وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ١ 1 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ |
«يَا ٱبْنَ آدَمَ، حَاجِ أُحْجِيَّةً وَمَثِّلْ مَثَلًا لِبَيْتِ إِسْرَائِيلَ، | ٢ 2 |
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ |
وَقُلْ: هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: نَسْرٌ عَظِيمٌ كَبِيرُ ٱلْجَنَاحَيْنِ، طَوِيلُ ٱلْقَوَادِمِ، وَاسِعُ ٱلْمَنَاكِبِ، ذُو تَهَاوِيلَ، جَاءَ إِلَى لُبْنَانَ وَأَخَذَ فَرْعَ ٱلْأَرْزِ. | ٣ 3 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛ |
قَصَفَ رَأْسَ خَرَاعِيبِهِ، وَجَاءَ بِهِ إِلَى أَرْضِ كَنْعَانَ، وَجَعَلَهُ فِي مَدِينَةِ ٱلتُّجَّارِ. | ٤ 4 |
ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى. |
وَأَخَذَ مِنْ زَرْعِ ٱلْأَرْضِ وَأَلْقَاهُ فِي حَقْلِ ٱلزَّرْعِ، وَجَعَلَهُ عَلَى مِيَاهٍ كَثِيرَةٍ. أَقَامَهُ كَٱلصَّفْصَافِ، | ٥ 5 |
ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى. |
فَنَبَتَ وَصَارَ كَرْمَةً مُنْتَشِرَةً قَصِيرَةَ ٱلسَّاقِ. ٱنْعَطَفَتْ عَلَيْهِ زَرَاجِينُهَا وَكَانَتْ أُصُولُهَا تَحْتَهُ، فَصَارَتْ كَرْمَةً وَأَنْبَتَتْ فُرُوعًا وَأَفْرَخَتْ أَغْصَانًا. | ٦ 6 |
ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى [بۈركۈت] تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى. |
وَكَانَ نَسْرٌ آخَرُ عَظِيمٌ كَبِيرُ ٱلْجَنَاحَيْنِ وَاسِعُ ٱلْمَنْكَبِ، فَإِذَا بِهَذِهِ ٱلْكَرْمَةِ عَطَفَتْ عَلَيْهِ أُصُولَهَا وَأَنْبَتَتْ نَحْوَهُ زَرَاجِينَهَا لِيَسْقِيَهَا فِي خَمَائِلِ غَرْسِهَا. | ٧ 7 |
ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛ |
فِي حَقْلٍ جَيِّدٍ عَلَى مِيَاهٍ كَثِيرَةٍ هِيَ مَغْرُوسَةٌ لِتُنْبِتَ أَغْصَانَهَا وَتَحْمِلَ ثَمَرًا، فَتَكُونَ كَرْمَةً وَاسِعَةً. | ٨ 8 |
مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى». |
قُلْ: هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: هَلْ تَنْجَحُ؟ أَفَلَا يَقْلَعُ أُصُولَهَا وَيَقْطَعُ ثَمَرَهَا فَتَيْبَسَ؟ كُلٌّ مِنْ أَوْرَاقِ أَغْصَانِهَا تَيْبَسُ، وَلَيْسَ بِذِرَاعٍ عَظِيمَةٍ أَوْ بِشَعْبٍ كَثِيرٍ لِيَقْلَعُوهَا مِنْ أُصُولِهَا. | ٩ 9 |
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن [بۈركۈت] يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ. |
هَا هِيَ ٱلْمَغْرُوسَةُ، فَهَلْ تَنْجَحُ؟ أَلَا تَيْبَسُ يَبْسًا كَأَنَّ رِيحًا شَرْقِيَّةً أَصَابَتْهَا؟ فِي خَمَائِلِ نَبْتِهَا تَيْبَسُ». | ١٠ 10 |
ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ». |
وَكَانَ إِلَيَّ كَلَامُ ٱلرَّبِّ قَائِلًا: | ١١ 11 |
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ |
«قُلْ لِلْبَيْتِ ٱلْمُتَمَرِّدِ: أَمَا عَلِمْتُمْ مَا هَذِهِ؟ قُلْ: هُوَذَا مَلِكُ بَابِلَ قَدْ جَاءَ إِلَى أُورُشَلِيمَ وَأَخَذَ مَلِكَهَا وَرُؤَسَاءَهَا وَجَاءَ بِهِمْ إِلَيْهِ إِلَى بَابِلَ. | ١٢ 12 |
«ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. |
وَأَخَذَ مِنَ ٱلزَّرْعِ ٱلْمَلِكِيِّ وَقَطَعَ مَعَهُ عَهْدًا وَأَدْخَلَهُ فِي قَسَمٍ، وَأَخَذَ أَقْوِيَاءَ ٱلْأَرْضِ، | ١٣ 13 |
شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛ |
لِتَكُونَ ٱلْمَمْلَكَةُ حَقِيرَةً وَلَا تَرْتَفِعَ، لِتَحْفَظَ ٱلْعَهْدَ فَتَثْبُتَ. | ١٤ 14 |
مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. |
فَتَمَرَّدَ عَلَيْهِ بِإِرْسَالِهِ رُسُلَهُ إِلَى مِصْرَ لِيُعْطُوهُ خَيْلًا وَشَعْبًا كَثِيرِينَ. فَهَلْ يَنْجَحُ؟ هَلْ يُفْلِتُ فَاعِلُ هَذَا؟ أَوْ يَنْقُضُ عَهْدًا وَيُفْلِتُ؟ | ١٥ 15 |
بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟ |
حَيٌّ أَنَا، يَقُولُ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ، إِنَّ فِي مَوْضِعِ ٱلْمَلِكِ ٱلَّذِي مَلَّكَهُ، ٱلَّذِي ٱزْدَرَى قَسَمَهُ وَنَقَضَ عَهْدَهُ، فَعِنْدَهُ فِي وَسْطِ بَابِلَ يَمُوتُ. | ١٦ 16 |
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ. |
وَلَا بِجَيْشٍ عَظِيمٍ وَجَمْعٍ غَفِيرٍ يُعِينُهُ فِرْعَوْنُ فِي ٱلْحَرْبِ، بِإِقَامَةِ مِتْرَسَةٍ وَبِبِنَاءِ بُرْجٍ لِقَطْعِ نُفُوسٍ كَثِيرَةٍ. | ١٧ 17 |
بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن [سېپىلغا] چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. |
إِذِ ٱزْدَرَى ٱلْقَسَمَ لِنَقْضِ ٱلْعَهْدِ، وَهُوَذَا قَدْ أَعْطَى يَدَهُ وَفَعَلَ هَذَا كُلَّهُ فَلَا يُفْلِتُ. | ١٨ 18 |
ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». |
لِأَجْلِ ذَلِكَ هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: حَيٌّ أَنَا، إِنَّ قَسَمِي ٱلَّذِي ٱزْدَرَاهُ، وَعَهْدِي ٱلَّذِي نَقَضَهُ، أَرُدُّهُمَا عَلَى رَأْسِهِ. | ١٩ 19 |
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن. |
وَأَبْسُطُ شَبَكَتِي عَلَيْهِ فَيُؤْخَذُ فِي شَرَكِي، وَآتِي بِهِ إِلَى بَابِلَ وَأُحَاكِمُهُ هُنَاكَ عَلَى خِيَانَتِهِ ٱلَّتِي خَانَنِي بِهَا. | ٢٠ 20 |
مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. |
وَكُلُّ هَارِبِيهِ وَكُلُّ جُيُوشِهِ يَسْقُطُونَ بِٱلسَّيْفِ، وَٱلْبَاقُونَ يُذَرُّونَ فِي كُلِّ رِيحٍ، فَتَعْلَمُونَ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ تَكَلَّمْتُ. | ٢١ 21 |
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر». |
«هَكَذَا قَالَ ٱلسَّيِّدُ ٱلرَّبُّ: وَآخُذُ أَنَا مِنْ فَرْعِ ٱلْأَرْزِ ٱلْعَالِي وَأَغْرِسُهُ، وَأَقْطِفُ مِنْ رَأْسِ خَرَاعِيبِهِ غُصْنًا وَأَغْرِسُهُ عَلَى جَبَلٍ عَالٍ وَشَامِخٍ. | ٢٢ 22 |
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛ |
فِي جَبَلِ إِسْرَائِيلَ ٱلْعَالِي أَغْرِسُهُ، فَيُنْبِتُ أَغْصَانًا وَيَحْمِلُ ثَمَرًا وَيَكُونُ أَرْزًا وَاسِعًا، فَيَسْكُنُ تَحْتَهُ كُلَّ طَائِرٍ، كُلُّ ذِي جَنَاحٍ يَسْكُنُ فِي ظِلِّ أَغْصَانِهِ. | ٢٣ 23 |
ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛ |
فَتَعْلَمُ جَمِيعُ أَشْجَارِ ٱلْحَقْلِ أَنِّي أَنَا ٱلرَّبُّ، وَضَعْتُ ٱلشَّجَرَةَ ٱلرَّفِيعَةَ، وَرَفَعْتُ ٱلشَّجَرَةَ ٱلْوَضِيعَةَ، وَيَبَّسْتُ ٱلشَّجَرَةَ ٱلْخَضْرَاءَ، وَأَفْرَخْتُ ٱلشَّجَرَةَ ٱلْيَابِسَةَ. أَنَا ٱلرَّبَّ تَكَلَّمْتُ وَفَعَلْتُ». | ٢٤ 24 |
شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن». |