اِسْمَعِي لِي أَيَّتُهَا ٱلْجَزَائِرُ، وَٱصْغَوْا أَيُّهَا ٱلْأُمَمُ مِنْ بَعِيدٍ: ٱلرَّبُّ مِنَ ٱلْبَطْنِ دَعَانِي. مِنْ أَحْشَاءِ أُمِّي ذَكَرَ ٱسْمِي، | ١ 1 |
«ئى ئاراللار، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار، يىراقتىكى ئەل-يۇرتلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! بالىياتقۇدىكى چېغىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى؛ ئاپامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىن تارتىپ ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى تىلغا ئالدى؛ |
وَجَعَلَ فَمِي كَسَيْفٍ حَادٍّ. فِي ظِلِّ يَدِهِ خَبَّأَنِي وَجَعَلَنِي سَهْمًا مَبْرِيًّا. فِي كِنَانَتِهِ أَخْفَانِي. | ٢ 2 |
ئۇ ئاغزىمنى ئۆتكۈر قىلىچتەك قىلدى؛ ئۆز قولىنىڭ سايىسى ئاستىدا مېنى يوشۇرۇپ كەلدى، مېنى سىلىقلانغان بىر ئوق قىلدى؛ ئۇ مېنى ئوقدېنىغا سېلىپ ساقلىدى، |
وَقَالَ لِي: «أَنْتَ عَبْدِي إِسْرَائِيلُ ٱلَّذِي بِهِ أَتَمَجَّدُ». | ٣ 3 |
ۋە ماڭا: «سەن بولساڭ ئۆزۈڭدە مېنىڭ گۈزەللىك-جۇلالىقىم ئايان قىلىنىدىغان ئۆز قۇلۇم ئىسرائىلدۇرسەن» ــ دېدى». |
أَمَّا أَنَا فَقُلْتُ: «عَبَثًا تَعِبْتُ. بَاطِلًا وَفَارِغًا أَفْنَيْتُ قُدْرَتِي. لَكِنَّ حَقِّي عِنْدَ ٱلرَّبِّ، وَعَمَلِي عِنْدَ إِلَهِي». | ٤ 4 |
ئەمما مەن: ــ «مېنىڭ ئەجرىم بىكارغا كەتتى، ھېچنېمىگە ئېرىشمەي كۈچ-ماغدۇرۇمنى قۇرۇق سەرپ قىلدىم؛ شۇنداقتىمۇ باھالىنىشىم بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر، مېنىڭ ئەجرىمنىمۇ خۇدايىمغا تاپشۇردۇم» ــ دېدىم؛ |
وَٱلْآنَ قَالَ ٱلرَّبُّ جَابِلِي مِنَ ٱلْبَطْنِ عَبْدًا لَهُ، لِإِرْجَاعِ يَعْقُوبَ إِلَيْهِ، فَيَنْضَمُّ إِلَيْهِ إِسْرَائِيلُ فَأَتَمَجَّدُ فِي عَيْنَيِ ٱلرَّبِّ، وَإِلَهِي يَصِيرُ قُوَّتِي. | ٥ 5 |
ئەمدى مېنى ئۆز قۇلى بولۇشقا، ياقۇپنى توۋا قىلىپ ئۇنىڭ يېنىغا قايتۇرۇشقا مېنى بالىياتقۇدا شەكىللەندۈرگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ (ئىسرائىل قايتۇرۇلۇپ يېنىغا توپلانمىغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شان-شەرەپكە ئىگە بولدۇم، شۇنىڭدەك خۇدايىم مېنىڭ كۈچۈمدۇر) |
فَقَالَ: «قَلِيلٌ أَنْ تَكُونَ لِي عَبْدًا لِإِقَامَةِ أَسْبَاطِ يَعْقُوبَ، وَرَدِّ مَحْفُوظِي إِسْرَائِيلَ. فَقَدْ جَعَلْتُكَ نُورًا لِلْأُمَمِ لِتَكُونَ خَلَاصِي إِلَى أَقْصَى ٱلْأَرْضِ». | ٦ 6 |
ــ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ــ «سېنىڭ ياقۇپ قەبىلىلىرىنى [گۇناھتىن قۇتقۇزۇپ] تۇرغۇزۇشقا، ھەمدە ئىسرائىلدىكى «ساقلانغان سادىقلار»نى بەختكە قايتۇرۇشقا قۇلۇم بولۇشۇڭ سەن ئۈچۈن زەررىچىلىك بىر ئىشتۇر؛ مەن تېخى سېنى ئەللەرگە نۇر بولۇشقا، يەر يۈزىنىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە نىجاتىم بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى ئاتىدىم». |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ فَادِي إِسْرَائِيلَ، قُدُّوسُهُ، لِلْمُهَانِ ٱلنَّفْسِ، لِمَكْرُوهِ ٱلْأُمَّةِ، لِعَبْدِ ٱلْمُتَسَلِّطِينَ: «يَنْظُرُ مُلُوكٌ فَيَقُومُونَ. رُؤَسَاءُ فَيَسْجُدُونَ. لِأَجْلِ ٱلرَّبِّ ٱلَّذِي هُوَ أَمِينٌ، وَقُدُّوسِ إِسْرَائِيلَ ٱلَّذِي قَدِ ٱخْتَارَكَ». | ٧ 7 |
ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى، ئۇنىڭدىكى مۇقەددەس بولغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئادەملەر ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىگە، يەنى كۆپچىلىك لەنىتىي دەپ قارىغان، ئەمەلدارلارغا قۇل قىلىنغان كىشىگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «سۆزىدە تۇرغۇچى پەرۋەردىگار، يەنى سېنى تاللىغان ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىنىڭ سەۋەبىدىن، پادىشاھلار كۆزلىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئەمەلدارلارمۇ باش ئۇرىدۇ؛ |
هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: «فِي وَقْتِ ٱلْقُبُولِ ٱسْتَجَبْتُكَ، وَفِي يَوْمِ ٱلْخَلَاصِ أَعَنْتُكَ. فَأَحْفَظُكَ وَأَجْعَلُكَ عَهْدًا لِلشَّعْبِ، لِإِقَامَةِ ٱلْأَرْضِ، لِتَمْلِيكِ أَمْلَاكِ ٱلْبَرَارِيِّ، | ٨ 8 |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «شاپائەت كۆرسىتىلىدىغان بىر پەيتتە دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشنى بېكىتكەنمەن، نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەتكۈزۈلىدىغان بىر كۈنىدە مەن ساڭا ياردەمدە بولۇشۇمنى بېكىتكەنمەن؛ مەن سېنى قوغدايمەن، سېنى خەلقىمگە ئەھدە سۈپىتىدە بېرىمەن؛ شۇنداق قىلىپ سەن زېمىننى ئەسلىگە كەلتۈرىسەن، [خەلقىمنى] خارابە بولۇپ كەتكەن مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلدۇرىسەن، |
قَائِلًا لِلْأَسْرَى: ٱخْرُجُوا. لِلَّذِينَ فِي ٱلظَّلَامِ: ٱظْهَرُوا. عَلَى ٱلطُّرُقِ يَرْعَوْنَ وَفِي كُلِّ ٱلْهِضَابِ مَرْعَاهُمْ. | ٩ 9 |
سەن مەھبۇسلارغا: «بۇياققا كېلىڭلار»، قاراڭغۇلۇقتا ئولتۇرغانلارغا: «نۇرغا چىقىڭلار» ــ دەيسەن؛ ئۇلار يوللار بويىدىمۇ ئوتلاپ يۈرىدۇ، ھەتتا ھەربىر تاقىر تاغلاردىن ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛ |
لَا يَجُوعُونَ وَلَا يَعْطَشُونَ، وَلَا يَضْرِبُهُمْ حَرٌّ وَلَا شَمْسٌ، لِأَنَّ ٱلَّذِي يَرْحَمُهُمْ يَهْدِيهِمْ وَإِلَى يَنَابِيعِ ٱلْمِيَاهِ يُورِدُهُمْ. | ١٠ 10 |
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسساپ كەتمەيدۇ؛ تومۇز ئىسسىقمۇ، قۇياش تەپتىمۇ ئۇلارنى ئۇرمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلارغا رەھىم قىلغۇچى ئۇلارنى يېتەكلەيدۇ، ئۇ ئۇلارغا بۇلاقلارنى بويلىتىپ يول باشلايدۇ. |
وَأَجْعَلُ كُلَّ جِبَالِي طَرِيقًا، وَمَنَاهِجِي تَرْتَفِعُ. | ١١ 11 |
شۇنىڭدەك مەن بارلىق تاغلىرىمنى يول قىلىمەن، مېنىڭ يوللىرىم بولسا ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ. |
هَؤُلَاءِ مِنْ بَعِيدٍ يَأْتُونَ، وَهَؤُلَاءِ مِنَ ٱلشَّمَالِ وَمِنَ ٱلْمَغْرِبِ، وَهَؤُلَاءِ مِنْ أَرْضِ سِينِيمَ». | ١٢ 12 |
مانا، مۇشۇ كىشىلەر يىراقتىن كېلىۋاتىدۇ، مانا، بۇلار بولسا شىمالدىن ۋە غەربتىن كېلىۋاتىدۇ، ھەم مۇشۇلار سىنىم زېمىنىدىنمۇ كېلىۋاتىدۇ. |
تَرَنَّمِي أَيَّتُهَا ٱلسَّمَاوَاتُ، وَٱبْتَهِجِي أَيَّتُهَا ٱلْأَرْضُ. لِتُشِدِ ٱلْجِبَالُ بِٱلتَّرَنُّمِ، لِأَنَّ ٱلرَّبَّ قَدْ عَزَّى شَعْبَهُ، وَعَلَى بَائِسِيهِ يَتَرَحَّمُ. | ١٣ 13 |
خۇشاللىقتىن توۋلاڭلار، ئى ئاسمانلار؛ ئى يەر-زېمىن، شادلان؛ ناخشىلارنى ياڭرىتىڭلار، ئى تاغلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بەردى، ئۆزىنىڭ خار بولغان پېقىر-مۆمىنلىرىگە رەھىم قىلىدۇ. |
وَقَالَتْ صِهْيَوْنُ: «قَدْ تَرَكَنِي ٱلرَّبُّ، وَسَيِّدِي نَسِيَنِي». | ١٤ 14 |
بىراق زىئون بولسا: ــ «پەرۋەردىگار مەندىن ۋاز كەچتى، رەببىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى!» ــ دەيدۇ. |
«هَلْ تَنْسَى ٱلْمَرْأَةُ رَضِيعَهَا فَلَا تَرْحَمَ ٱبْنَ بَطْنِهَا؟ حَتَّى هَؤُلَاءِ يَنْسَيْنَ، وَأَنَا لَا أَنْسَاكِ. | ١٥ 15 |
ئانا ئۆزى ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيالامدۇ؟ ئۆز قورسىقىدىن تۇغقان ئوغلىغا رەھىم قىلماي تۇرالامدۇ؟ ھەتتا ئۇلار ئۇنتۇغان بولسىمۇ، مەن سېنى ئۇنتۇيالمايمەن. |
هُوَذَا عَلَى كَفَّيَّ نَقَشْتُكِ. أَسْوَارُكِ أَمَامِي دَائِمًا. | ١٦ 16 |
مانا، مەن سېنى ئۆز ئالقانلىرىمغا ئويۇپ پۈتكەنمەن؛ [خارابە] تاملىرىڭ ھەردائىم كۆز ئالدىمدىدۇر. |
قَدْ أَسْرَعَ بَنُوكِ. هَادِمُوكِ وَمُخْرِبُوكِ مِنْكِ يَخْرُجُونَ. | ١٧ 17 |
ئوغۇل بالىلىرىڭ [قايتىشقا] ئالدىرىۋاتىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى ۋەيران قىلغانلار، خاراب قىلغانلار سېنىڭدىن يىراق كېتىۋاتىدۇ؛ |
اِرْفَعِي عَيْنَيْكِ حَوَالَيْكِ وَٱنْظُرِي. كُلُّهُمْ قَدِ ٱجْتَمَعُوا، أَتَوْا إِلَيْكِ. حَيٌّ أَنَا، يَقُولُ ٱلرَّبُّ، إِنَّكِ تَلْبَسِينَ كُلَّهُمْ كَحُلِيٍّ، وَتَتَنَطَّقِينَ بِهِمْ كَعَرُوسٍ. | ١٨ 18 |
بېشىڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئەتراپىڭغا قاراپ باق! ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەم بولۇپ قېشىڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ! ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە زىبۇ-زىننەتلەر قىلىپ كىيىسەن؛ تويى بولىدىغان قىزدەك سەن ئۇلارنى تاقايسەن؛ |
إِنَّ خِرَبَكِ وَبَرَارِيَّكِ وَأَرْضَ خَرَابِكِ، إِنَّكِ تَكُونِينَ ٱلْآنَ ضَيِّقَةً عَلَى ٱلسُّكَّانِ، وَيَتَبَاعَدُ مُبْتَلِعُوكِ. | ١٩ 19 |
چۈنكى خارابە ھەم چۆلدەرەپ كەتكەن جايلىرىڭ، ۋەيران قىلىنغان زېمىنىڭ، ھازىر كېلىپ، تۇرماقچى بولغانلار تۈپەيلىدىن ساڭا تارچىلىق قىلىدۇ؛ ئەسلىدە سېنى يۇتۇۋالغانلار يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. |
يَقُولُ أَيْضًا فِي أُذُنَيْكِ بَنُو ثُكْلِكِ: ضَيِّقٌ عَلَيَّ ٱلْمَكَانُ. وَسِّعِي لِي لِأَسْكُنَ. | ٢٠ 20 |
سېنىڭدىن جۇدا قىلىنغان بالىلىرىڭ بولسا ساڭا: ــ «مۇشۇ جاي تۇرۇشۇمغا بەك تارچىلىق قىلىدۇ؛ ماڭا تۇرغۇدەك بىر جاينى بوشىتىپ بەرسەڭ!» ــ دەيدۇ؛ |
فَتَقُولِينَ فِي قَلْبِكِ: مَنْ وَلَدَ لِي هَؤُلَاءِ وَأَنَا ثَكْلَى، وَعَاقِرٌ مَنْفِيَّةٌ وَمَطْرُودَةٌ؟ وَهَؤُلَاءِ مَنْ رَبَّاهُمْ؟ هَأَنَذَا كُنْتُ مَتْرُوكَةً وَحْدِي. هَؤُلَاءِ أَيْنَ كَانُوا؟». | ٢١ 21 |
سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەن بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قالغان، غېرىب-مۇساپىر ۋە سۈرگۈن بولۇپ، ئۇيان-بۇيان ھەيدىۋېتىلگەن تۇرسام، كىم مۇشۇلارنى ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ كىم ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلدى؟ مانا، مەن غېرىب-يالغۇز قالدۇرۇلغانمەن؛ ئەمدى مۇشۇلار زادى نەدىن كەلگەندۇر؟» ــ دەيسەن. |
هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: «هَا إِنِّي أَرْفَعُ إِلَى ٱلْأُمَمِ يَدِي وَإِلَى ٱلشُّعُوبِ أُقِيمُ رَايَتِي، فَيَأْتُونَ بِأَوْلَادِكِ فِي ٱلْأَحْضَانِ، وَبَنَاتُكِ عَلَى ٱلْأَكْتَافِ يُحْمَلْنَ. | ٢٢ 22 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن ئەللەرگە قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىمەن، ئەل-مىللەتلەرگە كۆرۈنىدىغان بىر تۇغنى تىكلەيمەن؛ ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قۇچىقىدا ئېلىپ كېلىشىدۇ؛ ئۇلار قىزلىرىڭنى ھاپاش قىلىپ كېلىدۇ. |
وَيَكُونُ ٱلْمُلُوكُ حَاضِنِيكِ وَسَيِّدَاتُهُمْ مُرْضِعَاتِكِ. بِٱلْوُجُوهِ إِلَى ٱلْأَرْضِ يَسْجُدُونَ لَكِ، وَيَلْحَسُونَ غُبَارَ رِجْلَيْكِ، فَتَعْلَمِينَ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ ٱلَّذِي لَا يَخْزَى مُنْتَظِرُوهُ». | ٢٣ 23 |
پادىشاھلار بولسا، «ئاتاق دادىلىرىڭ،» خانىشلار بولسا ئىنىكئانىلىرىڭ بولىدۇ؛ ئۇلار ساڭا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پۇتلىرىڭ ئالدىدىكى چاڭ-توپىنىمۇ يالايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن؛ چۈنكى ماڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتكەنلەر ھەرگىز يەرگە قاراپ قالمايدۇ. |
هَلْ تُسْلَبُ مِنَ ٱلْجَبَّارِ غَنِيمَةٌ؟ وَهَلْ يُفْلِتُ سَبْيُ ٱلْمَنْصُورِ؟ | ٢٤ 24 |
ئولجىنى باتۇرلاردىن ئېلىۋالغىلى بولامدۇ؟ ھەققانىيەت جازاسى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسا قۇتۇلدۇرغىلى بولامدۇ؟ |
فَإِنَّهُ هَكَذَا قَالَ ٱلرَّبُّ: «حَتَّى سَبْيُ ٱلْجَبَّارِ يُسْلَبُ، وَغَنِيمَةُ ٱلْعَاتِي تُفْلِتُ. وَأَنَا أُخَاصِمُ مُخَاصِمَكِ وَأُخَلِّصُ أَوْلَادَكِ، | ٢٥ 25 |
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەتتا باتۇرلاردىن ئەسىرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋالغىلى، ئەشەددىيلەردىن ئولجىنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ؛ ۋە سەن بىلەن دەۋالاشقانلار بىلەن مەنمۇ دەۋالىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىڭنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلىمەن. |
وَأُطْعِمُ ظَالِمِيكِ لَحْمَ أَنْفُسِهِمْ، وَيَسْكَرُونَ بِدَمِهِمْ كَمَا مِنْ سُلَافٍ، فَيَعْلَمُ كُلُّ بَشَرٍ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ مُخَلِّصُكِ، وَفَادِيكِ عَزِيزُ يَعْقُوبَ». | ٢٦ 26 |
سېنى ئەزگۈچىلەرنى ئۆز گۆشى بىلەن ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىمەن؛ ئۇلار يېڭى شاراب ئىچكەندەك ئۆز قېنى بىلەن مەست بولۇپ كېتىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ ھەم ھەمجەمەت-نىجاتكارىڭ، ياقۇپقا كۈچ-قۇدرەت بولغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. |