وَهَؤُلَاءِ هُمْ مُلُوكُ ٱلْأَرْضِ ٱلَّذِينَ ضَرَبَهُمْ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَٱمْتَلَكُوا أَرْضَهُمْ فِي عَبْرِ ٱلْأُرْدُنِّ نَحْوَ شُرُوقِ ٱلشَّمْسِ، مِنْ وَادِي أَرْنُونَ إِلَى جَبَلِ حَرْمُونَ وَكُلِّ ٱلْعَرَبَةِ نَحْوَ ٱلشُّرُوقِ: | ١ 1 |
ئىسرائىل ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىش تەرىپىدە [ئىككى] پادىشاھنى ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى، يەنى ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ھەرمون تاغلىقىغا تۇتاشقان زېمىن بىلەن شەرق تەرەپتىكى بارلىق ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى ئىگىلىدى. شۇ [ئىككى] پادىشاھلار بولسا: ــ |
سِيحُونُ مَلِكُ ٱلْأَمُورِيِّينَ ٱلسَّاكِنُ فِي حَشْبُونَ، ٱلْمُتَسَلِّطُ مِنْ عَرُوعِيرَ ٱلَّتِي عَلَى حَافَةِ وَادِي أَرْنُونَ وَوَسَطِ ٱلْوَادِي وَنِصْفِ جِلْعَادَ إِلَى وَادِي يَبُّوقَ تُخُومِ بَنِي عَمُّونَ | ٢ 2 |
[بىرسى] ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھون؛ ئۇ ئاروئەر (ئاروئەر ئارنون دەرياسىنىڭ بويىدا) ۋە ئارنون جىلغىسىدىكى شەھەردىن تارتىپ، گىلېئادنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياببوك دەرياسىغىچە (بۇ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى ئىدى) بولغان يەرلەردە سەلتەنەت قىلاتتى؛ |
وَٱلْعَرَبَةِ إِلَى بَحْرِ كِنَّرُوتَ نَحْوَ ٱلشُّرُوقِ، وَإِلَى بَحْرِ ٱلْعَرَبَةِ (بَحْرِ ٱلْمِلْحِ) نَحْوَ ٱلشُّرُوقِ، طَرِيقِ بَيْتِ يَشِيمُوتَ، وَمِنَ ٱلتَّيْمَنِ تَحْتَ سُفُوحِ ٱلْفِسْجَةِ. | ٣ 3 |
ئۇ سەلتەنەت قىلغان زېمىن يەنە شەرق تەرەپتىكى كىننەروت دېڭىزىدىن تارتىپ ئاراباھ دېڭىزىغىچە، يەنى شور دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، شۇنداقلا شەرق تەرەپتىكى بەيت-يەشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇب تەرىپىدە پىسگاھ تېغىنىڭ داۋانلىرىنىڭ چېتىگىچە سوزۇلغان زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. |
وَتُخُومُ عُوجٍ مَلِكِ بَاشَانَ مِنْ بَقِيَّةِ ٱلرَّفَائِيِّينَ ٱلسَّاكِنِ فِي عَشْتَارُوثَ وَفِي إِذْرَعِي، | ٤ 4 |
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىل باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئالدى؛ ئۇ رەفايىيلار [دېيىلىدىغان گىگانتلارنىڭ] قالدۇقىدىن بىرى ئىدى (ئۇلار ئاشتاروت ۋە ئەدرەيدە تۇراتتى). |
وَٱلْمُتَسَلِّطِ عَلَى جَبَلِ حَرْمُونَ وَسَلْخَةَ وَعَلَى كُلِّ بَاشَانَ إِلَى تُخْمِ ٱلْجَشُورِيِّينَ وَٱلْمَعْكِيِّينَ وَنِصْفِ جِلْعَادَ، تُخُومِ سِيحُونَ مَلِكِ حَشْبُونَ. | ٥ 5 |
ئۇ ھەرمون تېغىدىكى يۇرتلارغا، سالكاھ ۋە پۈتكۈل باشان زېمىنىغا، يەنى گەشۇرىيلار بىلەن مائاكاتىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە، شۇنىڭدەك گىلېئادنىڭ يېرىمىغا، تاكى ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ چېگرىسىغىچە سەلتەنەت قىلاتتى. |
مُوسَى عَبْدُ ٱلرَّبِّ وَبَنُو إِسْرَائِيلَ ضَرَبُوهَا. وَأَعْطَاهَا مُوسَى عَبْدُ ٱلرَّبِّ مِيرَاثًا لِلرَّأُوبَيْنِيِّينَ وَٱلْجَادِيِّينَ وَلِنِصْفِ سِبْطِ مَنَسَّى. | ٦ 6 |
پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى بولغان مۇسا بىلەن ئىسرائىللار بۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغانىدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى مۇسا شۇ زېمىننى رۇبەنلەرگە، گادلارغا ۋە ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە مىراس قىلىپ بەرگەنىدى. |
وَهَؤُلَاءِ هُمْ مُلُوكُ ٱلْأَرْضِ ٱلَّذِينَ ضَرَبَهُمْ يَشُوعُ وَبَنُو إِسْرَائِيلَ فِي عَبْرِ ٱلْأُرْدُنِّ غَرْبًا، مِنْ بَعْلِ جَادَ فِي بُقْعَةِ لُبْنَانَ إِلَى ٱلْجَبَلِ ٱلْأَقْرَعِ ٱلصَّاعِدِ إِلَى سَعِيرَ. وَأَعْطَاهَا يَشُوعُ لِأَسْبَاطِ إِسْرَائِيلَ مِيرَاثًا حَسَبَ فِرَقِهِمْ، | ٧ 7 |
تۆۋەندىكىلەر يەشۇئا بىلەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەرب تەرىپىدە ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرى لىۋان جىلغىسىدىكى بائال-گادتىن تارتىپ، سېئىرنىڭ داۋانلىرىنىڭ يېنىدىكى ھالاك تېغىغىچە بولغان زېمىنلاردىن ئىبارەت ئىدى. يەشۇئا بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىلنىڭ قوشۇن-قەبىلىلىرى بويىچە ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەردى، |
فِي ٱلْجَبَلِ وَٱلسَّهْلِ وَٱلْعَرَبَةِ وَٱلسُّفُوحِ وَٱلْبَرِّيَّةِ وَٱلْجَنُوبِ: ٱلْحِثِّيُّونَ وَٱلْأَمُورِيُّونَ وَٱلْكَنْعَانِيُّونَ وَٱلْفَرِزِّيُّونَ وَٱلْحِوِّيُّونَ وَٱلْيَبُوسِيُّونَ. | ٨ 8 |
جۈملىدىن تاغلىق يۇرتنى، شەفەلاھ ئويمانلىقىنى، ئاراباھ تۈزلەڭلىكىنى، ئېگىزلىكتىكى داۋانلارنى، چۆللۈكنى ۋە جەنۇبتىكى نەگەۋ زېمىنىنى، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، قانائانىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنلىرىنى بۆلۈپ بەردى: ــ |
مَلِكُ أَرِيحَا وَاحِدٌ. مَلِكُ عَايَ ٱلَّتِي بِجَانِبِ بَيْتِ إِيلَ وَاحِدٌ. | ٩ 9 |
ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بىرى يېرىخونىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ يېنىدىكى ئايىنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ أُورُشَلِيمَ وَاحِدٌ. مَلِكُ حَبْرُونَ وَاحِدٌ. | ١٠ 10 |
بىرى يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى، بىرى ھېبروننىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ يَرْمُوتَ وَاحِدٌ. مَلِكُ لَخِيشَ وَاحِدٌ. | ١١ 11 |
بىرى يارمۇتنىڭ پادىشاھى، بىرى لاقىشنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ عَجْلُونَ وَاحِدٌ. مَلِكُ جَازَرَ وَاحِدٌ. | ١٢ 12 |
بىرى ئەگلوننىڭ پادىشاھى، بىرى گەزەرنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ دَبِيرَ وَاحِدٌ. مَلِكُ جَادَرَ وَاحِدٌ. | ١٣ 13 |
بىرى دەبىرنىڭ پادىشاھى، بىرى گەدەرنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ حُرْمَةَ وَاحِدٌ. مَلِكُ عِرَادَ وَاحِدٌ. | ١٤ 14 |
بىرى خورماھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئارادنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ لِبْنَةَ وَاحِدٌ. مَلِكُ عَدُلَّاَمَ وَاحِدٌ. | ١٥ 15 |
بىرى لىبناھنىڭ پادىشاھى، بىرى ئادۇللامنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ مَقِّيدَةَ وَاحِدٌ. مَلِكُ بَيْتِ إِيلَ وَاحِدٌ. | ١٦ 16 |
بىرى ماككەداھنىڭ پادىشاھى، بىرى بەيت-ئەلنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ تَفُّوحَ وَاحِدٌ. مَلِكُ حَافَرَ وَاحِدٌ. | ١٧ 17 |
بىرى تاپپۇئاھنىڭ پادىشاھى، بىرى ھەفەرنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ أَفِيقَ وَاحِدٌ. مَلِكُ لَشَّارُونَ وَاحِدٌ. | ١٨ 18 |
بىرى ئافەكنىڭ پادىشاھى، بىرى لاشاروننىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ مَادُونَ وَاحِدٌ. مَلِكُ حَاصُورَ وَاحِدٌ. | ١٩ 19 |
بىرى مادوننىڭ پادىشاھى، بىرى ھازورنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ شِمْرُونَ مَرَأُونَ وَاحِدٌ. مَلِكُ أَكْشَافَ وَاحِدٌ. | ٢٠ 20 |
بىرى شىمرون-مەروننىڭ پادىشاھى، بىرى ئاقسافنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ تَعْنَكَ وَاحِدٌ. مَلِكُ مَجِدُّو وَاحِدٌ. | ٢١ 21 |
بىرى تائاناقنىڭ پادىشاھى، بىرى مەگىددونىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ قَادَشَ وَاحِدٌ. مَلِكُ يَقْنَعَامَ فِي كَرْمَلَ وَاحِدٌ. | ٢٢ 22 |
بىرى كەدەشنىڭ پادىشاھى، بىرى كارمەلنىڭ يېنىدىكى يوكنېئامنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ دُوَرٍ فِي مُرْتَفَعَاتِ دُوَرٍ وَاحِدٌ. مَلِكُ جُويِيمَ فِي ٱلْجِلْجَالِ وَاحِدٌ. | ٢٣ 23 |
بىرى دور ئېگىزلىكىدىكى دورنىڭ پادىشاھى، بىرى گويىمنىڭ پادىشاھى، |
مَلِكُ تِرْصَةَ وَاحِدٌ. جَمِيعُ ٱلْمُلُوكِ وَاحِدٌ وَثَلَاثُونَ. | ٢٤ 24 |
بىرى تىرزاھنىڭ پادىشاھى بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز بىر پادىشاھ ئىدى. |