هَلُمَّ نَرْجِعُ إِلَى ٱلرَّبِّ لِأَنَّهُ هُوَ ٱفْتَرَسَ فَيَشْفِينَا، ضَرَبَ فَيَجْبِرُنَا. | ١ 1 |
«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بىراق ساقايتىدۇ؛ ئۇرۇۋەتتى، بىراق بىزنى تېڭىپ قويىدۇ. |
يُحْيِينَا بَعْدَ يَوْمَيْنِ. فِي ٱلْيَوْمِ ٱلثَّالِثِ يُقِيمُنَا فَنَحْيَا أَمَامَهُ. | ٢ 2 |
ئۇ ئىككى كۈندىن كېيىن بىزنى جانلاندۇرىدۇ؛ ئۈچىنچى كۈنى ئۇ بىزنى تىرىلدۈرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يۈزى ئالدىدا ھايات ياشايمىز! |
لِنَعْرِفْ فَلْنَتَتَبَّعْ لِنَعْرِفَ ٱلرَّبَّ. خُرُوجُهُ يَقِينٌ كَٱلْفَجْرِ. يَأْتِي إِلَيْنَا كَٱلْمَطَرِ. كَمَطَرٍ مُتَأَخِّرٍ يَسْقِي ٱلْأَرْضَ. | ٣ 3 |
ۋە بىز ئۇنى بىلىدىغان بولىمىز! بىز پەرۋەردىگارنى تونۇش ھەم بىلىش ئۈچۈن ئىنتىلىپ قوغلايمىز! ئۇنىڭ بىزنى قۇتقۇزۇشقا چىقىشى تاڭ سەھەرنىڭ بولۇشىدەك مۇقەررەر؛ ئۇ يېنىمىزغا يامغۇردەك، يەر-زېمىننى سۇغىرىدىغان «كېيىنكى يامغۇر»دەك چۈشۈپ كېلىدۇ!». |
«مَاذَا أَصْنَعُ بِكَ يَا أَفْرَايِمُ؟ مَاذَا أَصْنَعُ بِكَ يَا يَهُوذَا؟ فَإِنَّ إِحْسَانَكُمْ كَسَحَابِ ٱلصُّبْحِ، وَكَالنَّدَى ٱلْمَاضِي بَاكِرًا. | ٤ 4 |
ئى ئەفرائىم، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ ئى يەھۇدا، سېنى قانداق قىلسام بولار؟ چۈنكى ياخشىلىقىڭلار سەھەردىكى بىر پارچە بۇلۇتتەك، تېزدىن يوقاپ كېتىدىغان شەبنەمدەكتۇر. |
لِذَلِكَ أَقْرِضُهُمْ بِٱلْأَنْبِيَاءِ. أَقْتُلُهُمْ بِأَقْوَالِ فَمِي. وَٱلْقَضَاءُ عَلَيْكَ كَنُورٍ قَدْ خَرَجَ. | ٥ 5 |
شۇڭا مەن پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇلارنى چېپىۋەتكەن؛ ئاغزىمدىكى سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنمەن؛ مېنىڭ ھۆكۈمۈم تاڭ نۇرىدەك چىقىدۇ. |
«إِنِّي أُرِيدُ رَحْمَةً لَا ذَبِيحَةً، وَمَعْرِفَةَ ٱللهِ أَكْثَرَ مِنْ مُحْرَقَاتٍ. | ٦ 6 |
چۈنكى مەن قۇربانلىقلاردىن ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتتىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن كۆرە، خۇدانى تونۇش ھەم بىلىشتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. |
وَلَكِنَّهُمْ كَآدَمَ تَعَدَّوْا ٱلْعَهْدَ. هُنَاكَ غَدَرُوا بِي. | ٧ 7 |
بىراق ئۇلار ئادەمئاتىدەك ئەھدىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغان؛ ئۇلار مانا شۇ يول بىلەن ماڭا ئاسىيلىق قىلغان. |
جَلْعَادُ قَرْيَةُ فَاعِلِي ٱلْإِثْمِ مَدُوسَةٌ بِٱلدَّمِ. | ٨ 8 |
گىلېئاد بولسا قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ شەھىرى؛ ئۇ قان بىلەن بويالغان. |
وَكَمَا يَكْمُنُ لُصُوصٌ لِإِنْسَانٍ، كَذَلِكَ زُمْرَةُ ٱلْكَهَنَةِ فِي ٱلطَّرِيقِ يَقْتُلُونَ نَحْوَ شَكِيمَ. إِنَّهُمْ قَدْ صَنَعُوا فَاحِشَةً. | ٩ 9 |
قاراقچىلار ئادەمنى پايلىغاندەك، كاھىنلار توپى شەكەمگە بارىدىغان يولدا قاتىللىق قىلماقتا؛ بەرھەق، ئۇلار ئىپلاسلىق قىلماقتا. |
في بَيْتِ إِسْرَائِيلَ رَأَيْتُ أَمْرًا فَظِيعًا. هُنَاكَ زَنَى أَفْرَايِمُ. تَنَجَّسَ إِسْرَائِيلُ. | ١٠ 10 |
ئىسرائىل جەمەتىدە يىرگىنچلىك بىر ئىشنى كۆردۈم؛ ئەفرائىمنىڭ پاھىشىلىكى شۇ يەردە تېپىلىدۇ، ئىسرائىل بۇلغاندى. |
وَأَنْتَ أَيْضًا يَا يَهُوذَا قَدْ أُعِدَّ لَكَ حَصَادٌ، عِنْدَمَا أَرُدُّ سَبْيَ شَعْبِي. | ١١ 11 |
يەنە ساڭىمۇ، ئى يەھۇدا، تېرىغان [گۇناھلىرىڭنىڭ] ھوسۇلى بېكىتىلگەندۇر! |