كَانَ إِنْسَانٌ مِنَ ٱلْفَرِّيسِيِّينَ ٱسْمُهُ نِيقُودِيمُوسُ، رَئِيسٌ لِلْيَهُودِ. | ١ 1 |
يەھۇدىيلار [كېڭەشمىسىنىڭ] پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى. |
هَذَا جَاءَ إِلَى يَسُوعَ لَيْلًا وَقَالَ لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، نَعْلَمُ أَنَّكَ قَدْ أَتَيْتَ مِنَ ٱللهِ مُعَلِّمًا، لِأَنْ لَيْسَ أَحَدٌ يَقْدِرُ أَنْ يَعْمَلَ هَذِهِ ٱلْآيَاتِ ٱلَّتِي أَنْتَ تَعْمَلُ إِنْ لَمْ يَكُنِ ٱللهُ مَعَهُ». | ٢ 2 |
بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، سېنىڭ خۇدادىن كەلگەن تەلىم بەرگۈچى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمىز. چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولمىسا، ھېچكىمنىڭ سەن كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ــ دېدى. |
أَجَابَ يَسُوعُ وَقَالَ لَهُ: «ٱلْحَقَّ ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكَ: إِنْ كَانَ أَحَدٌ لَا يُولَدُ مِنْ فَوْقُ لَا يَقْدِرُ أَنْ يَرَى مَلَكُوتَ ٱللهِ». | ٣ 3 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھېچكىم يۇقىرىدىن تۇغۇلمىغىچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەس! ــ دېدى. |
قَالَ لَهُ نِيقُودِيمُوسُ: «كَيْفَ يُمْكِنُ ٱلْإِنْسَانَ أَنْ يُولَدَ وَهُوَ شَيْخٌ؟ أَلَعَلَّهُ يَقْدِرُ أَنْ يَدْخُلَ بَطْنَ أُمِّهِ ثَانِيَةً وَيُولَدَ؟». | ٤ 4 |
نىكودىم: ــ ئادەم قېرىغىنىدا قانداقمۇ قايتىدىن تۇغۇلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا قايتا كىرىپ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟! ــ دەپ سورىدى. |
أَجَابَ يَسُوعُ: «ٱلْحَقَّ ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكَ: إِنْ كَانَ أَحَدٌ لَا يُولَدُ مِنَ ٱلْمَاءِ وَٱلرُّوحِ لَا يَقْدِرُ أَنْ يَدْخُلَ مَلَكُوتَ ٱللهِ. | ٥ 5 |
ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھەم سۇدىن، ھەم روھتىن تۇغۇلمىغىچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەس! |
اَلْمَوْلُودُ مِنَ ٱلْجَسَدِ جَسَدٌ هُوَ، وَٱلْمَوْلُودُ مِنَ ٱلرُّوحِ هُوَ رُوحٌ. | ٦ 6 |
ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. |
لَا تَتَعَجَّبْ أَنِّي قُلْتُ لَكَ: يَنْبَغِي أَنْ تُولَدُوا مِنْ فَوْقُ. | ٧ 7 |
ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما. |
اَلرِّيحُ تَهُبُّ حَيْثُ تَشَاءُ، وَتَسْمَعُ صَوْتَهَا، لَكِنَّكَ لَا تَعْلَمُ مِنْ أَيْنَ تَأْتِي وَلَا إِلَى أَيْنَ تَذْهَبُ. هَكَذَا كُلُّ مَنْ وُلِدَ مِنَ ٱلرُّوحِ». | ٨ 8 |
شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر. |
أَجَابَ نِيقُودِيمُوسُ وَقَالَ لَهُ: «كَيْفَ يُمْكِنُ أَنْ يَكُونَ هَذَا؟». | ٩ 9 |
نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا: ــ بۇ ئىشلار قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ ــ دېدى. |
أَجَابَ يَسُوعُ وَقَالَ لَهُ: «أَنْتَ مُعَلِّمُ إِسْرَائِيلَ وَلَسْتَ تَعْلَمُ هَذَا! | ١٠ 10 |
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئىسرائىلنىڭ ئۆلىماسى تۇرۇپ، بۇنىمۇ بىلمەمسەن؟ |
اَلْحَقَّ ٱلْحَقَّ أَقُولُ لَكَ: إِنَّنَا إِنَّمَا نَتَكَلَّمُ بِمَا نَعْلَمُ وَنَشْهَدُ بِمَا رَأَيْنَا، وَلَسْتُمْ تَقْبَلُونَ شَهَادَتَنَا. | ١١ 11 |
بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر. |
إِنْ كُنْتُ قُلْتُ لَكُمُ ٱلْأَرْضِيَّاتِ وَلَسْتُمْ تُؤْمِنُونَ، فَكَيْفَ تُؤْمِنُونَ إِنْ قُلْتُ لَكُمُ ٱلسَّمَاوِيَّاتِ؟ | ١٢ 12 |
سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ |
وَلَيْسَ أَحَدٌ صَعِدَ إِلَى ٱلسَّمَاءِ إِلَّا ٱلَّذِي نَزَلَ مِنَ ٱلسَّمَاءِ، ٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ ٱلَّذِي هُوَ فِي ٱلسَّمَاءِ. | ١٣ 13 |
ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. |
«وَكَمَا رَفَعَ مُوسَى ٱلْحَيَّةَ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ هَكَذَا يَنْبَغِي أَنْ يُرْفَعَ ٱبْنُ ٱلْإِنْسَانِ، | ١٤ 14 |
مۇسا چۆلدە [تۇچ] يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. |
لِكَيْ لَا يَهْلِكَ كُلُّ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ بَلْ تَكُونُ لَهُ ٱلْحَيَاةُ ٱلْأَبَدِيَّةُ. (aiōnios g166) | ١٥ 15 |
شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». (aiōnios g166) |
لِأَنَّهُ هَكَذَا أَحَبَّ ٱللهُ ٱلْعَالَمَ حَتَّى بَذَلَ ٱبْنَهُ ٱلْوَحِيدَ، لِكَيْ لَا يَهْلِكَ كُلُّ مَنْ يُؤْمِنُ بِهِ، بَلْ تَكُونُ لَهُ ٱلْحَيَاةُ ٱلْأَبَدِيَّةُ. (aiōnios g166) | ١٦ 16 |
چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. (aiōnios g166) |
لِأَنَّهُ لَمْ يُرْسِلِ ٱللهُ ٱبْنَهُ إِلَى ٱلْعَالَمِ لِيَدِينَ ٱلْعَالَمَ، بَلْ لِيَخْلُصَ بِهِ ٱلْعَالَمُ. | ١٧ 17 |
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. |
اَلَّذِي يُؤْمِنُ بِهِ لَا يُدَانُ، وَٱلَّذِي لَا يُؤْمِنُ قَدْ دِينَ، لِأَنَّهُ لَمْ يُؤْمِنْ بِٱسْمِ ٱبْنِ ٱللهِ ٱلْوَحِيدِ. | ١٨ 18 |
كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. |
وَهَذِهِ هِيَ ٱلدَّيْنُونَةُ: إِنَّ ٱلنُّورَ قَدْ جَاءَ إِلَى ٱلْعَالَمِ، وَأَحَبَّ ٱلنَّاسُ ٱلظُّلْمَةَ أَكْثَرَ مِنَ ٱلنُّورِ، لِأَنَّ أَعْمَالَهُمْ كَانَتْ شِرِّيرَةً. | ١٩ 19 |
ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. |
لِأَنَّ كُلَّ مَنْ يَعْمَلُ ٱلسَّيِّآتِ يُبْغِضُ ٱلنُّورَ، وَلَا يَأْتِي إِلَى ٱلنُّورِ لِئَلَّا تُوَبَّخَ أَعْمَالُهُ. | ٢٠ 20 |
چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛ |
وَأَمَّا مَنْ يَفْعَلُ ٱلْحَقَّ فَيُقْبِلُ إِلَى ٱلنُّورِ، لِكَيْ تَظْهَرَ أَعْمَالُهُ أَنَّهَا بِٱللهِ مَعْمُولَةٌ». | ٢١ 21 |
لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ. |
وَبَعْدَ هَذَا جَاءَ يَسُوعُ وَتَلَامِيذُهُ إِلَى أَرْضِ ٱلْيَهُودِيَّةِ، وَمَكَثَ مَعَهُمْ هُنَاكَ، وَكَانَ يُعَمِّدُ. | ٢٢ 22 |
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. |
وَكَانَ يُوحَنَّا أَيْضًا يُعَمِّدُ فِي عَيْنِ نُونٍ بِقُرْبِ سَالِيمَ، لِأَنَّهُ كَانَ هُنَاكَ مِيَاهٌ كَثِيرَةٌ، وَكَانُوا يَأْتُونَ وَيَعْتَمِدُونَ. | ٢٣ 23 |
شۇ چاغدا يەھيا [پەيغەمبەرمۇ] سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى |
لِأَنَّهُ لَمْ يَكُنْ يُوحَنَّا قَدْ أُلْقِيَ بَعْدُ فِي ٱلسِّجْنِ. | ٢٤ 24 |
(چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى). |
وَحَدَثَتْ مُبَاحَثَةٌ مِنْ تَلَامِيذِ يُوحَنَّا مَعَ يَهُودٍ مِنْ جِهَةِ ٱلتَّطْهِيرِ. | ٢٥ 25 |
[شۇ ۋاقىتلاردا] يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى. |
فَجَاءُوا إِلَى يُوحَنَّا وَقَالُوا لَهُ: «يَا مُعَلِّمُ، هُوَذَا ٱلَّذِي كَانَ مَعَكَ فِي عَبْرِ ٱلْأُرْدُنِّ، ٱلَّذِي أَنْتَ قَدْ شَهِدْتَ لَهُ، هُوَ يُعَمِّدُ، وَٱلْجَمِيعُ يَأْتُونَ إِلَيْهِ». | ٢٦ 26 |
ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ ئۇستاز، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سەن بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزۈڭ [تەرىپلەپ] گۇۋاھلىق بەرگەن ھېلىقى كىشى مانا ھازىر ئۆزى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ، ۋە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېنىغا كېتىشىۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
أجَابَ يُوحَنَّا وَقَالَ: «لَا يَقْدِرُ إِنْسَانٌ أَنْ يَأْخُذَ شَيْئًا إِنْ لَمْ يَكُنْ قَدْ أُعْطِيَ مِنَ ٱلسَّمَاءِ. | ٢٧ 27 |
يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەگەر ئۇنىڭغا ئەرشتىن ئاتا قىلىنمىغان بولسا، ئىنسان ھېچنەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. |
أَنْتُمْ أَنْفُسُكُمْ تَشْهَدُونَ لِي أَنِّي قُلْتُ: لَسْتُ أَنَا ٱلْمَسِيحَ بَلْ إِنِّي مُرْسَلٌ أَمَامَهُ. | ٢٨ 28 |
مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. |
مَنْ لَهُ ٱلْعَرُوسُ فَهُوَ ٱلْعَرِيسُ، وَأَمَّا صَدِيقُ ٱلْعَرِيسِ ٱلَّذِي يَقِفُ وَيَسْمَعُهُ فَيَفْرَحُ فَرَحًا مِنْ أَجْلِ صَوْتِ ٱلْعَرِيسِ. إِذًا فَرَحِي هَذَا قَدْ كَمَلَ. | ٢٩ 29 |
كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. |
يَنْبَغِي أَنَّ ذَلِكَ يَزِيدُ وَأَنِّي أَنَا أَنْقُصُ. | ٣٠ 30 |
ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر. |
اَلَّذِي يَأْتِي مِنْ فَوْقُ هُوَ فَوْقَ ٱلْجَمِيعِ، وَٱلَّذِي مِنَ ٱلْأَرْضِ هُوَ أَرْضِيٌّ، وَمِنَ ٱلْأَرْضِ يَتَكَلَّمُ. اَلَّذِي يَأْتِي مِنَ ٱلسَّمَاءِ هُوَ فَوْقَ ٱلْجَمِيعِ، | ٣١ 31 |
ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ |
وَمَا رَآهُ وَسَمِعَهُ بِهِ يَشْهَدُ، وَشَهَادَتُهُ لَيْسَ أَحَدٌ يَقْبَلُهَا. | ٣٢ 32 |
ئۆزىنىڭ [ئەرشتە] كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. |
وَمَنْ قَبِلَ شَهَادَتَهُ فَقَدْ خَتَمَ أَنَّ ٱللهَ صَادِقٌ، | ٣٣ 33 |
[ھالبۇكى]، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ. |
لِأَنَّ ٱلَّذِي أَرْسَلَهُ ٱللهُ يَتَكَلَّمُ بِكَلَامِ ٱللهِ. لِأَنَّهُ لَيْسَ بِكَيْلٍ يُعْطِي ٱللهُ ٱلرُّوحَ. | ٣٤ 34 |
چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى [ئۇنىڭغا] ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس. |
اَلْآبُ يُحِبُّ ٱلِٱبْنَ وَقَدْ دَفَعَ كُلَّ شَيْءٍ فِي يَدِهِ. | ٣٥ 35 |
ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. |
ٱلَّذِي يُؤْمِنُ بِٱلِٱبْنِ لَهُ حَيَاةٌ أَبَدِيَّةٌ، وَٱلَّذِي لَا يُؤْمِنُ بِٱلِٱبْنِ لَنْ يَرَى حَيَاةً بَلْ يَمْكُثُ عَلَيْهِ غَضَبُ ٱللهِ». (aiōnios g166) | ٣٦ 36 |
ئوغۇلغا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. لېكىن ئوغۇلغا ئىتائەت قىلمىغۇچى ھاياتنى ھېچ كۆرمەيدۇ، بەلكى خۇدانىڭ غەزىپى شۇنداقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. (aiōnios g166) |