وَدَعَا يَعْقُوبُ بَنِيهِ وَقَالَ: «ٱجْتَمِعُوا لِأُنْبِئَكُمْ بِمَا يُصِيبُكُمْ فِي آخِرِ ٱلْأَيَّامِ. | ١ 1 |
ئاندىن ياقۇپ ئوغۇللىرىنى چاقىرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [ھەممىڭلار] جەم بولۇڭلار، مەن سىلەرگە كېيىنكى كۈنلەردە سىلەر يولۇقىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي: ــ |
ٱجْتَمِعُوا وَٱسْمَعُوا يَا بَنِي يَعْقُوبَ، وَٱصْغَوْا إِلَى إِسْرَائِيلَ أَبِيكُمْ: | ٢ 2 |
يىغىلىپ كېلىپ ئاڭلاڭلار، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى؛ ئاتاڭلار ئىسرائىلغا قۇلاق سېلىڭلار. |
رَأُوبَيْنُ، أَنْتَ بِكْرِي، قُوَّتِي وَأَوَّلُ قُدْرَتِي، فَضْلُ ٱلرِّفْعَةِ وَفَضْلُ ٱلْعِزِّ. | ٣ 3 |
ئەي رۇبەن، سەن مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمسەن، كۈچ-قۇدرىتىمسەن، كۈچۈم بار ۋاقتىمنىڭ تۇنجى مېۋىسىدۇرسەن، سالاپەت ۋە قۇدرەتتە ئالدى ئىدىڭ، |
فَائِرًا كَٱلْمَاءِ لَا تَتَفَضَّلُ، لِأَنَّكَ صَعِدْتَ عَلَى مَضْجَعِ أَبِيكَ. حِينَئِذٍ دَنَّسْتَهُ. عَلَى فِرَاشِي صَعِدَ. | ٤ 4 |
لېكىن قايناپ تېشىپ چۈشكەن سۇدەك، ئەمدى ئالدى بولالماسسەن؛ سەن ئاتاڭنىڭ كۆرپىسىگە چىقتىڭ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى بۇلغىدىڭ! ئۇ مېنىڭ كۆرپەمنىڭ ئۈستىگە چىقتى! |
شِمْعُونُ وَلَاوِي أَخَوَانِ، آلَاتُ ظُلْمٍ سُيُوفُهُمَا. | ٥ 5 |
شىمېئون بىلەن لاۋىي قېرىنداشلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى زوراۋانلىقنىڭ قوراللىرىدۇر! |
فِي مَجْلِسِهِمَا لَا تَدْخُلُ نَفْسِي. بِمَجْمَعِهِمَا لَا تَتَّحِدُ كَرَامَتِي. لِأَنَّهُمَا فِي غَضَبِهِمَا قَتَلَا إِنْسَانًا، وَفِي رِضَاهُمَا عَرْقَبَا ثَوْرًا. | ٦ 6 |
ئاھ جېنىم، ئۇلارنىڭ مەسلىھىتىگە كىرمىگىن! ئى ئىززىتىم، ئۇلارنىڭ جامائىتى بىلەن چېتىلىپ قالمىغاي! چۈنكى ئۇلار ئاچچىقىدا ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ بۇقىلارنىڭ پېيىنى كەستى. |
مَلْعُونٌ غَضَبُهُمَا فَإِنَّهُ شَدِيدٌ، وَسَخَطُهُمَا فَإِنَّهُ قَاسٍ. أُقَسِّمُهُمَا فِي يَعْقُوبَ، وَأُفَرِّقُهُمَا فِي إِسْرَائِيلَ. | ٧ 7 |
ئۇلارنىڭ ئاچچىقى ئەشەددىي بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! غەزىپىمۇ رەھىمسىز بولغاچقا لەنەتكە قالسۇن! مەن ئۇلارنى ياقۇپنىڭ ئىچىدە تارقىتىۋېتىمەن، ئىسرائىلنىڭ ئىچىدە ئۇلارنى چېچىۋېتىمەن. |
يَهُوذَا، إِيَّاكَ يَحْمَدُ إِخْوَتُكَ، يَدُكَ عَلَى قَفَا أَعْدَائِكَ، يَسْجُدُ لَكَ بَنُو أَبِيكَ. | ٨ 8 |
ئەي يەھۇدا! سېنى بولسا قېرىنداشلىرىڭ تەرىپلەر، قولۇڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ گەجگىسىنى باسار. ئاتاڭنىڭ ئوغۇللىرى ساڭا باش ئۇرار، |
يَهُوذَا جَرْوُ أَسَدٍ، مِنْ فَرِيسَةٍ صَعِدْتَ يَا ٱبْنِي، جَثَا وَرَبَضَ كَأَسَدٍ وَكَلَبْوَةٍ. مَنْ يُنْهِضُهُ؟ | ٩ 9 |
يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟ |
لَا يَزُولُ قَضِيبٌ مِنْ يَهُوذَا وَمُشْتَرِعٌ مِنْ بَيْنِ رِجْلَيْهِ حَتَّى يَأْتِيَ شِيلُونُ وَلَهُ يَكُونُ خُضُوعُ شُعُوبٍ. | ١٠ 10 |
شاھانە ھاسا يەھۇدادىن كېتىپ قالمايدۇ، يەھۇدانىڭ پۇشتىدىن قانۇن چىقارغۇچى ئۆكسۈمەيدۇ، تاكى شۇ ھوقۇق ئىگىسى كەلگۈچە كۈتىدۇ؛ كەلگەندە، جاھان خەلقلىرى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ. |
رَابِطًا بِٱلْكَرْمَةِ جَحْشَهُ، وَبِالْجَفْنَةِ ٱبْنَ أَتَانِهِ، غَسَلَ بِٱلْخَمْرِ لِبَاسَهُ، وَبِدَمِ ٱلْعِنَبِ ثَوْبَهُ. | ١١ 11 |
ئۇ تەخىيىنى ئۈزۈم تېلىغا، ئېشەك بالىسىنى سورتلۇق ئۈزۈم تېلىغا باغلاپ قويار. ئۇ لىباسىنى شارابتا يۇيۇپ، تونىنى ئۈزۈم شەربىتىدە يۇيار. |
مُسْوَدُّ ٱلْعَيْنَيْنِ مِنَ ٱلْخَمْرِ، وَمُبْيَضُّ ٱلْأَسْنَانِ مِنَ ٱللَّبَنِ. | ١٢ 12 |
ئۇنىڭ كۆزلىرى شارابتىن قىزىرىپ كېتەر، چىشلىرى سۈت ئىچكىنىدىن ئاپئاق تۇرار. |
زَبُولُونُ، عِنْدَ سَاحِلِ ٱلْبَحْرِ يَسْكُنُ، وَهُوَ عِنْدَ سَاحِلِ ٱلسُّفُنِ، وَجَانِبُهُ عِنْدَ صَيْدُونَ. | ١٣ 13 |
زەبۇلۇن دېڭىز بويىنى ماكان قىلار، ماكانى كېمىلەرنىڭ پاناھگاھى بولار، يەر-زېمىنى زىدونغىچە يېتىپ بارار. |
يَسَّاكَرُ، حِمَارٌ جَسِيمٌ رَابِضٌ بَيْنَ ٱلْحَظَائِرِ. | ١٤ 14 |
ئىسساكار بەستلىك بەردەم بىر ئېشەكتۇر، ئۇ ئىككى قوتان ئارىسىدا ياتقاندۇر؛ |
فَرَأَى ٱلْمَحَلَّ أَنَّهُ حَسَنٌ، وَٱلْأَرْضَ أَنَّهَا نَزِهَةٌ، فَأَحْنَى كَتِفَهُ لِلْحِمْلِ وَصَارَ لِلْجِزْيَةِ عَبْدًا. | ١٥ 15 |
ئۇ ئارامگاھنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە قاراپ، زېمىننىڭ ئېسىللىقىنى كۆرۈپ، يۈك كۆتۈرۈشكە مۈرىسىنى ئېگىپ، ئالۋانغا ئىشلەيدىغان قۇل بولۇپ قالار. |
دَانُ، يَدِينُ شَعْبَهُ كَأَحَدِ أَسْبَاطِ إِسْرَائِيلَ. | ١٦ 16 |
دان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرى بولار، ئۆز خەلقىگە ھۆكۈم چىقىرار. |
يَكُونُ دَانُ حَيَّةً عَلَى ٱلطَّرِيقِ، أُفْعُوانًا عَلَى ٱلسَّبِيلِ، يَلْسَعُ عَقِبَيِ ٱلْفَرَسِ فَيَسْقُطُ رَاكِبُهُ إِلَى ٱلْوَرَاءِ. | ١٧ 17 |
دان يول ئۈستىدىكى يىلان، چىغىر يول ئۈستىدە تۇرغان زەھەرلىك بىر يىلاندۇر. ئۇ ئاتنىڭ تۇيىقىنى چېقىپ، ئات مىنگۈچىنى ئارقىغا موللاق ئاتقۇزار. |
لِخَلَاصِكَ ٱنْتَظَرْتُ يَا رَبُّ. | ١٨ 18 |
ئى پەرۋەردىگار، نىجاتىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ كەلدىم! |
جَادُ، يَزْحَمُهُ جَيْشٌ، وَلَكِنَّهُ يَزْحَمُ مُؤَخَّرَهُ. | ١٩ 19 |
گادقا بولسا، قاراقچىلار قوشۇنى ھۇجۇم قىلار؛ لېكىن ئۇ تاپىنىنى بېسىپ زەربە بېرەر. |
أَشِيرُ، خُبْزُهُ سَمِينٌ وَهُوَ يُعْطِي لَذَّاتِ مُلُوكٍ. | ٢٠ 20 |
ئاشىرنىڭ تامىقىدا زەيتۇن مېيى مول بولار، ئۇ شاھلار ئۈچۈن نازۇ-نېمەتلەرنى تەمىنلەر. |
نَفْتَالِي، أَيِّلَةٌ مُسَيَّبَةٌ يُعْطِي أَقْوَالًا حَسَنَةً. | ٢١ 21 |
نافتالىدىن چىرايلىق گەپلەر چىقار، ئۇ ئەركىن قويۇۋېتىلگەن مارالدۇر. |
يُوسُفُ، غُصْنُ شَجَرَةٍ مُثْمِرَةٍ، غُصْنُ شَجَرَةٍ مُثْمِرَةٍ عَلَى عَيْنٍ. أَغْصَانٌ قَدِ ٱرْتَفَعَتْ فَوْقَ حَائِطٍ. | ٢٢ 22 |
يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخىدۇر، بۇلاقنىڭ يېنىدىكى كۆپ مېۋىلىك شاختەكتۇر؛ ئۇنىڭ شاخچىلىرى تامدىن ھالقىپ كەتكەندۇر. |
فَمَرَّرَتْهُ وَرَمَتْهُ وَٱضْطَهَدَتْهُ أَرْبَابُ ٱلسِّهَامِ. | ٢٣ 23 |
يا ئاتقۇچىلار ئۇنىڭغا ئازار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئوق ئاتتى، ئۇنىڭغا نەپرەتلەندى. |
وَلَكِنْ ثَبَتَتْ بِمَتَانَةٍ قَوْسُهُ، وَتَشَدَّدَتْ سَوَاعِدُ يَدَيْهِ. مِنْ يَدَيْ عَزِيزِ يَعْقُوبَ، مِنْ هُنَاكَ، مِنَ ٱلرَّاعِي صَخْرِ إِسْرَائِيلَ، | ٢٤ 24 |
ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئوقيايى مەزمۇت تۇرار، قول-بىلەكلىرى ئەپلىك تۇرغۇزۇلار، شۇ [كۈچ] ياقۇپتىكى قۇدرەت ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىندۇر ــ (ئىسرائىلنىڭ قورام تېشى، يەنى ئۇنىڭ پادىچىسى ئۇنىڭدىن چىقار!) |
مِنْ إِلَهِ أَبِيكَ ٱلَّذِي يُعِينُكَ، وَمِنَ ٱلْقَادِرِ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ ٱلَّذِي يُبَارِكُكَ، تَأْتِي بَرَكَاتُ ٱلسَّمَاءِ مِنْ فَوْقُ، وَبَرَكَاتُ ٱلْغَمْرِ ٱلرَّابِضِ تَحْتُ. بَرَكَاتُ ٱلثَّدْيَيْنِ وَٱلرَّحِمِ. | ٢٥ 25 |
[ئاشۇ كۈچ] ئاتاڭنىڭ تەڭرىسىدىندۇر ــ (ئۇ ساڭا مەدەت بېرەر!) [يەنى] ھەممىگە قادىردىندۇر ــ ئۇ سېنى بەرىكەتلەر! يۇقىرىدا ئاسماننىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، تۆۋەندە ياتقان چوڭقۇر سۇلارنىڭ بەرىكەتلىرى بىلەن، ئەمچەك بىلەن بالىياتقۇنىڭ بەرىكىتى بىلەن سېنى بەرىكەتلەر! |
بَرَكَاتُ أَبِيكَ فَاقَتْ عَلَى بَرَكَاتِ أَبَوَيَّ. إِلَى مُنْيَةِ ٱلْآكَامِ ٱلدَّهْرِيَّةِ تَكُونُ عَلَى رَأْسِ يُوسُفَ، وَعَلَى قِمَّةِ نَذِيرِ إِخْوَتِهِ. | ٢٦ 26 |
سېنىڭ ئاتاڭنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ تىلىگەن بەرىكەتلىرىدىن زىيادە بولدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك تاغ-ئېدىرلارنىڭ چەتلىرىگىچە يېتەر، ئۇلار يۈسۈپنىڭ بېشىغا چۈشەر، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىم تۇرغۇچىنىڭ چوققىسىغا تېگەر. |
بَنْيَامِينُ ذِئْبٌ يَفْتَرِسُ. فِي ٱلصَّبَاحِ يَأْكُلُ غَنِيمَةً، وَعِنْدَ ٱلْمَسَاءِ يُقَسِّمُ نَهْبًا». | ٢٧ 27 |
بىنيامىن يىرتقۇچ بۆرىدەكتۇر؛ ئەتىگەندە ئۇ ئوۋنى يەر، كەچقۇرۇن ئۇ ئولجىسىنى تەقسىم قىلار» ــ دېدى. |
جَمِيعُ هَؤُلَاءِ هُمْ أَسْبَاطُ إِسْرَائِيلَ ٱلِٱثْنَا عَشَرَ. وَهَذَا مَا كَلَّمَهُمْ بِهِ أَبُوهُمْ وَبَارَكَهُمْ. كُلُّ وَاحِدٍ بِحَسَبِ بَرَكَتِهِ بَارَكَهُمْ. | ٢٨ 28 |
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى بولۇپ، مەزكۇر سۆزلەر بولسا ئاتىسىنىڭ ئۇلارغا تىلىگەن بەخت-بەرىكەت سۆزلىرىدۇر. ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ماس كېلىدىغان بىر بەرىكەت بىلەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. |
وَأَوْصَاهُمْ وَقَالَ لَهُمْ: «أَنَا أَنْضَمُّ إِلَى قَوْمِي. اِدْفِنُونِي عِنْدَ آبَائِي فِي ٱلْمَغَارَةِ ٱلَّتِي فِي حَقْلِ عِفْرُونَ ٱلْحِثِّيِّ. | ٢٩ 29 |
ئاندىن ياقۇپ ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: ــ «مەن ئەمدى ئۆز قوۋمىمنىڭ قېشىغا قوشۇلىمەن. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىدا، ھىتتىيلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى غارغا دەپنە قىلىڭلار؛ |
فِي ٱلْمَغَارَةِ ٱلَّتِي فِي حَقْلِ ٱلْمَكْفِيلَةِ، ٱلَّتِي أَمَامَ مَمْرَا فِي أَرْضِ كَنْعَانَ، ٱلَّتِي ٱشْتَرَاهَا إِبْرَاهِيمُ مَعَ ٱلْحَقْلِ مِنْ عِفْرُونَ ٱلْحِثِّيِّ مُلْكَ قَبْرٍ. | ٣٠ 30 |
ئۇ غار بولسا قانائان زېمىنىدا مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىدا. غارنى ئىبراھىم گۆرىستان بولسۇن دەپ شۇ ئېتىزلىق بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. |
هُنَاكَ دَفَنُوا إِبْرَاهِيمَ وَسَارَةَ ٱمْرَأَتَهُ. هُنَاكَ دَفَنُوا إِسْحَاقَ وَرِفْقَةَ ٱمْرَأَتَهُ، وَهُنَاكَ دَفَنْتُ لَيْئَةَ. | ٣١ 31 |
شۇ يەردە ئىبراھىم ئايالى ساراھ بىلەن دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە ئىسھاق ئايالى رىۋكاھ بىلەنمۇ دەپنە قىلىنغان؛ شۇ يەردە مەنمۇ لېياھنى دەپنە قىلدىم. |
شِرَاءُ ٱلْحَقْلِ وَٱلْمَغَارَةِ ٱلَّتِي فِيهِ كَانَ مِنْ بَنِي حِثَّ». | ٣٢ 32 |
بۇ ئېتىزلىق ھەم ئىچىدىكى غار ھەتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن سېتىۋېلىنغانىدى». |
وَلَمَّا فَرَغَ يَعْقُوبُ مِنْ تَوْصِيَةِ بَنِيهِ ضَمَّ رِجْلَيْهِ إِلَى ٱلسَّرِيرِ، وَأَسْلَمَ ٱلرُّوحَ وَٱنْضَمَّ إِلَى قَوْمِهِ. | ٣٣ 33 |
ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ ۋەسىيەتنى تاپىلاپ بولۇپ، پۇتلىرىنى كارىۋاتتا تۈزلەپ، نەپەس توختاپ ئۆز قوۋمىغا قوشۇلدى. |