«وَيْلٌ لِلرُّعَاةِ ٱلَّذِينَ يُهْلِكُونَ وَيُبَدِّدُونَ غَنَمَ رَعِيَّتِي، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ١ 1 |
مېنىڭ يايلىقىمدىكى قويلارنى ھالاك قىلغۇچى ۋە تارقىتىۋەتكۈچى پادا باققۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ عَنِ ٱلرُّعَاةِ ٱلَّذِينَ يَرْعَوْنَ شَعْبِي: أَنْتُمْ بَدَّدْتُمْ غَنَمِي وَطَرَدْتُمُوهَا وَلَمْ تَتَعَهَّدُوهَا. هَأَنَذَا أُعَاقِبُكُمْ عَلَى شَرِّ أَعْمَالِكُمْ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ٢ 2 |
شۇڭا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى شۇنداق بېقىۋاتقان باققۇچىلارغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ پادامنى تارقىتىۋەتكەنسىلەر، ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەنسىلەر ۋە ئۇلارنى ئىزدىمىگەنسىلەر ۋە ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر ئالمىغانسىلەر؛ مانا، مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىڭلارغا چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ |
وَأَنَا أَجْمَعُ بَقِيَّةَ غَنَمِي مِنْ جَمِيعِ ٱلْأَرَاضِي ٱلَّتِي طَرَدْتُهَا إِلَيْهَا، وَأَرُدُّهَا إِلَى مَرَابِضِهَا فَتُثْمِرُ وَتَكْثُرُ. | ٣ 3 |
ۋە پادامنىڭ قالدىسىنى بولسا، مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن، ئۇلارنى ئۆز يايلاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ ئۇلار ئاۋۇپ كۆپىيىدۇ. |
وَأُقِيمُ عَلَيْهَا رُعَاةً يَرْعَوْنَهَا فَلَا تَخَافُ بَعْدُ وَلَا تَرْتَعِدُ وَلَا تُفْقَدُ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ٤ 4 |
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ھەقىقىي باقىدىغان باققۇچىلارنى تىكلەيمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىنچى قورقمايدۇ ياكى پاراكەندە بولمايدۇ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى كەم بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«هَا أَيَّامٌ تَأْتِي، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، وَأُقِيمُ لِدَاوُدَ غُصْنَ بِرٍّ، فَيَمْلِكُ مَلِكٌ وَيَنْجَحُ، وَيُجْرِي حَقًّا وَعَدْلًا فِي ٱلْأَرْضِ. | ٥ 5 |
مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن داۋۇت ئۈچۈن بىر «ھەققانىي شاخ»نى ئۆستۈرۈپ تىكلەيمەن؛ ئۇ پادىشاھ بولۇپ دانالىق بىلەن ھۆكۈم سۈرۈپ، زېمىندا ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. |
فِي أَيَّامِهِ يُخَلَّصُ يَهُوذَا، وَيَسْكُنُ إِسْرَائِيلُ آمِنًا، وَهَذَا هُوَ ٱسْمُهُ ٱلَّذِي يَدْعُونَهُ بِهِ: ٱلرَّبُّ بِرُّنَا. | ٦ 6 |
ئۇنىڭ كۈنلىرىدە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، ئىسرائىل ئامان-تىنچلىقتا تۇرىدۇ؛ ئۇ شۇ نامى بىلەن ئاتىلىدۇكى ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىز». |
لِذَلِكَ هَا أَيَّامٌ تَأْتِي، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، وَلَا يَقُولُونَ بَعْدُ: حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي أَصْعَدَ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ، | ٧ 7 |
شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، |
بَلْ: حَيٌّ هُوَ ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي أَصْعَدَ وَأَتَى بِنَسْلِ بَيْتِ إِسْرَائِيلَ مِنْ أَرْضِ ٱلشِّمَالِ وَمِنْ جَمِيعِ ٱلْأَرَاضِي ٱلَّتِي طَرَدْتُهُمْ إِلَيْهَا فَيَسْكُنُونَ فِي أَرْضِهِمْ». | ٨ 8 |
بەلكى شۇ كۈنلەردە «ئىسرائىللارنى شىمالدىكى زېمىندىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆز يۇرتىدا تۇرىدۇ. |
فِي ٱلْأَنْبِيَاءِ: اِنْسَحَقَ قَلْبِي فِي وَسَطِي. ٱرْتَخَتْ كُلُّ عِظَامِي. صِرْتُ كَإِنْسَانٍ سَكْرَانَ وَمِثْلَ رَجُلٍ غَلَبَتْهُ ٱلْخَمْرُ، مِنْ أَجْلِ ٱلرَّبِّ وَمِنْ أَجْلِ كَلَامِ قُدْسِهِ. | ٩ 9 |
پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ مېنىڭ كۆڭلۈم ئىچ-باغرىمدا سۇنۇقتۇر؛ سۆڭەكلىرىمنىڭ ھەممىسى تىترەيدۇ؛ مەن مەست بولغان ئادەم، شاراب تەرىپىدىن يېڭىلگەن ئادەمگە ئوخشايمەن؛ بۇنداق بولۇشۇم پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەس سۆزلىرى تۈپەيلىدىندۇر؛ |
لِأَنَّ ٱلْأَرْضَ ٱمْتَلَأَتْ مِنَ ٱلْفَاسِقِينَ. لِأَنَّهُ مِنْ أَجْلِ ٱللَّعْنِ نَاحَتِ ٱلْأَرْضُ. جَفَّتْ مَرَاعِي ٱلْبَرِّيَّةِ، وَصَارَ سَعْيُهُمْ لِلشَّرِّ، وَجَبَرُوتُهُمْ لِلْبَاطِلِ. | ١٠ 10 |
چۈنكى زېمىن بولسا زىناخورلارغا تولغان؛ ئۇلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرى توغرا يولدا ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەققانىيلىق يولىدا ئەمەس. شۇڭا [پەرۋەردىگارنىڭ] لەنىتى تۈپەيلىدىن زېمىن قاغجىرايدۇ؛ دالادىكى ئوت-چۆپ سولىشىدۇ؛ |
«لِأَنَّ ٱلْأَنْبِيَاءَ وَٱلْكَهَنَةَ تَنَجَّسُوا جَمِيعًا، بَلْ فِي بَيْتِي وَجَدْتُ شَرَّهُمْ يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ١١ 11 |
چۈنكى ھەم پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھارام بولدى؛ ھەتتا ئۆز ئۆيۈمدىمۇ ئۇلارنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى بايقىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
لِذَلِكَ يَكُونُ طَرِيقُهُمْ لَهُمْ كَمَزَالِقَ فِي ظَلَامٍ دَامِسٍ، فَيُطْرَدُونَ وَيَسْقُطُونَ فِيهَا، لِأَنِّي أَجْلِبُ عَلَيْهِمْ شَرًّا سَنَةَ عِقَابِهِمْ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ١٢ 12 |
ــ شۇڭا ئۇلارنىڭ يولى ئۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدىغان، تېيىلغاق يوللاردەك بولىدۇ؛ ئۇلار بۇ يوللاردا پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا يامانلىق چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
وَقَدْ رَأَيْتُ فِي أَنْبِيَاءِ ٱلسَّامِرَةِ حَمَاقَةً. تَنَبَّأُوا بِٱلْبَعْلِ وَأَضَلُّوا شَعْبِي إِسْرَائِيلَ. | ١٣ 13 |
مەن ئاۋۋال سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەردە ئەخمەقلىقنى كۆرگەنمەن؛ ئۇلار بائالنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنى ئازدۇرغان؛ |
وَفِي أَنْبِيَاءِ أُورُشَلِيمَ رَأَيْتُ مَا يُقْشَعَرُّ مِنْهُ. يَفْسِقُونَ وَيَسْلُكُونَ بِٱلْكَذِبِ، وَيُشَدِّدُونَ أَيَادِيَ فَاعِلِي ٱلشَّرِّ حَتَّى لَا يَرْجِعُوا ٱلْوَاحِدُ عَنْ شَرِّهِ. صَارُوا لِي كُلُّهُمْ كَسَدُومَ، وَسُكَّانُهَا كَعَمُورَةَ. | ١٤ 14 |
بىراق يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەردىمۇ يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۇم؛ ئۇلار زىناخورلۇق قىلىدۇ، يالغانلىقتا ماڭىدۇ، رەزىللىك قىلغۇچىلارنىڭ قولىنى كۈچەيتىدۇكى، نەتىجىدە ھېچقايسىسى رەزىللىكىدىن يانمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا سودومدەك، [يېرۇسالېمدا] تۇرۇۋاتقانلار ماڭا گوموررادەك بولدى. |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ عَنِ ٱلْأَنْبِيَاءِ: هَأَنَذَا أُطْعِمُهُمْ أَفْسَنْتِينًا وَأَسْقِيهِمْ مَاءَ ٱلْعَلْقَمِ، لِأَنَّهُ مِنْ عِنْدِ أَنْبِيَاءِ أُورُشَلِيمَ خَرَجَ نِفَاقٌ فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ. | ١٥ 15 |
شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنى ئەمەن بىلەن ئوزۇقلاندۇرىمەن، ئۇلارغا ئۆت سۈيىنى ئىچكۈزىمەن؛ چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر ھاراملىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، ھاراملىق ئۇلاردىن پۈتكۈل زېمىنغا تارقىلىپ كەتتى. |
هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: لَا تَسْمَعُوا لِكَلَامِ ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلَّذِينَ يَتَنَبَّأُونَ لَكُمْ، فَإِنَّهُمْ يَجْعَلُونَكُمْ بَاطِلًا. يَتَكَلَّمُونَ بِرُؤْيَا قَلْبِهِمْ لَا عَنْ فَمِ ٱلرَّبِّ. | ١٦ 16 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرگە بېشارەت بېرىۋاتقان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار؛ ئۇلار سىلەرنى بىمەنىلىككە يېتەكلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئەمەس، بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تەسەۋۋۇر قىلغان بىر كۆرۈنۈشنى سۆزلەۋاتىدۇ. |
قَائِلِينَ قَوْلًا لِمُحْتَقِرِيَّ: قَالَ ٱلرَّبُّ: يَكُونُ لَكُمْ سَلَامٌ! وَيَقُولُونَ لِكُلِّ مَنْ يَسِيرُ فِي عِنَادِ قَلْبِهِ: لَا يَأْتِي عَلَيْكُمْ شَرٌّ. | ١٧ 17 |
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلمايدىغانلارغا: «سىلەر ئامان-تىنچلىقتا تۇرىسىلەر» دەيدۇ ۋە ئۆز كۆڭلىنىڭ جاھىللىقىدا ماڭىدىغانلارنىڭ ھەربىرىگە: «ھېچقانداق يامانلىق بېشىڭلارغا چۈشمەيدۇ» ــ دەيدۇ. |
لِأَنَّهُ مَنْ وَقَفَ فِي مَجْلِسِ ٱلرَّبِّ وَرَأَى وَسَمِعَ كَلِمَتَهُ؟ مَنْ أَصْغَى لِكَلِمَتِهِ وَسَمِعَ؟». | ١٨ 18 |
بىراق ئۇلاردىن قايسى بىرسى پەرۋەردىگارنىڭ كېڭىشىدە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاش ئۈچۈن تۇرغان؟ ئۇلاردىن كىم ئۇنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغان؟ |
هَا زَوْبَعَةُ ٱلرَّبِّ. غَيْظٌ يَخْرُجُ، وَنَوْءٌ هَائِجٌ. عَلَى رُؤُوسِ ٱلْأَشْرَارِ يَثُورُ. | ١٩ 19 |
مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن! ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛ بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛ ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. |
لَا يَرْتَدُّ غَضَبُ ٱلرَّبِّ حَتَّى يُجْرِيَ وَيُقِيمَ مَقَاصِدَ قَلْبِهِ. فِي آخِرِ ٱلْأَيَّامِ تَفْهَمُونَ فَهْمًا. | ٢٠ 20 |
ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى يانمايدۇ؛ ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ يېتىسىلەر. |
«لَمْ أُرْسِلِ ٱلْأَنْبِيَاءَ بَلْ هُمْ جَرَوْا. لَمْ أَتَكَلَّمْ مَعَهُمْ بَلْ هُمْ تَنَبَّأُوا. | ٢١ 21 |
مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگەنمەن، لېكىن ئۇلار خەۋەرنى جار قىلىشقا قاترىغان؛ مەن ئۇلارغا سۆز قىلمىدىم، لېكىن ئۇلار بېشارەت بەرگەن. |
وَلَوْ وَقَفُوا فِي مَجْلِسِي لَأَخْبَرُوا شَعْبِي بِكَلَامِي وَرَدُّوهُمْ عَنْ طَرِيقِهِمِ ٱلرَّدِيءِ وَعَنْ شَرِّ أَعْمَالِهِمْ. | ٢٢ 22 |
ھالبۇكى، ئۇلار مېنىڭ كېڭىشىمدە تۇرغان بولسا، مېنىڭ خەلقىمگە سۆزلىرىمنى ئاڭلاتقۇزغان بولسا، ئەمدى خەلقىمنى رەزىل يولىدىن ۋە قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن ياندۇرغان بولاتتى. |
أَلَعَلِّي إِلَهٌ مِنْ قَرِيبٍ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، وَلَسْتُ إِلَهًا مِنْ بَعِيدٍ. | ٢٣ 23 |
مەن پەقەت بىر يەردىلا تۇرىدىغان خۇدامۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن يىراق-يىراقلاردىكى ھەرجايدا تۇرىدىغان خۇدا ئەمەسمۇ؟ |
إِذَا ٱخْتَبَأَ إِنْسَانٌ فِي أَمَاكِنَ مُسْتَتِرَةٍ أَفَمَا أَرَاهُ أَنَا، يَقُولُ ٱلرَّبُّ؟ أَمَا أَمْلَأُ أَنَا ٱلسَّمَاوَاتِ وَٱلْأَرْضَ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ؟ | ٢٤ 24 |
بىرسى يوشۇرۇن جايلاردا مۆكۈۋالسا مەن ئۇنى كۆرەلمەمدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاسمان-زېمىن مەن بىلەن تولدۇرۇلغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
قَدْ سَمِعْتُ مَا قَالَهُ ٱلْأَنْبِيَاءُ ٱلَّذِينَ تَنَبَّأُوا بِٱسْمِي بِٱلْكَذِبِ قَائِلِينَ: حَلِمْتُ، حَلِمْتُ. | ٢٥ 25 |
مەن مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ: «بىر چۈش كۆردۈم! بىر چۈش كۆردۈم!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم؛ |
حَتَّى مَتَى يُوجَدُ فِي قَلْبِ ٱلْأَنْبِيَاءِ ٱلْمُتَنَبِّئِينَ بِٱلْكَذِبِ؟ بَلْ هُمْ أَنْبِيَاءُ خِدَاعِ قَلْبِهِمِ! | ٢٦ 26 |
بۇنداق پەيغەمبەرلەر يالغان بېشارەتلەرنى بېرىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئېزىتقۇ تەسەۋۋۇرلىرىدىن پەيغەمبەرلەر بولۇشىۋالغان. ئەمدى ئۇلار بۇنداق ئىشلارنى قاچانغىچە كۆڭلىگە پۈكىدۇ؟ |
ٱلَّذِينَ يُفَكِّرُونَ أَنْ يُنَسُّوا شَعْبِي ٱسْمِي بِأَحْلَامِهِمِ ٱلَّتِي يَقُصُّونَهَا ٱلرَّجُلُ عَلَى صَاحِبِهِ، كَمَا نَسِيَ آبَاؤُهُمُ ٱسْمِي لِأَجْلِ ٱلْبَعْلِ. | ٢٧ 27 |
ئۇلار ھەربىرى قاچانغىچە ئۆز يېقىنىغا ئېيتقان چۈشلىرى ئارقىلىق (خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بائالغا چوقۇنۇپ نامىمنى ئۇنتۇغىنىغا ئوخشاش) خەلقىمگە نامىمنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى پەملەيدۇ؟ |
اَلنَّبِيُّ ٱلَّذِي مَعَهُ حُلْمٌ فَلْيَقُصَّ حُلْمًا، وَٱلَّذِي مَعَهُ كَلِمَتِي فَلْيَتَكَلَّمْ بِكَلِمَتِي بِٱلْحَقِّ. مَا لِلتِّبْنِ مَعَ ٱلْحِنْطَةِ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ٢٨ 28 |
چۈشنى كۆرگەن پەيغەمبەر، چۈشنى ئېيتىپ بەرسۇن؛ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغان كىشى بۇ سۆزۈمنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلىسۇن؛ پاخالنىڭ بۇغداي بىلەن سېلىشتۇرغۇچىلىك نېمىسى باردۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«أَلَيْسَتْ هَكَذَا كَلِمَتِي كَنَارٍ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، وَكَمِطْرَقَةٍ تُحَطِّمُ ٱلصَّخْرَ؟ | ٢٩ 29 |
ــ مېنىڭ سۆزۈم خۇددى كۆيدۈرگۈچى بىر ئوت ۋە تاشنى چاقىدىغان بازغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
لِذَلِكَ هَأَنَذَا عَلَى ٱلْأَنْبِيَاءِ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، ٱلَّذِينَ يَسْرِقُونَ كَلِمَتِي بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ. | ٣٠ 30 |
شۇڭا مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىدىن «مېنىڭ سۆزلىرىم»نى ئوغرىلاپ دورامچىلىق قىلىدۇ. |
هَأَنَذَا عَلَى ٱلْأَنْبِيَاءِ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، ٱلَّذِينَ يَأْخُذُونَ لِسَانَهُمْ وَيَقُولُونَ: قَالَ. | ٣١ 31 |
مانا، مەن پەيغەمبەرلەرگە قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار ئۆز تىللىرىنى چايناپ: «[پەرۋەردىگار] دەيدۇ...» دەپ بېشارەت بېرىدۇ. |
هَأَنَذَا عَلَى ٱلَّذِينَ يَتَنَبَّأُونَ بِأَحْلَامٍ كَاذِبَةٍ، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، ٱلَّذِينَ يَقُصُّونَهَا وَيُضِلُّونَ شَعْبِي بِأَكَاذِيبِهِمْ وَمُفَاخَرَاتِهِمْ وَأَنَا لَمْ أُرْسِلْهُمْ وَلَا أَمَرْتُهُمْ. فَلَمْ يُفِيدُوا هَذَا ٱلشَّعْبَ فَائِدَةً، يَقُولُ ٱلرَّبُّ. | ٣٢ 32 |
مانا، يالغان چۈشلەرنى بېشارەت قىلىپ بۇلارنى يەتكۈزۈپ، يالغانچىلىقى ۋە باشباشتاقلىقى بىلەن مېنىڭ خەلقىمنى ئازدۇرغانلارغا قارشىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن؛ ئۇلار بۇ خەلققە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
«وَإِذَا سَأَلَكَ هَذَا ٱلشَّعْبُ أَوْ نَبِيٌّ أَوْ كَاهِنٌ قَائِلًا: مَا وَحْيُ ٱلرَّبِّ؟ فَقُلْ لَهُمْ: أَيُّ وَحْيٍ؟ إِنِّي أَرْفُضُكُمْ، هُوَ قَوْلُ ٱلرَّبِّ. | ٣٣ 33 |
ئەمدى ياكى بۇ خەلق، ياكى پەيغەمبەر، ياكى كاھىن سەندىن: «پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يۈكلىگەن سۆزى نېمە؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «قايسى يۈك؟! مەن سىلەرنى ئۆزۈمدىن يىراق تاشلايمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. |
فَٱلنَّبِيُّ أَوِ ٱلْكَاهِنُ أَوِ ٱلشَّعْبُ ٱلَّذِي يَقُولُ: وَحْيُ ٱلرَّبِّ، أُعَاقِبُ ذَلِكَ ٱلرَّجُلَ وَبَيْتَهُ. | ٣٤ 34 |
«پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەيدىغان ھەرقايسى پەيغەمبەر، كاھىن ياكى خەلق بولسا، مەن بۇ كىشىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن تەڭ جازالايمەن. |
هَكَذَا تَقُولُونَ ٱلرَّجُلُ لِصَاحِبِهِ وَٱلرَّجُلُ لِأَخِيهِ: بِمَاذَا أَجَابَ ٱلرَّبُّ؟ وَمَاذَا تَكَلَّمَ بِهِ ٱلرَّبُّ؟ | ٣٥ 35 |
ئەمدى سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىدىن ۋە ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىدىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار نېمە جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭلار كېرەك. |
أَمَّا وَحْيُ ٱلرَّبِّ فَلَا تَذْكُرُوهُ بَعْدُ، لِأَنَّ كَلِمَةَ كُلِّ إِنْسَانٍ تَكُونُ وَحْيَهُ، إِذْ قَدْ حَرَّفْتُمْ كَلَامَ ٱلْإِلَهِ ٱلْحَيِّ رَبِّ ٱلْجُنُودِ إِلَهِنَا. | ٣٦ 36 |
سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېگەننى قايتىدىن ئاغزىڭلارغا ئالمايسىلەر؛ چۈنكى ھەربىرىڭلارنىڭ ئۆز سۆزى ئۆزىگە يۈك بولىدۇ؛ چۈنكى سىلەر خۇدايىمىز، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، تىرىك خۇدانىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىغانسىلەر. |
هَكَذَا تَقُولُ لِلنَّبِيِّ: بِمَاذَا أَجَابَكَ ٱلرَّبُّ؟ وَمَاذَا تَكَلَّمَ بِهِ ٱلرَّبُّ؟ | ٣٧ 37 |
ھەربىرىڭلار پەيغەمبەردىن مۇشۇنداق: «پەرۋەردىگار ساڭا نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ۋە «پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟» دەپ سورىشىڭ كېرەك. |
وَإِذَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ: وَحْيُ ٱلرَّبِّ، فَلِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: مِنْ أَجْلِ قَوْلِكُمْ هَذِهِ ٱلْكَلِمَةَ: وَحْيُ ٱلرَّبِّ، وَقَدْ أَرْسَلْتُ إِلَيْكُمْ قَائِلًا لَا تَقُولُوا: وَحْيُ ٱلرَّبِّ، | ٣٨ 38 |
لېكىن سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋەرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مانا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دەۋېرىسىلەر ۋە مەن سىلەرگە: ««پەرۋەردىگارنىڭ يۈكلىگەن سۆزى» دېمەڭلەر» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنمەن، |
لِذَلِكَ هَأَنَذَا أَنْسَاكُمْ نِسْيَانًا، وَأَرْفُضُكُمْ مِنْ أَمَامِ وَجْهِي، أَنْتُمْ وَٱلْمَدِينَةَ ٱلَّتِي أَعْطَيْتُكُمْ وَآبَاءَكُمْ إِيَّاهَا. | ٣٩ 39 |
شۇڭا مانا، مەن سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن، مەن سىلەرنى سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان شەھەر بىلەن تەڭ يۈزۈمدىن يىراق تاشلايمەن؛ |
وَأَجْعَلُ عَلَيْكُمْ عَارًا أَبَدِيًّا وَخِزْيًا أَبَدِيًّا لَا يُنْسَى». | ٤٠ 40 |
مەن ئۈستۈڭلارغا مەڭگۈ رەسۋاچىلىق ۋە ھەرگىز ئۇنتۇلمايدىغان مەڭگۈلۈك شەرمەندىلىكنى چۈشۈرىمەن! |