مِنْ أَجْلِ صِهْيَوْنَ لَا أَسْكُتُ، وَمِنْ أَجْلِ أُورُشَلِيمَ لَا أَهْدَأُ، حَتَّى يَخْرُجَ بِرُّهَا كَضِيَاءٍ وَخَلَاصُهَا كَمِصْبَاحٍ يَتَّقِدُ. | ١ 1 |
ــ «تاكى زىئوننىڭ ھەققانىيلىقى جۇلالىنىپ چاقناپ چىققۇچە، ئۇنىڭ نىجاتى لاۋۇلداۋاتقان مەشئەلدەك چىققۇچە، زىئون ئۈچۈن ھېچ ئارام ئالمايمەن، يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن؛ |
فَتَرَى ٱلْأُمَمُ بِرَّكِ، وَكُلُّ ٱلْمُلُوكِ مَجْدَكِ، وَتُسَمَّيْنَ بِٱسْمٍ جَدِيدٍ يُعَيِّنُهُ فَمُ ٱلرَّبِّ. | ٢ 2 |
ھەم ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، بارلىق پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ؛ ھەم سەن پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن ساڭا قويىدىغان يېڭى بىر ئىسىم بىلەن ئاتىلىسەن، |
وَتَكُونِينَ إِكْلِيلَ جَمَالٍ بِيَدِ ٱلرَّبِّ، وَتَاجًا مَلِكِيًّا بِكَفِّ إِلَهِكِ. | ٣ 3 |
شۇنداقلا سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا تۇرغان گۈزەل بىر تاج، خۇدايىڭنىڭ قولىدىكى شاھانە باش چەمبىرىكى بولىسەن. |
لَا يُقَالُ بَعْدُ لَكِ: «مَهْجُورَةٌ»، وَلَا يُقَالُ بَعْدُ لِأَرْضِكِ: «مُوحَشَةٌ»، بَلْ تُدْعَيْنَ: «حَفْصِيبَةَ»، وَأَرْضُكِ تُدْعَى: «بَعُولَةَ». لِأَنَّ ٱلرَّبَّ يُسَرُّ بِكِ، وَأَرْضُكِ تَصِيرُ ذَاتِ بَعْلٍ. | ٤ 4 |
سەن ئىككىنچى: «ئاجراشقان، تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايسەن، زېمىنىڭ ئىككىنچى: «ۋەيران قىلىپ تاشلىۋېتىلگەن» دەپ ئاتالمايدۇ؛ بەلكى سەن: «مېنىڭ خۇشاللىقىم دەل ئۇنىڭدا!»، دەپ ئاتىلىسەن، ھەم زېمىنىڭ: «نىكاھلانغان» دەپ ئاتىلىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشاللىق ئالىدۇ، زېمىنىڭ بولسا ياتلىق بولىدۇ. |
لِأَنَّهُ كَمَا يَتَزَوَّجُ ٱلشَّابُّ عَذْرَاءَ، يَتَزَوَّجُكِ بَنُوكِ. وَكَفَرَحِ ٱلْعَرِيسِ بِٱلْعَرُوسِ يَفْرَحُ بِكِ إِلَهُكِ. | ٥ 5 |
چۈنكى يىگىت قىزغا باغلانغاندەك، ئوغۇللىرىڭ ساڭا باغلىنىدۇ؛ توي يىگىتى قىزدىن شادلانغاندەك، خۇدايىڭ سېنىڭدىن شادلىنىدۇ. |
عَلَى أَسْوَارِكِ يَا أُورُشَلِيمُ أَقَمْتُ حُرَّاسًا لَا يَسْكُتُونَ كُلَّ ٱلنَّهَارِ وَكُلَّ ٱللَّيْلِ عَلَى ٱلدَّوَامِ. يَاذَاكِرِي ٱلرَّبِّ لَا تَسْكُتُوا، | ٦ 6 |
مەن سېپىللىرىڭدا كۆزەتچىلەرنى بېكىتىپ قويدۇم، ئى يېرۇسالېم، ئۇلار كۈندۈزمۇ ھەم كېچىسىمۇ ئارام ئالمايدۇ؛ ئى پەرۋەردىگارنى ئەسلەتكۈچى بولغانلار، سۈكۈت قىلماڭلار! |
وَلَا تَدَعُوهُ يَسْكُتُ، حَتَّى يُثَبِّتَ وَيَجْعَلَ أُورُشَلِيمَ تَسْبِيحَةً فِي ٱلْأَرْضِ. | ٧ 7 |
ئۇ يېرۇسالېمنى تىكلىگۈچە، ئۇنى يەر-جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا رەھمەت-مەدھىيىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغۇچە، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەڭلار!». |
حَلَفَ ٱلرَّبُّ بِيَمِينِهِ وَبِذِرَاعِ عِزَّتِهِ قَائِلًا: «إِنِّي لَا أَدْفَعُ بَعْدُ قَمْحَكِ مَأْكَلًا لِأَعْدَائِكِ، وَلَا يَشْرَبُ بَنُو ٱلْغُرَبَاءِ خَمْرَكِ ٱلَّتِي تَعِبْتِ فِيهَا. | ٨ 8 |
پەرۋەردىگار ئوڭ قولى ھەم ئۆز كۈچى بولغان بىلىكى بىلەن مۇنداق قەسەم ئىچتى: ــ «مەن زىرائەتلىرىڭنى دۈشمەنلىرىڭگە ئوزۇق بولۇشقا ئىككىنچى بەرمەيمەن؛ جاپا تارتىپ ئىشلىگەن يېڭى شارابنىمۇ ياتلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىككىنچى ئىچمەيدۇ؛ |
بَلْ يَأْكُلُهُ ٱلَّذِينَ جَنَوْهُ وَيُسَبِّحُونَ ٱلرَّبَّ، وَيَشْرَبُهُ جَامِعُوهُ فِي دِيَارِ قُدْسِي». | ٩ 9 |
زىرائەتلەرنى ئورۇپ يىغقانلار ئۆزلىرىلا ئۇنى يەپ پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيدۇ؛ [ئۈزۈملەرنى] ئۈزگەنلەر مۇقەددەس ئۆيۈمنىڭ سەينالىرىدا ئۇلاردىن ئىچىدۇ». |
اُعْبُرُوا، ٱعْبُرُوا بِٱلْأَبْوَابِ، هَيِّئُوا طَرِيقَ ٱلشَّعْبِ. أَعِدُّوا، أَعِدُّوا ٱلسَّبِيلَ، نَقُّوهُ مِنَ ٱلْحِجَارَةِ، ٱرْفَعُوا ٱلرَّايَةَ لِلشَّعْبِ. | ١٠ 10 |
ــ ئۆتۈڭلار، دەرۋازىلاردىن ئۆتۈڭلار! خەلقنىڭ يولىنى تۈز قىلىپ تەييارلاڭلار! يولنى كۆتۈرۈڭلار، كۆتۈرۈڭلار؛ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىۋېتىڭلار؛ خەلق-مىللەتلەر ئۈچۈن [يول كۆرسىتىدىغان] بىر تۇغنى كۆتۈرۈڭلار. |
هُوَذَا ٱلرَّبُّ قَدْ أَخْبَرَ إِلَى أَقْصَى ٱلْأَرْضِ، قُولُوا لِٱبْنَةِ صِهْيَوْنَ: «هُوَذَا مُخَلِّصُكِ آتٍ. هَا أُجْرَتُهُ مَعَهُ وَجِزَاؤُهُ أَمَامَهُ». | ١١ 11 |
مانا، پەرۋەردىگار جاھاننىڭ چەت-ياقىلىرىغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: ــ زىئون قىزىغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: ــ «قارا، سېنىڭ نىجات-قۇتۇلۇشۇڭ كېلىۋاتىدۇ! قارا، ئۇنىڭ ئۆزى ئالغان مۇكاپىتى ئۆزى بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنئامى ئۆزىگە ھەمراھ بولىدۇ. |
وَيُسَمُّونَهُمْ: «شَعْبًا مُقَدَّسًا»، «مَفْدِيِّي ٱلرَّبِّ». وَأَنْتِ تُسَمَّيْنَ: «ٱلْمَطْلُوبَةَ»، «ٱلْمَدِينَةَ غَيْرَ ٱلْمَهْجُورَةِ». | ١٢ 12 |
ۋە خەقلەر ئۇلارنى: «پاك-مۇقەددەس خەلق»، «پەرۋەردىگار ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغانلار» دەيدۇ؛ سەن بولساڭ: «ئىنتىلىپ ئىزدەلگەن»، «ھېچ تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر» دەپ ئاتىلىسەن. |