يَا ٱبْنِي، إِنْ ضَمِنْتَ صَاحِبَكَ، إِنْ صَفَّقْتَ كَفَّكَ لِغَرِيبٍ، | ١ 1 |
ئى ئوغلۇم، ئەگەر دوستۇڭغا بورۇن بولغان بولساڭ، يات كىشىنىڭ قەرزىنى تۆلەشكە قول بېرىشىپ ۋەدە بەرگەن بولساڭ، |
إِنْ عَلِقْتَ فِي كَلَامِ فَمِكَ، إِنْ أُخِذْتَ بِكَلَامِ فِيكَ، | ٢ 2 |
ئەگەر ئۆز سۆزۈڭدىن ئىلىنغان بولساڭ، ئۆز ۋەدەڭ بىلەن باغلىنىپ قالساڭ، |
إِذًا فَٱفْعَلْ هَذَا يَا ٱبْنِي، وَنَجِّ نَفْسَكَ إِذَا صِرْتَ فِي يَدِ صَاحِبِكَ، ٱذْهَبْ تَرَامَ وَأَلِحَّ عَلَى صَاحِبِكَ. | ٣ 3 |
ئۇ يېقىنىڭنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن قۇتقۇز ــ دەرھال يېقىنىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزۈڭنى كەمتەر تۇتۇپ [شۇ ئىشتىن] خالىي قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورا. |
لَا تُعْطِ عَيْنَيْكَ نَوْمًا، وَلَا أَجْفَانَكَ نُعَاسًا. | ٤ 4 |
جەرەن شىكارچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقاندەك، قۇش ئوۋچىنىڭ قولىدىن چىقىشقا تىرىشقاندەك، قۇتۇلمىغۇچە ئۇخلاپ ياتما، ھەتتا ئۈگدەپ ئاراممۇ ئالما. |
نَجِّ نَفْسَكَ كَٱلظَّبْيِ مِنَ ٱلْيَدِ، كَٱلْعُصْفُورِ مِنْ يَدِ ٱلصَّيَّادِ. | ٥ 5 |
اِذْهَبْ إِلَى ٱلنَّمْلَةِ أَيُّهَا ٱلْكَسْلَانُ. تَأَمَّلْ طُرُقَهَا وَكُنْ حَكِيمًا. | ٦ 6 |
ئى ھۇرۇن، چۆمۈلىنىڭ يېنىغا بېرىپ [ئۇنىڭدىن ئۆگەن]، ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يوللىرىغا قاراپ دانا بول. |
ٱلَّتِي لَيْسَ لَهَا قَائِدٌ أَوْ عَرِيفٌ أَوْ مُتَسَلِّطٌ، | ٧ 7 |
ئۇلارنىڭ باشلىقى، ئەمەلدارى، ھۆكۈمدارى يوق بولسىمۇ، |
وَتُعِدُّ فِي ٱلصَّيْفِ طَعَامَهَا، وَتَجْمَعُ فِي ٱلْحَصَادِ أُكْلَهَا. | ٨ 8 |
لېكىن ئۇلار يازدا يىلنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاش توپلىۋالىدۇ، ھوسۇل پەسلىدە ئوزۇق تەييارلىۋالىدۇ. |
إِلَى مَتَى تَنَامُ أَيُّهَا ٱلْكَسْلَانُ؟ مَتَى تَنْهَضُ مِنْ نَوْمِكَ؟ | ٩ 9 |
ئى ھۇرۇن، قاچانغىچە ئۇخلاپ ياتىسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ |
قَلِيلُ نَوْمٍ بَعْدُ قَلِيلُ نُعَاسٍ، وَطَيُّ ٱلْيَدَيْنِ قَلِيلًا لِلرُّقُودِ، | ١٠ 10 |
سەن: ــ بىردەم كۆز يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، بىردەم قولۇمنى قوشتۇرۇپ يېتىۋالاي، ــ دەيسەن. |
فَيَأْتِي فَقْرُكَ كَسَاعٍ وَعَوَزُكَ كَغَازٍ. | ١١ 11 |
لېكىن ئۇخلاپ ياتقاندا، مىسكىنلىك قاراقچىدەك كېلىپ سېنى باسىدۇ، يوقسۇللۇق خۇددى قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. |
اَلرَّجُلُ ٱللَّئِيمُ، ٱلرَّجُلُ ٱلْأَثِيمُ يَسْعَى بِٱعْوِجَاجِ ٱلْفَمِ. | ١٢ 12 |
ئەرزىمەس، پەيلى بۇزۇق ئادەم ھەممىلا يەردە يالغان ئېيتىپ، پەسلىكنى سۆزلەيدۇ. |
يَغْمِزُ بِعَيْنَيْهِ. يَقُولُ بِرِجْلِهِ. يُشِيرُ بِأَصَابِعِهِ. | ١٣ 13 |
ئۇ كۆز قىسىپ، پۇتلىرى بىلەن ئىشارە قىلىپ، بارماقلىرى بىلەن كۆرسىتىدۇ؛ |
فِي قَلْبِهِ أَكَاذِيبُ. يَخْتَرِعُ ٱلشَّرَّ فِي كُلِّ حِينٍ. يَزْرَعُ خُصُومَاتٍ. | ١٤ 14 |
كۆڭلىدە ئالدامچىلىقلا ياتىدۇ، ئۇ دائىم رەزىللىكنىڭ كويىدا بولىدۇ، ھەممىلا يەردە جېدەل-ماجىرا تېرىيدۇ. |
لِأَجْلِ ذَلِكَ بَغْتَةً تُفَاجِئُهُ بَلِيَّتُهُ. فِي لَحْظَةٍ يَنْكَسِرُ وَلَا شِفَاءَ. | ١٥ 15 |
شۇڭا ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن بالايىقازا ئۇنى تۇيۇقسىز باسىدۇ، ئۇ بىراقلا داۋالىغۇسىز يانجىلىدۇ. |
هَذِهِ ٱلسِّتَّةُ يُبْغِضُهَا ٱلرَّبُّ، وَسَبْعَةٌ هِيَ مَكْرَهَةُ نَفْسِهِ: | ١٦ 16 |
پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ئالتە نەرسە بار، بەرھەق، يەتتە نەرسە ئۇنىڭغا يىرگىنچلىكتۇر. |
عُيُونٌ مُتَعَالِيَةٌ، لِسَانٌ كَاذِبٌ، أَيْدٍ سَافِكَةٌ دَمًا بَرِيئًا، | ١٧ 17 |
ئۇلار بولسا، تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدىغان كۆز، يالغان سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكۈزىدىغان قول، |
قَلْبٌ يُنْشِئُ أَفْكَارًا رَدِيئَةً، أَرْجُلٌ سَرِيعَةُ ٱلْجَرَيَانِ إِلَى ٱلسُّوءِ، | ١٨ 18 |
سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىق قىلىشقا تېز يۈگۈرەيدىغان پۇتلار، |
شَاهِدُ زُورٍ يَفُوهُ بِٱلْأَكَاذِيبِ، وَزَارِعُ خُصُومَاتٍ بَيْنَ إِخْوَةٍ. | ١٩ 19 |
يالغان سۆزلەيدىغان ساختا گۇۋاھچى، بۇرادەر-قېرىنداشلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغۇچى كىشىدۇر. |
يَا ٱبْنِي، ٱحْفَظْ وَصَايَا أَبِيكَ وَلَا تَتْرُكْ شَرِيعَةَ أُمِّكَ. | ٢٠ 20 |
ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىل؛ ئاناڭنىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقما. |
اُرْبُطْهَا عَلَى قَلْبِكَ دَائِمًا. قَلِّدْ بِهَا عُنُقَكَ. | ٢١ 21 |
ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە تېڭىپ، ئۇلارنى بوينۇڭغا مارجاندەك قىلىپ ئېسىۋال. |
إِذَا ذَهَبْتَ تَهْدِيكَ. إِذَا نِمْتَ تَحْرُسُكَ، وَإِذَا ٱسْتَيْقَظْتَ فَهِيَ تُحَدِّثُكَ. | ٢٢ 22 |
يولغا چىققىنىڭدا ئۇلار سېنى يېتەكلەيدۇ، ئۇخلىغىنىڭدا ئۇلار سېنى ساقلايدۇ، ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىڭدا ئۇلار سېنى خەۋەرلەندۈرىدۇ. |
لِأَنَّ ٱلْوَصِيَّةَ مِصْبَاحٌ، وَٱلشَّرِيعَةَ نُورٌ، وَتَوْبِيخَاتِ ٱلْأَدَبِ طَرِيقُ ٱلْحَيَاةِ. | ٢٣ 23 |
چۈنكى [خۇدانىڭ] پەرمانى يورۇق چىراغ، ئۇنىڭ مۇقەددەس قانۇنى نۇردۇر؛ تەربىيەنىڭ تەنبىھلىرى بولسا ھاياتلىق يولىدۇر. |
لِحِفْظِكَ مِنَ ٱلْمَرْأَةِ ٱلشِّرِّيرَةِ، مِنْ مَلَقِ لِسَانِ ٱلْأَجْنَبِيَّةِ. | ٢٤ 24 |
ئۇلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن ساقلىغۇچى، يات خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن يىراق قىلغۇچىدۇر. |
لَا تَشْتَهِيَنَّ جَمَالَهَا بِقَلْبِكَ، وَلَا تَأْخُذْكَ بِهُدُبِهَا. | ٢٥ 25 |
ئۇنىڭ گۇزەللىكىگە كۆڭلۈڭنى باغلىمىغىن، ئۇنىڭ قاش-كۆز ئوينىتىشى سېنى ئەسىرگە ئالمىسۇن. |
لِأَنَّهُ بِسَبَبِ ٱمْرَأَةٍ زَانِيَةٍ يَفْتَقِرُ ٱلْمَرْءُ إِلَى رَغِيفِ خُبْزٍ، وَٱمْرَأَةُ رَجُلٍ آخَرَ تَقْتَنِصُ ٱلنَّفْسَ ٱلْكَرِيمَةَ. | ٢٦ 26 |
چۈنكى بۇزۇق ئاياللار تۈپەيلىدىن ئادەملەر بىر پارچە نانغىمۇ زار بولىدۇ، يات ئادەمنىڭ [زىناخور] ئايالى بولسا كىشىنىڭ قىممەتلىك جېنىنى ئۆزىگە ئوۋ قىلىۋالىدۇ. |
أَيَأْخُذُ إِنْسَانٌ نَارًا فِي حِضْنِهِ وَلَا تَحْتَرِقُ ثِيَابُهُ؟ | ٢٧ 27 |
ئوتنى قوينۇڭغا سالساڭ، ئۆز كىيىمىڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ |
أَوَ يَمْشِي إِنْسَانٌ عَلَى ٱلْجَمْرِ وَلَا تَكْتَوِي رِجْلَاهُ؟ | ٢٨ 28 |
چوغنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭساڭ پۇتۇڭنى كۆيدۈرمەمسەن؟ |
هَكَذَا مَنْ يَدْخُلُ عَلَى ٱمْرَأَةِ صَاحِبِهِ. كُلُّ مَنْ يَمَسُّهَا لَا يَكُونُ بَرِيئًا. | ٢٩ 29 |
باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىدىغان كىشى شۇنداق بولىدۇ؛ كىم ئۇنىڭغا تېگىپ كەتسە ئاقىۋىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. |
لَا يَسْتَخِفُّونَ بِٱلسَّارِقِ وَلَوْ سَرِقَ لِيُشْبِعَ نَفْسَهُ وَهُوَ جَوْعَانٌ. | ٣٠ 30 |
ئاچ قالغاندا قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلغان كىشىنى باشقىلار كەمسىتمەيدۇ؛ |
إِنْ وُجِدَ يَرُدُّ سَبْعَةَ أَضْعَافٍ، وَيُعْطِي كُلَّ قِنْيَةِ بَيْتِهِ. | ٣١ 31 |
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ تۇتۇلۇپ قالسا، ئىگىسىگە يەتتىنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىسىنى تاپشۇرىدۇ. |
أَمَّا ٱلزَّانِي بِٱمْرَأَةٍ فَعَدِيمُ ٱلْعَقْلِ. ٱلْمُهْلِكُ نَفْسَهُ هُوَ يَفْعَلُهُ. | ٣٢ 32 |
ھالبۇكى، باشقىلارنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچى ئۇنىڭدىنمۇ [بەتتەر بولۇپ]، تولىمۇ غەپلەتلىكتۇر؛ ئۇنداق قىلغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. |
ضَرْبًا وَخِزْيًا يَجِدُ، وَعَارُهُ لَا يُمْحَى. | ٣٣ 33 |
ئۇ زەخمەت يەيدۇ، شەرمەندە بولىدۇ، ئۇنىڭ رەسۋاسى ھېچ ئۆچۈرۈلمەيدۇ. |
لِأَنَّ ٱلْغَيْرَةَ هِيَ حَمِيَّةُ ٱلرَّجُلِ، فَلَا يُشْفِقُ فِي يَوْمِ ٱلِٱنْتِقَامِ. | ٣٤ 34 |
چۈنكى كۈنلەش ئوتى ئەرنى دەرغەزەپكە كەلتۈرىدۇ، ئىنتىقام ئالغان كۈنىدە ئۇ ھېچ رەھىم قىلمايدۇ. |
لَا يَنْظُرُ إِلَى فِدْيَةٍ مَّا، وَلَا يَرْضَى وَلَوْ أَكْثَرْتَ ٱلرَّشْوَةَ. | ٣٥ 35 |
تۆلەم پۇلى بېرەي دېسەڭمۇ ئۇ قوبۇل قىلمايدۇ، ھەرقانچە سوۋغا-سالام بەرسەڭمۇ ئۇنى بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. |