وَأَمَّا يَعْقُوبُ فَمَضَى فِي طَرِيقِهِ وَلَاقَاهُ مَلَائِكَةُ ٱللهِ. | ١ 1 |
ياقۇپ ئۆز يولىغا كېتىپ باراتتى؛ يولدا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇنىڭغا ئۇچرىدى. |
وَقَالَ يَعْقُوبُ إِذْ رَآهُمْ: «هَذَا جَيْشُ ٱللهِ!». فَدَعَا ٱسْمَ ذَلِكَ ٱلْمَكَانِ «مَحَنَايِمَ». | ٢ 2 |
ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ جاي خۇدانىڭ بارگاھى ئىكەن! ــ دەپ، بۇ جاينىڭ نامىنى «ماھانائىم» دەپ قويدى. |
وَأَرْسَلَ يَعْقُوبُ رُسُلًا قُدَّامَهُ إِلَى عِيسُوَ أَخِيهِ إِلَى أَرْضِ سَعِيرَ بِلَادِ أَدُومَ، | ٣ 3 |
ئاندىن ياقۇپ سېئىر زېمىنىدىكى «ئېدوم يايلىقى»غا، ئاكىسى ئەساۋنىڭ قېشىغا ئالدىن خەۋەرچىلەرنى ئەۋەتىپ، |
وَأَمَرَهُمْ قَائِلًا: «هَكَذَا تَقُولُونَ لِسَيِّدِي عِيسُوَ: هَكَذَا قَالَ عَبْدُكَ يَعْقُوبُ: تَغَرَّبْتُ عِنْدَ لَابَانَ وَلَبِثْتُ إِلَى ٱلْآنَ. | ٤ 4 |
ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر خوجامغا، يەنى ئەساۋغا: «كەمىنىلىرى ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ مەن لاباننىڭ قېشىدا مۇساپىر بولۇپ، تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە تۇردۇم. |
وَقَدْ صَارَ لِي بَقَرٌ وَحَمِيرٌ وَغَنَمٌ وَعَبِيدٌ وَإِمَاءٌ. وَأَرْسَلْتُ لِأُخْبِرَ سَيِّدِي لِكَيْ أَجِدَ نِعْمَةً فِي عَيْنَيْكَ». | ٥ 5 |
ئەمدى مەندە كالا، ئېشەك ۋە قويلار، قۇل-دېدەكلەرمۇ بار؛ مەن ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپارمەنمىكىن دەپ خوجامغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى لايىق كۆردۈم»، دەڭلار، ــ دېدى. |
فَرَجَعَ ٱلرُّسُلُ إِلَى يَعْقُوبَ قَائِلِينَ: «أَتَيْنَا إِلَى أَخِيكَ، إِلَى عِيسُو، وَهُوَ أَيْضًا قَادِمٌ لِلِقَائِكَ، وَأَرْبَعُ مِئَةِ رَجُلٍ مَعَهُ». | ٦ 6 |
خەۋەرچىلەر ياقۇپنىڭ يېنىغا يېنىپ كېلىپ: ــ بىز ئاكىلىرى ئەساۋنىڭ قېشىغا باردۇق؛ ئۇ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا كېلىۋاتىدۇ، ــ دېدى. |
فَخَافَ يَعْقُوبُ جِدًّا وَضَاقَ بِهِ ٱلْأَمْرُ، فَقَسَمَ ٱلْقَوْمَ ٱلَّذِينَ مَعَهُ وَٱلْغَنَمَ وَٱلْبَقَرَ وَٱلْجِمَالَ إِلَى جَيْشَيْنِ. | ٧ 7 |
ياقۇپ ناھايىتى قورقۇپ، غەم-غۇسسىگە چۈشۈپ ئادەملىرىنى قوي، كالا ۋە تۆگىلىرىگە قوشۇپ، ئىككى توپقا ئايرىدى. |
وَقَالَ: «إِنْ جَاءَ عِيسُو إِلَى ٱلْجَيْشِ ٱلْوَاحِدِ وَضَرَبَهُ، يَكُونُ ٱلْجَيْشُ ٱلْبَاقِي نَاجِيًا». | ٨ 8 |
ئۇ: ــ «ئەگەر ئەساۋ كېلىپ بىر توپىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپى قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» ــ دەپ ئويلىدى. |
وَقَالَ يَعْقُوبُ: «يَا إِلَهَ أَبِي إِبْرَاهِيمَ وَإِلَهَ أَبِي إِسْحَاقَ، ٱلرَّبَّ ٱلَّذِي قَالَ لِيَ: ٱرْجِعْ إِلَى أَرْضِكَ وَإِلَى عَشِيرَتِكَ فَأُحْسِنَ إِلَيْكَ. | ٩ 9 |
ئاندىن ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: ــ ئى ئاتام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى ۋە ئاتام ئىسھاقنىڭ خۇداسى! ماڭا: «ئۆز زېمىنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ قېشىغا يېنىپ كەتكىن، ساڭا ياخشىلىق قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگار! |
صَغِيرٌ أَنَا عَنْ جَمِيعِ أَلْطَافِكَ وَجَمِيعِ ٱلْأَمَانَةِ ٱلَّتِي صَنَعْتَ إِلَى عَبْدِكَ. فَإِنِّي بِعَصَايَ عَبَرْتُ هَذَا ٱلْأُرْدُنَّ، وَٱلْآنَ قَدْ صِرْتُ جَيْشَيْنِ. | ١٠ 10 |
ــ مەن سېنىڭ ئۆز قۇلۇڭغا كۆرسەتكەن ئۆزگەرمەس بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە بارلىق ۋاپادارلىقىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەسمەن؛ چۈنكى مەن بۇ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە يالغۇز بىر ھاسام بار ئىدى. ئەمدى مەن ئىككى توپ ئادەم بولۇپ قايتىۋاتىمەن. |
نَجِّنِي مِنْ يَدِ أَخِي، مِنْ يَدِ عِيسُوَ، لِأَنِّي خَائِفٌ مِنْهُ أَنْ يَأْتِيَ وَيَضْرِبَنِي ٱلْأُمَّ مَعَ ٱلْبَنِينَ. | ١١ 11 |
ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى ئۇ كېلىپ مەن بىلەن خوتۇن-بالىلىرىمنى ئۆلتۈرۈۋېتەمدىكىن، دەپ قورقىمەن. |
وَأَنْتَ قَدْ قُلْتَ: إِنِّي أُحْسِنُ إِلَيْكَ وَأَجْعَلُ نَسْلَكَ كَرَمْلِ ٱلْبَحْرِ ٱلَّذِي لَا يُعَدُّ لِلْكَثْرَةِ». | ١٢ 12 |
سەن: «مەن جەزمەن ساڭا زور ياخشىلىق قىلىپ، سېنىڭ نەسلىڭنى دېڭىزدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز كۆپ قىلىمەن»، دېگەنىدىڭ، ــ دېدى. |
وَبَاتَ هُنَاكَ تِلْكَ ٱللَّيْلَةَ وَأَخَذَ مِمَّا أَتَى بِيَدِهِ هَدِيَّةً لِعِيسُو أَخِيهِ: | ١٣ 13 |
ئۇ شۇ كېچىسى شۇ يەردە قونۇپ قالدى؛ ئاندىن ئۇ قول ئىلىكىدىكى ماللاردىن ئېلىپ، ئاكىسى ئەساۋغا ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق، يىگىرمە قوچقار، ئوتتۇز چىشى تۆگىنى تايلاقلىرى بىلەن، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك، ئون ھاڭگا ئېشەكنى سوۋغات قىلىپ تەييارلاپ، |
مِئَتَيْ عَنْزٍ وَعِشْرِينَ تَيْسًا، مِئَتَيْ نَعْجَةٍ وَعِشْرِينَ كَبْشًا، | ١٤ 14 |
ثَلَاثِينَ نَاقَةً مُرْضِعَةً وَأَوْلَادَهَا، أَرْبَعِينَ بَقَرَةً وَعَشْرَةَ ثِيرَانٍ، عِشْرِينَ أَتَانًا وَعَشْرَةَ حَمِيرٍ، | ١٥ 15 |
وَدَفَعَهَا إِلَى يَدِ عَبِيدِهِ قَطِيعًا قَطِيعًا عَلَى حِدَةٍ. وَقَالَ لِعَبِيدِهِ: «ٱجْتَازُوا قُدَّامِي وَٱجْعَلُوا فُسْحَةً بَيْنَ قَطِيعٍ وَقَطِيعٍ». | ١٦ 16 |
بۇلارنى ئايرىم-ئايرىم توپ قىلىپ خىزمەتكارلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا جېكىلەپ: ــ سىلەر مەندىن بۇرۇن مېڭىپ، ھەر توپنىڭ ئارىسىدا ئارىلىق قويۇپ ھەيدەپ مېڭىڭلار، ــ دېدى. |
وَأَمَرَ ٱلْأَوَّلَ قَائِلًا: «إِذَا صَادَفَكَ عِيسُو أَخِي وَسَأَلَكَ قَائِلًا: لِمَنْ أَنْتَ؟ وَإِلَى أَيْنَ تَذْهَبُ؟ وَلِمَنْ هَذَا ٱلَّذِي قُدَّامَكَ؟ | ١٧ 17 |
ئۇ ئەڭ ئالدىدىكى توپ بىلەن ماڭغان كىشىكە ئەمر قىلىپ: ــ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر ئۇ سەندىن: «كىمنىڭ ئادىمىسەن؟ قەيەرگە بارىسەن؟ ئالدىڭدىكى جانىۋارلار كىمنىڭ؟» ــ دەپ سورىسا، |
تَقُولُ: لِعَبْدِكَ يَعْقُوبَ. هُوَ هَدِيَّةٌ مُرْسَلَةٌ لِسَيِّدِي عِيسُوَ، وَهَا هُوَ أَيْضًا وَرَاءَنَا». | ١٨ 18 |
ئۇنداقتا سەن جاۋاب بېرىپ: «بۇلار كەمىنىلىرى ياقۇپنىڭ بولۇپ، خوجام ئەساۋغا ئەۋەتكەن سوۋغاتتۇر. مانا، ئۇ ئۆزىمۇ كەينىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ» ــ دېگىن، دېدى. |
وَأَمَرَ أَيْضًا ٱلْثَانِى وَٱلثَّالِثَ وَجَمِيعَ ٱلسَّائِرِينَ وَرَاءَ ٱلْقُطْعَانِ قَائِلًا: «بِمِثْلِ هَذَا ٱلْكَلَامِ تُكَلِّمُونَ عِيسُوَ حِينَمَا تَجِدُونَهُ، | ١٩ 19 |
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى پادىلارنى ھەيدەپ ماڭغۇچى كىشىلەرگىمۇ ئوخشاش ئەمر قىلىپ: ــ ئەساۋ سىزلەرگە ئۇچرىغاندا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق دەڭلار، ئاندىن: ــ مانا، كەمىنىلىرى ياقۇپ ئۆزىمۇ ئارقىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ، ــ دەڭلار، دېدى؛ چۈنكى ئۇ: ــ مەن ئالدىمدا بارغان سوۋغات بىلەن ئۇنى مېنى كەچۈرۈم قىلدۇرۇپ، ئاندىن يۈزىنى كۆرسەم، مېنى قوبۇل قىلارمىكىن، ــ دەپ ئويلىغانىدى. |
وَتَقُولُونَ: هُوَذَا عَبْدُكَ يَعْقُوبُ أَيْضًا وَرَاءَنَا». لِأَنَّهُ قَالَ: «أَسْتَعْطِفُ وَجْهَهُ بِٱلْهَدِيَّةِ ٱلسَّائِرَةِ أَمَامِي، وَبَعْدَ ذَلِكَ أَنْظُرُ وَجْهَهُ، عَسَى أَنْ يَرْفَعَ وَجْهِي». | ٢٠ 20 |
فَٱجْتَازَتِ ٱلْهَدِيَّةُ قُدَّامَهُ، وَأَمَّا هُوَ فَبَاتَ تِلْكَ ٱللَّيْلَةَ فِي ٱلْمَحَلَّةِ. | ٢١ 21 |
شۇنداق قىلىپ سوۋغات ئالدىن ئەۋەتىلدى؛ ئۇ شۇ كېچىسى بارگاھدا قونۇپ قالدى. |
ثُمَّ قَامَ فِي تِلْكَ ٱللَّيْلَةِ وَأَخَذَ ٱمْرَأَتَيْهِ وَجَارِيَتَيْهِ وَأَوْلَادَهُ ٱلْأَحَدَ عَشَرَ وَعَبَرَ مَخَاضَةَ يَبُّوقَ. | ٢٢ 22 |
ئۇ شۇ كېچىدە قوپۇپ، ئىككى ئايالى ۋە ئىككى دېدىكى ۋە ئون بىر ئوغلىنى ئېلىپ، ياببوك كېچىكىدىن ئۆتۈپ كەتتى. |
أَخَذَهُمْ وَأَجَازَهُمُ ٱلْوَادِيَ، وَأَجَازَ مَا كَانَ لَهُ. | ٢٣ 23 |
ئۇ ئۇلارنى ئېقىندىن ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا ھەممە تەئەللۇقىنىمۇ ئۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزدى. |
فَبَقِيَ يَعْقُوبُ وَحْدَهُ، وَصَارَعَهُ إِنْسَانٌ حَتَّى طُلُوعِ ٱلْفَجْرِ. | ٢٤ 24 |
ياقۇپ بولسا بۇ قاتتا يالغۇز قالدى؛ بىر زات كېلىپ شۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. |
وَلَمَّا رَأَى أَنَّهُ لَا يَقْدِرُ عَلَيْهِ، ضَرَبَ حُقَّ فَخْذِهِ، فَٱنْخَلَعَ حُقُّ فَخْذِ يَعْقُوبَ فِي مُصَارَعَتِهِ مَعَهُ. | ٢٥ 25 |
لېكىن بۇ زات ئۇنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا قولىنى تەگكۈزۈپ قويدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چېلىشىۋاتقاندا ياقۇپنىڭ يوتىسى قازاندىن چىقىپ كەتتى. |
وَقَالَ: «أَطْلِقْنِي، لِأَنَّهُ قَدْ طَلَعَ ٱلْفَجْرُ». فَقَالَ: «لَا أُطْلِقُكَ إِنْ لَمْ تُبَارِكْنِي». | ٢٦ 26 |
ئۇ زات: ــ مېنى قويۇپ بەرگىن، چۈنكى تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، دېدى. ــ سەن مېنى بەرىكەتلىمىگۈچە، سېنى قويۇپ بەرمەيمەن، دېدى ياقۇپ. |
فَقَالَ لَهُ: «مَا ٱسْمُكَ؟» فَقَالَ: «يَعْقُوبُ». | ٢٧ 27 |
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئېتىڭ نېمە؟ دەپ سورىدى. ئۇ: ئېتىم ياقۇپ، ــ دېدى. |
فَقَالَ: «لَا يُدْعَى ٱسْمُكَ فِي مَا بَعْدُ يَعْقُوبَ بَلْ إِسْرَائِيلَ، لِأَنَّكَ جَاهَدْتَ مَعَ ٱللهِ وَٱلنَّاسِ وَقَدَرْتَ». | ٢٨ 28 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ ئېتىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ بولماي، بەلكى ئىسرائىل بولىدۇ؛ چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ، ئىنسان بىلەنمۇ ئېلىشىپ غالىب كەلدىڭ، ــ دېدى. |
وَسَأَلَ يَعْقُوبُ وَقَالَ: «أَخْبِرْنِي بِٱسْمِكَ». فَقَالَ: «لِمَاذَا تَسْأَلُ عَنِ ٱسْمِي؟». وَبَارَكَهُ هُنَاكَ. | ٢٩ 29 |
ئاندىن ياقۇپ ئۇنىڭدىن: ــ نامىڭنى ماڭا دەپ بەرگىن، دېۋىدى، ئۇ: ــ نېمىشقا مېنىڭ نامىمنى سورايسەن؟ ــ دېدى ۋە شۇ يەردە ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلدى. |
فَدَعَا يَعْقُوبُ ٱسْمَ ٱلْمَكَانِ «فَنِيئِيلَ» قَائِلًا: «لِأَنِّي نَظَرْتُ ٱللهَ وَجْهًا لِوَجْهٍ، وَنُجِّيَتْ نَفْسِي». | ٣٠ 30 |
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ: ــ خۇدانى يۈزمۇ-يۈز كۆرۈپ، جېنىم قۇتۇلۇپ قالدى، دەپ ئۇ جاينىڭ نامىنى «پەنىئەل» دەپ ئاتىدى. |
وَأَشْرَقَتْ لَهُ ٱلشَّمْسُ إِذْ عَبَرَ فَنُوئِيلَ وَهُوَ يَخْمَعُ عَلَى فَخْذِهِ. | ٣١ 31 |
ئۇ پەنىئەلدىن ئۆتۈپ ماڭغاندا، كۈن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى يورۇتتى؛ ئەمما ئۇ يوتىسى تۈپەيلىدىن ئاقساپ ماڭاتتى. |
لِذَلِكَ لَا يَأْكُلُ بَنُو إِسْرَائِيلَ عِرْقَ ٱلنَّسَا ٱلَّذِي عَلَى حُقِّ ٱلْفَخْذِ إِلَى هَذَا ٱلْيَوْمِ، لِأَنَّهُ ضَرَبَ حُقَّ فَخْذِ يَعْقُوبَ عَلَى عِرْقِ ٱلنَّسَا. | ٣٢ 32 |
بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللار بۈگۈنگىچە يوتىنىڭ ئۈگىسىدىكى پەينى يېمەيدۇ؛ چۈنكى شۇ زات ياقۇپنىڭ يوتىسىنىڭ يىرىقىغا، يەنى ئۇنىڭ پېيىگە قولىنى تەگكۈزۈپ قويغانىدى. |