وَذَهَبَ أَبِيمَالِكُ بْنُ يَرُبَّعْلَ إِلَى شَكِيمَ إِلَى إِخْوَةِ أُمِّهِ، وَكَلَّمَهُمْ وَجَمِيعَ عَشِيرَةِ بَيْتِ أَبِي أُمِّهِ قَائِلًا: | ١ 1 |
ئەمدى يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەمدىكى ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار ۋە ئانىسىنىڭ ئاتىسىنىڭ پۈتكۈل جەمەتىدىكىلەرگە: ــ |
«تَكَلَّمُوا ٱلْآنَ فِي آذَانِ جَمِيعِ أَهْلِ شَكِيمَ. أَيُّمَا هُوَ خَيْرٌ لَكُمْ: أَأَنْ يَتَسَلَّطَ عَلَيْكُمْ سَبْعُونَ رَجُلًا، جَمِيعُ بَنِي يَرُبَّعْلَ، أَمْ أَنْ يَتَسَلَّطَ عَلَيْكُمْ رَجُلٌ وَاحِدٌ؟ وَٱذْكُرُوا أَنِّي أَنَا عَظْمُكُمْ وَلَحْمُكُمْ». | ٢ 2 |
سىلەر شەكەمدىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ قۇلىقىغا سۆز قىلىپ ئۇلارغا: «سىلەر ئۈچۈن يەتمىش كىشى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى ئۈستۈڭلەرگە ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ ياكى بىرلا ئادەمنىڭ ئۈستۈڭلەردىن ھۆكۈم سۈرگىنى ياخشىمۇ؟ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن سىلەرنىڭ قان-قېرىندىشىڭلارمەن» ــ دېگەن گېپىمنى يەتكۈزۈڭلار، ــ دېدى. |
فَتَكَلَّمَ إِخْوَةُ أُمِّهِ عَنْهُ فِي آذَانِ كُلِّ أَهْلِ شَكِيمَ بِجَمِيعِ هَذَا ٱلْكَلَامِ. فَمَالَ قَلْبُهُمْ وَرَاءَ أَبِيمَالِكَ، لِأَنَّهُمْ قَالُوا: «أَخُونَا هُوَ». | ٣ 3 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ئۇ توغرۇلۇق بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى شەكەمدىكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا ئېيتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئابىمەلەككە مايىل بولۇپ: ــ ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنغۇ، دىيىشىپ، |
وَأَعْطَوْهُ سَبْعِينَ شَاقِلَ فِضَّةٍ مِنْ بَيْتِ بَعْلِ بَرِيثَ، فَٱسْتَأْجَرَ بِهَا أَبِيمَالِكُ رِجَالًا بَطَّالِينَ طَائِشِينَ، فَسَعَوْا وَرَاءَهُ. | ٤ 4 |
بائال-بېرىتنىڭ بۇتخانىسىدىن يەتمىش شەكەل كۈمۈشنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بەردى. بۇ پۇل بىلەن ئابىمەلەك بىرمۇنچە بىكار تەلەپ لۈكچەكلەرنى ياللاپ، ئۇلارغا باش بولدى. |
ثُمَّ جَاءَ إِلَى بَيْتِ أَبِيهِ فِي عَفْرَةَ وَقَتَلَ إِخْوَتَهُ بَنِي يَرُبَّعْلَ، سَبْعِينَ رَجُلًا، عَلَى حَجَرٍ وَاحِدٍ. وَبَقِيَ يُوثَامُ بْنُ يَرُبَّعْلَ ٱلْأَصْغَرُ لِأَنَّهُ ٱخْتَبَأَ. | ٥ 5 |
ئاندىن ئۇ ئوفراھقا، ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى، يەنى يەرۇببائالنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن يەرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتام يوشۇرۇنىۋالغاچقا، قۇتۇلۇپ قالدى. |
فَٱجْتَمَعَ جَمِيعُ أَهْلِ شَكِيمَ وَكُلُّ سُكَّانِ ٱلْقَلْعَةِ وَذَهَبُوا وَجَعَلُوا أَبِيمَالِكَ مَلِكًا عِنْدَ بَلُّوطَةِ ٱلنَّصَبِ ٱلَّذِي فِي شَكِيمَ. | ٦ 6 |
ئاندىن پۈتكۈل شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللودىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىشىپ بېرىپ ئابىمەلەكنى شەكەمدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. |
وَأَخْبَرُوا يُوثَامَ فَذَهَبَ وَوَقَفَ عَلَى رَأْسِ جَبَلِ جِرِزِّيمَ، وَرَفَعَ صَوْتَهُ وَنَادَى وَقَالَ لَهُمْ: «اِسْمَعُوا لِي يَا أَهْلَ شَكِيمَ، يَسْمَعْ لَكُمُ ٱللهُ. | ٧ 7 |
بۇ خەۋەر يوتامغا يەتكۈزۈلدى؛ ئۇ بېرىپ گەرىزىم تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا كۆپچىلىككە توۋلاپ: ــ ئەي شەكەم چوڭلىرى، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئاندىن خۇدامۇ سىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. |
مَرَّةً ذَهَبَتِ ٱلْأَشْجَارُ لِتَمْسَحَ عَلَيْهَا مَلِكًا. فَقَالَتْ لِلزَّيْتُونَةِ: ٱمْلِكِي عَلَيْنَا. | ٨ 8 |
كۈنلەردىن بىر كۈنى دەرەخلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر دەرەخنى مەسىھلەپ پادىشاھ تىكلەشكە ئىزدەپ چىقىپ، زەيتۇن دەرىخىگە: ــ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇپ بەرگىن، دەپتىكەن. |
فَقَالَتْ لَهَا ٱلزَّيْتُونَةُ: أَأَتْرُكُ دُهْنِي ٱلَّذِي بِهِ يُكَرِّمُونَ بِيَ ٱللهَ وَٱلنَّاسَ، وَأَذْهَبُ لِكَيْ أَمْلِكَ عَلَى ٱلْأَشْجَارِ؟ | ٩ 9 |
زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدىغان مېيىمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. |
ثُمَّ قَالَتِ ٱلْأَشْجَارُ لِلتِّينَةِ: تَعَالَيْ أَنْتِ وَٱمْلِكِي عَلَيْنَا. | ١٠ 10 |
بۇنى ئاڭلاپ دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپ ئىلتىجا قىلىپتۇ؛ |
فَقَالَتْ لَهَا ٱلتِّينَةُ: أَأَتْرُكُ حَلَاوَتِي وَثَمَرِي ٱلطَّيِّبَ وَأَذْهَبُ لِكَيْ أَمْلِكَ عَلَى ٱلْأَشْجَارِ؟ | ١١ 11 |
ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئۆز شىرنەم بىلەن ياخشى مېۋەمنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. |
فَقَالَتِ ٱلْأَشْجَارُ لِلْكَرْمَةِ: تَعَالَيْ أَنْتِ وَٱمْلِكِي عَلَيْنَا. | ١٢ 12 |
شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم تاللىقىنىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ، |
فَقَالَتْ لَهَا ٱلْكَرْمَةُ: أَأَتْرُكُ مِسْطَارِي ٱلَّذِي يُفَرِّحُ ٱللهَ وَٱلنَّاسَ وَأَذْهَبُ لِكَيْ أَمْلِكَ عَلَى ٱلْأَشْجَارِ؟ | ١٣ 13 |
ئۈزۈم تېلى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خۇدا بىلەن ئادەملەرنى خۇش قىلىدىغان يېڭى شارابنى تاشلاپ، باشقا دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ پۇلاڭلاشقا كېتەمدىم؟ ــ دەپتۇ. |
ثُمَّ قَالَتْ جَمِيعُ ٱلْأَشْجَارِ لِلْعَوْسَجِ: تَعَالَ أَنْتَ وَٱمْلِكْ عَلَيْنَا. | ١٤ 14 |
ئاندىن دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئازغاننىڭ قېشىغا بېرىپ: ــ سەن كېلىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولغىن، دەپتۇ؛ |
فَقَالَ ٱلْعَوْسَجُ لِلْأَشْجَارِ: إِنْ كُنْتُمْ بِٱلْحَقِّ تَمْسَحُونَنِي عَلَيْكُمْ مَلِكًا فَتَعَالَوْا وَٱحْتَمُوا تَحْتَ ظِلِّي. وَإِلأَّ فَتَخْرُجَ نَارٌ مِنَ ٱلْعَوْسَجِ وَتَأْكُلَ أَرْزَ لُبْنَانَ! | ١٥ 15 |
ئازغان ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۈستۈڭلەرگە پادىشاھ قىلىشنى خالىساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەمنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىڭلار؛ بولمىسا، ئازغاندىن بىر ئوت چىقىدۇ ۋە لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىنى يەپ كېتىدۇ! ــ دەپتۇ. |
فَٱلْآنَ إِنْ كُنْتُمْ قَدْ عَمِلْتُمْ بِٱلْحَقِّ وَٱلصِّحَّةِ إِذْ جَعَلْتُمْ أَبِيمَالِكَ مَلِكًا، وَإِنْ كُنْتُمْ قَدْ فَعَلْتُمْ خَيْرًا مَعَ يَرُبَّعْلَ وَمَعَ بَيْتِهِ، وَإِنْ كُنْتُمْ قَدْ فَعَلْتُمْ لَهُ حَسَبَ عَمَلِ يَدَيْهِ، | ١٦ 16 |
ئەگەر سىلەرنىڭ ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغىنىڭلار راست سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيەت بىلەن بولغان بولسا، يەرۇببائال ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياخشىلىق قىلغان، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بويىچە ئۇنىڭغا قايتۇرغان بولساڭلار ــ |
لِأَنَّ أَبِي قَدْ حَارَبَ عَنْكُمْ وَخَاطَرَ بِنَفْسِهِ وَأَنْقَذَكُمْ مِنْ يَدِ مِدْيَانَ. | ١٧ 17 |
(چۈنكى ئاتام سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئۆز جېنىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سىلەرنى مىدىياننىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! |
وَأَنْتُمْ قَدْ قُمْتُمُ ٱلْيَوْمَ عَلَى بَيْتِ أَبِي وَقَتَلْتُمْ بَنِيهِ، سَبْعِينَ رَجُلًا عَلَى حَجَرٍ وَاحِدٍ، وَمَلَّكْتُمْ أَبِيمَالِكَ ٱبْنَ أَمَتِهِ عَلَى أَهْلِ شَكِيمَ لِأَنَّهُ أَخُوكُمْ. | ١٨ 18 |
لېكىن سىلەر بۈگۈن ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى قوزغىلىپ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، جەمئىي يەتمىش ئادەمنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى تۇغقىنىڭلار بولغىنى ئۈچۈن شەكەم خەلقىنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەپسىلەر!) |
فَإِنْ كُنْتُمْ قَدْ عَمِلْتُمْ بِٱلْحَقِّ وَٱلصِّحَّةِ مَعَ يَرُبَّعْلَ وَمَعَ بَيْتِهِ فِي هَذَا ٱلْيَوْمِ، فَٱفْرَحُوا أَنْتُمْ بِأَبِيمَالِكَ، وَلْيَفْرَحْ هُوَ أَيْضًا بِكُمْ. | ١٩ 19 |
ــ ئەمدى ئەگەر سىلەر يەرۇببائال ۋە جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، سىلەر ئابىمەلەكتىن خۇشاللىق تاپقايسىلەر، ئۇمۇ سىلەردىن خۇشاللىق تاپقاي! |
وَإِلأَّ فَتَخْرُجَ نَارٌ مِنْ أَبِيمَالِكَ وَتَأْكُلَ أَهْلَ شَكِيمَ وَسُكَّانَ ٱلْقَلْعَةِ، وَتَخْرُجَ نَارٌ مِنْ أَهْلِ شَكِيمَ وَمِنْ سُكَّانِ ٱلْقَلْعَةِ وَتَأْكُلَ أَبِيمَالِكَ». | ٢٠ 20 |
لېكىن بولمىسا، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىنى يەپ كەتسۇن؛ شۇنداقلا، شەكەمدىكىلەر ۋە بەيت-مىللونىڭ خەلقىدىن ئوت چىقىپ، ئابىمەلەكنى يەپ كەتسۇن! ــ دېدى. |
ثُمَّ هَرَبَ يُوثَامُ وَفَرَّ وَذَهَبَ إِلَى بِئْرَ، وَأَقَامَ هُنَاكَ مِنْ وَجْهِ أَبِيمَالِكَ أَخِيهِ. | ٢١ 21 |
يوتام قېرىندىشى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. |
فَتَرَأَّسَ أَبِيمَالِكُ عَلَى إِسْرَائِيلَ ثَلَاثَ سِنِينَ. | ٢٢ 22 |
ئابىمەلەك ئىسرائىلغا ئۈچ يىل سەلتەنەت قىلدى. |
وَأَرْسَلَ ٱلرَّبُّ رُوحًا رَدِيًّا بَيْنَ أَبِيمَالِكَ وَأَهْلِ شَكِيمَ، فَغَدَرَ أَهْلُ شَكِيمَ بِأَبِيمَالِكَ. | ٢٣ 23 |
خۇدا ئابىمەلەك بىلەن شەكەمنىڭ ئادەملىرى ئوتتۇرىسىغا بىر يامان روھ ئەۋەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شەكەمدىكىلەر ئابىمەلەككە ئاسىيلىق قىلىشقا قوزغالدى. |
لِيَأْتِيَ ظُلْمُ بَنِي يَرُبَّعْلَ ٱلسَّبْعِينَ، وَيُجْلَبَ دَمُهُمْ عَلَى أَبِيمَالِكَ أَخِيهِمِ ٱلَّذِي قَتَلَهُمْ، وَعَلَى أَهْلِ شَكِيمَ ٱلَّذِينَ شَدَّدُوا يَدَيْهِ لِقَتْلِ إِخْوَتِهِ. | ٢٤ 24 |
بۇنىڭ مەقسىتى، يەرۇببائالنىڭ يەتمىش ئوغلىغا قىلىنغان زوراۋانلىق ۋە قان قەرزنى ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن قېرىندىشى ئابىمەلەكنىڭ بوينىغا چۈشۈرۈش، شۇنداقلا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن شەكەمدىكى كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. |
فَوَضَعَ لَهُ أَهْلُ شَكِيمَ كَمِينًا عَلَى رُؤُوسِ ٱلْجِبَالِ، وَكَانُوا يَسْتَلِبُونَ كُلَّ مَنْ عَبَرَ بِهِمْ فِي ٱلطَّرِيقِ. فَأُخْبِرَ أَبِيمَالِكُ. | ٢٥ 25 |
شەكەمدىكى كىشىلەر ئابىمەلەكنى تۇتماقچى بولۇپ، تاغلارنىڭ چوققىلىرىغا پايلاقچىلارنى بۆكتۈرمە قىلىپ تۇرغۇزدى؛ ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆتكەن يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ ئىش ئابىمەلەككە يەتكۈزۈلدى. |
وَجَاءَ جَعَلُ بْنُ عَابِدٍ مَعَ إِخْوَتِهِ وَعَبَرُوا إِلَى شَكِيمَ فَوَثِقَ بِهِ أَهْلُ شَكِيمَ. | ٢٦ 26 |
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى. |
وَخَرَجُوا إِلَى ٱلْحَقْلِ وَقَطَفُوا كُرُومَهُمْ وَدَاسُوا وَصَنَعُوا تَمْجِيدًا، وَدَخَلُوا بَيْتَ إِلَهِهِمْ وَأَكَلُوا وَشَرِبُوا وَلَعَنُوا أَبِيمَالِكَ. | ٢٧ 27 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەردىن ئېتىزلىققا چىقىپ، ئۈزۈمزارلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ئۈزۈپ سىقىپ، شاراب ياساپ، شادلىق قىلىپ ئۆز بۇتىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، يەپ-ئىچىشىپ ئابىمەلەكنىڭ ئۈستىدىن لەنەت ئوقۇغىلى تۇردى. |
فَقَالَ جَعَلُ بْنُ عَابِدٍ: «مَنْ هُوَ أَبِيمَالِكُ وَمَنْ هُوَ شَكِيمُ حَتَّى نَخْدِمَهُ؟ أَمَا هُوَ ٱبْنُ يَرُبَّعْلَ، وَزَبُولُ وَكِيلُهُ؟ ٱخْدِمُوا رِجَالَ حَمُورَ أَبِي شَكِيمَ. فَلِمَاذَا نَخْدِمُهُ نَحْنُ؟ | ٢٨ 28 |
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال: ــ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى؟ شەكەم دېگەن نېمە ئىدى، بىز نېمە دەپ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟! ئۇ يەرۇببائالنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ زەبۇل ئۇنىڭ نازاتەتچىسى ئەمەسمۇ؟ سىلەر شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامورنىڭ ئادەملىرىنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار بولىدۇ! بىز نېمىشقا ئابىمەلەكنىڭ خىزمىتىدە بولىدىكەنمىز؟ |
مَنْ يَجْعَلُ هَذَا ٱلشَّعْبَ بِيَدِي فَأَعْزِلَ أَبِيمَالِكَ». وَقَالَ لِأَبِيمَالِكَ: «كَثِّرْ جُنْدَكَ وَٱخْرُجْ!». | ٢٩ 29 |
كاشكى بۇ خەلق مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا ئىدى! ئۇ چاغدا مەن ئابىمەلەكنى ھەيدىۋتەتتىم! مەن ئابىمەلەككە: ــ ئۆز قوشۇنىڭنى كۆپەيتىپ، جەڭگە چىققىن! ــ دېگەن بولاتتىم. |
وَلَمَّا سَمِعَ زَبُولُ رَئِيسُ ٱلْمَدِينَةِ كَلَامَ جَعَلَ بْنِ عَابِدٍ حَمِيَ غَضَبُهُ، | ٣٠ 30 |
ئەمدى شەھەر باشلىقى زەبۇل ئەبەدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىدا، ئاچچىقى كېلىپ، |
وَأَرْسَلَ رُسُلًا إِلَى أَبِيمَالِكَ فِي تُرْمَةَ يَقُولُ: «هُوَذَا جَعَلُ بْنُ عَابِدٍ وَإِخْوَتُهُ قَدْ أَتَوْا إِلَى شَكِيمَ، وَهَا هُمْ يُهَيِّجُونَ ٱلْمَدِينَةَ ضِدَّكَ. | ٣١ 31 |
ئەلچىلەرنى ئابىمەلەكنىڭ قېشىغا يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ: «مانا، گائالنىڭ ئوغلى قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەمگە كېلىۋاتىدۇ؛ مانا، شەھەرنى سىلىگە قارشى چىقىشقا قۇترىتىۋاتىدۇ. |
فَٱلْآنَ قُمْ لَيْلًا أَنْتَ وَٱلشَّعْبُ ٱلَّذِي مَعَكَ وَٱكْمُنْ فِي ٱلْحَقْلِ. | ٣٢ 32 |
شۇڭا سىلى ئادەملىرىنى ئېلىپ بۈگۈن كېچە [شەھەر] ئەتراپىدىكى ئېتىزلىققا بېرىپ ماراپ ئولتۇرغايلا؛ |
وَيَكُونُ فِي ٱلصَّبَاحِ عِنْدَ شُرُوقِ ٱلشَّمْسِ أَنَّكَ تُبَكِّرُ وَتَقْتَحِمُ ٱلْمَدِينَةَ. وَهَا هُوَ وَٱلشَّعْبُ ٱلَّذِي مَعَهُ يَخْرُجُونَ إِلَيْكَ فَتَفْعَلُ بِهِ حَسَبَمَا تَجِدُهُ يَدُكَ». | ٣٣ 33 |
ئەتە كۈن چىققان ھامان قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلغايلا؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سىلىگە قارشى چىققاندا، سىلى ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغايلا، ــ دېدى. |
فَقَامَ أَبِيمَالِكُ وَكُلُّ ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِي مَعَهُ لَيْلًا وَكَمَنُوا لِشَكِيمَ أَرْبَعَ فِرَقٍ. | ٣٤ 34 |
بۇنى ئاڭلاپ، ئابىمەلەك ھەممە ئادەملىرىنى ئېلىپ، كېچىسى چىقىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ، يوشۇرۇنۇپ شەكەمگە ھۇجۇم قىلىشقا ماراپ ئولتۇردى. |
فَخَرَجَ جَعَلُ بْنُ عَابِدٍ وَوَقَفَ فِي مَدْخَلِ بَابِ ٱلْمَدِينَةِ. فَقَامَ أَبِيمَالِكُ وَٱلشَّعْبُ ٱلَّذِي مَعَهُ مِنَ ٱلْمَكْمَنِ. | ٣٥ 35 |
ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال سىرتقا چىقىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئابىمەلەك ئۆز ئادەملىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقتى. |
وَرَأَى جَعَلُ ٱلشَّعْبَ فَقَالَ لِزَبُولَ: «هُوَذَا شَعْبٌ نَازِلٌ عَنْ رُؤُوسِ ٱلْجِبَالِ». فَقَالَ لَهُ زَبُولُ: «إِنَّكَ تَرَى ظِلَّ ٱلْجِبَالِ كَأَنَّهُ أُنَاسٌ». | ٣٦ 36 |
گائال خەلقنى كۆرۈپ زەبۇلغا: ــ مانا تاغ چوققىلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، دېدى. لېكىن زەبۇل ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ تاغلارنىڭ كۆلەڭگىسى ساڭا ئادەملەردەك كۆرۈنىدۇ، ــ دېدى. |
فَعَادَ جَعَلُ وَتَكَلَّمَ أَيْضًا قَائِلًا: «هُوَذَا شَعْبٌ نَازِلٌ مِنْ عِنْدِ أَعَالِي ٱلْأَرْضِ، وَفِرْقَةٌ وَاحِدَةٌ آتِيَةٌ عَنْ طَرِيقِ بَلُّوطَةِ ٱلْعَائِفِينَ». | ٣٧ 37 |
گائال يەنە سۆز قىلىپ: مانا، بىر توپ ئادەملەر دۆڭلەردىن چۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ، يەنە بىر توپ ئادەملەر «پالچىلارنىڭ دۇب دەرىخى»نىڭ يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ زَبُولُ: «أَيْنَ ٱلْآنَ فُوكَ ٱلَّذِي قُلْتَ بِهِ: مَنْ هُوَ أَبِيمَالِكُ حَتَّى نَخْدِمَهُ؟ أَلَيْسَ هَذَا هُوَ ٱلشَّعْبُ ٱلَّذِي رَذَلْتَهُ؟ فَٱخْرُجِ ٱلْآنَ وَحَارِبْهُ». | ٣٨ 38 |
ئاندىن زەبۇل ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىدى، بىز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتۇقمۇ؟» دەپ چوڭ گەپ قىلغان ئاغزىڭ ھازىر قېنى؟ مانا بۇلار سەن كۆزگە ئىلمىغان خەلق ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ باققىن! ــ دېدى. |
فَخَرَجَ جَعَلُ أَمَامَ أَهْلِ شَكِيمَ وَحَارَبَ أَبِيمَالِكَ. | ٣٩ 39 |
شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەمدىكىلەر بىلەن چىقىپ ئابىمەلەك بىلەن سوقۇشۇشقا باشلىدى. |
فَهَزَمَهُ أَبِيمَالِكُ، فَهَرَبَ مِنْ قُدَّامِهِ وَسَقَطَ قَتْلَى كَثِيرُونَ حَتَّى عِنْدَ مَدْخَلِ ٱلْبَابِ. | ٤٠ 40 |
لېكىن ئابىمەلەك ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى، شۇنداقلا نۇرغۇن يارىلانغان ئادەملەر شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغىچە يېتىشىپ كەتكەنىدى. |
فَأَقَامَ أَبِيمَالِكُ فِي أَرُومَةَ. وَطَرَدَ زَبُولُ جَعَلًا وَإِخْوَتَهُ عَنِ ٱلْإِقَامَةِ فِي شَكِيمَ. | ٤١ 41 |
ئاندىن ئابىمەلەك ئارۇماھدا تۇرۇپ قالدى. زەبۇل بولسا گائال ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكەمدە تۇرۇشىغا يول قويمىدى. |
وَكَانَ فِي ٱلْغَدِ أَنَّ ٱلشَّعْبَ خَرَجَ إِلَى ٱلْحَقْلِ وَأَخْبَرُوا أَبِيمَالِكَ. | ٤٢ 42 |
ئەتىسى [گائالدىكىلەر] دالاغا چىقتى؛ بۇ خەۋەر ئابىمەلەككە يەتكەندە |
فَأَخَذَ ٱلْقَوْمَ وَقَسَمَهُمْ إِلَى ثَلَاثِ فِرَقٍ، وَكَمَنَ فِي ٱلْحَقْلِ وَنَظَرَ وَإِذَا ٱلشَّعْبُ يَخْرُجُ مِنَ ٱلْمَدِينَةِ، فَقَامَ عَلَيْهِمْ وَضَرَبَهُمْ. | ٤٣ 43 |
ئۇ خەلقىنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، دالادا يوشۇرۇنۇپ ماراپ تۇردى؛ ئۇ قاراپ تۇرۇۋىدى، شەكەم خەلقى شەھەردىن چىقتى. ئۇ قوپۇپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى. |
وَأَبِيمَالِكُ وَٱلْفِرْقَةُ ٱلَّتِي مَعَهُ ٱقْتَحَمُوا وَوَقَفُوا فِي مَدْخَلِ بَابِ ٱلْمَدِينَةِ. وَأَمَّا ٱلْفِرْقَتَانِ فَهَجَمَتَا عَلَى كُلِّ مَنْ فِي ٱلْحَقْلِ وَضَرَبَتَاهُ. | ٤٤ 44 |
ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان بىرىنچى توپ ئاتلىنىپ شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بېسىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى؛ قالغان ئىككى توپ ئېتىلىپ بېرىپ دالادا تۇرغان ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى قىرىۋەتتى. |
وَحَارَبَ أَبِيمَالِكُ ٱلْمَدِينَةَ كُلَّ ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ، وَأَخَذَ ٱلْمَدِينَةَ وَقَتَلَ ٱلشَّعْبَ ٱلَّذِي بِهَا، وَهَدَمَ ٱلْمَدِينَةَ وَزَرَعَهَا مِلْحًا. | ٤٥ 45 |
شۇ تەرىقىدە ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى خانىۋەيران قىلىپ ئۈستىگە تۇزلارنى چېچىۋەتتى. |
وَسَمِعَ كُلُّ أَهْلِ بُرْجِ شَكِيمَ فَدَخَلُوا إِلَى صَرْحِ بَيْتِ إِيلِ بَرِيثَ. | ٤٦ 46 |
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇنى ئاڭلاپ، بېرىت دېگەن بۇتنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قورغانغا كىرىۋالدى. |
فَأُخْبِرَ أَبِيمَالِكُ أَنَّ كُلَّ أَهْلِ بُرْجِ شَكِيمَ قَدِ ٱجْتَمَعُوا. | ٤٧ 47 |
شەكەم مۇنارىدىكى ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىۋاپتۇ، دېگەن خەۋەر ئابىمەلەككە يەتتى. |
فَصَعِدَ أَبِيمَالِكُ إِلَى جَبَلِ صَلْمُونَ هُوَ وَكُلُّ ٱلشَّعْبِ ٱلَّذِي مَعَهُ. وَأَخَذَ أَبِيمَالِكُ ٱلْفُؤُوسَ بِيَدِهِ، وَقَطَعَ غُصْنَ شَجَرٍ وَرَفَعَهُ وَوَضَعَهُ عَلَى كَتِفِهِ، وَقَالَ لِلشَّعْبِ ٱلَّذِي مَعَهُ: «مَا رَأَيْتُمُونِي أَفْعَلُهُ فَأَسْرِعُوا ٱفْعَلُوا مِثْلِي». | ٤٨ 48 |
شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ئادەملىرىنى ئېلىپ زالمون تېغىغا چىقتى؛ ئۇ قولىغا پالتىنى ئېلىپ دەرەخنىڭ بىر شېخىنى كېسىپ ئېلىپ، ئۆشنىسىگە قويۇپ، ئاندىن ئۆزى بىلەن بولغان خەلققە: ــ مېنىڭ نېمە قىلغىنىمنى كۆردۈڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ تېزدىن شۇنداق قىلىڭلار، ــ دېدى. |
فَقَطَعَ ٱلشَّعْبُ أَيْضًا كُلُّ وَاحِدٍ غُصْنًا وَسَارُوا وَرَاءَ أَبِيمَالِكَ، وَوَضَعُوهَا عَلَى ٱلصَّرْحِ، وَأَحْرَقُوا عَلَيْهِمِ ٱلصَّرْحَ بِٱلنَّارِ. فَمَاتَ أَيْضًا جَمِيعُ أَهْلِ بُرْجِ شَكِيمَ، نَحْوُ أَلْفِ رَجُلٍ وَٱمْرَأَةٍ. | ٤٩ 49 |
بۇنى ئاڭلاپ خەلقنىڭ ھەربىرى ئابىمەلەكتەك بىردىن شاخنى كېسىپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىپ، شاخلارنى قورغاننىڭ يېنىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇپ قورغان ۋە ئۇنىڭدا بولغانلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن شەكەمنىڭ مۇنارىدىكى ھەممە ئادەملەر، جەمئىي مىڭچە ئەر-ئايال ئۆلدى. |
ثُمَّ ذَهَبَ أَبِيمَالِكُ إِلَى تَابَاصَ وَنَزَلَ فِي تَابَاصَ وَأَخَذَهَا. | ٥٠ 50 |
ئاندىن ئابىمەلەك تەبەزگە بېرىپ، ئۇ يەردە بارگاھ قۇرۇپ تەبەزكە قورشاپ، ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى. |
وَكَانَ بُرْجٌ قَوِيٌّ فِي وَسَطِ ٱلْمَدِينَةِ فَهَرَبَ إِلَيْهِ جَمِيعُ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَاءِ وَكُلُّ أَهْلِ ٱلْمَدِينَةِ، وَأَغْلَقُوا وَرَاءَهُمْ، وَصَعِدُوا إِلَى سَطْحِ ٱلْبُرْجِ. | ٥١ 51 |
لېكىن شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم بىر مۇنار بار ئىدى؛ بارلىق ئەر-ئايال، جۈملىدىن شەھەرنىڭ ھەممە چوڭلىرى ئۇ يەرگە قېچىپ بېرىپ، دەرۋازىنى ئىچىدىن تاقاپ، مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالدى. |
فَجَاءَ أَبِيمَالِكُ إِلَى ٱلْبُرْجِ وَحَارَبَهُ، وَٱقْتَرَبَ إِلَى بَابِ ٱلْبُرْجِ لِيُحْرِقَهُ بِٱلنَّارِ. | ٥٢ 52 |
ئابىمەلەك مۇنارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇشقا مۇنارنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىنلاشقاندا، |
فَطَرَحَتِ ٱمْرَأَةٌ قِطْعَةَ رَحًى عَلَى رَأْسِ أَبِيمَالِكَ فَشَجَّتْ جُمْجُمَتَهُ. | ٥٣ 53 |
بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا ئېتىپ ئۇنىڭ باش سۈڭىكىنى سۇندۇرىۋەتتى. |
فَدَعَا حَالًا ٱلْغُلَامَ حَامِلَ عُدَّتِهِ وَقَالَ لَهُ: «ٱخْتَرِطْ سَيْفَكَ وَٱقْتُلْنِي، لِئَلَّا يَقُولُوا عَنِّي: قَتَلَتْهُ ٱمْرَأَةٌ». فَطَعَنَهُ ٱلْغُلَامُ فَمَاتَ. | ٥٤ 54 |
ئاندىن ئابىمەلەك دەرھال ئۆز يارىغىنى كۆتۈرگۈچى يىگىتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ قىلىچىڭنى سۇغۇرۇپ مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن؛ بولمىسا، خەلق مېنىڭ توغرامدا: «بىر ئايال كىشى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېيىشىدۇ، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ يىگىت ئۇنى سانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. |
وَلَمَّا رَأَى رِجَالُ إِسْرَائِيلَ أَنَّ أَبِيمَالِكَ قَدْ مَاتَ، ذَهَبَ كُلُّ وَاحِدٍ إِلَى مَكَانِهِ. | ٥٥ 55 |
ئاندىن ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى ئابىمەلەكنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كېتىشتى. |
فَرَدَّ ٱللهُ شَرَّ أَبِيمَالِكَ ٱلَّذِي فَعَلَهُ بِأَبِيهِ لِقَتْلِهِ إِخْوَتَهُ ٱلسَّبْعِينَ، | ٥٦ 56 |
شۇنداق قىلىپ خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆزىنىڭ يەتمىش ئاكا-ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاتىسىغا قىلغان رەزىللىكىنى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا ياندۇردى؛ |
وَكُلَّ شَرِّ أَهْلِ شَكِيمَ رَدَّهُ ٱللهُ عَلَى رُؤُوسِهِمْ، وَأَتَتْ عَلَيْهِمْ لَعْنَةُ يُوثَامَ بْنِ يَرُبَّعْلَ. | ٥٧ 57 |
شۇنىڭدەك خۇدا شەكەمنىڭ ئادەملىرى قىلغان بارلىق يامانلىقلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا ياندۇرۇپ چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن يەرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتام ئېيتقان لەنەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلدى. |