«فَهُوَذَا يَأْتِي ٱلْيَوْمُ ٱلْمُتَّقِدُ كَٱلتَّنُّورِ، وَكُلُّ ٱلْمُسْتَكْبِرِينَ وَكُلُّ فَاعِلِي ٱلشَّرِّ يَكُونُونَ قَشًّا، وَيُحْرِقُهُمُ ٱلْيَوْمُ ٱلْآتِي، قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ، فَلَا يُبْقِي لَهُمْ أَصْلًا وَلَا فَرْعًا. | ١ 1 |
ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ. |
«وَلَكُمْ أَيُّهَا ٱلْمُتَّقُونَ ٱسْمِي تُشْرِقُ شَمْسُ ٱلْبِرِّ وَٱلشِّفَاءُ فِي أَجْنِحَتِهَا، فَتَخْرُجُونَ وَتَنْشَأُونَ كَعُجُولِ ٱلصِّيرَةِ. | ٢ 2 |
لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛ |
وَتَدُوسُونَ ٱلْأَشْرَارَ لِأَنَّهُمْ يَكُونُونَ رَمَادًا تَحْتَ بُطُونِ أَقْدَامِكُمْ يَوْمَ أَفْعَلُ هَذَا، قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ. | ٣ 3 |
سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
«اُذْكُرُوا شَرِيعَةَ مُوسَى عَبْدِي ٱلَّتِي أَمَرْتُهُ بِهَا فِي حُورِيبَ عَلَى كُلِّ إِسْرَائِيلَ. ٱلْفَرَائِضَ وَٱلْأَحْكَامَ. | ٤ 4 |
ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار. |
«هَأَنَذَا أُرْسِلُ إِلَيْكُمْ إِيلِيَّا ٱلنَّبِيَّ قَبْلَ مَجِيءِ يَوْمِ ٱلرَّبِّ، ٱلْيَوْمِ ٱلْعَظِيمِ وَٱلْمَخُوفِ، | ٥ 5 |
ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. |
فَيَرُدُّ قَلْبَ ٱلْآبَاءِ عَلَى ٱلْأَبْنَاءِ، وَقَلْبَ ٱلْأَبْنَاءِ عَلَى آبَائِهِمْ. لِئَلَّا آتِيَ وَأَضْرِبَ ٱلْأَرْضَ بِلَعْنٍ». | ٦ 6 |
ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن. |