وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ١ 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«وَأَنْتَ يَا ٱبْنَ آدَمَ، فَهَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ لِأَرْضِ إِسْرَائِيلَ: نِهَايَةٌ! قَدْ جَاءَتِ ٱلنِّهَايَةُ عَلَى زَوَايَا ٱلْأَرْضِ ٱلْأَرْبَعِ. | ٢ 2 |
«سەن ئاڭلا، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېدى: خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ! |
اَلْآنَ ٱلنِّهَايَةُ عَلَيْكِ، وَأُرْسِلُ غَضَبِي عَلَيْكِ، وَأَحْكُمُ عَلَيْكِ كَطُرُقِكِ، وَأَجْلِبُ عَلَيْكِ كُلَّ رَجَاسَاتِكِ. | ٣ 3 |
ساڭا ھازىر خاتىمە بېرىلىدۇ! ئۆز غەزىپىمنى بېشىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىمەن. |
فَلَا تَشْفُقُ عَلَيْكِ عَيْنِي، وَلَا أَعْفُو، بَلْ أَجْلِبُ عَلَيْكِ طُرُقَكِ وَتَكُونُ رَجَاسَاتُكِ فِي وَسْطِكِ، فَتَعْلَمُونَ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ. | ٤ 4 |
مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ ئەكسىچە ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ئۆز يىرگىنچلىكلىرىڭ ئۆز ئاراڭدا بولىدۇ؛ ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». |
«هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: شَرٌّ! شَرٌّ وَحِيدٌ هُوَذَا قَدْ أَتَى. | ٥ 5 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى! |
نِهَايَةٌ قَدْ جَاءَتْ. جَاءَتِ ٱلنِّهَايَةُ. ٱنْتَبَهَتْ إِلَيْكِ. هَا هِيَ قَدْ جَاءَتْ. | ٦ 6 |
خاتىمە، خاتىمە! ئۇ ساڭا قارشى قوزغالدى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! |
ٱنْتَهَى ٱلدَّوْرُ إِلَيْكَ أَيُّهَا ٱلسَّاكِنُ فِي ٱلْأَرْضِ. بَلَغَ ٱلْوَقْتُ. ٱقْتَرَبَ يَوْمُ ٱضْطِرَابٍ، لَا هُتَافُ ٱلْجِبَالِ. | ٧ 7 |
ھالاكەت يېنىڭغا كەلدى، ئى زېمىندا تۇرغۇچى؛ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى؛ خۇشاللىق ۋارقىراشلىرى ئەمەس، بەلكى داۋالغۇلۇق بىر قىيقاس-سۈرەن تاغلاردا ئاڭلىنىدۇ. |
اَلْآنَ عَنْ قَرِيبٍ أَصُبُّ رِجْزِي عَلَيْكِ، وَأُتَمِّمُ سَخَطِي عَلَيْكِ، وَأَحْكُمُ عَلَيْكِ كَطُرُقِكِ، وَأَجْلِبُ عَلَيْكِ كُلَّ رَجَاسَاتِكِ. | ٨ 8 |
مەن تېزلا قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ، ساڭا قاراتقان غەزىپىم بىلەن پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىمەن. |
فَلَا تَشْفُقُ عَيْنِي، وَلَا أَعْفُو، بَلْ أَجْلِبُ عَلَيْكِ كَطُرُقِكِ، وَرَجَاسَاتُكِ تَكُونُ فِي وَسْطِكِ، فَتَعْلَمُونَ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ ٱلضَّارِبُ. | ٩ 9 |
مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. |
«هَا هُوَذَا ٱلْيَوْمُ، هَا هُوَذَا قَدْ جَاءَ! دَارَتِ ٱلدَّائِرَةُ. أَزْهَرَتِ ٱلْعَصَا. أَفْرَخَتِ ٱلْكِبْرِيَاءُ. | ١٠ 10 |
مانا، ئاشۇ كۈن! مانا ئۇ كەلدى! ھالاكەت چىقىپ يۈرىۋاتىدۇ! ــ تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى! |
قَامَ ٱلظُّلْمُ إِلَى عَصَا ٱلشَّرِّ. لَا يَبْقَى مِنْهُمْ وَلَا مِنْ ثَرْوَتِهِمْ وَلَا مِنْ ضَجِيجِهِمْ، وَلَا نَوْحٌ عَلَيْهِمْ. | ١١ 11 |
زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭكىدىن ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ ئۇلارنىڭ ئادەملەر توپىدىن، دۆلەت-بايلىقلىرىدىن ياكى ھەيۋىسىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ. |
قَدْ جَاءَ ٱلْوَقْتُ. بَلَغَ ٱلْيَوْمُ. فَلَا يَفْرَحَنَّ ٱلشَّارِي، وَلَا يَحْزَنَنَّ ٱلْبَائِعُ، لِأَنَّ ٱلْغَضَبَ عَلَى كُلِّ جُمْهُورِهِمْ. | ١٢ 12 |
ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. |
لِأَنَّ ٱلْبَائِعَ لَنْ يَعُودَ إِلَى ٱلْمَبِيعِ، وَإِنْ كَانُوا بَعْدُ بَيْنَ ٱلْأَحْيَاءِ. لِأَنَّ ٱلرُّؤْيَا عَلَى كُلِّ جُمْهُورِهَا فَلَا يَعُودُ، وَٱلْإِنْسَانُ بِإِثْمِهِ لَا يُشَدِّدُ حَيَاتَهُ. | ١٣ 13 |
چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ توپ كىشىلەر توغرۇلۇق كۆرۈنگەن بېشارەت ئىناۋەتسىز بولمايدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ. |
قَدْ نَفَخُوا فِي ٱلْبُوقِ وَأَعَدُّوا ٱلْكُلَّ، وَلَا ذَاهِبَ إِلَى ٱلْقِتَالِ، لِأَنَّ غَضَبِي عَلَى كُلِّ جُمْهُورِهِمْ. | ١٤ 14 |
ئۇلار كاناينى چېلىپ ھەممىنى تەييارلىدى، بىراق ھېچكىم جەڭگە چىقمايدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان. |
«اَلسَّيْفُ مِنْ خَارِجٍ، وَٱلْوَبَأُ وَٱلْجُوعُ مِنْ دَاخِلٍ. ٱلَّذِي هُوَ فِي ٱلْحَقْلِ يَمُوتُ بِٱلسَّيْفِ، وَٱلَّذِي هُوَ فِي ٱلْمَدِينَةِ يَأْكُلُهُ ٱلْجُوعُ وَٱلْوَبَأُ. | ١٥ 15 |
تالادا قىلىچ، ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق تۇرىدۇ؛ دالادا بولغان كىشىنى قىلىچ، شەھەردە بولغان كىشىنى بولسا، ۋابا ۋە ئاچارچىلىق ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ. |
وَيَنْفَلِتُ مِنْهُمْ مُنْفَلِتُونَ وَيَكُونُونَ عَلَى ٱلْجِبَالِ كَحَمَامِ ٱلْأَوْطِئَةِ. كُلُّهُمْ يَهْدِرُونَ كُلُّ وَاحِدٍ عَلَى إِثْمِهِ. | ١٦ 16 |
ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بۇلاردىن قاچقانلار تاغلاردا يۈرۈپ ھەربىرى ئۆز قەبىھلىكى ئۈچۈن جىلغىدىكى پاختەكلەردەك بۇقۇلداپ ماتەم تۇتىدۇ. |
كُلُّ ٱلْأَيْدِي تَرْتَخِي، وَكُلُّ ٱلرُّكَبِ تَصِيرُ مَاءً. | ١٧ 17 |
ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ |
وَيَتَنَطَّقُونَ بِٱلْمَسْحِ وَيَغْشَاهُمْ رُعْبٌ، وَعَلَى جَمِيعِ ٱلْوُجُوهِ خِزْيٌ، وَعَلَى جَمِيعِ رُؤُوسِهِمْ قَرَعٌ. | ١٨ 18 |
ئۇلار ئۆزىگە بۆز كىيىمىنى باغلايدۇ، ۋەھشەت ئۇلارنى باسىدۇ؛ ھەرقايسىنىڭ يۈزىدە خىجالەت، باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ. |
يُلْقُونَ فِضَّتَهُمْ فِي ٱلشَّوَارِعِ، وَذَهَبُهُمْ يَكُونُ لِنَجَاسَةٍ. لَا تَسْتَطِيعُ فِضَّتُهُمْ وَذَهَبُهُمْ إِنْقَاذَهُمْ فِي يَوْمِ غَضَبِ ٱلرَّبِّ. لَا يُشْبِعُونَ مِنْهُمَا أَنْفُسَهُمْ، وَلَا يَمْلَأُونَ جَوْفَهُمْ، لِأَنَّهُمَا صَارَا مَعْثَرَةَ إِثْمِهِمْ. | ١٩ 19 |
ئۇلار ئۆز كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرى پەرۋەردىگار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار بۇلاردىن ئاچلىقىنى قاندۇرالمايدۇ، قورسىقىنى تولدۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى. |
أَمَّا بَهْجَةُ زِينَتِهِ فَجَعَلَهَا لِلْكِبْرِيَاءِ. جَعَلُوا فِيهَا أَصْنَامَ مَكْرُهَاتِهِمْ، رَجَاسَاتِهِمْ، لِأَجْلِ ذَلِكَ جَعَلْتُهَا لَهُمْ نَجَاسَةً. | ٢٠ 20 |
ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى؛ بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە لەنەتلىك نەرسىلىرىنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىققا ئايلاندۇرىمەن. |
أُسْلِمُهَا إِلَى أَيْدِي ٱلْغُرَبَاءِ لِلنَّهْبِ، وَإِلَى أَشْرَارِ ٱلْأَرْضِ سَلْبًا فَيُنَجِّسُونَهَا. | ٢١ 21 |
مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار بۇنى بۇلغايدۇ. |
وَأُحَوِّلُ وَجْهِي عَنْهُمْ فَيُنَجِّسُونَ سِرِّي، وَيَدْخُلُهُ ٱلْمُعْتَنِفُونَ وَيُنَجِّسُونَهُ. | ٢٢ 22 |
مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن ئۆرۈيمەن، ۋە كىشىلەر مېنىڭ ئەزىز جايىمنى بۇلغايدۇ؛ زوراۋانلار كىرىپ ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. |
«اِصْنَعِ ٱلسِّلْسِلَةَ لِأَنَّ ٱلْأَرْضَ قَدِ ٱمْتَلَأَتْ مِنْ أَحْكَامِ ٱلدَّمِ، وَٱلْمَدِينَةُ ٱمْتَلَأَتْ مِنَ ٱلظُّلْمِ. | ٢٣ 23 |
زەنجىرنى تەييارلاڭلار؛ چۈنكى زېمىن قانلىق جىنايەتلەرگە، شەھەر زوراۋانلىققا تولغان. |
فَآتِي بِأَشَرِّ ٱلْأُمَمِ فَيَرِثُونَ بُيُوتَهُمْ، وَأُبِيدُ كِبْرِيَاءَ ٱلْأَشِدَّاءِ فَتَتَنَجَّسُ مَقَادِسُهُمْ. | ٢٤ 24 |
شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ. |
اَلرُّعْبُ آتٍ فَيَطْلُبُونَ ٱلسَّلَامَ وَلَا يَكُونُ. | ٢٥ 25 |
ۋەھشەت كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار تىنچ-ئامانلىقنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ، بىراق ھېچ تاپالمايدۇ. |
سَتَأْتِي مُصِيبَةٌ عَلَى مُصِيبَةٍ، وَيَكُونُ خَبَرٌ عَلَى خَبَرٍ، فَيَطْلُبُونَ رُؤْيَا مِنَ ٱلنَّبِيِّ، وَٱلشَّرِيعَةُ تُبَادُ عَنِ ٱلْكَاهِنِ، وَٱلْمَشُورَةُ عَنِ ٱلشُّيُوخِ. | ٢٦ 26 |
ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت، شۇم خەۋەر ئۈستىگە شۇم خەۋەر كېلىدۇ؛ ئۇلار پەيغەمبەردىن بېشارەت سورايدۇ، بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى، ئاقساقاللاردىن، مويسىپىتلەردىن نەسىھەت يوقاپ كېتىدۇ. |
ٱلْمَلِكُ يَنُوحُ وَٱلرَّئِيسُ يَلْبَسُ حَيْرَةً، وَأَيْدِي شَعْبِ ٱلْأَرْضِ تَرْجُفُ. كَطَرِيقِهِمْ أَصْنَعُ بِهِمْ، وَكَأَحْكَامِهِمْ أَحْكُمُ عَلَيْهِمْ، فَيَعْلَمُونَ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ». | ٢٧ 27 |
پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، شاھزادە ئۈمىدسىزلىككە چۆمۈلىدۇ، زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. |