وَلَمَّا سَمِعَ سَنْبَلَّطُ أَنَّنَا آخِذُونَ فِي بِنَاءِ ٱلسُّورِ غَضِبَ وَٱغْتَاظَ كَثِيرًا، وَهَزَأَ بِٱلْيَهُودِ. | ١ 1 |
شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى. |
وَتَكَلَّمَ أَمَامَ إِخْوَتِهِ وَجَيْشِ ٱلسَّامِرَةِ وَقَالَ: «مَاذَا يَعْمَلُ ٱلْيَهُودُ ٱلضُّعَفَاءُ؟ هَلْ يَتْرُكُونَهُمْ؟ هَلْ يَذْبَحُونَ؟ هَلْ يُكْمِلُونَ فِي يَوْمٍ؟ هَلْ يُحْيُونَ ٱلْحِجَارَةَ مِنْ كُوَمِ ٱلتُّرَابِ وَهِيَ مُحْرَقَةٌ؟» | ٢ 2 |
ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنى ئالدىدا: ــ بۇ زەئىپ يەھۇدالار نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى شۇنداق مۇستەھكەملىمەكچىمۇ؟ ئۇلار قۇربانلىقلارنى سۇنماقچىمۇ؟ ئۇلار بىر كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈشمەكچىمۇ؟ توپا دۆۋىلىرى ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن تاشلارنى كولاپ چىقىرىپ ئۇلارغا جان كىرگۈزەمدىكەن؟ ــ دېدى. |
وَكَانَ طُوبِيَّا ٱلْعَمُّونِيُّ بِجَانِبِهِ، فَقَالَ: «إِنَّ مَا يَبْنُونَهُ إِذَا صَعِدَ ثَعْلَبٌ فَإِنَّهُ يَهْدِمُ حِجَارَةَ حَائِطِهِمِ». | ٣ 3 |
ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان ئاممونىي توبىيا: ــ ئۇلار ھەرقانچە ياسىسىمۇ، بىر تۈلكە سېپىلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ تاش تېمىنى ئۆرۈۋېتىدۇ! ــ دېدى. |
«ٱسْمَعْ يَا إِلَهَنَا، لِأَنَّنَا قَدْ صِرْنَا ٱحْتِقَارًا، وَرُدَّ تَعْيِيرَهُمْ عَلَى رُؤُوسِهِمْ، وَٱجْعَلْهُمْ نَهْبًا فِي أَرْضِ ٱلسَّبْيِ | ٤ 4 |
ــ ئى خۇدايىمىز، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كەمسىتىلمەكتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ھاقارەتلىرىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسۇن؛ ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ياقا يۇرتتا خەقنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرغايسۇن! |
وَلَا تَسْتُرْ ذُنُوبَهُمْ وَلَا تُمْحَ خَطِيَّتُهُمْ مِنْ أَمَامِكَ لِأَنَّهُمْ أَغْضَبُوكَ أَمَامَ ٱلْبَانِينَ». | ٥ 5 |
ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ياپمىغايسەن، گۇناھلىرى ئالدىڭدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقانلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەردى! |
فَبَنَيْنَا ٱلسُّورَ وَٱتَّصَلَ كُلُّ ٱلسُّورِ إِلَى نِصْفِهِ وَكَانَ لِلشَّعْبِ قَلْبٌ فِي ٱلْعَمَلِ. | ٦ 6 |
شۇنداقتىمۇ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋەردۇق؛ ئۇنى ئۇلاپ، ئېگىزلىكىنى يېرىمىغا يەتكۈزدۇق؛ چۈنكى كۆپچىلىك كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىدى. |
وَلَمَّا سَمِعَ سَنْبَلَّطُ وَطُوبِيَّا وَٱلْعَرَبُ وَٱلْعَمُّونِيُّونَ وَٱلْأَشْدُودِيُّونَ أَنَّ أَسْوَارَ أُورُشَلِيمَ قَدْ رُمِّمَتْ وَٱلثُّغَرَ ٱبْتَدَأَتْ تُسَدُّ، غَضِبُوا جِدًّا. | ٧ 7 |
شۇنداق بولدىكى، سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونىيلار، ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىللىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىلا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، سېپىل بۆسۈكلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپكە كېلىشتى-دە، |
وَتَآمَرُوا جَمِيعُهُمْ مَعًا أَنْ يَأْتُوا وَيُحَارِبُوا أُورُشَلِيمَ وَيَعْمَلُوا بِهَا ضَرَرًا. | ٨ 8 |
بىرلىكتە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشنى قەستلەشتى. |
فَصَلَّيْنَا إِلَى إِلَهِنَا وَأَقَمْنَا حُرَّاسًا ضِدَّهُمْ نَهَارًا وَلَيْلًا بِسَبَبِهِمْ. | ٩ 9 |
شۇڭا بىز خۇدايىمىزغا ئىلتىجا قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن كېچە-كۈندۈز كۆزەتچى قويۇپ، ئۆزلىرىمىز ئۇلاردىن مۇداپىئەلەندۇق. |
وَقَالَ يَهُوذَا: «قَدْ ضَعُفَتْ قُوَّةُ ٱلْحَمَّالِينَ، وَٱلتُّرَابُ كَثِيرٌ، وَنَحْنُ لَا نَقْدِرُ أَنْ نَبْنِيَ ٱلسُّورَ». | ١٠ 10 |
بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى. |
وَقَالَ أَعْدَاؤُنَا: «لَا يَعْلَمُونَ وَلَا يَرَوْنَ حَتَّى نَدْخُلَ إِلَى وَسَطِهِمْ وَنَقْتُلَهُمْ وَنُوقِفَ ٱلْعَمَلَ». | ١١ 11 |
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەنلىرىمىز: ــ ئۇلار سەزمەستە، ئۇلار كۆرمەستە، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىۋېتىمىز! ــ دېيىشتى. |
وَلَمَّا جَاءَ ٱلْيَهُودُ ٱلسَّاكِنُونَ بِجَانِبِهِمْ قَالُوا لَنَا عَشْرَ مَرَّاتٍ: «مِنْ جَمِيعِ ٱلْأَمَاكِنِ ٱلَّتِي مِنْهَا رَجَعُوا إِلَيْنا». | ١٢ 12 |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدالارمۇ يېنىمىزغا ئون قېتىم كېلىپ: ــ قايسى تەرەپكە قارىساڭلار، ئۇلار شۇ تەرەپتىن كېلىپ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! ــ دەپ خەۋەر يەتكۈزۈشتى. |
فَأَوْقَفْتُ ٱلشَّعْبَ مِنْ أَسْفَلِ ٱلْمَوْضِعِ وَرَاءَ ٱلسُّورِ وَعَلَى ٱلْقِمَمِ، أَوْقَفْتُهُمْ حَسَبَ عَشَائِرِهِمْ، بِسُيُوفِهِمْ وَرِمَاحِهِمْ وَقِسِيِّهِمْ. | ١٣ 13 |
شۇڭا مەن خەلقنى جەمەت-جەمەت بويىچە، قولىغا قىلىچ، نەيزە ۋە ئوقيالىرىنى ئېلىپ، سېپىلى پەس بولغان ياكى ھۇجۇمغا ئوچۇق تۇرغان يەرلەردە سېپىلنىڭ ئارقىسىدا قاراۋۇللۇقتا تۇرۇشقا قويدۇم. |
وَنَظَرْتُ وَقُمْتُ وَقُلْتُ لِلْعُظَمَاءِ وَٱلْوُلَاةِ وَلِبَقِيَّةِ ٱلشَّعْبِ: «لَا تَخَافُوهُمْ بَلِ ٱذْكُرُوا ٱلسَّيِّدَ ٱلْعَظِيمَ ٱلْمَرْهُوبَ، وَحَارِبُوا مِنْ أَجْلِ إِخْوَتِكُمْ وَبَنِيكُمْ وَبَنَاتِكُمْ وَنِسَائِكُمْ وَبُيُوتِكُمْ». | ١٤ 14 |
كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئورنۇمدىن قوپۇپ مۆتىۋەرلەر بىلەن ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك رەبنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن جەڭ قىلىڭلار، دېدىم. |
وَلَمَّا سَمِعَ أَعْدَاؤُنَا أَنَّنَا قَدْ عَرَفْنَا، وَأَبْطَلَ ٱللهُ مَشُورَتَهُمْ، رَجَعْنَا كُلُّنَا إِلَى ٱلسُّورِ كُلُّ وَاحِدٍ إِلَى شُغْلِهِ. | ١٥ 15 |
شۇنداق بولدىكى، ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىلىپ قالغانلىقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغاچ، شۇنىڭدەك خۇدا ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلغاچ، بىز ھەممىمىز سېپىلغا قايتىپ، ھەربىرىمىز ئەسلى ئىش ئورنىمىزدا ئىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردۇق. |
وَمِنْ ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ كَانَ نِصْفُ غِلْمَانِي يَشْتَغِلُونَ فِي ٱلْعَمَلِ، وَنِصْفُهُمْ يُمْسِكُونَ ٱلرِّمَاحَ وَٱلْأَتْرَاسَ وَٱلْقِسِيَّ وَٱلدُّرُوعَ. وَٱلرُّؤَسَاءُ وَرَاءَ كُلِّ بَيْتِ يَهُوذَا. | ١٦ 16 |
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ خىزمەتكارلىرىمنىڭ يېرىمى ئىش بىلەن بولدى، يېرىمى قولىغا نەيزە، قالقان، ئوقيا تۇتقان، دوبۇلغا-ساۋۇت كىيگەن ھالدا يۈرۈشتى. سەردار-ئەمەلدارلار سېپىلنى ئوڭشاۋاتقان بارلىق يەھۇدا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇردى. ھەم يۈكلەرنى توشۇۋاتقانلار ھەم ئۇلارغا يۈك ئارتىۋاتقانلارمۇ بىر قولىدا ئىشلەپ، بىر قولىدا ياراغلىرىنى چىڭ تۇتۇشقانىدى. |
ٱلْبَانُونَ عَلَى ٱلسُّورِ بَنَوْا وَحَامِلُو ٱلْأَحْمَالِ حَمَلُوا. بِٱلْيَدِ ٱلْوَاحِدَةِ يَعْمَلُونَ ٱلْعَمَلَ، وَبِالْأُخْرَى يَمْسِكُونَ ٱلسِّلَاحَ. | ١٧ 17 |
وَكَانَ ٱلْبَانُونَ يَبْنُونَ، وَسَيْفُ كُلُّ وَاحِدٍ مَرْبُوطٌ عَلَى جَنْبِهِ، وَكَانَ ٱلنَّافِخُ بِٱلْبُوقِ بِجَانِبِي. | ١٨ 18 |
تامچىلارنىڭ ھەربىرى بەللىرىگە قىلىچ-خەنجەرلىرىنى ئاسقان ھالدا [سېپىلنى] ياساۋاتاتتى؛ كانايچى بولسا يېنىمدا تۇراتتى. |
فَقُلْتُ لِلْعُظَمَاءِ وَٱلْوُلَاةِ وَلِبَقِيَّةِ ٱلشَّعْبِ: «ٱلْعَمَلُ كَثِيرٌ وَمُتَّسِعٌ وَنَحْنُ مُتَفَرِّقُونَ عَلَى ٱلسُّورِ وَبَعِيدُونَ بَعْضُنَا عَنْ بَعْضٍ. | ١٩ 19 |
مەن مۆتىۋەرلەر، ئەمەلدارلار ۋە باشقا خەلققە: ــ بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى چوڭ، دائىرىسى كەڭ؛ بىز ھەممىمىز سېپىلدا بۆلەك-بۆلەكلەر بويىچە تارقىلىپ ئىشلەپ، بىر-بىرىمىزدىن يىراق تۇرۇۋاتىمىز. |
فَٱلْمَكَانُ ٱلَّذِي تَسْمَعُونَ مِنْهُ صَوْتَ ٱلْبُوقِ هُنَاكَ تَجْتَمِعُونَ إِلَيْنَا. إِلَهُنَا يُحَارِبُ عَنَّا». | ٢٠ 20 |
شۇڭا مەيلى قەيەردە بولۇڭلار، كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلارلا، بىز بار شۇ يەرگە كېلىپ يىغىلىڭلار؛ خۇدايىمىز بىز ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، ــ دېدىم. |
فَكُنَّا نَحْنُ نَعْمَلُ ٱلْعَمَلَ، وَكَانَ نِصْفُهُمْ يَمْسِكُونَ ٱلرِّمَاحَ مِنْ طُلُوعِ ٱلْفَجْرِ إِلَى ظُهُورِ ٱلنُّجُومِ. | ٢١ 21 |
بىز ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىشلىدۇق؛ خەلقنىڭ يېرىمى تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ يۇلتۇز چىققۇچە نەيزىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇشتى. |
وَقُلْتُ فِي ذَلِكَ ٱلْوَقْتِ أَيْضًا لِلشَّعْبِ: «لِيَبِتْ كُلُّ وَاحِدٍ مَعَ غُلَامِهِ فِي وَسْطِ أُورُشَلِيمَ لِيَكُونُوا لَنَا حُرَّاسًا فِي ٱللَّيْلِ وَلِلْعَمَلِ فِي ٱلنَّهَارِ». | ٢٢ 22 |
ئۇ چاغدا مەن يەنە خەلققە: ــ ھەممەيلەن ئۆز خىزمەتكارى بىلەن كېچىنى يېرۇسالېمغا كىرىپ ئۆتكۈزسۇن، شۇنداق بولسا ئۇلار كېچىسى بىزنىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىمىزنى قىلىدۇ، كۈندۈزى ئىشلەيدۇ، دېدىم. |
وَلَمْ أَكُنْ أَنَا وَلَا إِخْوَتِي وَلَا غِلْمَانِي وَلَا ٱلْحُرَّاسُ ٱلَّذِينَ وَرَائِي نَخْلَعُ ثِيَابَنَا. كَانَ كُلُّ وَاحِدٍ يَذْهَبُ بِسِلَاحِهِ إِلَى ٱلْمَاءِ. | ٢٣ 23 |
شۇنداق قىلىپ يا مەن، نە قېرىنداشلىرىم، يا خىزمەتكارلىرىم ياكى ماڭا ئەگەشكەن مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ھېچقايسىسى كىيىملىرىنى سېلىشمىدى؛ ھەربىرى ھەتتا سۇغا بارغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى ئېلىۋالاتتى. |