لَأُنْشِدَنَّ عَنْ حَبِيبِي نَشِيدَ مُحِبِّي لِكَرْمِهِ: كَانَ لِحَبِيبِي كَرْمٌ عَلَى أَكَمَةٍ خَصِبَةٍ، | ١ 1 |
مەن ئۆز سۆيگەن يارىمغا، مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ئۈچۈن ئۆز ئۈزۈمزارى توغرۇلۇق بىر كۈي ئېيتىپ بېرەي؛ سۆيۈملۈكۈمنىڭ مۇنبەت بىر دۆڭ ئۈستىدە ئۈزۈمزارى بار ئىدى؛ |
فَنَقَبَهُ وَنَقَّى حِجَارَتَهُ وَغَرَسَهُ كَرْمَ سَوْرَقَ، وَبَنَى بُرْجًا فِي وَسَطِهِ، وَنَقَرَ فِيهِ أَيْضًا مِعْصَرَةً، فَٱنْتَظَرَ أَنْ يَصْنَعَ عِنَبًا فَصَنَعَ عِنَبًا رَدِيئًا. | ٢ 2 |
ئۇ ھەممە يېرىنى كولاپ تاشلارنى ئېلىپ تاشلىدى، ئەڭ ئېسىل ئۈزۈم تېلى تىكتى؛ ئۇ ئۈزۈمزار ئوتتۇرىسىغا كۆزىتىش مۇنارى سالدى، ئۈزۈمزار ئىچىدىمۇ شاراپ كۆلچىكى قازدى، ئاندىن ئۈزۈمدىن ياخشى ھوسۇل كۈتتى؛ بىراق بۇنىڭ ئورنىغا، ئۈزۈمزار ئاچچىق ئۈزۈملەرنىلا بەردى. |
«وَٱلْآنَ يَا سُكَّانَ أُورُشَلِيمَ وَرِجَالَ يَهُوذَا، ٱحْكُمُوا بَيْنِي وَبَيْنَ كَرْمِي. | ٣ 3 |
قېنى، ئى يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە يەھۇدانىڭ ئادەملىرى، مەن بىلەن ئۈزۈمزارىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ھۆكۈم چىقىرىڭلار! |
مَاذَا يُصْنَعُ أَيْضًا لِكَرْمِي وَأَنَا لَمْ أَصْنَعْهُ لَهُ؟ لِمَاذَا إِذِ ٱنْتَظَرْتُ أَنْ يَصْنَعَ عِنَبًا، صَنَعَ عِنَبًا رَدِيئًا؟ | ٤ 4 |
مېنىڭ ئۈزۈمزارىمدا قىلغۇدەك يەنە نېمە ئىشىم قالدى؟ ياخشى ئۈزۈملەرنى كۈتكىنىمدە، نېمىشقا پەقەت ئاچچىق ئۈزۈمنىلا چىقىرىپ بەردى؟ |
فَٱلْآنَ أُعَرِّفُكُمْ مَاذَا أَصْنَعُ بِكَرْمِي: أَنْزِعُ سِيَاجَهُ فَيَصِيرُ لِلرَّعْيِ. أَهْدِمُ جُدْرَانَهُ فَيَصِيرُ لِلدَّوْسِ. | ٥ 5 |
ئەمدى ھازىر ئۆز ئۈزۈمزارىمنى نېمە قىلىدىغىنىمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: ــ ئۇنىڭ چىتلاقلىرىنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇ يۇتۇۋېتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ تاملىرىنى چېقىپ غۇلىتىمەن، ئۇ چەيلىنىدۇ. |
وَأَجْعَلُهُ خَرَابًا لَا يُقْضَبُ وَلَا يُنْقَبُ، فَيَطْلَعُ شَوْكٌ وَحَسَكٌ. وَأُوصِي ٱلْغَيْمَ أَنْ لَا يُمْطِرَ عَلَيْهِ مَطَرًا». | ٦ 6 |
مەن ئۇنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن؛ ھېچكىم ئۇنى چاتاپ-پۇتاپ، پەرۋىش قىلمايدۇ؛ جىغانلار ۋە تىكەنلەر ئۇنىڭدا ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ بۇلۇتلارغا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچ يامغۇر ياغدۇرماڭلار دەپ بۇيرۇيمەن. |
إِنَّ كَرْمَ رَبِّ ٱلْجُنُودِ هُوَ بَيْتُ إِسْرَائِيلَ، وَغَرْسَ لَذَّتِهِ رِجَالُ يَهُوذَا. فَٱنْتَظَرَ حَقًّا فَإِذَا سَفْكُ دَمٍ، وَعَدْلًا فَإِذَا صُرَاخٌ. | ٧ 7 |
چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارى ــ ئىسرائىل جەمەتى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى بولغان ئۆسۈملۈك بولسا ــ يەھۇدادىكىلەردۇر؛ ئۇ ئادالەت مېۋىسىنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى زۇلۇم كۆردى؛ ھەققانىيلىقنى كۈتكەن، بىراق مانا ئەمدى نالە-پەرياد بولدى! |
وَيْلٌ لِلَّذِينَ يَصِلُونَ بَيْتًا بِبَيْتٍ، وَيَقْرِنُونَ حَقْلًا بِحَقْلٍ، حَتَّى لَمْ يَبْقَ مَوْضِعٌ. فَصِرْتُمْ تَسْكُنُونَ وَحْدَكُمْ فِي وَسَطِ ٱلْأَرْضِ. | ٨ 8 |
خەقلەرگە ھېچ ئورۇن قالدۇرماي ئۆينى-ئۆيگە، ئېتىزنى-ئېتىزغا ئۇلىغانلارغا ۋاي! ئۆزۈڭلارنى يالغۇز زېمىندا قالدۇرماقچىمۇسىلەر؟ |
فِي أُذُنَيَّ قَالَ رَبُّ ٱلْجُنُودِ: «أَلَا إِنَّ بُيُوتًا كَثِيرَةً تَصِيرُ خَرَابًا. بُيُوتًا كَبِيرَةً وَحَسَنَةً بِلَا سَاكِنٍ. | ٩ 9 |
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇلىقىمغا مۇنداق دېدى: ــ «كۆپلىگەن ئۆيلەر، دەرۋەقە ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك ئۆيلەر ئادەمزاتسىز، خاراب بولىدۇ. |
لِأَنَّ عَشْرَةَ فَدَادِينِ كَرْمٍ تَصْنَعُ بَثًّا وَاحِدًا، وَحُومَرَ بِذَارٍ يَصْنَعُ إِيفَةً». | ١٠ 10 |
بەرھەق، قىرىق مولۇق ئۈزۈمزار پەقەت ئالتە كۈپ شاراب بېرىدۇ، ئوتتۇز كۈرە دان بولسا پەقەت ئۈچ كۈرە ھوسۇل بېرىدۇ. |
وَيْلٌ لِلْمُبَكِّرِينَ صَبَاحًا يَتْبَعُونَ ٱلْمُسْكِرَ، لِلْمُتَأَخِّرِينَ فِي ٱلْعَتَمَةِ تُلْهِبُهُمُ ٱلْخَمْرُ. | ١١ 11 |
مەي ئىچىشكە ئالدىراپ تاڭ ئاتقاندا ئورنىدىن تۇرغانلارغا، قاراڭغۇ چۈشىشىگە قارىماي، شارابتىن كەيپ بولغۇچە بېسىپ ئولتۇرغانلارغا ۋاي! |
وَصَارَ ٱلْعُودُ وَٱلرَّبَابُ وَٱلدُّفُّ وَٱلنَّايُ وَٱلْخَمْرُ وَلَائِمَهُمْ، وَإِلَى فَعْلِ ٱلرَّبِّ لَا يَنْظُرُونَ، وَعَمَلَ يَدَيْهِ لَا يَرَوْنَ. | ١٢ 12 |
ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە چىلتار ۋە لىرا، تەمبۇر ۋە نەي، شارابمۇ بار؛ بىراق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىغا ۋە قول ئىشلىرىغا ھېچ ئېتىۋار قىلمايدۇ. |
لِذَلِكَ سُبِيَ شَعْبِي لِعَدَمِ ٱلْمَعْرِفَةِ، وَتَصِيرُ شُرَفَاؤُهُ رِجَالَ جُوعٍ، وَعَامَّتُهُ يَابِسِينَ مِنَ ٱلْعَطَشِ. | ١٣ 13 |
شۇ سەۋەبتىن ئۆز خەلقىم بىلىمدىن خەۋەرسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ؛ ئېسىلزادىلىرى ئېچىرقىشىپ، پۇقرالىرى ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كېتىدۇ. |
لِذَلِكَ وَسَّعَتِ ٱلْهَاوِيَةُ نَفْسَهَا، وَفَغَرَتْ فَاهَا بِلَا حَدٍّ، فَيَنْزِلُ بَهَاؤُهَا وَجُمْهُورُهَا وَضَجِيجُهَا وَٱلْمُبْتَهِجُ فِيهَا! (Sheol h7585) | ١٤ 14 |
شۇڭا تەھتىسارا نەپسىنى يوغىنىتىپ، ئاغزىنى ھاڭ ئاچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ شۆھرەتلىرى، توپ-توپ ئادەملىرى، قىقاس-سۈرەن كۆتۈرگۈچىلىرى ۋە نەغمە ئوينىغۇچىلىرى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. (Sheol h7585) |
وَيُذَلُّ ٱلْإِنْسَانُ وَيُحَطُّ ٱلرَّجُلُ، وَعُيُونُ ٱلْمُسْتَعْلِينَ تُوضَعُ. | ١٥ 15 |
پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ، تەكەببۇرلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ؛ |
وَيَتَعَالَى رَبُّ ٱلْجُنُودِ بِٱلْعَدْلِ، وَيَتَقَدَّسُ ٱلإِلَهُ ٱلْقُدُّوسُ بِٱلْبِرِّ. | ١٦ 16 |
بىراق ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئادالەت يۈرگۈزگىنىدە ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ، پاك-مۇقەددەس بولغۇچى تەڭرى ھەققانىيلىقىدىن پاك-مۇقەددەس دەپ بىلىنىدۇ. |
وَتَرْعَى ٱلْخِرْفَانُ حَيْثُمَا تُسَاقُ، وَخِرَبُ ٱلسِّمَانِ تَأْكُلُهَا ٱلْغُرَبَاءُ. | ١٧ 17 |
شۇ چاغدا قوزىلار ئۆز يايلاقلىرىدا تۇرغاندەك ئوتلايدۇ، مۇساپىرلارمۇ بايلارنىڭ ۋەيرانە ئۆيلىرىدە ئوزۇقلىنىدۇ. |
وَيْلٌ لِلْجَاذِبِينَ ٱلْإِثْمَ بِحِبَالِ ٱلْبُطْلِ، وَٱلْخَطِيَّةَ كَأَنَّهُ بِرُبُطِ ٱلْعَجَلَةِ، | ١٨ 18 |
قەبىھلىكنى ئالدامچىلىقنىڭ يىپلىرى بىلەن، گۇناھنى ھارۋا ئارغامچىسى بىلەن تارتقانلارغا ۋاي! |
ٱلْقَائِلِينَ: «لِيُسْرِعْ، لِيُعَجِّلْ عَمَلَهُ لِكَيْ نَرَى، وَلْيَقْرُبْ وَيَأْتِ مَقْصَدُ قُدُّوسِ إِسْرَائِيلَ لِنَعْلَمَ». | ١٩ 19 |
يەنى: «[خۇدا] ئالدىرىسۇن! ئىشلىرىنى ئۆزى ئىتتىكرەك ئادا قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى كۆرەلەيمىز! «ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى»نىڭ نىيەت قىلغىنى يېقىنلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلغاي، بىز ئۇنى بىلىۋالايلى!» ــ دېگەنلەرگە ۋاي! |
وَيْلٌ لِلْقَائِلِينَ لِلشَّرِّ خَيْرًا وَلِلْخَيْرِ شَرًّا، ٱلْجَاعِلِينَ ٱلظَّلَامَ نُورًا وَٱلنُّورَ ظَلَامًا، ٱلْجَاعِلِينَ ٱلْمُرَّ حُلْوًا وَٱلْحُلْوَ مُرًّا. | ٢٠ 20 |
ياماننى ياخشى، ياخشىنى يامان دېگۈچىلەرگە، قاراڭغۇلۇقنى نۇرنىڭ، نۇرنى قاراڭغۇلۇقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا، ئاچچىقنى تاتلىقنىڭ، تاتلىقنى ئاچچىقنىڭ ئورنىغا قويغۇچىلارغا ۋاي! |
وَيْلٌ لِلْحُكَمَاءِ فِي أَعْيُنِ أَنْفُسِهِمْ، وَٱلْفُهَمَاءِ عِنْدَ ذَوَاتِهِمْ. | ٢١ 21 |
ئۆزلىرىنى دانا دەپ چاغلىغانلارغا، ئۆز نەزىرىدە ئۆزلىرىنى ئەقىللىق دەپ قارىغانلارغا ۋاي! |
وَيْلٌ لِلْأَبْطَالِ عَلَى شُرْبِ ٱلْخَمْرِ، وَلِذَوِي ٱلْقُدْرَةِ عَلَى مَزْجِ ٱلْمُسْكِرِ. | ٢٢ 22 |
شاراب ئىچىشكە باتۇر بولغانلارغا، ھاراقنى ئەبجەش قىلىشتا قەھرىمان بولغانلارغا، |
ٱلَّذِينَ يُبَرِّرُونَ ٱلشِّرِّيرَ مِنْ أَجْلِ ٱلرُّشْوَةِ، وَأَمَّا حَقُّ ٱلصِّدِّيقِينَ فَيَنْزِعُونَهُ مِنْهُمْ. | ٢٣ 23 |
يەنى پارا ئۈچۈن رەزىللەرنى ئاقلاپ، شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ ئادالىتىنى رەت قىلغۇچىلارغا ۋاي! |
لِذَلِكَ كَمَا يَأْكُلُ لَهِيبُ ٱلنَّارِ ٱلْقَشَّ، وَيَهْبِطُ ٱلْحَشِيشُ ٱلْمُلْتَهِبُ، يَكُونُ أَصْلُهُمْ كَٱلْعُفُونَةِ، وَيَصْعَدُ زَهْرُهُمْ كَٱلْغُبَارِ، لِأَنَّهُمْ رَذَلُوا شَرِيعَةَ رَبِّ ٱلْجُنُودِ، وَٱسْتَهَانُوا بِكَلَامِ قُدُّوسِ إِسْرَائِيلَ. | ٢٤ 24 |
شۇڭا، ئوت يالقۇنلىرى سامانلارنى يۇتۇۋەتكەندەك، يالقۇنلاردا مەڭگەنلەر سولىشىپ يوقالغاندەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلىرى چاڭ-توزاڭدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇق-قانۇنىنى چەتكە قاققان، ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سۆز-كالامىنى كۆزگە ئىلمىغانىدى. |
مِنْ أَجْلِ ذَلِكَ حَمِيَ غَضَبُ ٱلرَّبِّ عَلَى شَعْبِهِ، وَمَدَّ يَدَهُ عَلَيْهِ وَضَرَبَهُ، حَتَّى ٱرْتَعَدَتِ ٱلْجِبَالُ وَصَارَتْ جُثَثُهُمْ كَٱلزِّبْلِ فِي ٱلْأَزِقَّةِ. مَعَ كُلِّ هَذَا لَمْ يَرْتَدَّ غَضَبُهُ، بَلْ يَدُهُ مَمْدُودَةٌ بَعْدُ. | ٢٥ 25 |
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى ئۆز خەلقىگە قاراپ قاينايدۇ، ئۇ ئۇلارغا قاراپ قولىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ ئۆلۈكلەر ئەخلەتلەردەك كوچىلار ئوتتۇرىسىدا دۆۋە-دۆۋە بولىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلار بولسىمۇ، ئۇنىڭ غەزىپى يەنىلا يانمايدۇ، سوزغان قولى يەنىلا قايتۇرۇلماي تۇرىدۇ. |
فَيَرْفَعُ رَايَةً لِلْأُمَمِ مِنْ بَعِيدٍ، وَيَصْفِرُ لَهُمْ مِنْ أَقْصَى ٱلْأَرْضِ، فَإِذَا هُمْ بِٱلْعَجَلَةِ يَأْتُونَ سَرِيعًا. | ٢٦ 26 |
ئۇ يىراقتىكى ئەللەرنى چاقىرىپ تۇغنى كۆتۈرىدۇ، ئۇ يەر يۈزىنىڭ چەت ياقىسىدىن بىر ئەلنى ئۈشقىرتىپ چاقىرىدۇ؛ مانا ئۇلار تېزدىن ئالدىراپ كېلىدۇ! |
لَيْسَ فِيهِمْ رَازِحٌ وَلَا عَاثِرٌ. لَا يَنْعَسُونَ وَلَا يَنَامُونَ، وَلَا تَنْحَلُّ حُزُمُ أَحْقَائِهِمْ، وَلَا تَنْقَطِعُ سُيُورُ أَحْذِيَتِهِمْ. | ٢٧ 27 |
ئۇلاردىن ھېچبىرى چارچاپ كەتمەيدۇ، پۇتلىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ھېچبىرى مۈگدىمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ، باغلىغان بەلۋاغلىرىدىن ھېچبىرى بوشىمايدۇ، چورۇقلىرىنىڭ بوغقۇچلىرىدىن ھېچبىرى ئۈزۈلمەيدۇ؛ |
ٱلَّذِينَ سِهَامُهُمْ مَسْنُونَةٌ، وَجَمِيعُ قِسِيِّهِمْ مَمْدُودَةٌ. حَوَافِرُ خَيْلِهِمْ تُحْسَبُ كَٱلصَّوَّانِ، وَبَكَرَاتُهُمْ كَٱلزَّوْبَعَةِ. | ٢٨ 28 |
ئۇلارنىڭ ئوقلىرى ئىتتىك، بارلىق ئوقيالىرىنىڭ كىرىچلىرى تارتىلىپ تەييار تۇرىدۇ، ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تېشىدەك بولىدۇ، [جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ] چاقلىرى قويۇنتازدەك ئايلىنىدۇ؛ |
لَهُمْ زَمْجَرَةٌ كَٱللَّبْوَةِ، وَيُزَمْجِرُونَ كَٱلشِّبْلِ، وَيَهِرُّونَ وَيُمْسِكُونَ ٱلْفَرِيسَةَ وَيَسْتَخْلِصُونَهَا وَلَا مُنْقِذَ. | ٢٩ 29 |
ئۇلارنىڭ ھۆركىرەشلىرى شىرنىڭكىدەك بولىدۇ، ئۇلار ئارسلانلاردەك ھۆركىرىشىدۇ، دەرۋەقە، ئۇلار ئوۋغا ئېرىشكەندە غاژ-غۇژ قىلىپ ھۆرپىيىشىدۇ؛ ئوۋنى قۇتقۇزغۇدەك ھېچكىم بولماي، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ. |
يَهِرُّونَ عَلَيْهِمْ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ كَهَدِيرِ ٱلْبَحْرِ. فَإِنْ نُظِرَ إِلَى ٱلْأَرْضِ فَهُوَذَا ظَلَامُ ٱلضِّيقِ، وَٱلنُّورُ قَدْ أَظْلَمَ بِسُحُبِهَا. | ٣٠ 30 |
شۇ كۈنى ئۇلار دېڭىزلار ھۆركۈرىگەندەك ئوۋغا ھۆركىرىشىدۇ؛ ئەگەر بىرەرسى يەر-زېمىنغا قارىغۇدەك بولسا، پەقەت قاراڭغۇلۇق، دەرد-ئەلەمنىلا كۆرىدۇ! ھەرقانداق نۇر بۇلۇت-تۇمان تەرىپىدىن غۇۋالىشىدۇ. |