قَلْبُ ٱلْمَلِكِ فِي يَدِ ٱلرَّبِّ كَجَدَاوِلِ مِيَاهٍ، حَيْثُمَا شَاءَ يُمِيلُهُ. | ١ 1 |
پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ. |
كُلُّ طُرُقِ ٱلْإِنْسَانِ مُسْتَقِيمَةٌ فِي عَيْنَيْهِ، وَٱلرَّبُّ وَازِنُ ٱلْقُلُوبِ. | ٢ 2 |
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. |
فِعْلُ ٱلْعَدْلِ وَٱلْحَقِّ أَفْضَلُ عِنْدَ ٱلرَّبِّ مِنَ ٱلذَّبِيحَةِ. | ٣ 3 |
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. |
طُمُوحُ ٱلْعَيْنَيْنِ وَٱنْتِفَاخُ ٱلْقَلْبِ، نُورُ ٱلْأَشْرَارِ خَطِيَّةٌ. | ٤ 4 |
تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر. |
أَفْكَارُ ٱلْمُجْتَهِدِ إِنَّمَا هِيَ لِلْخِصْبِ، وَكُلُّ عَجُولٍ إِنَّمَا هُوَ لِلْعَوَزِ. | ٥ 5 |
ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر. |
جَمْعُ ٱلْكُنُوزِ بِلِسَانٍ كَاذِبٍ، هُوَ بُخَارٌ مَطْرُودٌ لِطَالِبِي ٱلْمَوْتِ. | ٦ 6 |
ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس. |
اِغْتِصَابُ ٱلْأَشْرَارِ يَجْرُفُهُمْ، لِأَنَّهُمْ أَبَوْا إِجْرَاءَ ٱلْعَدْلِ. | ٧ 7 |
يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان. |
طَرِيقُ رَجُلٍ مَوْزُورٍ هِيَ مُلْتَوِيَةٌ، أَمَّا ٱلزَّكِيُّ فَعَمَلُهُ مُسْتَقِيمٌ. | ٨ 8 |
جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر. |
اَلسُّكْنَى فِي زَاوِيَةِ ٱلسَّطْحِ، خَيْرٌ مِنِ ٱمْرَأَةٍ مُخَاصِمَةٍ وَبَيْتٍ مُشْتَرِكٍ. | ٩ 9 |
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى. |
نَفْسُ ٱلشِّرِّيرِ تَشْتَهِي ٱلشَّرَّ. قَرِيبُهُ لَا يَجِدُ نِعْمَةً فِي عَيْنَيْهِ. | ١٠ 10 |
يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس. |
بِمُعَاقَبَةِ ٱلْمُسْتَهْزِئِ يَصِيرُ ٱلْأَحْمَقُ حَكِيمًا، وَٱلْحَكِيمُ بِٱلْإِرْشَادِ يَقْبَلُ مَعْرِفَةً. | ١١ 11 |
ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار. |
اَلْبَارُّ يَتَأَمَّلُ بَيْتَ ٱلشِّرِّيرِ وَيَقْلِبُ ٱلْأَشْرَارَ فِي ٱلشَّرِّ. | ١٢ 12 |
ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار. |
مَنْ يَسُدُّ أُذُنَيْهِ عَنْ صُرَاخِ ٱلْمِسْكِينِ، فَهُوَ أَيْضًا يَصْرُخُ وَلَا يُسْتَجَابُ. | ١٣ 13 |
مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس. |
اَلْهَدِيَّةُ فِي ٱلْخَفَاءِ تَفْثَأُ ٱلْغَضَبَ، وَٱلرَّشْوَةُ فِي ٱلْحِضْنِ تَفْثَأُ ٱلسَّخَطَ ٱلشَّدِيدَ. | ١٤ 14 |
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر. |
إِجْرَاءُ ٱلْحَقِّ فَرَحٌ لِلصِّدِّيقِ، وَٱلْهَلَاكُ لِفَاعِلِي ٱلْإِثْمِ. | ١٥ 15 |
ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر. |
اَلرَّجُلُ ٱلضَّالُّ عَنْ طَرِيقِ ٱلْمَعْرِفَةِ يَسْكُنُ بَيْنَ جَمَاعَةِ ٱلْأَخِيلَةِ. | ١٦ 16 |
ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار. |
مُحِبُّ ٱلْفَرَحِ إِنْسَانٌ مُعْوِزٌ. مُحِبُّ ٱلْخَمْرِ وَٱلدُّهْنِ لَا يَسْتَغْنِي. | ١٧ 17 |
تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس. |
اَلشِّرِّيرُ فِدْيَةُ ٱلصِّدِّيقِ، وَمَكَانَ ٱلْمُسْتَقِيمِينَ ٱلْغَادِرُ. | ١٨ 18 |
يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ [ئېزىلگەن] دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار. |
اَلسُّكْنَى فِي أَرْضٍ بَرِّيَّةٍ خَيْرٌ مِنِ ٱمْرَأَةٍ مُخَاصِمَةٍ حَرِدَةٍ. | ١٩ 19 |
سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر. |
كَنْزٌ مُشْتَهًى وَزَيْتٌ فِي بَيْتِ ٱلْحَكِيمِ، أَمَّا ٱلرَّجُلُ ٱلْجَاهِلُ فَيُتْلِفُهُ. | ٢٠ 20 |
ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار. |
اَلتَّابِعُ ٱلْعَدْلَ وَٱلرَّحْمَةَ يَجِدُ حَيَاةً، حَظًّا وَكَرَامَةً. | ٢١ 21 |
ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر. |
اَلْحَكِيمُ يَتَسَوَّرُ مَدِينَةَ ٱلْجَبَابِرَةِ، وَيُسْقِطُ قُوَّةَ مُعْتَمَدِهَا. | ٢٢ 22 |
دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار. |
مَنْ يَحْفَظُ فَمَهُ وَلِسَانَهُ، يَحْفَظُ مِنَ ٱلضِّيقَاتِ نَفْسَهُ. | ٢٣ 23 |
ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار. |
اَلْمُنْتَفِخُ ٱلْمُتَكَبِّرُ ٱسْمُهُ «مُسْتَهْزِئٌ»، عَامِلٌ بِفَيَضَانِ ٱلْكِبْرِيَاءِ. | ٢٤ 24 |
چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار. |
شَهْوَةُ ٱلْكَسْلَانِ تَقْتُلُهُ، لِأَنَّ يَدَيْهِ تَأْبَيَانِ ٱلشُّغْلَ. | ٢٥ 25 |
ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛ |
اَلْيَوْمَ كُلَّهُ يَشْتَهِي شَهْوَةً، أَمَّا ٱلصِّدِّيقُ فَيُعْطِي وَلَا يُمْسِكُ. | ٢٦ 26 |
نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار. |
ذَبِيحَةُ ٱلشِّرِّيرِ مَكْرَهَةٌ، فَكَمْ بِٱلْحَرِيِّ حِينَ يُقَدِّمُهَا بِغِشٍّ! | ٢٧ 27 |
يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر! |
شَاهِدُ ٱلزُّورِ يَهْلِكُ، وَٱلرَّجُلُ ٱلسَّامِعُ لِلْحَقِّ يَتَكَلَّمُ. | ٢٨ 28 |
يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار. |
اَلشِّرِّيرُ يُوقِحُ وَجْهَهُ، أَمَّا ٱلْمُسْتَقِيمُ فَيُثَبِّتُ طُرُقَهُ. | ٢٩ 29 |
يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار. |
لَيْسَ حِكْمَةٌ وَلَا فِطْنَةٌ وَلَا مَشُورَةٌ تُجَاهَ ٱلرَّبِّ. | ٣٠ 30 |
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر. |
اَلْفَرَسُ مُعَدٌّ لِيَوْمِ ٱلْحَرْبِ، أَمَّا ٱلنُّصْرَةُ فَمِنَ ٱلرَّبِّ. | ٣١ 31 |
ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر. |