قَوْلُ ٱلرَّبِّ ٱلَّذِي صَارَ إِلَى هُوشَعَ بْنِ بِئِيرِي، فِي أَيَّامِ عُزِّيَّا وَيُوثَامَ وَآحَازَ وَحَزَقِيَّا مُلُوكِ يَهُوذَا، وَفِي أَيَّامِ يَرُبْعَامَ بْنِ يُوآشَ مَلِكِ إِسْرَائِيلَ. | ١ 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ كالامى ــ ئۇززىيا، يوتام، ئاھاز ۋە ھەزەكىيالار يەھۇداغا، يوئاشنىڭ ئوغلى يەروبوئام ئىسرائىلغا پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، كالام بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا كەلدى؛ |
أَوَّلَ مَا كَلَّمَ ٱلرَّبُّ هُوشَعَ، قَالَ ٱلرَّبُّ لِهُوشَعَ: «ٱذْهَبْ خُذْ لِنَفْسِكَ ٱمْرَأَةَ زِنًى وَأَوْلَادَ زِنًى، لِأَنَّ ٱلْأَرْضَ قَدْ زَنَتْ زِنًى تَارِكَةً ٱلرَّبَّ». | ٢ 2 |
پەرۋەردىگارنىڭ ھوشىيا ئارقىلىق كەلگەن سۆزىنىڭ باشلىنىشى ــ پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «بارغىن، پاھىشىلىككە بېرىلگەن بىر ئايالنى ئەمرىڭگە ئالغىن، پاھىشىلىكتىن بولغان بالىلارنى ئۆز قولۇڭغا ئالغىن؛ چۈنكى زېمىن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ پاھىشىلىككە پۈتۈنلەي بېرىلدى» دېدى. |
فَذَهَبَ وَأَخَذَ جُومَرَ بِنْتَ دِبْلَايِمَ، فَحَبِلَتْ وَوَلَدَتْ لَهُ ٱبْنًا، | ٣ 3 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېرىپ دىبلائىمنىڭ قىزى گومەرنى ئەمرىگە ئالدى؛ ئايال ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغدى. |
فَقَالَ لَهُ ٱلرَّبُّ: «ٱدْعُ ٱسْمَهُ يَزْرَعِيلَ، لِأَنَّنِي بَعْدَ قَلِيلٍ أُعَاقِبُ بَيْتَ يَاهُو عَلَى دَمِ يَزْرَعِيلَ، وَأُبِيدُ مَمْلَكَةَ بَيْتِ إِسْرَائِيلَ. | ٤ 4 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «يىزرەئەل» دەپ قويغىن؛ چۈنكى يەنە ئازغىنا ۋاقىت ئۆتكەندە، مەن «يىزرەئەل»نىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى يەھۇنىڭ جەمەتى ئۈستىگە قويىمەن ۋە ئىسرائىل جەمەتىنىڭ پادىشاھلىقىغا خاتىمە بېرىمەن. |
وَيَكُونُ فِي ذَلِكَ ٱلْيَوْمِ أَنِّي أَكْسِرُ قَوْسَ إِسْرَائِيلَ فِي وَادِي يَزْرَعِيلَ». | ٥ 5 |
ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، مەن ئىسرائىلنىڭ ئوقياسىنى يىزرەئەل جىلغىسىدا سۇندىرىۋېتىمەن». |
ثُمَّ حَبِلَتْ أَيْضًا وَوَلَدَتْ بِنْتًا، فَقَالَ لَهُ: «ٱدْعُ ٱسْمَهَا لُورُحَامَةَ، لِأَنِّي لَا أَعُودُ أَرْحَمُ بَيْتَ إِسْرَائِيلَ أَيْضًا، بَلْ أَنْزِعُهُمْ نَزْعًا. | ٦ 6 |
[گومەر] يەنە ھامىلىدار بولۇپ، قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا: «ئۇنىڭ ئىسمىنى «لو-رۇھاماھ» دەپ قويغىن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ئىككىنچى رەھىم قىلمايمەن، ئۇلارنى قەتئىي كەچۈرۈم قىلمايمەن؛ |
وَأَمَّا بَيْتُ يَهُوذَا فَأَرْحَمُهُمْ وَأُخَلِّصُهُمْ بِٱلرَّبِّ إِلَهِهِمْ، وَلَا أُخَلِّصُهُمْ بِقَوْسٍ وَبِسَيْفٍ وَبِحَرْبٍ وَبِخَيْلٍ وَبِفُرْسَانٍ». | ٧ 7 |
بىراق يەھۇدا جەمەتىگە رەھىم قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزىمەن؛ ئۇلارنى ئوقياسىز، قىلىچسىز، جەڭسىز، ئاتلارسىز ۋە ئاتلىق ئەسكەرسىز قۇتقۇزىمەن» ــ دېدى. |
ثُمَّ فَطَمَتْ لُورُحَامَةَ وَحَبِلَتْ فَوَلَدَتِ ٱبْنًا، | ٨ 8 |
گومەر لو-رۇھاماھنى ئەمچەكتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەنە ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغدى؛ |
فَقَالَ: «ٱدْعُ ٱسْمَهُ لُوعَمِّي، لِأَنَّكُمْ لَسْتُمْ شَعْبِي وَأَنَا لَا أَكُونُ لَكُمْ. | ٩ 9 |
[رەب]: «ئۇنىڭ ئىسمىنى: «لو-ئاممى» دەپ قويغىن؛ چۈنكى سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس ۋە مەن سىلەرگە [پەرۋەردىگار] بولمايمەن» دېدى. |
لَكِنْ يَكُونُ عَدَدُ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَرَمْلِ ٱلْبَحْرِ ٱلَّذِي لَا يُكَالُ وَلَا يُعَدُّ، وَيَكُونُ عِوَضًا عَنْ أَنْ يُقَالَ لَهُمْ: لَسْتُمْ شَعْبِي، يُقَالُ لَهُمْ: أَبْنَاءُ ٱللهِ ٱلْحَيِّ. | ١٠ 10 |
ــ بىراق ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنىڭ سانى دېڭىزدىكى قۇمدەك بولۇپ، ئۇنى ئۆلچىگىلى ياكى سانىغىلى بولمايدۇ؛ «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا شۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ئۇلارغا: «[سىلەر] تىرىك تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى!» ــ دېيىلىدۇ. |
وَيُجْمَعُ بَنُو يَهُوذَا وَبَنُو إِسْرَائِيلَ مَعًا وَيَجْعَلُونَ لِأَنْفُسِهِمْ رَأْسًا وَاحِدًا، وَيَصْعَدُونَ مِنَ ٱلْأَرْضِ، لِأَنَّ يَوْمَ يَزْرَعِيلَ عَظِيمٌ. | ١١ 11 |
ئىسرائىل بالىلىرى ۋە يەھۇدا بالىلىرى بىرگە يىغىلىدۇ، ئۆزلىرىگە بىرلا باشنى تىكلەيدۇ ۋە تۇرغان زېمىندىن چىقىدۇ؛ چۈنكى «يىزرەئەلنىڭ كۈنى» ئۇلۇغدۇر! ئاكا-ئۇكىلىرىڭلارغا «ئاممى! ([مېنىڭ خەلقىم]!)» ۋە سىڭىللىرىڭلارغا «رۇھاماھ! ([رەھىم قىلىنغان]!)» ــ دەڭلار! |