فَأَجَابَ بِلْدَدُ ٱلشُّوحِيُّ وَقَالَ: | ١ 1 |
شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ |
«ٱلسُّلْطَانُ وَٱلْهَيْبَةُ عِنْدَهُ. هُوَ صَانِعُ ٱلسَّلَامِ فِي أَعَالِيهِ. | ٢ 2 |
«ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ. |
هَلْ مِنْ عَدَدٍ لِجُنُودِهِ؟ وَعَلَى مَنْ لَا يُشْرِقُ نُورُهُ؟ | ٣ 3 |
ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ |
فَكَيْفَ يَتَبَرَّرُ ٱلْإِنْسَانُ عِنْدَ ٱللهِ؟ وَكَيْفَ يَزْكُو مَوْلُودُ ٱلْمَرْأَةِ؟ | ٤ 4 |
ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟ |
هُوَذَا نَفْسُ ٱلْقَمَرِ لَا يُضِيءُ، وَٱلْكَوَاكِبُ غَيْرُ نَقِيَّةٍ فِي عَيْنَيْهِ. | ٥ 5 |
مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە، |
فَكَمْ بِٱلْحَرِيِّ ٱلْإِنْسَانُ ٱلرِّمَّةُ، وَٱبْنُ آدَمَ ٱلدُّودُ؟». | ٦ 6 |
قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى [ئۇنىڭ ئالدىدا] قانداق بولار؟». |