«أَصْغَيْتُ إِلَى ٱلَّذِينَ لَمْ يَسْأَلُوا. وُجِدْتُ مِنَ ٱلَّذِينَ لَمْ يَطْلُبُونِي. قُلْتُ: هَأَنَذَا، هَأَنَذَا. لِأُمَّةٍ لَمْ تُسَمَّ بِٱسْمِي. | ١ 1 |
ئەزەلدىن مېنى ئىزدىمىگەنلەرگە مېنى سوراش يولىنى ئاچتىم؛ مەن ئۆزۈمگە ئىنتىلمىگەنلەرگە ئۆزۈمنى تاپقۇزدۇم. مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالمىغان يات بىر ئەلگە مەن: ــ «ماڭا قارا، ماڭا قارا» ــ دېدىم. |
بَسَطْتُ يَدَيَّ طُولَ ٱلنَّهَارِ إِلَى شَعْبٍ مُتَمَرِّدٍ سَائِرٍ فِي طَرِيقٍ غَيْرِ صَالِحٍ وَرَاءَ أَفْكَارِهِ. | ٢ 2 |
بىراق يامان يولدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ پىكىر-خىيالىغا ئەگىشىپ ماڭىدىغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى بىر خەلققە بولسا مەن كۈن بويى قولۇمنى ئۇزىتىپ ئىنتىلىپ كەلدىم. |
شَعْبٍ يُغِيظُنِي بِوَجْهِي. دَائِمًا يَذْبَحُ فِي ٱلْجَنَّاتِ، وَيُبَخِّرُ عَلَى ٱلْآجُرِّ. | ٣ 3 |
يەنى باغلاردا قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنى خىشلىق سۇپىلار ئۈستىدىمۇ كۆيدۈرۈپ، كۆز ئالدىمدىلا زەردەمگە تېگىدىغان بىر خەلق؛ |
يَجْلِسُ فِي ٱلْقُبُورِ، وَيَبِيتُ فِي ٱلْمَدَافِنِ. يَأْكُلُ لَحْمَ ٱلْخِنْزِيرِ، وَفِي آنِيَتِهِ مَرَقُ لُحُومٍ نَجِسَةٍ. | ٤ 4 |
ئۇلار قەبرىلەر ئارىسىدا ئولتۇرىدۇ، مەخپىي جايلاردىمۇ تۈنەپ ئولتۇرىدۇ؛ ئۇلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ، قازان-قاچىلىرىدا ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ شورپىسى بار. |
يَقُولُ: قِفْ عِنْدَكَ. لَا تَدْنُ مِنِّي لِأَنِّي أَقْدَسُ مِنْكَ. هَؤُلَاءِ دُخَانٌ فِي أَنْفِي، نَارٌ مُتَّقِدَةٌ كُلَّ ٱلنَّهَارِ. | ٥ 5 |
ئۇلار: «ئۆزۈڭ بىلەن بول، ماڭا يېقىنلاشقۇچى بولما؛ چۈنكى مەن سەندىن پاكمەن» ــ دەيدۇ؛ مۇشۇلار دىمىغىمغا كىرگەن ئىس-تۈتەك، كۈن بويى ئۆچمەي تۇرىدىغان ئوتتۇر! |
هَا قَدْ كُتِبَ أَمَامِي. لَا أَسْكُتُ بَلْ أُجَازِي. أُجَازِي فِي حِضْنِهِمْ، | ٦ 6 |
مانا، مېنىڭ ئالدىمدا پۈتۈكلۈك تۇرىدۇكى: ــ مەن سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ بەلكى ھەم سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلارنى، شۇنداقلا تاغ چوققىلىرىدا ئىسرىق ياققان، دۆڭلەر ئۈستىدىمۇ مېنى ھاقارەتلىگەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىرلىكتە قايتۇرىمەن، ــ شۇلارنى ئۆز قۇچاقلىرىغا قايتۇرىمەن؛ بەرھەق، مەن ئىلگىرىكى قىلغانلىرىنى ئۆز قۇچاقلىرىغا ئۆلچەپ قايتۇرىمەن. |
آثَامَكُمْ وَآثَامَ آبَائِكُمْ مَعًا قَالَ ٱلرَّبُّ، ٱلَّذِينَ بَخَّرُوا عَلَى ٱلْجِبَالِ، وَعَيَّرُونِي عَلَى ٱلْآكَامِ، فَأَكِيلُ عَمَلَهُمُ ٱلْأَوَّلَ فِي حِضْنِهِمْ». | ٧ 7 |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: «كَمَا أَنَّ ٱلسُّلَافَ يُوجَدُ فِي ٱلْعُنْقُودِ، فَيَقُولُ قَائِلٌ: لَا تُهْلِكْهُ لِأَنَّ فِيهِ بَرَكَةً. هَكَذَا أَعْمَلُ لِأَجْلِ عَبِيدِي حَتَّى لَا أُهْلِكَ ٱلْكُلَّ. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ساپاق ئۈزۈمنىڭ «سارقىندى شىرنە»سى كۆرۈنگەندە، خەقلەرنىڭ: «ئۇنى چەيلىۋېتىپ ۋەيران قىلمىسۇن، چۈنكى ئۇنىڭدا بەرىكەت تۇرىدۇ» دېگىنىدەك، مەن ئۆز قۇللىرىمنىڭ سەۋەبىدىنلا شۇنداق قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلمايمەن. |
بَلْ أُخْرِجُ مِنْ يَعْقُوبَ نَسْلًا وَمِنْ يَهُوذَا وَارِثًا لِجِبَالِي، فَيَرِثُهَا مُخْتَارِيَّ، وَتَسْكُنُ عَبِيدِي هُنَاكَ. | ٩ 9 |
شۇنداق قىلىپ مەن ياقۇپتىن بىر نەسىلنى، يەھۇدادىنمۇ تاغلىرىمغا بىر ئىگىدارنى چىقىرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تاللىغانلىرىم [زېمىنغا] ئىگە بولىدۇ، مېنىڭ قۇللىرىم شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ. |
فَيَكُونُ شَارُونُ مَرْعَى غَنَمٍ، وَوَادِي عَخُورَ مَرْبِضَ بَقَرٍ، لِشَعْبِي ٱلَّذِينَ طَلَبُونِي. | ١٠ 10 |
مېنى ئىزدىگەن خەلقىم ئۈچۈن، شارون بولسا يەنە قوي پادىلىرىغا قوتان، ئاخور بولسا كالا پادىلىرىغا قونالغۇ بولىدۇ. |
«أَمَّا أَنْتُمُ ٱلَّذِينَ تَرَكُوا ٱلرَّبَّ وَنَسُوا جَبَلَ قُدْسِي، وَرَتَّبُوا لِلسَّعْدِ ٱلْأَكْبَرِ مَائِدَةً، وَمَلَأُوا لِلسَّعْدِ ٱلْأَصْغَرِ خَمْرًا مَمْزُوجَةً، | ١١ 11 |
بىراق پەرۋەردىگارنى تاشلاپ، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغۇچى، «تەلەي» [دېگەن بۇت] ئۈچۈن داستىخان سالغۇچى، «تەقدىر» [دېگەن بۇت] ئۈچۈنمۇ ئەبجەش شارابنى قۇيۇپ قاچىلارنى تولدۇرغۇچىسىلەر، |
فَإِنِّي أُعَيِّنُكُمْ لِلسَّيْفِ، وَتَجْثُونَ كُلُّكُمْ لِلذَّبْحِ، لِأَنِّي دَعَوْتُ فَلَمْ تُجِيبُوا، تَكَلَّمْتُ فَلَمْ تَسْمَعُوا، بَلْ عَمِلْتُمُ ٱلشَّرَّ فِي عَيْنَيَّ، وَٱخْتَرْتُمْ مَا لَمْ أُسَرَّ بِهِ. | ١٢ 12 |
مەن سىلەرنى قىلىچقا «تەقدىر» قىلدىم، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار قىرغىنچىلىقتا باش ئېگىسىلەر؛ چۈنكى مەن چاقىردىم، سىلەر جاۋاب بەرمىدىڭلار؛ مەن سۆز قىلدىم، سىلەر قۇلاق سالمىدىڭلار؛ ئەكسىچە نەزىرىمدە يامان بولغاننى قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياقتۇرمايدىغاننى تاللىغانسىلەر. |
لِذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: هُوَذَا عَبِيدِي يَأْكُلُونَ وَأَنْتُمْ تَجُوعُونَ. هُوَذَا عَبِيدِي يَشْرَبُونَ وَأَنْتُمْ تَعْطَشُونَ. هُوَذَا عَبِيدِي يَفْرَحُونَ وَأَنْتُمْ تَخْزَوْنَ. | ١٣ 13 |
شۇڭا، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم يەيدۇ، سىلەر ئاچ قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم ئىچىدۇ، بىراق سىلەر ئۇسسۇز قالىسىلەر؛ مانا، مېنىڭ قۇللىرىم شادلىنىدۇ، سىلەر شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر؛ |
هُوَذَا عَبِيدِي يَتَرَنَّمُونَ مِنْ طِيبَةِ ٱلْقَلْبِ وَأَنْتُمْ تَصْرُخُونَ مِنْ كآبَةِ ٱلْقَلْبِ، وَمِنِ ٱنْكِسَارِ ٱلرُّوحِ تُوَلْوِلُونَ. | ١٤ 14 |
مانا، كۆڭلىدىكى شاد-خۇراملىقتىن قۇللىرىم ناخشا ئېيتىدۇ، سىلەر كۆڭۈلدىكى ئازابتىن زار-زار يىغلايسىلەر، روھ-قەلب سۇنۇقلۇقىدىن نالە-پەرياد كۆتۈرىسىلەر. |
وَتُخْلِفُونَ ٱسْمَكُمْ لَعْنَةً لِمُخْتَارِيَّ، فَيُمِيتُكَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ وَيُسَمِّي عَبِيدَهُ ٱسْمًا آخَرَ. | ١٥ 15 |
ئىسمىڭلارنى مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا لەنەت بولۇشقا قالدۇرىسىلەر. رەب پەرۋەردىگار سېنى ئۆلتۈرىدۇ، ھەم ئۇنىڭ قۇللىرىغا باشقا بىر ئىسىمنى قويۇپ بېرىدۇ. |
فَٱلَّذِي يَتَبَرَّكُ فِي ٱلْأَرْضِ يَتَبَرَّكُ بِإِلَهِ ٱلْحَقِّ، وَٱلَّذِي يَحْلِفُ فِي ٱلْأَرْضِ يَحْلِفُ بِإِلَهِ ٱلْحَقِّ، لِأَنَّ ٱلضِّيقَاتِ ٱلْأُولَى قَدْ نُسِيَتْ، وَلِأَنَّهَا ٱسْتَتَرَتْ عَنْ عَيْنَيَّ. | ١٦ 16 |
شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى ئۆزىگە بىر بەختنى تىلىسە، «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئاشۇ بەختنى تىلەيدۇ؛ كىمكى قەسەم ئىچمەكچى بولسا، ئەمدى «ئامىن» دېگۈچى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ؛ چۈنكى بۇرۇنقى دەرد-ئەلەملەر ئۇنتۇلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى كۆزۈمدىن يوشۇردۇم. |
«لِأَنِّي هَأَنَذَا خَالِقٌ سَمَاوَاتٍ جَدِيدَةً وَأَرْضًا جَدِيدَةً، فَلَا تُذْكَرُ ٱلْأُولَى وَلَا تَخْطُرُ عَلَى بَالٍ. | ١٧ 17 |
چۈنكى قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمانلارنى ۋە يېڭى زېمىننى يارىتىمەن؛ ئىلگىرىكى ئىشلار ھېچ ئەسلەنمەيدۇ، ھەتتا ئەسكە كەلمەيدۇ. |
بَلِ ٱفْرَحُوا وَٱبْتَهِجُوا إِلَى ٱلْأَبَدِ فِي مَا أَنَا خَالِقٌ، لِأَنِّي هَأَنَذَا خَالِقٌ أُورُشَلِيمَ بَهْجَةً وَشَعْبَهَا فَرَحًا. | ١٨ 18 |
ئەكسىچە سىلەر مېنىڭ يارىتىدىغانلىقىمدىن خۇشاللىنىڭلار؛ مەڭگۈگە شاد-خۇراملىقتا بولۇڭلار، چۈنكى مەن يېرۇسالېمنى شاد-خۇراملىق، ئۇنىڭ خەلقىنى خۇشاللىق بەرگۈچى قىلىپ يارىتىمەن. |
فَأَبْتَهِجُ بِأُورُشَلِيمَ وَأَفْرَحُ بِشَعْبِي، وَلَا يُسْمَعُ بَعْدُ فِيهَا صَوْتُ بُكَاءٍ وَلَا صَوْتُ صُرَاخٍ. | ١٩ 19 |
ئۆزۈممۇ يېرۇسالېمدىن شاد-خۇراملىقتا بولىمەن، شۇنداقلا ئۆز خەلقىمدىن خۇشاللىنىمەن؛ ئۇنىڭدا نە يىغا ئاۋازى، نە نالە-پەريادلار ئىككىنچى ئاڭلانمايدۇ؛ |
لَا يَكُونُ بَعْدُ هُنَاكَ طِفْلُ أَيَّامٍ، وَلَا شَيْخٌ لَمْ يُكْمِلْ أَيَّامَهُ. لِأَنَّ ٱلصَّبِيَّ يَمُوتُ ٱبْنَ مِئَةِ سَنَةٍ، وَٱلْخَاطِئُ يُلْعَنُ ٱبْنَ مِئَةِ سَنَةٍ. | ٢٠ 20 |
ئۇنىڭدا يەنە بىرنەچچە كۈنلۈك چاچراپ كەتكەن بوۋاق بولمايدۇ، ياكى ۋاقتى توشماي ۋاقىتسىز كەتكەن بوۋاي بولمايدۇ؛ يۈز ياشقا كىرگەن بولسا «يىگىت» سانىلىدۇ، شۇنىڭدەك گۇناھكار يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلگەن بولسا «خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان» دەپ ھېسابلىنىدۇ. |
وَيَبْنُونَ بُيُوتًا وَيَسْكُنُونَ فِيهَا، وَيَغْرِسُونَ كُرُومًا وَيَأْكُلُونَ أَثْمَارَهَا. | ٢١ 21 |
ئۇلار ئۆيلەرنى سالىدۇ، ئۇلاردا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۈزۈمزارلارنى بەرپا قىلىدۇ، ئۇلاردىن مېۋە يەيدۇ؛ |
لَا يَبْنُونَ وَآخَرُ يَسْكُنُ، وَلَا يَغْرِسُونَ وَآخَرُ يَأْكُلُ. لِأَنَّهُ كَأَيَّامِ شَجَرَةٍ أَيَّامُ شَعْبِي، وَيَسْتَعْمِلُ مُخْتَارِيَّ عَمَلَ أَيْدِيهِمْ. | ٢٢ 22 |
ئۇلار ياسىغان ئۆيلەردە، باشقا بىرسى تۇرمايدۇ؛ تىكىلگەن ئۈزۈمزارلاردىن، باشقا بىرسى مېۋە ئېلىپ يېمەيدۇ؛ چۈنكى خەلقىمنىڭ كۈنلىرى دەرەخنىڭ ئۆمرىدەك بولىدۇ؛ مېنىڭ تاللىغانلىرىم ئۆزلىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىرىدىن ئۆز ئۆمرىدە تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. |
لَا يَتْعَبُونَ بَاطِلًا وَلَا يَلِدُونَ لِلرُّعْبِ، لِأَنَّهُمْ نَسْلُ مُبَارَكِي ٱلرَّبِّ، وَذُرِّيَّتُهُمْ مَعَهُمْ. | ٢٣ 23 |
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ؛ ياكى ئۇلارنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغاندا كېلەچىكى توغرۇلۇق ۋەھىمە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان نەسىلدۇر، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ شۇنداق. |
وَيَكُونُ أَنِّي قَبْلَمَا يَدْعُونَ أَنَا أُجِيبُ، وَفِيمَا هُمْ يَتَكَلَّمُونَ بَعْدُ أَنَا أَسْمَعُ. | ٢٤ 24 |
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار نىدا قىلىپ چاقىرماستىنلا، مەن ئىجابەت قىلىمەن؛ ئۇلار دۇئا قىلىپ سۆزلەۋاتقىنىدىلا، مەن ئۇلارنى ئاڭلايمەن. |
ٱلذِّئْبُ وَٱلْحَمَلُ يَرْعَيَانِ مَعًا، وَٱلْأَسَدُ يَأْكُلُ ٱلتِّبْنَ كَٱلْبَقَرِ. أَمَّا ٱلْحَيَّةُ فَٱلتُّرَابُ طَعَامُهَا. لَا يُؤْذُونَ وَلَا يُهْلِكُونَ فِي كُلِّ جَبَلِ قُدْسِي، قَالَ ٱلرَّبُّ». | ٢٥ 25 |
بۆرە ھەم پاقلان بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ؛ شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ؛ يىلاننىڭ رىزقى بولسا توپا-چاڭلا بولىدۇ. مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ، دەيدۇ پەرۋەردىگار. |