّذِي يُرِيدُونَهُ. | ٣٠ 30 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تىنچلىقىدىن شادلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى تەشنا بولغان ئارامگاھىغا يېتەكلەپ بارىدۇ. |
فَلْيَحْمَدُوا ٱلرَّبَّ عَلَى رَحْمَتِهِ وَعَجَائِبِهِ لِبَنِي آدَمَ. | ٣١ 31 |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتسۇن! ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئۈچۈن، ئىنسان بالىلىرىغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ئۈچۈن! |
وَلْيَرْفَعُوهُ فِي مَجْمَعِ ٱلشَّعْبِ، وَلْيُسَبِّحُوهُ فِي مَجْلِسِ ٱلْمَشَايِخِ. | ٣٢ 32 |
ئۇلار خەلقنىڭ جامائىتىدىمۇ ئۇنى ئۇلۇغلىسۇن، ئاقساقاللار مەجلىسىدە ئۇنى مەدھىيىلىسۇن. |
يَجْعَلُ ٱلْأَنْهَارَ قِفَارًا، وَمَجَارِيَ ٱلْمِيَاهِ مَعْطَشَةً، | ٣٣ 33 |
ئۇ دەريالارنى چۆلگە، بۇلاقلارنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. |
وَٱلْأَرْضَ ٱلْمُثْمِرَةَ سَبِخَةً مِنْ شَرِّ ٱلسَّاكِنِينَ فِيهَا. | ٣٤ 34 |
ئاھالىسىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلىدىن، ھوسۇللۇق يەرنى شورلۇق قىلىدۇ. |
يَجْعَلُ ٱلْقَفْرَ غَدِيرَ مِيَاهٍ، وَأَرْضًا يَبَسًا يَنَابِيعَ مِيَاهٍ. | ٣٥ 35 |
ئۇ يەنە چۆل-باياۋاننى كۆلگە، چاڭقاق يەرنى بۇلاقلارغا ئايلاندۇرىدۇ؛ |
وَيُسْكِنُ هُنَاكَ ٱلْجِيَاعَ فَيُهَيِّئُونَ مَدِينَةَ سَكَنٍ. | ٣٦ 36 |
ئاچلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەھەرنى بەرپا قىلىدۇ؛ |
وَيَزْرَعُونَ حُقُولًا وَيَغْرِسُونَ كُرُومًا، فَتَصْنَعُ ثَمَرَ غَلَّةٍ. | ٣٧ 37 |
ئۇلار ئېتىزلارنى ھەيدەپ-تېرىپ، ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ؛ بۇلار ھوسۇل-مەھسۇلاتنى مول بېرىدۇ. |
وَيُبَارِكُهُمْ فَيَكْثُرُونَ جِدًّا، وَلَا يُقَلِّلُ بَهَائِمَهُمْ. | ٣٨ 38 |
ئۇ [پەرۋەردىگار] ئۇلارغا بەرىكەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى خېلىلا ئېشىپ بارىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى ھېچ ئازايتمايدۇ. |
ثُمَّ يَقِلُّونَ وَيَنْحَنُونَ مِنْ ضَغْطِ ٱلشَّرِّ وَٱلْحُزْنِ. | ٣٩ 39 |
ئۇلار يەنە جەبىر-زۇلۇم، بالا-قازا ھەم دەرد-ئەلەمگە يولۇقۇپ، سانى ئازىيىپ، پۈكۈلىدۇ. |
يَسْكُبُ هَوَانًا عَلَى رُؤَسَاءَ، وَيُضِلُّهُمْ فِي تِيهٍ بِلَا طَرِيقٍ، | ٤٠ 40 |
ئۇ ئېسىلزادىلەر ئۈستىگە كەمسىتىشلىرىنى تۆكىدۇ، يولسىز دەشت-سەھرادا ئۇلارنى سەرگەردان قىلىدۇ؛ |
وَيُعَلِّي ٱلْمِسْكِينَ مِنَ ٱلذُّلِّ، وَيَجْعَلُ ٱلْقَبَائِلَ مِثْلَ قُطْعَانِ ٱلْغَنَمِ. | ٤١ 41 |
لېكىن مىسكىن ئادەمنى جەبىر-زۇلۇمدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ ساقلايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ. |
يَرَى ذَلِكَ ٱلْمُسْتَقِيمُونَ فَيَفْرَحُونَ، وَكُلُّ إِثْمٍ يَسُدُّ فَاهُ. | ٤٢ 42 |
بۇنى كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ پاسىقلارنىڭ ئاغزى ئېتىلىدۇ. |
مَنْ كَانَ حَكِيمًا يَحْفَظُ هَذَا، وَيَتَعَقَّلُ مَرَاحِمَ ٱلرَّبِّ. | ٤٣ 43 |
كىمكى دانا بولسا، بۇلارنى بايقىسۇن، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقەتلىرىنى چۈشەنسۇن! |