اَلْكَلَامُ ٱلَّذِي صَارَ إِلَى إِرْمِيَا مِنْ قِبَلِ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ١ 1 |
يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز مۇنداق ئىدى: |
«ٱسْمَعُوا كَلَامَ هَذَا ٱلْعَهْدِ، وَكَلِّمُوا رِجَالَ يَهُوذَا وَسُكَّانَ أُورُشَلِيمَ. | ٢ 2 |
ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار؛ شۇنداقلا يەھۇدا كىشىلىرىگە، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارغا ئۇلارنى يەتكۈزۈڭلار، |
فَتَقُولُ لَهُمْ: هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ إِلَهُ إِسْرَائِيلَ: مَلْعُونٌ ٱلْإِنْسَانُ ٱلَّذِي لَا يَسْمَعُ كَلَامَ هَذَا ٱلْعَهْدِ، | ٣ 3 |
ــ سەن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق ئېيتقىن: ــ ــ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە كىم بويسۇنمىسا ئۇ لەنەتتە قالىدۇ؛ |
ٱلَّذِي أَمَرْتُ بِهِ آبَاءَكُمْ يَوْمَ أَخْرَجْتُهُمْ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ، مِنْ كُورِ ٱلْحَدِيدِ قَائِلًا: ٱسْمَعُوا صَوْتِي وَٱعْمَلُوا بِهِ حَسَبَ كُلِّ مَا آمُرُكُمْ بِهِ، فَتَكُونُوا لِي شَعْبًا، وَأَنَا أَكُونُ لَكُمْ إِلَهًا، | ٤ 4 |
مەن بۇ ئەھدىنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى تۆمۈر تاۋلايدىغان خۇمداندىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئۇلارغا تاپىلاپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىپ، بۇ سۆزلەرگە، يەنى مەن سىلەرگە تاپشۇرغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن؛ |
لِأُقِيمَ ٱلْحَلْفَ ٱلَّذِي حَلَفْتُ لِآبَائِكُمْ أَنْ أُعْطِيَهُمْ أَرْضًا تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا كَهَذَا ٱلْيَوْمِ». فَأَجَبْتُ وَقُلْتُ: «آمِينَ يَارَبُّ». | ٥ 5 |
شۇنداق بولغىنىدا مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا: «سىلەرگە سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىن تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئىچكەن قەسەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دېگەنىدىم. سىلەر بۈگۈنكى كۈندە دەل شۇ زېمىندا تۇرۇۋاتىسىلەر! مەن بولسام جاۋابەن «ئامىن، پەرۋەردىگار!» ــ دېدىم. |
فَقَالَ ٱلرَّبُّ لِي: «نَادِ بِكُلِّ هَذَا ٱلْكَلَامِ فِي مُدُنِ يَهُوذَا، وَفِي شَوَارِعِ أُورُشَلِيمَ قَائِلًا: ٱسْمَعُوا كَلَامَ هَذَا ٱلْعَهْدِ وَٱعْمَلُوا بِهِ. | ٦ 6 |
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا بۇ سۆزلەرنى جاكارلا: ــ بۇ ئەھدىنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار! |
لِأَنِّي أَشْهَدْتُ عَلَى آبَائِكُمْ إِشْهَادًا يَوْمَ أَصْعَدْتُهُمْ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ، مُبْكِرًا وَمُشْهِدًا قَائِلًا: ٱسْمَعُوا صَوْتِي. | ٧ 7 |
چۈنكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە «مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار!» دەپ جېكىلەپ ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىمەن؛ مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدىم. |
فَلَمْ يَسْمَعُوا وَلَمْ يُمِيلُوا أُذُنَهُمْ، بَلْ سَلَكُوا كُلُّ وَاحِدٍ فِي عِنَادِ قَلْبِهِ ٱلشِّرِّيرِ. فَجَلَبْتُ عَلَيْهِمْ كُلَّ كَلَامِ هَذَا ٱلْعَهْدِ ٱلَّذِي أَمَرْتُهُمْ أَنْ يَصْنَعُوهُ وَلَمْ يَصْنَعُوهُ». | ٨ 8 |
لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىللىققا ئەگىشىپ ماڭغان؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئەھدىدىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈردۈم؛ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا تاپىلىغانمەن، لېكىن ئۇلار ھېچ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان. |
وَقَالَ ٱلرَّبُّ لِي: «تُوجَدُ فِتْنَةٌ بَيْنَ رِجَالِ يَهُوذَا وَسُكَّانِ أُورُشَلِيمَ. | ٩ 9 |
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر سۇيىقەست بايقالدى؛ |
قَدْ رَجَعُوا إِلَى آثَامِ آبَائِهِمِ ٱلْأَوَّلِينَ ٱلَّذِينَ أَبَوْا أَنْ يَسْمَعُوا كَلَامِي، وَقَدْ ذَهَبُوا وَرَاءَ آلِهَةٍ أُخْرَى لِيَعْبُدُوهَا. قَدْ نَقَضَ بَيْتُ إِسْرَائِيلَ وَبَيْتُ يَهُوذَا عَهْدِي ٱلَّذِي قَطَعْتُهُ مَعَ آبَائِهِمْ. | ١٠ 10 |
ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكلىرىگە قايتىپ كەتتى؛ ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدە بولايلى دەپ باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كەتتى. ئىسرائىل جەمەتى ھەم يەھۇدا جەمەتى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: هَأَنَذَا جَالِبٌ عَلَيْهِمْ شَرًّا لَا يَسْتَطِيعُونَ أَنْ يَخْرُجُوا مِنْهُ، وَيَصْرُخُونَ إِلَيَّ فَلَا أَسْمَعُ لَهُمْ. | ١١ 11 |
شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ قۇتۇلالماس ئاپەت چۈشۈرىمەن؛ ئۇلار ماڭا پەرياد كۆتۈرىدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. |
فَيَنْطَلِقُ مُدُنُ يَهُوذَا وَسُكَّانُ أُورُشَلِيمَ وَيَصْرُخُونَ إِلَى ٱلْآلِهَةِ ٱلَّتِي يُبَخِّرُونَ لَهَا، فَلَنْ تُخَلِّصَهُمْ فِي وَقْتِ بَلِيَّتِهِمْ. | ١٢ 12 |
ئاندىن يەھۇدانىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ئىسرىق يېقىپ چوقۇنغان بۇتلارنى ئىزدەپ ئۇلارغا پەرياد كۆتۈرىدۇ؛ لېكىن ئاپەت چۈشكەن ۋاقتىدا ئۇلار بۇلارنى ھېچ قۇتقۇزمايدۇ. |
لِأَنَّهُ بِعَدَدِ مُدُنِكَ صَارَتْ آلِهَتُكَ يَا يَهُوذَا، وَبِعَدَدِ شَوَارِعِ أُورُشَلِيمَ وَضَعْتُمْ مَذَابِحَ لِلْخِزْيِ، مَذَابِحَ لِلتَّبْخِيرِ لِلْبَعْلِ. | ١٣ 13 |
چۈنكى شەھەرلىرىڭ قانچە كۆپ بولغانسېرى، بۇتلىرىڭ شۇنچە كۆپ بولدى، ئى يەھۇدا؛ يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولغانسېرى، سىلەر «يىرگىنچلىك بولغۇچى»غا شۇنچە قۇربانگاھلارنى قۇردۇڭلار، يەنى بائالغا ئىسرىق يېقىش ئۈچۈن قۇربانگاھلارنى بەرپا قىلدىڭلار. |
وَأَنْتَ فَلَا تُصَلِّ لِأَجْلِ هَذَا ٱلشَّعْبِ، وَلَا تَرْفَعْ لِأَجْلِهِمْ دُعَاءً وَلَا صَلَاةً، لِأَنِّي لَا أَسْمَعُ فِي وَقْتِ صُرَاخِهِمْ إِلَيَّ مِنْ قِبَلِ بَلِيَّتِهِمْ. | ١٤ 14 |
ئەمدى سەن، [ئى يەرەمىيا]، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن ھېچ پەرياد ياكى تىلاۋەت قىلما؛ چۈنكى ئاپەت بېشىغا چۈشۈشى بىلەن ئۇلار ماڭا نىدا قىلغان ۋاقتىدا مەن ئۇلارنى ئاڭلىمايمەن. |
«مَا لِحَبِيبَتِي فِي بَيْتِي؟ قَدْ عَمِلَتْ فَظَائِعَ كَثِيرَةً، وَٱللَّحْمُ ٱلْمُقَدَّسُ قَدْ عَبَرَ عَنْكِ. إِذَا صَنَعْتِ ٱلشَّرَّ حِينَئِذٍ تَبْتَهِجِينَ. | ١٥ 15 |
ــ مېنىڭ سۆيۈملۈك خەلقىمنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇشىغا نېمە ھەققى؟ چۈنكى كۆپىنچىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرىگە يېتىشكە ئورۇنىسىلەر؛ سىلەر رەزىللىكىڭلار ئەمەلگە ئاشقاندا خۇرسەن بولساڭلار، ئۇنداقتا «مۇقەددەس گۆشلەر» مۇشۇ ئاسىيلىقىڭلارنى سىلەردىن ئېلىپ تاشلىيالامدۇ؟ |
زَيْتُونَةً خَضْرَاءَ ذَاتَ ثَمَرٍ جَمِيلِ ٱلصُّورَةِ دَعَا ٱلرَّبُّ ٱسْمَكِ. بِصَوْتِ ضَجَّةٍ عَظِيمَةٍ أَوْقَدَ نَارًا عَلَيْهَا فَٱنْكَسَرَتْ أَغْصَانُهَا. | ١٦ 16 |
پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى «ياپيېشىل، مول مېۋىلىك، باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدى؛ لېكىن [پەرۋەردىگار] دەرەخكە شاۋقۇنلايدىغان زور بىر ئوتنى سالىدۇ ۋە شاخلىرى يوق قىلىنىدۇ. |
وَرَبُّ ٱلْجُنُودِ غَارِسُكِ قَدْ تَكَلَّمَ عَلَيْكِ شَرًّا، مِنْ أَجْلِ شَرِّ بَيْتِ إِسْرَائِيلَ وَبَيْتِ يَهُوذَا ٱلَّذِي صَنَعُوهُ ضِدَّ أَنْفُسِهِمْ لِيُغِيظُونِي بِتَبْخِيرِهِمْ لِلْبَعْلِ». | ١٧ 17 |
چۈنكى سېنى تىككەن ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ساڭا قاراپ كۈلپەت بېكىتىپ جاكارلىغان؛ سەۋەبى، ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ رەزىللىك قىلىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى كەلتۈردى. |
وَٱلرَّبُّ عَرَّفَنِي فَعَرَفْتُ. حِينَئِذٍ أَرَيْتَنِي أَفْعَالَهُمْ. | ١٨ 18 |
«پەرۋەردىگار ماڭا خەۋەر يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن مەن چۈشەندىم؛ ئۇ ماڭا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئايان قىلدى؛ |
وَأَنَا كَخَرُوفٍ دَاجِنٍ يُسَاقُ إِلَى ٱلذَّبْحِ، وَلَمْ أَعْلَمْ أَنَّهُمْ فَكَّرُوا عَلَيَّ أَفْكَارًا، قَائِلِينَ: «لِنُهْلِكِ ٱلشَّجَرَةَ بِثَمَرِهَا، وَنَقْطَعْهُ مِنْ أَرْضِ ٱلْأَحْيَاءِ، فَلَا يُذْكَرَ بَعْدُ ٱسْمُهُ». | ١٩ 19 |
مەن بولسام خۇددى بوغۇزلاشقا يېتىلەپ ماڭغان كۆنۈك پاقلاندەك ئىدىم؛ مەن ئەسلى ئۇلارنىڭ ماڭا قاراپ: «دەرەخنى مېۋىسى بىلەن يوقىتايلى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتا ئەسكە ھېچ كەلتۈرۈلمىسۇن، ئۇنى تىرىكلەر زېمىنىدىن ئۈزۈپ تاشلايلى» دېگەن قەستلىرىنى ھېچ بىلمەيتتىم؛ |
فَيَارَبَّ ٱلْجُنُودِ، ٱلْقَاضِيَ ٱلْعَدْلَ، فَاحِصَ ٱلْكُلَى وَٱلْقَلْبِ، دَعْنِي أَرَى ٱنْتِقَامَكَ مِنْهُمْ لِأَنِّي لَكَ كَشَفْتُ دَعْوَايَ. | ٢٠ 20 |
لېكىن سەن، ئى ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى، ئادەمنىڭ ۋىجدان-قەلبىنى سىنىغۇچى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىدىغان قىساسىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن؛ چۈنكى دەۋايىمنى ساڭىلا ئايان قىلىپ تاپشۇردۇم». |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ عَنْ أَهْلِ عَنَاثُوثَ ٱلَّذِينَ يَطْلُبُونَ نَفْسَكَ قَائِلِينَ: لَا تَتَنَبَّأْ بِٱسْمِ ٱلرَّبِّ فَلَا تَمُوتَ بِيَدِنَا. | ٢١ 21 |
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار [ماڭا] مۇنداق دېدى: ــ «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بەرمە، بولمىسا جېنىڭ قولىمىزدا تۈگىشىدۇ» ــ دەپ ساڭا دوق قىلىپ يۈرگەن ئاناتوتتىكى ئادەملەر جېنىڭنى ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق سۆزۈم بار: ــ |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: «هَأَنَذَا أُعَاقِبُهُمْ. يَمُوتُ ٱلشُّبَّانُ بِٱلسَّيْفِ، وَيَمُوتُ بَنُوهُمْ وَبَنَاتُهُمْ بِٱلْجُوعِ. | ٢٢ 22 |
ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ. |
وَلَا تَكُونُ لَهُمْ بَقِيَّةٌ، لِأَنِّي أَجْلِبُ شَرًّا عَلَى أَهْلِ عَنَاثُوثَ سَنَةَ عِقَابِهِمْ». | ٢٣ 23 |
ئۇلاردىن ھېچبىر قالدىسى قالمايدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلار جازالىنىدىغان يىلىدا، شۇ ئاناتوتتىكى ئادەملەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرىمەن. |