وَكَانَ لَمَّا فَرَغَ إِرْمِيَا مِنْ أَنْ كَلَّمَ كُلَّ ٱلشَّعْبِ بِكُلِّ كَلَامِ ٱلرَّبِّ إِلَهِهِمِ، ٱلَّذِي أَرْسَلَهُ ٱلرَّبُّ إِلَهُهُمْ إِلَيْهِمْ،بِكُلِّ هَذَا ٱلكَلَامِ، | ١ 1 |
شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ |
أَنَّ عَزَرْيَا بْنَ هُوشَعْيَا وَيُوحَانَانَ بْنَ قَارِيحَ، وَكُلَّ ٱلرِّجَالِ ٱلْمُتَكَبِّرِينَ كَلَّمُوا إِرْمِيَا قَائِلِينَ: «أَنْتَ مُتَكَلِّمٌ بِٱلْكَذِبِ! لَمْ يُرْسِلْكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُنَا لِتَقُولَ: لَا تَذْهَبُوا إِلَى مِصْرَ لِتَتَغَرَّبُوا هُنَاكَ. | ٢ 2 |
شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛ |
بَلْ بَارُوخُ بْنُ نِيرِيَّا مُهَيِّجُكَ عَلَيْنَا لِتَدْفَعَنَا لِيَدِ ٱلْكَلْدَانِيِّينَ لِيَقْتُلُونَا، وَلِيَسْبُونَا إِلَى بَابِلَ». | ٣ 3 |
بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ». |
فَلَمْ يَسْمَعْ يُوحَانَانُ بْنُ قَارِيحَ وَكُلُّ رُؤَسَاءِ ٱلْجُيُوشِ وَكُلُّ ٱلشَّعْبِ لِصَوْتِ ٱلرَّبِّ بِٱلْإِقَامَةِ فِي أَرْضِ يَهُوذَا، | ٤ 4 |
شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛ |
بَلْ أَخَذَ يُوحَانَانُ بْنُ قَارِيحَ، وَكُلُّ رُؤَسَاءِ ٱلْجُيُوشِ، كُلَّ بَقِيَّةِ يَهُوذَا ٱلَّذِينَ رَجَعُوا مِنْ كُلِّ ٱلْأُمَمِ ٱلَّذِينَ طُوِّحُوا إِلَيْهِمْ لِيَتَغَرَّبُوا فِي أَرْضِ يَهُوذَا، | ٥ 5 |
بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى، |
ٱلرِّجَالَ وَٱلنِّسَاءَ وَٱلْأَطْفَالَ وَبَنَاتِ ٱلْمَلِكِ، وَكُلَّ ٱلْأَنْفُسِ ٱلَّذِينَ تَرَكَهُمْ نَبُوزَرَادَانُ رَئِيسُ ٱلشُّرَطِ، مَعَ جَدَلْيَا بْنِ أَخِيقَامَ بْنِ شَافَانَ، وَإِرْمِيَا ٱلنَّبِيِّ وَبَارُوخَ بْنِ نِيرِيَّا، | ٦ 6 |
يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ، |
فَجَاءُوا إِلَى أَرْضِ مِصْرَ لِأَنَّهُمْ لَمْ يَسْمَعُوا لِصَوْتِ ٱلرَّبِّ وَأَتَوْا إِلَى تَحْفَنْحِيسَ. | ٧ 7 |
مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. |
ثُمَّ صَارَتْ كَلِمَةُ ٱلرَّبِّ إِلَى إِرْمِيَا فِي تَحْفَنْحِيسَ قَائِلَةً: | ٨ 8 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«خُذْ بِيَدِكَ حِجَارَةً كَبِيرَةً وَٱطْمُرْهَا فِي ٱلْمِلَاطِ، فِي ٱلْمَلْبِنِ ٱلَّذِي عِنْدَ بَابِ بَيْتِ فِرْعَوْنَ فِي تَحْفَنْحِيسَ أَمَامَ رِجَالٍ يَهُودٍ. | ٩ 9 |
يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ، |
وَقُلْ لَهُمْ: هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: هَأَنَذَا أُرْسِلُ وَآخُذُ نَبُوخَذْرَاصَّرَ مَلِكَ بَابِلَ عَبْدِي، وَأَضَعُ كُرْسِيَّهُ فَوْقَ هَذِهِ ٱلْحِجَارَةِ ٱلَّتِي طَمَرْتُهَا فَيُبْسِطُ دِيبَاجَهُ عَلَيْهَا. | ١٠ 10 |
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ. |
وَيَأْتِي وَيَضْرِبُ أَرْضَ مِصْرَ، ٱلَّذِي لِلْمَوْتِ فَلِلْمَوْتِ، وَٱلَّذِي لِلسَّبْيِ فَلِلسَّبْيِ، وَٱلَّذِي لِلسَّيْفِ فَلِلسَّيْفِ. | ١١ 11 |
ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ. |
وَأُوقِدُ نَارًا فِي بُيُوتِ آلِهَةِ مِصْرَ فَيُحْرِقُهَا وَيَسْبِيهَا، وَيَلْبَسُ أَرْضَ مِصْرَ كَمَا يَلْبَسُ ٱلرَّاعِي رِدَاءَهُ، ثُمَّ يَخْرُجُ مِنْ هُنَاكَ بِسَلَامٍ. | ١٢ 12 |
مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ. |
وَيَكْسِرُ أَنْصَابَ بَيْتَ شَمْسٍ ٱلَّتِي فِي أَرْضِ مِصْرَ، وَيُحْرِقُ بُيُوتَ آلِهَةِ مِصْرَ بِٱلنَّارِ». | ١٣ 13 |
ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى «قۇياش ئىبادەتخانىسى»دىكى تۈۋرۈكلەرنى چېقىۋېتىدۇ؛ ئۇ مىسىردىكى بۇتلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋېتىدۇ. |