ٱلْفَقِيرُ ٱلسَّالِكُ بِكَمَالِهِ خَيْرٌ مِنْ مُلْتَوِي ٱلشَّفَتَيْنِ وَهُوَ جَاهِلٌ. | ١ 1 |
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر. |
أَيْضًا كَوْنُ ٱلنَّفْسِ بِلَا مَعْرِفَةٍ لَيْسَ حَسَنًا، وَٱلْمُسْتَعْجِلُ بِرِجْلَيْهِ يُخْطِئُ. | ٢ 2 |
يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار. |
حَمَاقَةُ ٱلرَّجُلِ تُعَوِّجُ طَرِيقَهُ، وَعَلَى ٱلرَّبِّ يَحْنَقُ قَلْبُهُ. | ٣ 3 |
كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار. |
اَلْغِنَى يُكْثِرُ ٱلْأَصْحَابَ، وَٱلْفَقِيرُ مُنْفَصِلٌ عَنْ قَرِيبِهِ. | ٤ 4 |
بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. |
شَاهِدُ ٱلزُّورِ لَا يَتَبَرَّأُ، وَٱلْمُتَكَلِّمُ بِٱلْأَكَاذِيبِ لَا يَنْجُو. | ٥ 5 |
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس. |
كَثِيرُونَ يَسْتَعْطِفُونَ وَجْهَ ٱلشَّرِيفِ، وَكُلٌّ صَاحِبٌ لِذِي ٱلْعَطَايَا. | ٦ 6 |
تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر. |
كُلُّ إِخْوَةِ ٱلْفَقِيرِ يُبْغِضُونَهُ، فَكَمْ بِٱلْحَرِيِّ أَصْدِقَاؤُهُ يَبْتَعِدُونَ عَنْهُ! مَنْ يَتْبَعُ أَقْوَالًا فَهِيَ لَهُ. | ٧ 7 |
نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس. |
اَلْمُقْتَنِي ٱلْحِكْمَةَ يُحِبُّ نَفْسَهُ. ٱلْحَافِظُ ٱلْفَهْمِ يَجِدُ خَيْرًا. | ٨ 8 |
پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار. |
شَاهِدُ ٱلزُّورِ لَا يَتَبَرَّأُ، وَٱلْمُتَكَلِّمُ بِٱلْأَكَاذِيبِ يَهْلِكُ. | ٩ 9 |
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار. |
اَلتَّنَعُّمُ لَا يَلِيقُ بِٱلْجَاهِلِ. كَمْ بِٱلْأَوْلَى لَا يَلِيقُ بِٱلْعَبْدِ أَنْ يَتَسَلَّطَ عَلَى ٱلرُّؤَسَاءِ! | ١٠ 10 |
ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. |
تَعَقُّلُ ٱلْإِنْسَانِ يُبْطِئُ غَضَبَهُ، وَفَخْرُهُ ٱلصَّفْحُ عَنْ مَعْصِيَةٍ. | ١١ 11 |
دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر. |
كَزَمْجَرَةِ ٱلْأَسَدِ حَنَقُ ٱلْمَلِكِ، وَكَالطَّلِّ عَلَى ٱلْعُشْبِ رِضْوَانُهُ. | ١٢ 12 |
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر. |
اَلِٱبْنُ ٱلْجَاهِلُ مُصِيبَةٌ عَلَى أَبِيهِ، وَمُخَاصَمَاتُ ٱلزَّوْجَةِ كَٱلْوَكْفِ ٱلْمُتَتَابِعِ. | ١٣ 13 |
ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. |
اَلْبَيْتُ وَٱلثَّرْوَةُ مِيرَاثٌ مِنَ ٱلْآبَاءِ، أَمَّا ٱلزَّوْجَةُ ٱلْمُتَعَقِّلَةُ فَمِنْ عِنْدِ ٱلرَّبِّ. | ١٤ 14 |
ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. |
اَلْكَسَلُ يُلْقِي فِي ٱلسُّبَاتِ، وَٱلنَّفْسُ ٱلْمُتَرَاخِيَةُ تَجُوعُ. | ١٥ 15 |
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار. |
حَافِظُ ٱلْوَصِيَّةِ حَافِظٌ نَفْسَهُ، وَٱلْمُتَهَاوِنُ بِطُرُقِهِ يَمُوتُ. | ١٦ 16 |
[پەرۋەردىگارنىڭ] ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر. |
مَنْ يَرْحَمُ ٱلْفَقِيرَ يُقْرِضُ ٱلرَّبَّ، وَعَنْ مَعْرُوفِهِ يُجَازِيهِ. | ١٧ 17 |
كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار. |
أَدِّبِ ٱبْنَكَ لِأَنَّ فِيهِ رَجَاءً، وَلَكِنْ عَلَى إِمَاتَتِهِ لَا تَحْمِلْ نَفْسَكَ. | ١٨ 18 |
پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما. |
اَلشَّدِيدُ ٱلْغَضَبِ يَحْمِلُ عُقُوبَةً، لِأَنَّكَ إِذَا نَجَّيْتَهُ فَبَعْدُ تُعِيدُ. | ١٩ 19 |
قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك. |
اِسْمَعِ ٱلْمَشُورَةَ وَٱقْبَلِ ٱلتَّأْدِيبَ، لِكَيْ تَكُونَ حَكِيمًا فِي آخِرَتِكَ. | ٢٠ 20 |
نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن. |
فِي قَلْبِ ٱلْإِنْسَانِ أَفْكَارٌ كَثِيرَةٌ، لَكِنْ مَشُورَةُ ٱلرَّبِّ هِيَ تَثْبُتُ. | ٢١ 21 |
كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار. |
زِينَةُ ٱلْإِنْسَانِ مَعْرُوفَهُ، وَٱلْفَقِيرُ خَيْرٌ مِنَ ٱلْكَذُوبِ. | ٢٢ 22 |
كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر. |
مَخَافَةُ ٱلرَّبِّ لِلْحَيَاةِ. يَبِيتُ شَبْعَانَ لَا يَتَعَهَّدُهُ شَرٌّ. | ٢٣ 23 |
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار. |
اَلْكَسْلَانُ يُخْفِي يَدَهُ فِي ٱلصَّحْفَةِ، وَأَيْضًا إِلَى فَمِهِ لَا يَرُدُّهَا. | ٢٤ 24 |
ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار. |
اِضْرِبِ ٱلْمُسْتَهْزِئَ فَيَتَذَكَّى ٱلْأَحْمَقُ، وَوَبِّخْ فَهِيمًا فَيَفْهَمَ مَعْرِفَةً. | ٢٥ 25 |
ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار. |
ٱلْمُخَرِّبُ أَبَاهُ وَٱلطَّارِدُ أُمَّهُ هُوَ ٱبْنٌ مُخْزٍ وَمُخْجِلٌ. | ٢٦ 26 |
ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر. |
كُفَّ يَا ٱبْنِي عَنِ ٱسْتِمَاعِ ٱلتَّعْلِيمِ لِلضَّلَالَةِ عَنْ كَلَامِ ٱلْمَعْرِفَةِ. | ٢٧ 27 |
ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر. |
اَلشَّاهِدُ ٱللَّئِيمُ يَسْتَهْزِئُ بِٱلْحَقِّ، وَفَمُ ٱلْأَشْرَارِ يَبْلَعُ ٱلْإِثْمَ. | ٢٨ 28 |
پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار. |
اَلْقِصَاصُ مُعَدٌّ لِلْمُسْتَهْزِئِينَ، وَٱلضَّرْبُ لِظَهْرِ ٱلْجُهَّالِ. | ٢٩ 29 |
ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر. |