وَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ مُوسَى قَائِلًا: | ١ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ |
«كَلِّمْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَقُلْ لَهُمْ: أَنَا ٱلرَّبُّ إِلَهُكُمْ. | ٢ 2 |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «مەن بولسام خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
مِثْلَ عَمَلِ أَرْضِ مِصْرَ ٱلَّتِي سَكَنْتُمْ فِيهَا لَا تَعْمَلُوا، وَمِثْلَ عَمَلِ أَرْضِ كَنْعَانَ ٱلَّتِي أَنَا آتٍ بِكُمْ إِلَيْهَا لَا تَعْمَلُوا، وَحَسَبَ فَرَائِضِهِمْ لَا تَسْلُكُوا. | ٣ 3 |
سىلەر ئىلگىرى تۇرغان مىسىر زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار ۋە ياكى مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان قانائان زېمىنىدىكىدەك ئىشلارنى قىلماڭلار؛ ئۇلارنىڭ رەسىم-ئادەتلىرىدە يۈرمەڭلار، |
أَحْكَامِي تَعْمَلُونَ، وَفَرَائِضِي تَحْفَظُونَ لِتَسْلُكُوا فِيهَا. أَنَا ٱلرَّبُّ إِلَهُكُمْ. | ٤ 4 |
بەلكى مېنىڭ ھۆكۈملىرىمگە ئەمەل قىلىپ، قانۇن بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ شۇ بويىچە مېڭىڭلار. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
فَتَحْفَظُونَ فَرَائِضِي وَأَحْكَامِي، ٱلَّتِي إِذَا فَعَلَهَا ٱلْإِنْسَانُ يَحْيَا بِهَا. أَنَا ٱلرَّبُّ. | ٥ 5 |
سىلەر چوقۇم مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇشۇڭلار كېرەك؛ ئىنسان ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتتا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
«لَا يَقْتَرِبْ إِنْسَانٌ إِلَى قَرِيبِ جَسَدِهِ لِيَكْشِفَ ٱلْعَوْرَةَ. أَنَا ٱلرَّبُّ. | ٦ 6 |
ــ ھېچكىم ئۆزىگە يېقىن تۇغقان بولغان ئايالغا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىنى ئاچمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
عَوْرَةَ أَبِيكَ وَعَوْرَةَ أُمِّكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا أُمُّكَ لَا تَكْشِفْ عَوْرَتَهَا. | ٧ 7 |
ئاناڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە، بۇ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكىنىڭ بولىدۇ؛ ئۇ سېنىڭ ئاناڭ بولغاچقا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. |
عَوْرَةَ ٱمْرَأَةِ أَبِيكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا عَوْرَةُ أَبِيكَ. | ٨ 8 |
ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى شۇنداق قىلساڭ ئاتاڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. |
عَوْرَةَ أُخْتِكَ بِنْتِ أَبِيكَ أَوْ بِنْتِ أُمِّكَ، ٱلْمَوْلُودَةِ فِي ٱلْبَيْتِ أَوِ ٱلْمَوْلُودَةِ خَارِجًا، لَا تَكْشِفْ عَوْرَتَهَا. | ٩ 9 |
سەن ئاچا-سىڭلىڭنىڭ، بىر ئاتىدىن بولغان ياكى بىر ئانىدىن بولغان، ياكى شۇ ئۆيدە تۇغۇلغان ياكى باشقا يەردە تۇغۇلغان بولسۇن، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. |
عَوْرَةَ ٱبْنَةِ ٱبْنِكَ، أَوِ ٱبْنَةِ بِنْتِكَ لَا تَكْشِفْ عَوْرَتَهَا. إِنَّهَا عَوْرَتُكَ. | ١٠ 10 |
سەن ئۆز ئوغلۇڭنىڭ قىزى ۋە ياكى قىزىڭنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەۋرىتى سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋرىتىدۇر. |
عَوْرَةَ بِنْتِ ٱمْرَأَةِ أَبِيكَ ٱلْمَوْلُودَةِ مِنْ أَبِيكَ لَا تَكْشِفْ عَوْرَتَهَا. إِنَّهَا أُخْتُكَ. | ١١ 11 |
سەن ئاتاڭنىڭ ئايالىنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ ئاتاڭدىن تۇغۇلغان، سېنىڭ ئاچا-سىڭلىڭ، شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە. |
عَوْرَةَ أُخْتِ أَبِيكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا قَرِيبَةُ أَبِيكَ. | ١٢ 12 |
سەن ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. |
عَوْرَةَ أُخْتِ أُمِّكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا قَرِيبَةُ أُمِّكَ. | ١٣ 13 |
سەن ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئەۋرىتىگىمۇ تەگمە، چۈنكى ئۇ ئاناڭنىڭ بىرتۇغقىنىدۇر. |
عَوْرَةَ أَخِي أَبِيكَ لَا تَكْشِفْ. إِلَى ٱمْرَأَتِهِ لَا تَقْتَرِبْ. إِنَّهَا عَمَّتُكَ. | ١٤ 14 |
ئاتاڭنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇلارنىڭ ئاياللىرىغا يېقىنلىق قىلما؛ چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ھامماڭدۇر. |
عَوْرَةَ كَنَّتِكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا ٱمْرَأَةُ ٱبْنِكَ. لَا تَكْشِفْ عَوْرَتَهَا. | ١٥ 15 |
سەن كېلىنىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ ئۇ سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ ئايالى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسەڭ بولمايدۇ. |
عَوْرَةَ ٱمْرَأَةِ أَخِيكَ لَا تَكْشِفْ. إِنَّهَا عَوْرَةُ أَخِيكَ. | ١٦ 16 |
سەن ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئايالىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى بۇ ئۆز ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەندەك بولىدۇ. |
عَوْرَةَ ٱمْرَأَةٍ وَبِنْتِهَا لَا تَكْشِفْ. وَلَا تَأْخُذِ ٱبْنَةَ ٱبْنِهَا، أَوِ ٱبْنَةَ بِنْتِهَا لِتَكْشِفَ عَوْرَتَهَا. إِنَّهُمَا قَرِيبَتَاهَا. إِنَّهُ رَذِيلَةٌ. | ١٧ 17 |
سەن بىر ئايالغا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قىزىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى ۋە قىزىنىڭ قىزىنىمۇ [خوتۇنلۇققا ئېلىپ] ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇلار بىر-بىرىگە يېقىن تۇغقان بولغاچقا، مۇنداق ئىش پەسەندىلىكتۇر. |
وَلَا تَأْخُذِ ٱمْرَأَةً عَلَى أُخْتِهَا لِلضِّرِّ لِتَكْشِفَ عَوْرَتَهَا مَعَهَا فِي حَيَاتِهَا. | ١٨ 18 |
سەن ئايالىڭ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. ئۇنداق قىلساڭ خوتۇنۇڭغا كۈندەشلىك ئازابىنى كەلتۈرىسەن. |
«وَلَا تَقْتَرِبْ إِلَى ٱمْرَأَةٍ فِي نَجَاسَةِ طَمْثِهَا لِتَكْشِفَ عَوْرَتَهَا. | ١٩ 19 |
سەن بىر ئايالنىڭ ئادەت كۆرۈپ ناپاك تۇرغان ۋاقتىدا يېقىنلىق قىلىپ ئەۋرىتىگە تەگمە. |
وَلَا تَجْعَلْ مَعَ ٱمْرَأَةِ صَاحِبِكَ مَضْجَعَكَ لِزَرْعٍ، فَتَتَنَجَّسَ بِهَا. | ٢٠ 20 |
سەن ئۆز قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ بىلەن ناپاك قىلما. |
وَلَا تُعْطِ مِنْ زَرْعِكَ لِلْإِجَازَةِ لِمُولَكَ لِئَلَّا تُدَنِّسَ ٱسْمَ إِلَهِكَ. أَنَا ٱلرَّبُّ. | ٢١ 21 |
سەن ئۆز نەسلىڭدىن ھېچبىرىنى مولەك مەبۇدىغا ئاتاپ ئوتتىن ئۆتكۈزسەڭ قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ خۇدايىڭنىڭ نامىنى ناپاك قىلغان بولىسەن. مەن ئۆزۈم پەرۋەردىگاردۇرمەن. |
وَلَا تُضَاجِعْ ذَكَرًا مُضَاجَعَةَ ٱمْرَأَةٍ. إِنَّهُ رِجْسٌ. | ٢٢ 22 |
سەن ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندەك ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولما. بۇ ئىش يىرگىنچلىكتۇر. |
وَلَا تَجْعَلْ مَعَ بَهِيمَةٍ مَضْجَعَكَ فَتَتَنَجَّسَ بِهَا. وَلَا تَقِفِ ٱمْرَأَةٌ أَمَامَ بَهِيمَةٍ لِنِزَائِهَا. إِنَّهُ فَاحِشَةٌ. | ٢٣ 23 |
سەن ھېچ ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ ئۆزۈڭنى ناپاك قىلما؛ شۇنىڭدەك ئايال كىشىمۇ مۇناسىۋەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر ھايۋاننىڭ ئالدىغا بارمىسۇن. بۇ ئىش نىجىسلىقتۇر. |
«بِكُلِّ هَذِهِ لَا تَتَنَجَّسُوا، لِأَنَّهُ بِكُلِّ هَذِهِ قَدْ تَنَجَّسَ ٱلشُّعُوبُ ٱلَّذِينَ أَنَا طَارِدُهُمْ مِنْ أَمَامِكُمْ | ٢٤ 24 |
سىلەر بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن چىقىرىۋاتقان تائىپىلەر بولسا شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ناپاك قىلغان |
فَتَنَجَّسَتِ ٱلْأَرْضُ. فَأَجْتَزِي ذَنْبَهَا مِنْهَا، فَتَقْذِفُ ٱلْأَرْضُ سُكَّانَهَا. | ٢٥ 25 |
ۋە زېمىنىمۇ ناپاك بولغاندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ زېمىننىڭ قەبىھلىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، شۇنىڭدەك ئۇ زېمىنمۇ ئۆزىدە تۇرۇۋاتقانلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. |
لَكِنْ تَحْفَظُونَ أَنْتُمْ فَرَائِضِي وَأَحْكَامِي، وَلَا تَعْمَلُونَ شَيْئًا مِنْ جَمِيعِ هَذِهِ ٱلرَّجَسَاتِ، لَا ٱلْوَطَنِيُّ وَلَا ٱلْغَرِيبُ ٱلنَّازِلُ فِي وَسَطِكُمْ، | ٢٦ 26 |
لېكىن سىلەر بولساڭلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىم بىلەن ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇڭلار؛ سىلەردىن ھېچكىم، مەيلى يەرلىك ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇق بولسۇن بۇ يىرگىنچلىك ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىسۇن |
لِأَنَّ جَمِيعَ هَذِهِ ٱلرَّجَسَاتِ قَدْ عَمِلَهَا أَهْلُ ٱلْأَرْضِ ٱلَّذِينَ قَبْلَكُمْ فَتَنَجَّسَتِ ٱلْأَرْضُ. | ٢٧ 27 |
(چۈنكى بۇ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلارنى سىلەردىن ئىلگىرى شۇ زېمىندا تۇرغان خەلق قىلىپ كەلگەچكە، زېمىننىڭ ئۆزى ناپاك بولۇپ قالدى). |
فَلَا تَقْذِفُكُمُ ٱلْأَرْضُ بِتَنْجِيسِكُمْ إِيَّاهَا كَمَا قَذَفَتِ ٱلشُّعُوبَ ٱلَّتِي قَبْلَكُمْ. | ٢٨ 28 |
شۇنداق قىلىپ زېمىننى ناپاك قىلساڭلار، زېمىن ئۆزى سىلەردىن ئىلگىرى ئۆزىدە تۇرغان ئەللەرنى قۇسۇپ چىقارغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. |
بَلْ كُلُّ مَنْ عَمِلَ شَيْئًا مِنْ جَمِيعِ هَذِهِ ٱلرَّجَسَاتِ تُقْطَعُ ٱلْأَنْفُسُ ٱلَّتِي تَعْمَلُهَا مِنْ شَعْبِهَا. | ٢٩ 29 |
چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. |
فَتَحْفَظُونَ شَعَائِرِي لِكَيْ لَا تَعْمَلُوا شَيْئًا مِنَ ٱلرُّسُومِ ٱلرَّجِسَةِ ٱلَّتِي عُمِلَتْ قَبْلَكُمْ وَلَا تَتَنَجَّسُوا بِهَا. أَنَا ٱلرَّبُّ إِلَهُكُمْ». | ٣٠ 30 |
سىلەر مەن سىلەرگە تاپىلىغىنىمغا ئەمەل قىلىشىڭلار زۆرۈردۇر؛ ــ دېمەك، سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر تۇتقان شۇ يىرگىنچلىك رەسىم-قائىدىلەرنى تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. |