اِضْرِبُوا بِٱلْبُوقِ فِي صِهْيَوْنَ. صَوِّتُوا فِي جَبَلِ قُدْسِي! لِيَرْتَعِدْ جَمِيعُ سُكَّانِ ٱلْأَرْضِ لِأَنَّ يَوْمَ ٱلرَّبِّ قَادِمٌ، لِأَنَّهُ قَرِيبٌ: | ١ 1 |
زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، مۇقەددەس تېغىمدا ئاگاھ سىگنالىنى ئاڭلىتىڭلار؛ زېمىندا تۇرغۇچى ھەممەيلەن دىر-دىر تىترىسۇن؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ، ئۇ يېقىندىدۇر. |
يَوْمُ ظَلَامٍ وَقَتَامٍ، يَوْمُ غَيْمٍ وَضَبَابٍ، مِثْلَ ٱلْفَجْرِ مُمْتَدًّا عَلَى ٱلْجِبَالِ. شَعْبٌ كَثِيرٌ وَقَوِيٌّ لَمْ يَكُنْ نَظِيرُهُ مُنْذُ ٱلْأَزَلِ، وَلَا يَكُونُ أَيْضًا بَعْدَهُ إِلَى سِنِي دَوْرٍ فَدَوْرٍ. | ٢ 2 |
ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، ــ تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ. |
قُدَّامَهُ نَارٌ تَأْكُلُ، وَخَلْفَهُ لَهِيبٌ يَحْرِقُ. ٱلْأَرْضُ قُدَّامَهُ كَجَنَّةِ عَدْنٍ وَخَلْفَهُ قَفْرٌ خَرِبٌ، وَلَا تَكُونُ مِنْهُ نَجَاةٌ. | ٣ 3 |
ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرگۈچى ئوت ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ كەينىدە بولسا بىر يالقۇن كۆيدۈرۈپ ئۆتىدۇ؛ كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن «ئېرەن باغچىسى»دەك، بىراق ئۇلارنىڭ تاپىنى تەگكەندىن كېيىن گۈل-گىياھسىز چۆل-باياۋان بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلاردىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. |
كَمَنْظَرِ ٱلْخَيْلِ مَنْظَرُهُ، وَمِثْلَ ٱلْأَفْرَاسِ يَرْكُضُونَ. | ٤ 4 |
ئۇلارنىڭ قىياپىتى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئاتلىق لەشكەردەك چاپىدۇ. |
كَصَرِيفِ ٱلْمَرْكَبَاتِ عَلَى رُؤُوسِ ٱلْجِبَالِ يَثِبُونَ. كَزَفِيرِ لَهِيبِ نَارٍ تَأْكُلُ قَشًّا. كَقَوْمٍ أَقْوِيَاءَ مُصْطَفِّينَ لِلْقِتَالِ. | ٥ 5 |
جەڭ ھارۋىلىرى گۈلدۈرلىگەندەك سادا بىلەن ئۇلار تاغ چوققىلىرىدىن سەكرەپ ئۆتىدۇ؛ پاخالنى پاراسلاپ كۆيدۈرگەن ئوت ئاۋازىدەك تاراسلاپ ماڭىدۇ، دەبدەبىلىك سەپ تۈزەپ تۇرغان كۈچلۈك قوشۇندەك يۈرىدۇ، |
مِنْهُ تَرْتَعِدُ ٱلشُّعُوبِ. كُلُّ ٱلْوُجُوهِ تَجْمَعُ حُمْرَةً. | ٦ 6 |
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەللەر قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ھەممە چىراي تاتىرىپ كېتىدۇ. |
يَجْرُونَ كَأَبْطَالٍ. يَصْعَدُونَ ٱلسُّورَ كَرِجَالِ ٱلْحَرْبِ، وَيَمْشُونَ كُلُّ وَاحِدٍ فِي طَرِيقِهِ، وَلَا يُغَيِّرُونَ سُبُلَهُمْ. | ٧ 7 |
ئۇلار پالۋانلاردەك يۈگۈرىدۇ؛ جەڭچىلەردەك سېپىلدىن ئارتىلىپ ئۆتىدۇ؛ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ؛ سەپلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ. |
وَلَا يُزَاحِمُ بَعْضُهُمْ بَعْضًا. يَمْشُونَ كُلُّ وَاحِدٍ فِي سَبِيلِهِ، وَبَيْنَ ٱلْأَسْلِحَةِ يَقَعُونَ وَلَا يَنْكَسِرُونَ. | ٨ 8 |
ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشىنى قىستىمايدۇ؛ ھەرقايسىسى ئۆز يولىدا ماڭىدۇ؛ قوراللارغا ئېتىلسىمۇ، يارىلانماي ئۆتۈپ ماڭىدۇ؛ |
يَتَرَاكَضُونَ فِي ٱلْمَدِينَةِ. يَجْرُونَ عَلَى ٱلسُّورِ. يَصْعَدُونَ إِلَى ٱلْبُيُوتِ. يَدْخُلُونَ مِنَ ٱلْكُوَى كَٱللِّصِّ. | ٩ 9 |
شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە چېپىشىدۇ؛ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ؛ ئۆيلەرگە يامىشىپ چىقىدۇ؛ دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. |
قُدَّامَهُ تَرْتَعِدُ ٱلْأَرْضُ وَتَرْجُفُ ٱلسَّمَاءُ. اَلشَّمْسُ وَٱلْقَمَرُ يُظْلِمَانِ، وَٱلنُّجُومُ تَحْجُزُ لَمَعَانَهَا. | ١٠ 10 |
ئۇلار ئالدىدا يەر-زېمىننى تىترەك باسىدۇ، ئاسمانلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ قۇياش ھەم ئاي قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار جۇلاسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. |
وَٱلرَّبُّ يُعْطِي صَوْتَهُ أَمَامَ جَيْشِهِ. إِنَّ عَسْكَرَهُ كَثِيرٌ جِدًّا. فَإِنَّ صَانِعَ قَوْلِهِ قَوِيٌّ، لِأَنَّ يَوْمَ ٱلرَّبِّ عَظِيمٌ وَمَخُوفٌ جِدًّا، فَمَنْ يُطِيقُهُ؟ | ١١ 11 |
پەرۋەردىگار ئۆز قوشۇنى ئالدىدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارگاھى پايانسىزدۇر؛ ئۇنىڭ سۆزىنى ئورۇنلىغۇچى كۈچلۈكتۇر؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى ئۇلۇغ، ئىنتايىن دەھشەتلىكتۇر؛ كىم ئۇنى كۆتۈرەلىسۇن؟ |
«وَلَكِنِ ٱلْآنَ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، ٱرْجِعُوا إِلَيَّ بِكُلِّ قُلُوبِكُمْ، وَبِٱلصَّوْمِ وَٱلْبُكَاءِ وَٱلنَّوْحِ. | ١٢ 12 |
بىراق ھەتتا ھازىرمۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چىن كۆڭلۈڭلەر بىلەن، روزىلار بىلەن، يىغىلار بىلەن ماتەم تۇتۇپ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار؛ |
وَمَزِّقُوا قُلُوبَكُمْ لَا ثِيَابَكُمْ». وَٱرْجِعُوا إِلَى ٱلرَّبِّ إِلَهِكُمْ لِأَنَّهُ رَؤُوفٌ رَحِيمٌ، بَطِيءُ ٱلْغَضَبِ وَكَثِيرُ ٱلرَّأْفَةِ وَيَنْدَمُ عَلَى ٱلشَّرِّ. | ١٣ 13 |
كىيىم-كېچىكىڭلارنى ئەمەس، بەلكى يۈرەك-باغرىڭلارنى تىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىڭلار؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر، يامانلىقتىن يانىدىغان [خۇدا]دۇر. |
لَعَلَّهُ يَرْجِعُ وَيَنْدَمُ، فَيُبْقِيَ وَرَاءَهُ بَرَكَةَ، تَقْدِمَةٍ وَسَكِيبًا لِلرَّبِّ إِلَهِكُمْ. | ١٤ 14 |
كىم بىلىدۇ، ئۇ جازالاشتىن يېنىپ، رەھىم قىلىپ بىرەر بەرىكەتنى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا سۇنغۇدەك بىرەر «ئاشلىق ھەدىيە» ھەم «شاراب ھەدىيە»نى قالدۇرۇپ كېتەمدۇ تېخى؟ |
اِضْرِبُوا بِٱلْبُوقِ فِي صِهْيَوْنَ. قَدِّسُوا صَوْمًا. نَادُوا بِٱعْتِكَافٍ. | ١٥ 15 |
زىئون تېغىدا كاناي چېلىڭلار، «روزا تۇتايلى» دەپ [خۇداغا] مەخسۇس بىر مەزگىلنى ئايرىڭلار، جامائەتكە مەخسۇس يىغىلىمىز، دەپ جاكارلاڭلار؛ |
اِجْمَعُوا ٱلشَّعْبَ. قَدِّسُوا ٱلْجَمَاعَةَ. ٱحْشُدُوا ٱلشُّيُوخَ. ٱجْمَعُوا ٱلْأَطْفَالَ وَرَاضِعِي ٱلثُّدِيِّ. لِيَخْرُجِ ٱلْعَرِيسُ مِنْ مِخْدَعِهِ وَٱلْعَرُوسُ مِنْ حَجَلَتِهَا. | ١٦ 16 |
ئەلنى يىغىڭلار، جامائەتنى پاكلاندۇرۇڭلار، ئاقساقاللارنى جەم قىلىڭلار، بالىلارنى، ئېمىۋاتقانلارنىمۇ يىغىڭلار؛ توي قىلىۋاتقان يىگىت ئۆز ئۆيىدىن، ياتلىق بولىدىغان قىز ھۇجرىسىدىن چىقسۇن؛ |
لِيَبْكِ ٱلْكَهَنَةُ خُدَّامُ ٱلرَّبِّ بَيْنَ ٱلرِّواقِ وَٱلْمَذْبَحِ، وَيَقُولُوا: «ٱشْفِقْ يَارَبُّ عَلَى شَعْبِكَ، وَلَا تُسَلِّمْ مِيرَاثَكَ لِلْعَارِ حَتَّى تَجْعَلَهُمُ ٱلْأُمَمُ مَثَلًا. لِمَاذَا يَقُولُونَ بَيْنَ ٱلشُّعُوبِ: أَيْنَ إِلَهُهُمْ؟». | ١٧ 17 |
كاھىنلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئايۋان بىلەن قۇربانگاھ ئوتتۇرىسىدا يىغا-زار كۆتۈرسۇن، ئۇلار ئېيتسۇنكى، «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە ئىچىڭنى ئاغرىتقايسەن، ئۆز مىراسىڭنى خورلۇقتىن ساقلاپ، ئۇلارنى ئەللەرگە سۆز-چۆچەك بولۇشقا قويمىغايسەن؛ ئەل-يۇرتلار ئارىسىدا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قېنى؟» دېيىلمىسۇن». |
فَيَغَارُ ٱلرَّبُّ لِأَرْضِهِ وَيَرِقُّ لِشَعْبِهِ. | ١٨ 18 |
ئاندىن پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئوتلۇق مۇھەببىتىنى، ئۆز خەلقىگە رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتتى؛ |
وَيُجِيبُ ٱلرَّبُّ وَيَقُولُ لِشَعْبِهِ: «هَأَنَذَا مُرْسِلٌ لَكُمْ قَمْحًا وَمِسْطَارًا وَزَيْتًا لِتَشْبَعُوا مِنْهَا، وَلَا أَجْعَلُكُمْ أَيْضًا عَارًا بَيْنَ ٱلْأُمَمِ. | ١٩ 19 |
پەرۋەردىگار جاۋابەن ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: ــ «مانا، مەن سىلەرگە بۇغداي، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى ئەۋەتىمەن، سىلەر بۇلاردىن قاندۇرۇلىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە قىلىپ قويمايمەن؛ |
وَٱلشِّمَالِيُّ أُبْعِدُهُ عَنْكُمْ، وَأَطْرُدُهُ إِلَى أَرْضٍ نَاشِفَةٍ وَمُقْفِرَةٍ. مُقَدَّمَتُهُ إِلَى ٱلْبَحْرِ ٱلشَّرْقِيِّ، وَسَاقَتُهُ إِلَى ٱلْبَحْرِ ٱلْغَرْبِيِّ، فَيَصْعَدُ نَتَنُهُ، وَتَطْلُعُ زُهْمَتُهُ، لِأَنَّهُ قَدْ تَصَلَّفَ فِي عَمَلِهِ». | ٢٠ 20 |
ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ. |
لَا تَخَافِي أَيَّتُهَا ٱلْأَرْضُ. ٱبْتَهِجِي وَٱفْرَحِي لِأَنَّ ٱلرَّبَّ يُعَظِّمُ عَمَلَهُ. | ٢١ 21 |
قورقما، ئى زېمىن؛ شادلىنىپ خۇشال بول؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان. |
لَا تَخَافِي يَا بَهَائِمَ ٱلصَّحْرَاءِ، فَإِنَّ مَرَاعِيَ ٱلْبَرِّيَّةِ تَنْبُتُ، لِأَنَّ ٱلْأَشْجَارَ تَحْمِلُ ثَمَرَهَا، ٱلتِّينَةُ وَٱلْكَرْمَةُ تُعْطِيَانِ قُوَّتَهُمَا. | ٢٢ 22 |
ئى دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار؛ چۈنكى چۆللۈكتىكى ئوت-چۆپلەر بەرق ئۇرماقتا؛ دەرەخ مېۋىسىنى بەرمەكتە، ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تېلى تولۇق ھوسۇل بېرىدۇ. |
وَيَا بَنِي صِهْيَوْنَ، ٱبْتَهِجُوا وَٱفْرَحُوا بِٱلرَّبِّ إِلَهِكُمْ، لِأَنَّهُ يُعْطِيكُمُ ٱلْمَطَرَ ٱلْمُبَكِّرَ عَلَى حَقِّهِ، وَيُنْزِلُ عَلَيْكُمْ مَطَرًا مُبَكِّرًا وَمُتَأَخِّرًا فِي أَوَّلِ ٱلْوَقْتِ، | ٢٣ 23 |
ھەم سىلەر، زىئوننىڭ بالىلىرى، شادلىنىپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردىن خۇرسەن بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۇ ھەققانىيلىق بويىچە سىلەرگە «ئاۋۋالقى يامغۇرلار»نى بېرىدۇ؛ ئۇ سىلەرگە ھۆل-يېغىن بېرىدۇ، يەنى باشتا بولغاندەك «ئاۋۋالقى يامغۇرلار» ھەم «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ياغدۇرىدۇ. |
فَتُمْلَأُ ٱلْبَيَادِرُ حِنْطَةً، وَتَفِيضُ حِيَاضُ ٱلْمَعَاصِرِ خَمْرًا وَزَيْتًا. | ٢٤ 24 |
خامانلار بۇغدايغا تولغان بولىدۇ، ئىدىش-كۈپلەر يېڭى شاراب ھەم مايلارغا تولۇپ تاشىدۇ. |
«وَأُعَوِّضُ لَكُمْ عَنِ ٱلسِّنِينَ ٱلَّتِي أَكَلَهَا ٱلْجَرَادُ، ٱلْغَوْغَاءُ وَٱلطَّيَّارُ وَٱلْقَمَصُ، جَيْشِي ٱلْعَظِيمُ ٱلَّذِي أَرْسَلْتُهُ عَلَيْكُمْ. | ٢٥ 25 |
ۋە مەن سىلەرگە چېكەتكىلەر، چېكەتكە لىچىنكىلىرى، «ۋەيرانچى قۇرت»لار، «چىشلىگۈچى قۇرت»لار، يەنى مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن ئۇلۇغ قوشۇنۇم يېگەن يىللارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن؛ |
فَتَأْكُلُونَ أَكْلًا وَتَشْبَعُونَ وَتُسَبِّحُونَ ٱسْمَ ٱلرَّبِّ إِلَهِكُمُ ٱلَّذِي صَنَعَ مَعَكُمْ عَجَبًا، وَلَا يَخْزَى شَعْبِي إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ٢٦ 26 |
سىلەر بولۇشىچە يەپ، قاندۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭدەك سىلەرگە كارامەت ئىشلارنى كۆرسەتكەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. |
وَتَعْلَمُونَ أَنِّي أَنَا فِي وَسْطِ إِسْرَائِيلَ، وَأَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ إِلَهُكُمْ وَلَيْسَ غَيْرِي. وَلَا يَخْزَى شَعْبِي إِلَى ٱلْأَبَدِ. | ٢٧ 27 |
سىلەر مېنىڭ ئىسرائىل ئىچىدە تۇرغانلىقىمنى، شۇنداقلا مەنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى، مەندىن باشقا ھېچكىم بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ھەرگىز يەنە خىجالەتكە قالمايدۇ. |
«وَيَكُونُ بَعْدَ ذَلِكَ أَنِّي أَسْكُبُ رُوحِي عَلَى كُلِّ بَشَرٍ، فَيَتَنَبَّأُ بَنُوكُمْ وَبَنَاتُكُمْ، وَيَحْلَمُ شُيُوخُكُمْ أَحْلَامًا، وَيَرَى شَبَابُكُمْ رُؤًى. | ٢٨ 28 |
ھەم كېيىن، مەن ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛ سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بېشارەت بېرىدۇ، قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ، يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛ |
وَعَلَى ٱلْعَبِيدِ أَيْضًا وَعَلَى ٱلْإِمَاءِ أَسْكُبُ رُوحِي فِي تِلْكَ ٱلْأَيَّامِ، | ٢٩ 29 |
بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللار ئۈستىگىمۇ، دېدەكلەر ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن. |
وَأُعْطِي عَجَائِبَ فِي ٱلسَّمَاءِ وَٱلْأَرْضِ، دَمًا وَنَارًا وَأَعْمِدَةَ دُخَانٍ. | ٣٠ 30 |
مەن ئاسمانلاردا، زېمىندە كارامەتلەرنى، قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن. |
تَتَحَوَّلُ ٱلشَّمْسُ إِلَى ظُلْمَةٍ، وَٱلْقَمَرُ إِلَى دَمٍ قَبْلَ أَنْ يَجِيءَ يَوْمُ ٱلرَّبِّ ٱلْعَظِيمُ ٱلْمَخُوفُ. | ٣١ 31 |
پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كەلمىگۈچە، قۇياش قاراڭغۇلۇققا، ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. |
وَيَكُونُ أَنَّ كُلَّ مَنْ يَدْعُو بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ يَنْجُو. لِأَنَّهُ فِي جَبَلِ صِهْيَوْنَ وَفِي أُورُشَلِيمَ تَكُونُ نَجَاةٌ، كَمَا قَالَ ٱلرَّبُّ. وَبَيْنَ ٱلْبَاقِينَ مَنْ يَدْعُوهُ ٱلرَّبُّ. | ٣٢ 32 |
ھەم شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار دېگىنىدەك، زىئون تېغىدا ھەم يېرۇسالېمدا، ھەمدە پەرۋەردىگار چاقىرماقچى بولغان «قالدىسى»لار ئۈچۈن قۇتقۇزۇش-نىجات بولىدۇ. |