وَكَانَتِ ٱلْقُرْعَةُ لِسِبْطِ مَنَسَّى، لِأَنَّهُ هُوَ بِكْرُ يُوسُفَ. لِمَاكِيرَ بِكْرِ مَنَسَّى أَبِي جِلْعَادَ، لِأَنَّهُ كَانَ رَجُلَ حَرْبٍ، وَكَانَتْ جِلْعَادُ وَبَاشَانُ لَهُ. | ١ 1 |
ماناسسەھ يۈسۈپنىڭ تۇنجى ئوغلى بولغاچقا، ئۇنىڭ قەبىلىسىگىمۇ چەك تاشلىنىپ مىراس بېرىلگەن. ماناسسەھنىڭ تۇنجى ئوغلى ماكىرنىڭ [ئەۋلادلىرى] (ماكىر گىلېئادنىڭ ئاتىسى ئىدى) باتۇر پالۋان بولغاچقا، ئۇلارغا گىلېئاد بىلەن باشان مىراس قىلىپ بېرىلدى. |
وَكَانَتْ لِبَنِي مَنَسَّى ٱلْبَاقِينَ حَسَبَ عَشَائِرِهِمْ. لِبَنِي أَبِيعَزَرَ وَلِبَنِي حَالَقَ، وَلِبَنِي أَسْرِيئِيلَ، وَلِبَنِي شَكَمَ، وَلِبَنِي حَافَرَ، وَلِبَنِي شَمِيدَاعَ، هَؤُلَاءِ هُمْ بَنُو مَنَسَّى بْنِ يُوسُفَ، ٱلذُّكُورُ حَسَبَ عَشَائِرِهِمْ. | ٢ 2 |
ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىمۇ، جۈملىدىن ئابىئېزەرلەر، ھەلەكلەر، ئاسرىئەللەر، شەكەملەر، ھەفەرلەر بىلەن شېمىدالار ئۆز جەمەت-ئائىلىلىرى بويىچە مىراس ئۈلۈشىنى ئالدى. بۇلار بولسا يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەر جەمەت ئائىلىلىرى ئىدى. |
وَأَمَّا صَلُفْحَادُ بْنُ حَافَرَ بْنِ جِلْعَادَ بْنِ مَاكِيرَ بْنِ مَنَسَّى فَلَمْ يَكُنْ لَهُ بَنُونَ بَلْ بَنَاتٌ. وَهَذِهِ أَسْمَاءُ بَنَاتِهِ: مَحْلَةُ وَنُوعَةُ وَحُجْلَةُ وَمِلْكَةُ وَتِرْصَةُ. | ٣ 3 |
ئەمدى ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى يوق بولۇپ، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. |
فَتَقَدَّمْنَ أَمَامَ أَلِعَازَارَ ٱلْكَاهِنِ وَأَمَامَ يَشُوعَ بْنِ نُونَ وَأَمَامَ ٱلرُّؤَسَاءِ وَقُلْنَ: «ٱلرَّبُّ أَمَرَ مُوسَى أَنْ يُعْطِيَنَا نَصِيبًا بَيْنَ إِخْوَتِنَا». فَأَعْطَاهُنَّ حَسَبَ قَوْلِ ٱلرَّبِّ نَصِيبًا بَيْنَ إِخْوَةِ أَبِيهِنَّ. | ٤ 4 |
ئۇلار كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئەمىرلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مۇساغا بىز توغرۇلۇق قېرىنداشلىرىمىز قاتارىدا مىراس بېرىشكە ئەمر قىلغانىدى، دېدى. شۇنى دېۋىدى، [يەشۇئا] پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا ئۇلارغا مىراس بەردى. |
فَأَصَابَ مَنَسَّى عَشَرُ حِصَصٍ، مَا عَدَا أَرْضَ جِلْعَادَ وَبَاشَانَ ٱلَّتِي فِي عَبْرِ ٱلْأُرْدُنِّ. | ٥ 5 |
بۇنىڭ بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گىلېئاد بىلەن باشان زېمىنلىرىدىن باشقا، ماناسسەھكە يەنە ئون ئۈلۈش يەر بېرىلدى. |
لِأَنَّ بَنَاتِ مَنَسَّى أَخَذْنَ نَصِيبًا بَيْنَ بَنِيهِ، وَكَانَتْ أَرْضُ جِلْعَادَ لِبَنِي مَنَسَّى ٱلْبَاقِينَ. | ٦ 6 |
چۈنكى ماناسسەھنىڭ قىزلىرى ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قاتارىدا مىراسقا ئىگە بولغانىدى؛ گىلېئاد زېمىنى ماناسسەھنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تەگكەنىدى. |
وَكَانَ تُخْمُ مَنَسَّى مِنْ أَشِيرَ إِلَى ٱلْمَكْمَتَةِ ٱلَّتِي مُقَابِلَ شَكِيمَ، وَٱمْتَدَّ ٱلتُّخْمُ نَحْوَ ٱلْيَمِينِ إِلَى سُكَّانِ عَيْنِ تَفُّوحَ. | ٧ 7 |
ماناسسەھنىڭ زېمىنىنىڭ چېگرىسى بولسا ئاشىردىن تارتىپ شەكەمنىڭ ئۇتتۇرىدىكى مىكمىتاتقا بېرىپ، ئاندىن جەنۇب تەرىپىگە قايرىلىپ، ئەن-تاپپۇئاھدا تۇرغۇچىلارنىڭ جايىغىچە تۇتىشاتتى. |
كَانَ لِمَنَسَّى أَرْضُ تَفُّوحَ. وَأَمَّا تَفُّوحُ إِلَى تُخْمِ مَنَسَّى هِيَ لِبَنِي أَفْرَايِمَ. | ٨ 8 |
چۈنكى تاپپۇئاھنىڭ زېمىنى بولسا ماناسسەھگە تەگكەنىدى؛ لېكىن ماناسسەھنىڭ چېگرىسىدىكى تاپپۇئاھ شەھىرى ئەفرائىمغا تەۋە ئىدى. |
وَنَزَلَ ٱلتُّخْمُ إِلَى وَادِي قَانَةَ جَنُوبِيَّ ٱلْوَادِي. هَذِهِ مُدُنُ أَفْرَايِمَ بَيْنَ مُدُنِ مَنَسَّى. وَتُخْمُ مَنَسَّى شِمَالِيُّ ٱلْوَادِي، وَكَانَتْ مَخَارِجُهُ عِنْدَ ٱلْبَحْرِ. | ٩ 9 |
چېگرىسى ئۇ يەردىن كاناھ ئېقىنىغا چۈشۈپ، جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپى بىلەن چىقتى. ئۇ يەردىكى شەھەرلەر بولسا ماناسسەھنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ، ئەفرائىمغا تەگدى. ماناسسەھنىڭ چېگرىسى جىلغىنىڭ شىمال تەرىپى بىلەن بېرىپ دېڭىزغا يېتىپ ئاخىرلىشاتتى. |
مِنَ ٱلْجَنُوبِ لِأَفْرَايِمَ، وَمِنَ ٱلشِّمَالِ لِمَنَسَّى. وَكَانَ ٱلْبَحْرُ تُخْمَهُ. وَوَصَلَ إِلَى أَشِيرَ شِمَالًا، وَإِلَى يَسَّاكَرَ نَحْوَ ٱلشُّرُوقِ. | ١٠ 10 |
جىلغىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى زېمىن ئەفرائىمغا، شىمال تەرىپىدىكى زېمىن ماناسسەھكە تەۋە ئىدى؛ غەرب تەرىپىنىڭ چېگرىسى دېڭىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمال تەرىپىدە ئاشىرنىڭ ئۈلۈشىگىچە يېتىپ، شەرق تەرىپى ئىسساكارنىڭ ئۈلۈشىگە تۇتاشقانىدى. |
وَكَانَ لِمَنَسَّى فِي يَسَّاكَرَ وَفِي أَشِيرَ بَيْتُ شَانَ وَقُرَاهَا، وَيَبْلَعَامُ وَقُرَاهَا، وَسُكَّانُ دُوَرٍ وَقُرَاهَا، وَسُكَّانُ عَيْنِ دُوَرٍ وَقُرَاهَا، وَسُكَّانُ تَعْنَكَ وَقُرَاهَا، وَسُكَّانُ مَجِدُّو وَقُرَاهَا ٱلْمُرْتَفَعَاتُ ٱلثَّلَاثُ. | ١١ 11 |
ماناسسەھكىمۇ ئىسساكار بىلەن ئاشىرنىڭ ئۈلۈشلىرى ئىچىدىن بەيت-شېئان ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، ئىبلېئام بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەر، دور ئاھالىسى بىلەن دورغا قاراشلىق كەنتلەر، ئەن-دور ئاھالىسى بىلەن ئەن-دورغا قاراشلىق كەنتلەر، تائاناق ئاھالىسى بىلەن تائاناققا قاراشلىق كەنتلەر ۋە مېگىددو ئاھالىسى بىلەن مېگىددوغا قاراشلىق كەنتلەر، يەنى «ئۈچ ئېگىزلىك» دېگەن يۇرت تەگدى. |
وَلَمْ يَقْدِرْ بَنُو مَنَسَّى أَنْ يَمْلِكُوا هَذِهِ ٱلْمُدُنَ، فَعَزَمَ ٱلْكَنْعَانِيُّونَ عَلَى ٱلسَّكَنِ فِي تِلْكَ ٱلْأَرْضِ. | ١٢ 12 |
لېكىن ماناسسەھ بۇ شەھەردىكىلەرنى قوغلىۋىتەلمىدى؛ قانائانىيلار شۇ يۇرتلاردا تۇرۇۋېرىشكە نىيەت باغلىغانىدى. |
وَكَانَ لَمَّا تَشَدَّدَ بَنُو إِسْرَائِيلَ أَنَّهُمْ جَعَلُوا ٱلْكَنْعَانِيِّينَ تَحْتَ ٱلْجِزْيَةِ، وَلَمْ يَطْرُدُوهُمْ طَرْدًا. | ١٣ 13 |
ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچەيگەچكە قانائانىيلارنى ئۆزلىرىگە ھاشارچى قىلىپ بېقىندۇردى، لېكىن ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن مۇتلەق قوغلىۋېتەلمىدى. |
وَكَلَّمَ بَنُو يُوسُفَ يَشُوعَ قَائِلِينَ: «لِمَاذَا أَعْطَيْتَنِي قُرْعَةً وَاحِدَةً وَحِصَّةً وَاحِدَةً نَصِيبًا وَأَنَا شَعْبٌ عَظِيمٌ، لِأَنَّهُ إِلَى ٱلْآنَ قَدْ بَارَكَنِيَ ٱلرَّبُّ؟» | ١٤ 14 |
يۈسۈپلەر بولسا يەشۇئاغا: ــ بىزلەر پەرۋەردىگار ھازىرغىچە شۇنداق بەرىكەتلەپ كەلگەن، چوڭ بىر خەلق تۇرساق، سەن نېمىشقا چەك تاشلاش بىلەن بىزگە پەقەت بىر ئۈلۈش مىراس، بىر پارچە يەرلا بەردىڭ؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُمْ يَشُوعُ: «إِنْ كُنْتَ شَعْبًا عَظِيمًا، فَٱصْعَدْ إِلَى ٱلْوَعْرِ وَٱقْطَعْ لِنَفْسِكَ هُنَاكَ فِي أَرْضِ ٱلْفِرِزِّيِّينَ وَٱلرَّفَائِيِّينَ، إِذَا ضَاقَ عَلَيْكَ جَبَلُ أَفْرَايِمَ». | ١٥ 15 |
يەشۇئا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر سىلەر چوڭ بىر خەلق بولساڭلار، ئەفرائىمنىڭ تاغلىق يۇرتى سىلەرگە تار كەلگەن بولسا، ئورمانغا بېرىپ ئۇ يەردىكى پەرىززىيلەر بىلەن [گىگانت] رەفايىيلار يۇرتىدا دەرەخلەرنى كېسىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بىر جاينى چىقىرىۋېلىڭلار، دېدى. |
فَقَالَ بَنُو يُوسُفَ: «لَا يَكْفِينَا ٱلْجَبَلُ. وَلِجَمِيعِ ٱلْكَنْعَانِيِّينَ ٱلسَّاكِنِينَ فِي أَرْضِ ٱلْوَادِي مَرْكَبَاتُ حَدِيدٍ. لِلَّذِينَ فِي بَيْتِ شَانٍ وَقُرَاهَا، وَلِلَّذِينَ فِي وَادِي يَزْرَعِيلَ». | ١٦ 16 |
لېكىن يۈسۈپلەر: ــ تاغلىق يۇرت بىزگە يەتمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىلغىدا تۇرۇۋاتقانلار، مەيلى بەيت-شېئاندا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەنتلەردە بولسۇن ياكى يىزرەئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان قانائانىيلار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۆمۈردىن جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىكەن، دېدى. |
فَكَلَّمَ يَشُوعُ بَيْتَ يُوسُفَ، أَفْرَايِمَ وَمَنَسَّى، قَائِلًا: «أَنْتَ شَعْبٌ عَظِيمٌ وَلَكَ قُوَّةٌ عَظِيمَةٌ، لَا تَكُونُ لَكَ قُرْعَةٌ وَاحِدَةٌ. | ١٧ 17 |
شۇنداق دېۋىدى، يەشۇئا يۈسۈپ جەمەتى بولغان ئەفرائىم بىلەن ماناسسەھگە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە چوڭ بىر خەلقسىلەر ۋە زور كۈچۈڭلار باردۇر؛ شۇڭا سىلەرگە پەقەت بىر ئۈلۈشلا مىراس بېرىلسە بولمايدۇ؛ |
بَلْ يَكُونُ لَكَ ٱلْجَبَلُ لِأَنَّهُ وَعْرٌ، فَتَقْطَعُهُ وَتَكُونُ لَكَ مَخَارِجُهُ. فَتَطْرُدُ ٱلْكَنْعَانِيِّينَ لِأَنَّ لَهُمْ مَرْكَبَاتِ حَدِيدٍ لِأَنَّهُمْ أَشِدَّاءُ». | ١٨ 18 |
ئاشۇ پۈتكۈل تاغلىق يۇرتمۇ سىلەرگە بېرىلىدۇ؛ گەرچە ئۇ ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى كېسىپ بوشىتىسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىغىمۇ ئىگە بولىسىلەر؛ قانائانىيلارنىڭ تۆمۈر جەڭ ھارۋىلىرى بار، شۇنداقلا كۈچلۈك بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىۋىتەلەيسىلەر، ــ دېدى. |