وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ١ 1 |
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ |
«وَأَنْتَ يَا ٱبْنَ آدَمَ، فَٱرْفَعْ مَرْثَاةً عَلَى صُورَ، | ٢ 2 |
سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، تۇر توغرۇلۇق بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ |
وَقُلْ لِصُورَ: أَيَّتُهَا ٱلسَّاكِنَةُ عِنْدَ مَدَاخِلِ ٱلْبَحْرِ، تَاجِرَةُ ٱلشُّعُوبِ إِلَى جَزَائِرَ كَثِيرَةٍ، هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: يَا صُورُ، أَنْتِ قُلْتِ: أَنَا كَامِلَةُ ٱلْجَمَالِ. | ٣ 3 |
ئى دېڭىزلارنىڭ كىرىش ئاغزىدا تۇرۇقلۇق، دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ ئەللەر بىلەن سودىلاشقۇچى، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى تۇر، سەن «مېنىڭ گۈزەللىكىم كامالەتكە يەتتى!» دېدىڭ. |
تُخُومُكِ فِي قَلْبِ ٱلْبُحُورِ. بَنَّاؤُوكِ تَمَّمُوا جَمَالَكِ. | ٤ 4 |
سېنىڭ چېگرالىرىڭ بولسا دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى؛ سېنى ياسىغانلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزدى. |
عَمِلُوا كُلَّ أَلْوَاحِكِ مِنْ سَرْوِ سَنِيرَ. أَخَذُوا أَرْزًا مِنْ لُبْنَانَ لِيَصْنَعُوهُ لَكِ سَوَارِيَ. | ٥ 5 |
ئۇلار بارلىق تاختايلىرىڭنى سېنىردىكى قارىغايلاردىن ياسىغان؛ ساڭا موما ئۈچۈن ئۇلار لىۋاندىن كېدىر دەرىخىنى ئېپكەلگەن؛ |
صَنَعُوا مِنْ بَلُّوطِ بَاشَانَ مَجَاذِيفَكِ. صَنَعُوا مَقَاعِدَكِ مِنْ عَاجٍ مُطَعَّمٍ فِي ٱلْبَقْسِ مِنْ جَزَائِرِ كِتِّيمَ. | ٦ 6 |
پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن. |
كَتَّانٌ مُطَرَّزٌ مِنْ مِصْرَ هُوَ شِرَاعُكِ لِيَكُونَ لَكِ رَايَةً. ٱلْأَسْمَانْجُونِيُّ وَٱلْأُرْجُوانُ مِنْ جَزَائِرِ أَلِيشَةَ كَانَا غِطَاءَكِ. | ٧ 7 |
يەلكىنىڭ مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن كەشتىلىك لىباستىن ياسالغان، ئۇ ساڭا تۇغ بولغان؛ سايىۋىنىڭ بولسا دېڭىز بويىدىكى ئېلىشاھدىكى كۆك ۋە سۆسۈن رەختلەردىن ئىدى؛ |
أَهْلُ صِيدُونَ وَإِرْوَادَ كَانُوا مَلَّاحِيكِ. حُكَمَاؤُكِ يَا صُورُ ٱلَّذِينَ كَانُوا فِيكِ هُمْ رَبَابِينُكِ. | ٨ 8 |
زىدوندىكىلەر ھەم ئارۋادتىكىلەر سېنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرىڭ ئىدى؛ سەندە بولغان دانىشمەنلەر، ئى تۇر، سېنىڭ يول باشلىغۇچىلىرىڭ ئىدى. |
شُيُوخُ جُبَيْلَ وَحُكَمَاؤُهَا كَانُوا فِيكِ قَلَّافُوكِ. جَمِيعُ سُفُنِ ٱلْبَحْرِ وَمَلَّاحُوهَا كَانُوا فِيكِ لِيُتَاجِرُوا بِتِجَارَتِكِ. | ٩ 9 |
گەبالدىكى ئاقساقاللار ۋە ئۇنىڭ دانىشمەنلىرى سەندە بولۇپ، كاۋاكلىرىڭنى ئېتەتتى؛ دېڭىز-ئوكياندىكى بارلىق كېمىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دېڭىزچىلىرى مال ئالماشتۇرۇشقا يېنىڭغا كېلەتتى. |
فَارِسُ وَلُودُ وَفُوطُ كَانُوا فِي جَيْشِكِ، رِجَالَ حَرْبِكِ. عَلَّقُوا فِيكِ تُرْسًا وَخُوذَةً. هُمْ صَيَّرُوا بَهَاءَكِ. | ١٠ 10 |
پارسلار، لۇدتىكىلەر، لىۋىيەدىكىلەر قوشۇنغا تىزىملىنىپ، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ بولغان؛ ئۇلار قالقان-دۇبۇلغىلىرىنى ئۈستۈڭگە ئېسىپ، سېنى ھەيۋەتلىك قىلغان؛ |
بَنُو إِرْوَادَ مَعَ جَيْشِكِ عَلَى ٱلْأَسْوَارِ مِنْ حَوْلِكِ، وَٱلْأَبْطَالِ كَانُوا فِي بُرُوجِكِ. عَلَّقُوا أَتْرَاسَهُمْ عَلَى أَسْوَارِكِ مِنْ حَوْلِكِ. هُمْ تَمَّمُوا جَمَالَكِ. | ١١ 11 |
ئارۋادتىكىلەر قوشۇنىڭ بىلەن ھەر تەرىپىڭدە سېپىللىرىڭدا تۇرۇپ كۆزەتتە بولغان؛ گاممادتىكىلەرمۇ مۇنارلىرىڭدا تۇرغان؛ ئۇلار قالقان-قوراللىرىنى ئەتراپىڭغا، سېپىللىرىڭغا ئېسىپ قويغان؛ ئۇلار گۈزەللىكىڭنى كامالەتكە يەتكۈزگەن؛ |
تَرْشِيشُ تَاجِرَتُكِ بِكَثْرَةِ كُلِّ غِنًى. بِٱلْفِضَّةِ وَٱلْحَدِيدِ وَٱلْقَصْدِيرِ وَٱلرَّصَاصِ أَقَامُوا أَسْوَاقَكِ. | ١٢ 12 |
تاۋارلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن تارشىش ساڭا خېرىدار بولغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار كۈمۈش، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن تېگىشىپ بەرگەن. |
يَاوَانُ وَتُوبَالُ وَمَاشِكُ هُمْ تُجَّارُكِ. بِنُفُوسِ ٱلنَّاسِ وَبِآنِيَةِ ٱلنُّحَاسِ أَقَامُوا تِجَارَتَكِ. | ١٣ 13 |
جاۋان، تۇبال ۋە مەشەك سەن بىلەن سودا قىلغان؛ ئۇلار تاۋارلىرىڭغا ئادەملەرنىڭ جانلىرى، مىس قاچا-قازانلارنى تېگىشكەن. |
وَمِنْ بَيْتِ تُوجَرْمَةَ بِٱلْخَيْلِ وَٱلْفُرْسَانِ وَٱلْبِغَالِ أَقَامُوا أَسْوَاقَكِ. | ١٤ 14 |
تورگاماھ جەمەتىدىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭ ئۈچۈن ئاتلار، جەڭ ئاتلىرى ۋە قېچىرلارنى تېگىشىپ بەرگەن. |
بَنُو دَدَانَ تُجَّارُكِ. جَزَائِرُ كَثِيرَةٌ تُجَّارُ يَدِكِ. أَدَّوْا هَدِيَّتَكِ قُرُونًا مِنَ ٱلْعَاجِ وَٱلْآبْنُوسِ. | ١٥ 15 |
دېداندىكىلەر سەن بىلەن سودىلاشقان؛ دېڭىز بويلىرىدىكى كۆپ خەلق ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار ساڭا دەندان، ئەبنۇس ياغىچىنى تۆلىگەن؛ |
أَرَامُ تَاجِرَتُكِ بِكَثْرَةِ صَنَائِعِكِ، تَاجَرُوا فِي أَسْوَاقِكِ بِٱلْبَهْرَمَانِ وَٱلْأُرْجُوانِ وَٱلْمُطَرَّزِ وَٱلْبُوصِ وَٱلْمَرْجَانِ وَٱلْيَاقُوتِ. | ١٦ 16 |
سۇرىيە قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن ساڭا خېرىدار بولغان؛ ئۇلار مەھسۇلاتلىرىڭغا ماۋى ياقۇتلار، سۆسۈن رەختلەرنى، كەشتىلەرنى، نەپىس كاناپ رەختلەرنى، مارجانلارنى، قىزىل ياقۇتلارنى تېگىشىپ بەرگەن. |
يَهُوذَا وَأَرْضُ إِسْرَائِيلَ هُمْ تُجَّارُكِ. تَاجَرُوا فِي سُوقِكِ بِحِنْطَةِ مِنِّيتَ وَحَلَاوَى وَعَسَلٍ وَزَيْتٍ وَبَلَسَانٍ. | ١٧ 17 |
يەھۇدا ۋە ئىسرائىل زېمىنىدىكىلەردىنمۇ سەن بىلەن سودىلاشقۇچىلار بولغان؛ تاۋارلىرىڭغا ئۇلار مىننىتنىڭ بۇغدايلىرى، پېچىنىلەر، ھەسەل، زەيتۇن مېيى، مەلھەم دورىلارنى تېگىشىپ بەرگەن. |
دِمَشْقُ تَاجِرَتُكِ بِكَثْرَةِ صَنَائِعِكِ وَكَثْرَةِ كُلِّ غِنًى، بِخَمْرِ حَلْبُونَ وَٱلصُّوفِ ٱلْأَبْيَضِ. | ١٨ 18 |
دەمەشق قول ھۈنەرلىرىڭنىڭ مول بولغانلىقىدىن، ھەرخىل بايلىقلىرىڭ تۈپەيلىدىن ساڭا خېرىدار بولۇپ ساڭا خەلبوننىڭ شارابلىرىنى، ئاق يۇڭلارنى تېگىشىپ بەرگەن. |
وَدَانُ وَيَاوَانُ قَدَّمُوا غَزْلًا فِي أَسْوَاقِكِ. حَدِيدٌ مَشْغُولٌ وَسَلِيخَةٌ وَقَصَبُ ٱلذَّرِيرَةِ كَانَتْ فِي سُوقِكِ. | ١٩ 19 |
ۋېدان ۋە ئۇزالدىن چىققان جاۋاندىكىلەر مەھسۇلاتلىرىڭغا سوقۇلغان تۆمۈر، قوۋزاقدارچىن، ئېگىرنى تېگىشكەنىدى. |
دَدَانُ تَاجِرَتُكِ بِطَنَافِسَ لِلرُّكُوبِ. | ٢٠ 20 |
دېدان ساڭا ئات توقۇملىرىنى تېگىشىپ بەرگەن؛ |
اَلْعَرَبُ وَكُلُّ رُؤَسَاءِ قِيدَارَ هُمْ تُجَّارُ يَدِكِ بِٱلْخِرْفَانِ وَٱلْكِبَاشِ وَٱلْأَعْتِدَةِ. فِي هَذِهِ كَانُوا تُجَّارَكِ. | ٢١ 21 |
ئەرەبىستان ۋە كېداردىكى بارلىق شاھزادىلەر ساڭا خېرىدار بولدى؛ ساڭا پاخلانلار، قوچقارلار ۋە ئۆچكىلەرنى تېگىشىپ بەرگەن. |
تُجَّارُ شَبَا وَرَعْمَةَ هُمْ تُجَّارُكِ. بِأَفْخَرِ كُلِّ أَنْوَاعِ ٱلطِّيبِ وَبِكُلِّ حَجَرٍ كَرِيمٍ وَٱلذَّهَبِ أَقَامُوا أَسْوَاقَكِ. | ٢٢ 22 |
شېبا ھەم رائاماھدىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ مەھسۇلاتلىرىڭغا ئۇلار ھەرخىل سەرخىل تېتىتقۇلار، قىممەتلىك جاۋاھىراتلار ۋە ئالتۇن ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. |
حُرَّانُ وَكِنَّةُ وَعَدَنُ تُجَّارُ شَبَا وَأَشُّورَ وَكِلْمَدَ تُجَّارُكِ. | ٢٣ 23 |
ھاران، كاننەھ، ئېدەندىكىلەر ۋە شېبا، ئاشۇر، خىلمادتىكى سودىگەرلەر سەن بىلەن تىجارەت قىلغان؛ |
هَؤُلَاءِ تُجَّارُكِ بِنَفَائِسَ، بِأَرْدِيَةٍ أَسْمَانْجُونِيَّةٍ وَمُطَرَّزَةٍ، وَأَصْوِنَةٍ مُبْرَمٍ مَعْكُومَةٍ بِٱلْحِبَالِ مَصْنُوعَةٍ مِنَ ٱلْأَرْزِ بَيْنَ بَضَائِعِكِ. | ٢٤ 24 |
ئۇلار ساڭا ھەشەمەتلىك كىيىم-كېچەك، سۆسۈن رەختلەر ۋە كەشتىلەر، رەڭمۇرەڭ گىلەملەرنى تېگىشىپ بەرگەن؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈگۈنچەكلىنىپ تانا-ئارغامچىلار بىلەن چىڭ باغلىنىپ، بازارىڭغا كىردى. |
«سُفُنُ تَرْشِيشَ قَوَافِلُكِ لِتِجَارَتِكِ، فَٱمْتَلَأْتِ وَتَمَجَّدْتِ جِدًّا فِي قَلْبِ ٱلْبِحَارِ. | ٢٥ 25 |
تارشىشتىكى كېمىلەر تاۋارلىرىڭنى كۆتۈرگەن كارۋانلاردەك بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن سەن دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا مال بىلەن تولدۇرۇلۇپ، ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنسەن؛ |
مَلَّاحُوكِ قَدْ أَتَوْا بِكِ إِلَى مِيَاهٍ كَثِيرَةٍ. كَسَرَتْكِ ٱلرِّيحُ ٱلشَّرْقِيَّةُ فِي قَلْبِ ٱلْبِحَارِ. | ٢٦ 26 |
سېنىڭ پالاق ئورغۇچىلىرىڭ سېنى ئۇلۇغ سۇلارغا ئاپاردى؛ شەرق شامىلى سېنى دېڭىز-ئوكياننىڭ باغرىدا پارە-پارە قىلىۋەتتى؛ |
ثَرْوَتُكِ وَأَسْوَاقُكِ وَبِضَاعَتُكِ وَمَلَّاحُوكِ وَرَبَابِينُكِ وَقَلَّافُوكِ وَٱلْمُتَاجِرُونَ بِمَتْجَرِكِ، وَجَمِيعُ رِجَالِ حَرْبِكِ ٱلَّذِينَ فِيكِ، وَكُلُّ جَمْعِكِ ٱلَّذِي فِي وَسْطِكِ يَسْقُطُونَ فِي قَلْبِ ٱلْبِحَارِ فِي يَوْمِ سُقُوطِكِ. | ٢٧ 27 |
سېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىڭ، بازارلىرىڭ، دېڭىزچىلىرىڭ ۋە يول باشلىغۇچىلىرىڭ، كاۋاكلىرىڭنى ئەتكۈچىلەر، سەن بىلەن سودىلاشقان سودىگەرلەر، سەندە بولغان بارلىق لەشكەرلىرىڭ، جۈملىدىن ئاراڭدا توپلانغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەن ئۆرۈلۈپ كەتكەن كۈنۈڭدە ئۆرۈلۈپ دېڭىز-ئوكياننىڭ قوينىغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ. |
مِنْ صَوْتِ صُرَاخِ رَبَابِينِكِ تَتَزَلْزَلُ ٱلْمَسَارِحُ. | ٢٨ 28 |
يول باشلىغۇچىلىرىڭنىڭ ئاھ-زارلىرىدىن دالادىكىلەر تەۋرەپ كېتىدۇ. |
وَكُلُّ مُمْسِكِي ٱلْمِجْذَافِ وَٱلْمَلَّاحُونَ، وَكُلُّ رَبَابِينِ ٱلْبَحْرِ يَنْزِلُونَ مِنْ سُفُنِهِمْ وَيَقِفُونَ عَلَى ٱلْبَرِّ، | ٢٩ 29 |
پالاق ئورغۇچىلارنىڭ ھەممىسى، دېڭىزچىلار، دېڭىزدا بارلىق يول باشلىغۇچىلار ئۆز كېمىلىرىدىن چۈشىدۇ؛ ئۇلار قۇرۇقلۇقتا تۇرىدۇ؛ |
وَيُسْمِعُونَ صَوْتَهُمْ عَلَيْكِ، وَيَصْرُخُونَ بِمَرَارَةٍ، وَيُذَرُّونَ تُرَابًا فَوْقَ رُؤُوسِهِمْ، وَيَتَمَرَّغُونَ فِي ٱلرَّمَادِ. | ٣٠ 30 |
ئۇلار ساڭا قاراپ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، قاتتىق ئاھ-زار كۆتۈرىدۇ؛ ئۇلار توپا-چاڭ چىقىرىپ بېشىغا چاچىدۇ؛ ئۇلار كۈللەر ئىچىدە ئېغىنايدۇ. |
وَيَجْعَلُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ قَرْعَةً عَلَيْكِ، وَيَتَنَطَّقُونَ بِٱلْمُسُوحِ، وَيَبْكُونَ عَلَيْكِ بِمَرَارَةِ نَفْسٍ نَحِيبًا مُرًّا. | ٣١ 31 |
ئۇلار سېنى دەپ چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ئۆزلىرىنى تاز قىلىپ، بۆز كىيىملەرگە ئورايدۇ؛ ئۇلار قاتتىق ماتەم تۇتۇپ سەن ئۈچۈن زور دەرد-ئەلەم ئىچىدە يىغلايدۇ. |
وَفِي نَوْحِهِمْ يَرْفَعُونَ عَلَيْكِ مَنَاحَةً وَيَرْثُونَكِ، وَيَقُولُونَ: أَيَّةُ مَدِينَةٍ كَصُورَ كَٱلْمُسْكَتَةِ فِي قَلْبِ ٱلْبَحْرِ؟ | ٣٢ 32 |
ئۇلار ئاھ-زارلىرىنى كۆتۈرگىنىدە سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ، سەن توغرۇلۇق ھازا قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ــ «تۇر دېڭىز-ئوكيانلار ئوتتۇرىسىدا، ھازىر جىمجىت قىلىنغان! ئەسلى كىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيتتى؟ |
عِنْدَ خُرُوجِ بَضَائِعِكِ مِنَ ٱلْبِحَارِ أَشْبَعْتِ شُعُوبًا كَثِيرِينَ. بِكَثْرَةِ ثَرْوَتِكِ وَتِجَارَتِكِ أَغْنَيْتِ مُلُوكَ ٱلْأَرْضِ. | ٣٣ 33 |
مەھسۇلاتلىرىڭ دېڭىز-ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ كەتكەندە، سەن كۆپ خەلقلەرنى قانائەتلەندۈرگەن؛ بايلىقلىرىڭ ۋە تاۋارلىرىڭنىڭ موللۇقى بىلەن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى بېيىتقانسەن. |
حِينَ ٱنْكِسَارِكِ مِنَ ٱلْبِحَارِ فِي أَعْمَاقِ ٱلْمِيَاهِ سَقَطَ مَتْجَرُكِ وَكُلُّ جَمْعِكِ. | ٣٤ 34 |
سەن سۇلارنىڭ چوڭقۇر تېگىدە دېڭىز-ئوكيانلار تەرىپىدىن پارە-پارە قىلىنغاندا، تاۋارلىرىڭ ھەم ئاراڭدا بولغان توپ-توپ ئادەملىرىڭمۇ ئۆرۈلۈپ غەرق بولۇپ كەتتى. |
كُلُّ سُكَّانِ ٱلْجَزَائِرِ يَتَحَيَّرُونَ عَلَيْكِ، وَمُلُوكِهِنَّ يَقْشَعِرُّونَ ٱقْشِعْرَارًا. يَضْطَرِبُونَ فِي ٱلْوُجُوهِ. | ٣٥ 35 |
بارلىق دېڭىز بويىدىكىلەر ساڭا قاراپ ئالاقزادە بولغان؛ ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى دەھشەت قورقۇپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سۇر باسقان. |
اَلتُّجَّارُ بَيْنَ ٱلشُّعُوبِ يَصْفِرُونَ عَلَيْكِ فَتَكُونِينَ أَهْوَالًا، وَلَا تَكُونِينَ بَعْدُ إِلَى ٱلْأَبَدِ». | ٣٦ 36 |
خەلقلەر ئارىسىدىكى سودىگەرلەر ساڭا قاراپ «ئۇش-ئۇش» قىلدى؛ سەن ئۆزۈڭ بىر ۋەھشەت ئىدىڭ، ئەمدى قايتىدىن بولمايسەن»». |