«فِي ذَلِكَ ٱلزَّمَانِ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، يُخْرِجُونَ عِظَامَ مُلُوكِ يَهُوذَا وَعِظَامَ رُؤَسَائِهِ وَعِظَامَ ٱلْكَهَنَةِ وَعِظَامَ ٱلْأَنْبِيَاءِ وَعِظَامَ سُكَّانِ أُورُشَلِيمَ مِنْ قُبُورِهِمْ، | ١ 1 |
شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، كاھىنلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى گۆرلىرىدىن ئېلىپ چىقىرىدۇ؛ |
وَيَبْسُطُونَهَا لِلشَّمْسِ وَلِلْقَمَرِ وَلِكُلِّ جُنُودِ ٱلسَّمَاوَاتِ ٱلَّتِي أَحَبُّوهَا وَٱلَّتِي عَبَدُوهَا وَٱلَّتِي سَارُوا وَرَاءَهَا وَٱلَّتِي ٱسْتَشَارُوهَا وَالَّتِي سَجَدُوا لَهَا. لَا تُجْمَعُ وَلَا تُدْفَنُ، بَلْ تَكُونُ دِمْنَةً عَلَى وَجْهِ ٱلْأَرْضِ. | ٢ 2 |
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بۇلارنى قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانلاردىكى بارلىق جىسىملار ئاستىدا يايىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇلارنى سۆيگەن، بۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، بۇلارغا ئەگەشكەن، بۇلارنى ئىزدىگەن، بۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى بىر يەرگە ھېچ يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار زېمىن يۈزىدە ئوغۇت بولۇپ ياتىدۇ. |
وَيُخْتَارُ ٱلْمَوْتُ عَلَى ٱلْحَيَاةِ عِنْدَ كُلِّ ٱلْبَقِيَّةِ ٱلْبَاقِيَةِ مِنْ هَذِهِ ٱلْعَشِيرَةِ ٱلشِّرِّيرَةِ ٱلْبَاقِيَةِ فِي كُلِّ ٱلْأَمَاكِنِ ٱلَّتِي طَرَدْتُهُمْ إِلَيْهَا، يَقُولُ رَبُّ ٱلْجُنُودِ. | ٣ 3 |
مەن بۇلاردىن قالغانلىرىنى ھەيدىگەن جايلاردا، بۇ رەزىل جەمەتتىن بارلىق تىرىك قالغانلار ھاياتنىڭ ئورنىغا ماماتنى تاللايدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. |
«وَتَقُولُ لَهُمْ: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: هَلْ يَسْقُطُونَ وَلَا يَقُومُونَ، أَوْ يَرْتَدُّ أَحَدٌ وَلَا يَرْجِعُ؟ | ٤ 4 |
ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر يىقىلسا قايتىدىن تۇرمامدۇ؟ بىرسى يولدىن چىقىپ كەتسە قايتىپ كەلمەمدۇ؟ |
فَلِمَاذَا ٱرْتَدَّ هَذَا ٱلشَّعْبُ فِي أُورُشَلِيمَ ٱرْتِدَادًا دَائِمًا؟ تَمَسَّكُوا بِٱلْمَكْرِ. أَبَوْا أَنْ يَرْجِعُوا. | ٥ 5 |
نېمىشقا يېرۇسالېمدىكى بۇ خەلق ھەمىشە يولدىن چىقىش بىلەنلا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ؟ ئۇلار ئالدامچىلىقنى چىڭ تۇتىدۇ، يېنىمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلىدۇ. |
صَغَيْتُ وَسَمِعْتُ. بِغَيْرِ ٱلْمُسْتَقِيمِ يَتَكَلَّمُونَ. لَيْسَ أَحَدٌ يَتُوبُ عَنْ شَرِّهِ قَائِلًا: مَاذَا عَمِلْتُ؟ كُلُّ وَاحِدٍ رَجَعَ إِلَى مَسْرَاهُ كَفَرَسٍ ثَائِرٍ فِي ٱلْحَرْبِ. | ٦ 6 |
مەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم؛ لېكىن ئۇلار دۇرۇسلۇقنى سۆزلىمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىدىن: «مەن زادى نېمىلەرنى قىلىپ قويدۇم؟!» دەپ توۋا قىلىدىغان ھېچكىم يوق؛ ئات جەڭگە بۇرۇلۇپ ئېتىلغاندەك ھەربىرسى ئۆز يولىغا بۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ. |
بَلِ ٱللَّقْلَقُ فِي ٱلسَّمَاوَاتِ يَعْرِفُ مِيعَادَهُ، وَٱلْيَمَامَةُ وَٱلسُّنُوْنَةُ ٱلْمُزَقْزِقَةُ حَفِظَتَا وَقْتَ مَجِيئِهِمَا. أَمَّا شَعْبِي فَلَمْ يَعْرِفْ قَضَاءَ ٱلرَّبِّ! | ٧ 7 |
ھەتتا ئاسماندىكى لەيلەكمۇ ئۆزىگە بېكىتىلگەن ۋاقتىلىرىنى بىلىدۇ؛ پاختەك، قارلىغاچ ۋە تۇرنىلارمۇ كۆچۈپ كېلىدىغان ۋاقتىلىرىنى ئېسىدە تۇتىدۇ؛ لېكىم مېنىڭ خەلقىم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا بېكىتكەنلىرىمنى ھېچ بىلمەيدۇ. |
كَيْفَ تَقُولُونَ: نَحْنُ حُكَمَاءُ وَشَرِيعَةُ ٱلرَّبِّ مَعَنَا؟ حَقًّا إِنَّهُ إِلَى ٱلْكَذِبِ حَوَّلَهَا قَلَمُ ٱلْكَتَبَةِ ٱلْكَاذِبُ. | ٨ 8 |
سىلەر قانداقمۇ: «بىز دانادۇرمىز، پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنى بىزدە باردۇر!» دەيسىلەر؟ مانا، بەرھەق، ئۆلىما-كۆچۈرگۈچىلەرنىڭ يالغانچى قەلىمى ئۇنى بۇرمىلىغان. |
خَزِيَ ٱلْحُكَمَاءُ. ٱرْتَاعُوا وَأُخِذُوا. هَا قَدْ رَفَضُوا كَلِمَةَ ٱلرَّبِّ، فَأَيَّةُ حِكْمَةٍ لَهُمْ؟ | ٩ 9 |
دانىشمەنلەر خىجىل بولىدۇ، ئۇلار يەرگە قاراپ قالدى؛ مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى چەتكە قاققاندىن كېيىن، ئۇلاردا زادى نېمە دانالىق قالىدۇ؟ |
لِذَلِكَ أُعْطِي نِسَاءَهُمْ لِآخَرِينَ، وَحُقُولَهُمْ لِمَالِكِينَ، لِأَنَّهُمْ مِنَ ٱلصَّغِيرِ إِلَى ٱلْكَبِيرِ، كُلُّ وَاحِدٍ مُولَعٌ بِٱلرِّبْحِ. مِنَ ٱلنَّبِيِّ إِلَى ٱلْكَاهِنِ، كُلُّ وَاحِدٍ يَعْمَلُ بِٱلْكَذِبِ. | ١٠ 10 |
شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقىلارغا، ئۇلارنىڭ ئېتىزلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ چۈنكى ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن؛ پەيغەمبەردىن كاھىنغىچە ھەممىسى ساختا ئىش كۆرىدۇ. |
وَيَشْفُونَ كَسْرَ بِنْتِ شَعْبِي عَلَى عَثَمٍ، قَائِلِينَ: سَلَامٌ، سَلَامٌ. وَلَا سَلَامَ. | ١١ 11 |
ئۇلار: «ئامان-ئېسەنلىك! ئامان-ئېسەنلىك!» دەپ خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يارىسىنى سۇسلۇق بىلەن قول ئۇچىدا چالا تېڭىپ قويدى. لېكىن ئامان-ئېسەنلىك يوقتۇر! |
هَلْ خَزُوا لِأَنَّهُمْ عَمِلُوا رِجْسًا؟ بَلْ لَمْ يَخْزَوْا خِزْيًا، وَلَمْ يَعْرِفُوا ٱلْخَجَلَ! لِذَلِكَ يَسْقُطُونَ بَيْنَ ٱلسَّاقِطِينَ. فِي وَقْتِ مُعَاقَبَتِهِمْ يَعْثُرُونَ، قَالَ ٱلرَّبُّ. | ١٢ 12 |
ئۇلار يىرگىنچلىك ئىشلارنى سادىر قىلغىنىدىن خىجىل بولدىمۇ؟ ــ ياق، ئۇلار ھېچ خىجىل بولمىدى، ھەتتا قىزىرىشنىمۇ ئۇلار ھېچ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار يىقىلىپ ئۆلگەنلەر ئىچىدە يىقىلىپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى جازالاشقا كەلگىنىمدە ئۇلار پۇتلىشىپ كېتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«نَزْعًا أَنْزِعُهُمْ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. لَا عِنَبَ فِي ٱلْجَفْنَةِ، وَلَا تِينَ فِي ٱلتِّينَةِ، وَٱلْوَرَقُ ذَبُلَ، وَأُعْطِيهِمْ مَا يَزُولُ عَنْهُمْ». | ١٣ 13 |
مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇلىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۈزۈم تېلىدا ئۈزۈملەر، ئەنجۈر دەرىخىدە ئەنجۈرلەر ھېچ قالمىدى؛ يوپۇرماقلىرى سولىشىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارغا نېمە بېغىشلىغان بولسام، ئەمدى شۇلار ئۇلاردىن ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. |
لِمَاذَا نَحْنُ جُلُوسٌ؟ اِجْتَمِعُوا فَلْنَدْخُلْ إِلَى ٱلْمُدُنِ ٱلْحَصِينَةِ وَنَصْمُتْ هُنَاكَ. لِأَنَّ ٱلرَّبَّ إِلَهَنَا قَدْ أَصْمَتَنَا وَأَسْقَانَا مَاءَ ٱلْعَلْقَمِ، لِأَنَّنَا قَدْ أَخْطَأْنَا إِلَى ٱلرَّبِّ. | ١٤ 14 |
«بىز نېمىشقا مۇشۇ يەردە بىكار ئولتۇرۇۋېرىمىز؟ يىغىلايلى، مۇستەھكەم شەھەرلەرگە كىرىپ شۇ يەرلەردە [كۈرەش قىلىپ] تۈگىشەيلى! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز بىزنى تۈگەشتۈرۈپ، بىزگە ئۆت سۈيىنى بەردى؛ چۈنكى بىز پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. |
اِنْتَظَرْنَا ٱلسَّلَامَ وَلَمْ يَكُنْ خَيْرٌ، وَزَمَانَ ٱلشِّفَاءِ وَإِذَا رُعْبٌ. | ١٥ 15 |
ئامان-تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىپ كۈتۈپ كەلدۇق، لېكىن ھېچ ياخشىلىق بولمىدى؛ شىپا ۋاقتىنى كۈتتۇق، لېكىن مانا، ۋەھىمە باستى! |
مِنْ دَانَ سُمِعَتْ حَمْحَمَةُ خَيْلِهِ. عِنْدَ صَوْتِ صَهِيلِ جِيَادِهِ ٱرْتَجَفَتْ كُلُّ ٱلْأَرْضِ. فَأَتَوْا وَأَكَلُوا ٱلْأَرْضَ وَمِلْأَهَا، ٱلْمَدِينَةَ وَٱلسَّاكِنِينَ فِيهَا. | ١٦ 16 |
دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ خارتىلداشلىرى دان زېمىنىدىن تارتىپ ئاڭلانماقتا؛ ئايغىرلىرىنىڭ كىشنەشلىرى پۈتكۈل زېمىننى قورقىتىپ تەۋرەتمەكتە. ئۇلار زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقان ھەممىنى، شەھەرنى ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا كېلىدۇ!». |
«لِأَنِّي هَأَنَذَا مُرْسِلٌ عَلَيْكُمْ حَيَّاتٍ، أَفَاعِيَ لَا تُرْقَى، فَتَلْدَغُكُمْ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ». | ١٧ 17 |
ــ مانا، مەن ئاراڭلارغا يىلانلارنى، يەنى ھېچكىم سېھىرلىيەلمەيدىغان زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتىمەن، ئۇلار سىلەرنى چاقىدۇ» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
مَنْ مُفَرِّجٌ عَنِّي ٱلْحُزْنَ؟ قَلْبِي فِيَّ سَقِيمٌ. | ١٨ 18 |
[مەن]: «مېنىڭ دەرد-ئەلىمىم داۋالىغۇسىز! يۈرىكىم زەيىپلىشىپ كەتتى!» ــ [دېدىم]. |
هُوَذَا صَوْتُ ٱسْتِغَاثَةِ بِنْتِ شَعْبِي مِنْ أَرْضٍ بَعِيدَةٍ: «أَلَعَلَّ ٱلرَّبَّ لَيْسَ فِي صِهْيَوْنَ، أَوْ مَلِكَهَا لَيْسَ فِيهَا؟» «لِمَاذَا أَغَاظُونِي بِمَنْحُوتَاتِهِمْ، بِأَبَاطِيلَ غَرِيبَةٍ؟» | ١٩ 19 |
«مانا، خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ ئىنتايىن يىراق يۇرتتىن كۆتۈرۈلگەن پەريادىنىڭ ساداسى! [ئۇلار] ــ «پەرۋەردىگار زىئوندا ئەمەسمۇ؟ زىئوننىڭ پادىشاھى ئۇ يەردە تۇرمامدۇ؟!» ــ [دەيدۇ]. نېمىشقا ئەمدى ئۇلار مېنى ئويما مەبۇدلىرى بىلەن، ئەرزىمەس يات نەرسىلەر بىلەن غەزەپلەندۈرىدۇ؟!» |
«مَضَى ٱلْحَصَادُ، ٱنْتَهَى ٱلصَّيْفُ، وَنَحْنُ لَمْ نَخْلُصْ!» | ٢٠ 20 |
ــ «ئورما ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى، ياز تۈگىدى، لېكىن بىز بولساق يەنىلا قۇتقۇزۇلمىدۇق!» |
مِنْ أَجْلِ سَحْقِ بِنْتِ شَعْبِي ٱنْسَحَقْتُ. حَزِنْتُ. أَخَذَتْنِي دَهْشَةٌ. | ٢١ 21 |
«خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ سۇنۇق يارىسى تۈپەيلىدىن ئۆزۈم سۇنۇقمەن؛ ماتەم تۇتىمەن؛ دەككە-دۈككە مېنى بېسىۋالدى، ــ |
أَلَيْسَ بَلَسَانٌ فِي جِلْعَادَ، أَمْ لَيْسَ هُنَاكَ طَبِيبٌ؟ فَلِمَاذَا لَمْ تُعْصَبْ بِنْتُ شَعْبِي؟ | ٢٢ 22 |
گىلېئادتا تۇتىيا تېپىلمامدىكەن؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمىكەن؟ نېمىشقا ئەمدى مېنىڭ خەلقىمنىڭ قىزىغا داۋا تېپىلمايدۇ؟!». |