وَحَدَثَ فِي تِلْكَ ٱلسَّنَةِ فِي ٱبْتِدَاءِ مُلْكِ صِدْقِيَّا مَلِكِ يَهُوذَا، فِي ٱلسَّنَةِ ٱلرَّابِعَةِ، فِي ٱلشَّهْرِ ٱلْخَامِسِ، أَنَّ حَنَنِيَّا بْنَ عَزُورَ ٱلنَّبِيَّ ٱلَّذِي مِنْ جِبْعُونَ: كَلَّمَنِي فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ أَمَامَ ٱلْكَهَنَةِ وَكُلِّ ٱلشَّعْبِ قَائِلًا: | ١ 1 |
شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ |
«هَكَذَا تَكَلَّمَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ قَائِلًا: قَدْ كَسَرْتُ نِيرَ مَلِكِ بَابِلَ. | ٢ 2 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! |
فِي سَنَتَيْنِ مِنَ ٱلزَّمَانِ أَرُدُّ إِلَى هَذَا ٱلْمَوْضِعِ كُلَّ آنِيَةِ بَيْتِ ٱلرَّبِّ ٱلَّتِي أَخَذَهَا نَبُوخَذْنَاصَّرُ مَلِكُ بَابِلَ مِنْ هَذَا ٱلْمَوْضِعِ، وَذَهَبَ بِهَا إِلَى بَابِلَ. | ٣ 3 |
بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ |
وَأَرُدُّ إِلَى هَذَا ٱلْمَوْضِعِ يَكُنْيَا بْنَ يَهُويَاقِيمَ مَلِكَ يَهُوذَا وَكُلَّ سَبْيِ يَهُوذَا ٱلَّذِينَ ذَهَبُوا إِلَى بَابِلَ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، لِأَنِّي أَكْسِرُ نِيرَ مَلِكِ بَابِلَ». | ٤ 4 |
ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندىرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. |
فَكَلَّمَ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيُّ حَنَنِيَّا ٱلنَّبِيَّ أَمَامَ ٱلْكَهَنَةِ وَأَمَامَ كُلِّ ٱلشَّعْبِ ٱلْوَاقِفِينَ فِي بَيْتِ ٱلرَّبِّ، | ٥ 5 |
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى. |
وَقَالَ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيُّ: «آمِينَ. هَكَذَا لِيَصْنَعِ ٱلرَّبُّ. لِيُقِمِ ٱلرَّبُّ كَلَامَكَ ٱلَّذِي تَنَبَّأْتَ بِهِ، فَيَرُدَّ آنِيَةَ بَيْتِ ٱلرَّبِّ وَكُلَّ ٱلسَّبْيِ مِنْ بَابِلَ إِلَى هَذَا ٱلْمَوْضِعِ. | ٦ 6 |
يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن! |
وَلَكِنِ ٱسْمَعْ هَذِهِ ٱلْكَلِمَةَ ٱلَّتِي أَتَكَلَّمُ أَنَا بِهَا فِي أُذُنَيْكَ وَفِي آذَانِ كُلِّ ٱلشَّعْبِ. | ٧ 7 |
لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا! |
إِنَّ ٱلْأَنْبِيَاءَ ٱلَّذِينَ كَانُوا قَبْلِي وَقَبْلَكَ مُنْذُ ٱلْقَدِيمِ وَتَنَبَّأُوا عَلَى أَرَاضٍ كَثِيرَةٍ وَعَلَى مَمَالِكَ عَظِيمَةٍ بِٱلْحَرْبِ وَٱلشَّرِّ وَٱلْوَبَإِ. | ٨ 8 |
ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛ |
ٱلنَّبِيُّ ٱلَّذِي تَنَبَّأَ بِٱلسَّلَامِ، فَعِنْدَ حُصُولِ كَلِمَةِ ٱلنَّبِيِّ عُرِفَ ذَلِكَ ٱلنَّبِيُّ أَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ أَرْسَلَهُ حَقًّا». | ٩ 9 |
تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!». |
ثُمَّ أَخَذَ حَنَنِيَّا ٱلنَّبِيُّ ٱلنِّيرَ عَنْ عُنُقِ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيِّ وَكَسَرَهُ. | ١٠ 10 |
ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتتى. |
وَتَكَلَّمَ حَنَنِيَّا أَمَامَ كُلِّ ٱلشَّعْبِ قَائِلًا: «هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: هَكَذَا أَكْسِرُ نِيرَ نَبُوخَذْنَاصَّرَ مَلِكِ بَابِلَ فِي سَنَتَيْنِ مِنَ ٱلزَّمَانِ عَنْ عُنُقِ كُلِّ ٱلشُّعُوبِ». وَٱنْطَلَقَ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيُّ فِي سَبِيلِهِ. | ١١ 11 |
ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرىۋېتىمەن!» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا پەيغەمبەر چىقىپ كەتتى. |
ثُمَّ صَارَ كَلَامُ ٱلرَّبِّ إِلَى إِرْمِيَا ٱلنَّبِيِّ، بَعْدَ مَا كَسَرَ حَنَنِيَّا ٱلنَّبِيُّ ٱلنِّيرَ عَنْ عُنُقِ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيِّ، قَائِلًا: | ١٢ 12 |
ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرىۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«ٱذْهَبْ وَكَلِّمْ حَنَنِيَّا قَائِلًا: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: قَدْ كَسَرْتَ أَنْيَارَ ٱلْخَشَبِ وَعَمِلْتَ عِوَضًا عَنْهَا أَنْيَارًا مِنْ حَدِيدٍ. | ١٣ 13 |
بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ! |
لِأَنَّهُ هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: قَدْ جَعَلْتُ نِيرًا مِنْ حَدِيدٍ عَلَى عُنُقِ كُلِّ هَؤُلَاءِ ٱلشُّعُوبِ لِيَخْدِمُوا نَبُوخَذْنَاصَّرَ مَلِكَ بَابِلَ، فَيَخْدِمُونَهُ وَقَدْ أَعْطَيْتُهُ أَيْضًا حَيَوَانَ ٱلْحَقْلِ». | ١٤ 14 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن». |
فَقَالَ إِرْمِيَا ٱلنَّبِيُّ لِحَنَنِيَّا ٱلنَّبِيِّ: «ٱسْمَعْ يَا حَنَنِيَّا. إِنَّ ٱلرَّبَّ لَمْ يُرْسِلْكَ، وَأَنْتَ قَدْ جَعَلْتَ هَذَا ٱلشَّعْبَ يَتَّكِلُ عَلَى ٱلْكَذِبِ. | ١٥ 15 |
ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن! |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: هَأَنَذَا طَارِدُكَ عَنْ وَجْهِ ٱلْأَرْضِ. هَذِهِ ٱلسَّنَةَ تَمُوتُ، لِأَنَّكَ تَكَلَّمْتَ بِعِصْيَانٍ عَلَى ٱلرَّبِّ». | ١٦ 16 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن». |
فَمَاتَ حَنَنِيَّا ٱلنَّبِيُّ فِي تِلْكَ ٱلسَّنَةِ فِي ٱلشَّهْرِ ٱلسَّابِعِ. | ١٧ 17 |
ھانانىيا پەيغەمبەر دەل شۇ يىلى يەتتىنچى ئايدا ئۆلدى. |