ثُمَّ قَالَ ٱلرَّبُّ لِمُوسَى: «ٱدْخُلْ إِلَى فِرْعَوْنَ وَقُلْ لَهُ: هَكَذَا يَقُولُ ٱلرَّبُّ إِلَهُ ٱلْعِبْرَانِيِّينَ: أَطْلِقْ شَعْبِي لِيَعْبُدُونِي. | ١ 1 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. |
فَإِنَّهُ إِنْ كُنْتَ تَأْبَى أَنْ تُطْلِقَهُمْ وَكُنْتَ تُمْسِكُهُمْ بَعْدُ، | ٢ 2 |
ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، |
فَهَا يَدُ ٱلرَّبِّ تَكُونُ عَلَى مَوَاشِيكَ ٱلَّتِي فِي ٱلْحَقْلِ، عَلَى ٱلْخَيْلِ وَٱلْحَمِيرِ وَٱلْجِمَالِ وَٱلْبَقَرِ وَٱلْغَنَمِ، وَبَأً ثَقِيلًا جِدًّا. | ٣ 3 |
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. |
وَيُمَيِّزُ ٱلرَّبُّ بَيْنَ مَوَاشِي إِسْرَائِيلَ وَمَوَاشِي ٱلْمِصْرِيِّينَ. فَلَا يَمُوتُ مِنْ كُلِّ مَا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ شَيْءٌ». | ٤ 4 |
لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى. |
وَعَيَّنَ ٱلرَّبُّ وَقْتًا قَائِلًا: «غَدًا يَفْعَلُ ٱلرَّبُّ هَذَا ٱلْأَمْرَ فِي ٱلْأَرْضِ». | ٥ 5 |
پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. |
فَفَعَلَ ٱلرَّبُّ هَذَا ٱلْأَمْرَ فِي ٱلْغَدِ. فَمَاتَتْ جَمِيعُ مَوَاشِي ٱلْمِصْرِيِّينَ. وَأَمَّا مَوَاشِي بَنِي إِسْرَائِيلَ فَلَمْ يَمُتْ مِنْهَا وَاحِدٌ. | ٦ 6 |
ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. |
وَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ وَإِذَا مَوَاشِي إِسْرَائِيلَ لَمْ يَمُتْ مِنْهَا وَلَا وَاحِدٌ. وَلَكِنْ غَلُظَ قَلْبُ فِرْعَوْنَ فَلَمْ يُطْلِقِ ٱلشَّعْبَ. | ٧ 7 |
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. |
ثُمَّ قَالَ ٱلرَّبُّ لِمُوسَى وَهَارُونَ: «خُذَا مِلْءَ أَيْدِيكُمَا مِنْ رَمَادِ ٱلأَتُونِ، وَلْيُذَرِّهِ مُوسَى نَحْوَ ٱلسَّمَاءِ أَمَامَ عَيْنَيْ فِرْعَوْنَ، | ٨ 8 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. |
لِيَصِيرَ غُبَارًا عَلَى كُلِّ أَرْضِ مِصْرَ. فَيَصِيرَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَعَلَى ٱلْبَهَائِمِ دَمَامِلَ طَالِعَةً بِبُثُورٍ فِي كُلِّ أَرْضِ مِصْرَ». | ٩ 9 |
شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى. |
فَأَخَذَا رَمَادَ ٱلْأَتُونِ وَوَقَفَا أَمَامَ فِرْعَوْنَ، وَذَرَّاهُ مُوسَى نَحْوَ ٱلسَّمَاءِ، فَصَارَ دَمَامِلَ بُثُورٍ طَالِعَةً فِي ٱلنَّاسِ وَفِي ٱلْبَهَائِمِ. | ١٠ 10 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. |
وَلَمْ يَسْتَطِعِ ٱلْعَرَّافُونَ أَنْ يَقِفُوا أَمَامَ مُوسَى مِنْ أَجْلِ ٱلدَّمَامِلِ، لِأَنَّ ٱلدَّمَامِلَ كَانَتْ فِي ٱلْعَرَّافِينَ وَفِي كُلِّ ٱلْمِصْرِيِّينَ. | ١١ 11 |
جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. |
وَلَكِنْ شَدَّدَ ٱلرَّبُّ قَلْبَ فِرْعَوْنَ فَلَمْ يَسْمَعْ لَهُمَا، كَمَا كَلَّمَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ١٢ 12 |
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. |
ثُمَّ قَالَ ٱلرَّبُّ لِمُوسَى: «بَكِّرْ فِي ٱلصَّبَاحِ وَقِفْ أَمَامَ فِرْعَوْنَ وَقُلْ لَهُ: هَكَذَا يَقُولُ ٱلرَّبُّ إِلَهُ ٱلْعِبْرَانِيِّينَ: أَطْلِقْ شَعْبِي لِيَعْبُدُونِي. | ١٣ 13 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛ |
لِأَنِّي هَذِهِ ٱلْمَرَّةَ أُرْسِلُ جَمِيعَ ضَرَبَاتِي إِلَى قَلْبِكَ وَعَلَى عَبِيدِكَ وَشَعْبِكَ، لِكَيْ تَعْرِفَ أَنْ لَيْسَ مِثْلِي فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ. | ١٤ 14 |
چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. |
فَإِنَّهُ ٱلْآنَ لَوْ كُنْتُ أَمُدُّ يَدِي وَأَضْرِبُكَ وَشَعْبَكَ بِٱلْوَبَإِ، لَكُنْتَ تُبَادُ مِنَ ٱلْأَرْضِ. | ١٥ 15 |
چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ. |
وَلَكِنْ لِأَجْلِ هَذَا أَقَمْتُكَ، لِكَيْ أُرِيَكَ قُوَّتِي، وَلِكَيْ يُخْبَرَ بِٱسْمِي فِي كُلِّ ٱلْأَرْضِ. | ١٦ 16 |
ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى. |
أَنْتَ مُعَانِدٌ بَعْدُ لِشَعْبِي حَتَّى لَا تُطْلِقَهُ. | ١٧ 17 |
سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟ |
هَا أَنَا غَدًا مِثْلَ ٱلْآنَ أُمْطِرُ بَرَدًا عَظِيمًا جِدًّا لَمْ يَكُنْ مِثْلُهُ فِي مِصْرَ مُنْذُ يَوْمِ تَأْسِيسِهَا إِلَى ٱلْآنَ. | ١٨ 18 |
مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن. |
فَٱلْآنَ أَرْسِلِ ٱحْمِ مَوَاشِيَكَ وَكُلَّ مَا لَكَ فِي ٱلْحَقْلِ. جَمِيعُ ٱلنَّاسِ وَٱلْبَهَائِمِ ٱلَّذِينَ يُوجَدُونَ فِي ٱلْحَقْلِ وَلَا يُجْمَعُونَ إِلَى ٱلْبُيُوتِ، يَنْزِلُ عَلَيْهِمِ ٱلْبَرَدُ فَيَمُوتُونَ». | ١٩ 19 |
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى. |
فَٱلَّذِي خَافَ كَلِمَةَ ٱلرَّبِّ مِنْ عَبِيدِ فِرْعَوْنَ هَرَبَ بِعَبِيدِهِ وَمَوَاشِيهِ إِلَى ٱلْبُيُوتِ. | ٢٠ 20 |
بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى. |
وَأَمَّا ٱلَّذِي لَمْ يُوَجِّهْ قَلْبَهُ إِلَى كَلِمَةِ ٱلرَّبِّ فَتَرَكَ عَبِيدَهُ وَمَوَاشِيَهُ فِي ٱلْحَقْلِ. | ٢١ 21 |
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى. |
ثُمَّ قَالَ ٱلرَّبُّ لِمُوسَى: «مُدَّ يَدَكَ نَحْوَ ٱلسَّمَاءِ لِيَكُونَ بَرَدٌ فِي كُلِّ أَرْضِ مِصْرَ: عَلَى ٱلنَّاسِ وَعَلَى ٱلْبَهَائِمِ وَعَلَى كُلِّ عُشْبِ ٱلْحَقْلِ فِي أَرْضِ مِصْرَ». | ٢٢ 22 |
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. |
فَمَدَّ مُوسَى عَصَاهُ نَحْوَ ٱلسَّمَاءِ، فَأَعْطَى ٱلرَّبُّ رُعُودًا وَبَرَدًا، وَجَرَتْ نَارٌ عَلَى ٱلْأَرْضِ، وَأَمْطَرَ ٱلرَّبُّ بَرَدًا عَلَى أَرْضِ مِصْرَ. | ٢٣ 23 |
مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. |
فَكَانَ بَرَدٌ، وَنَارٌ مُتَوَاصِلَةٌ فِي وَسَطِ ٱلْبَرَدِ. شَيْءٌ عَظِيمٌ جِدًّا لَمْ يَكُنْ مِثْلُهُ فِي كُلِّ أَرْضِ مِصْرَ مُنْذُ صَارَتْ أُمَّةً. | ٢٤ 24 |
مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. |
فَضَرَبَ ٱلْبَرَدُ فِي كُلِّ أَرْضِ مِصْرَ جَمِيعَ مَا فِي ٱلْحَقْلِ مِنَ ٱلنَّاسِ وَٱلْبَهَائِمِ. وَضَرَبَ ٱلْبَرَدُ جَمِيعَ عُشْبِ ٱلْحَقْلِ وَكَسَّرَ جَمِيعَ شَجَرِ ٱلْحَقْلِ. | ٢٥ 25 |
مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. |
إِلَّا أَرْضَ جَاسَانَ حَيْثُ كَانَ بَنُو إِسْرَائِيلَ، فَلَمْ يَكُنْ فِيهَا بَرَدٌ. | ٢٦ 26 |
پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. |
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ وَدَعَا مُوسَى وَهَارُونَ وَقَالَ لَهُمَا: «أَخْطَأْتُ هَذِهِ ٱلْمَرَّةَ. ٱلرَّبُّ هُوَ ٱلْبَارُّ وَأَنَا وَشَعْبِي ٱلْأَشْرَارُ. | ٢٧ 27 |
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى. |
صَلِّيَا إِلَى ٱلرَّبِّ، وَكَفَى حُدُوثُ رُعُودِ ٱللهِ وَٱلْبَرَدُ، فَأُطْلِقَكُمْ وَلَا تَعُودُوا تَلْبَثُونَ». | ٢٨ 28 |
يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى. |
فَقَالَ لَهُ مُوسَى: «عِنْدَ خُرُوجِي مِنَ ٱلْمَدِينَةِ أَبْسِطُ يَدَيَّ إِلَى ٱلرَّبِّ، فَتَنْقَطِعُ ٱلرُّعُودُ وَلَا يَكُونُ ٱلْبَرَدُ أَيْضًا، لِكَيْ تَعْرِفَ أَنَّ لِلرَّبِّ ٱلْأَرْضَ. | ٢٩ 29 |
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. |
وَأَمَّا أَنْتَ وَعَبِيدُكَ فَأَنَا أَعْلَمُ أَنَّكُمْ لَمْ تَخْشَوْا بَعْدُ مِنَ ٱلرَّبِّ ٱلْإِلَهِ». | ٣٠ 30 |
لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى. |
فَٱلْكَتَّانُ وَٱلشَّعِيرُ ضُرِبَا. لِأَنَّ ٱلشَّعِيرَ كَانَ مُسْبِلًا وَٱلْكَتَّانُ مُبْزِرًا. | ٣١ 31 |
شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى. |
وَأَمَّا ٱلْحِنْطَةُ وَٱلْقَطَانِيُّ فَلَمْ تُضْرَبْ لِأَنَّهَا كَانَتْ مُتَأَخِّرَةً. | ٣٢ 32 |
لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى. |
فَخَرَجَ مُوسَى مِنَ ٱلْمَدِينَةِ مِنْ لَدُنْ فِرْعَوْنَ وَبَسَطَ يَدَيْهِ إِلَى ٱلرَّبِّ، فَٱنْقَطَعَتِ ٱلرُّعُودُ وَٱلْبَرَدُ وَلَمْ يَنْصَبَّ ٱلْمَطَرُ عَلَى ٱلْأَرْضِ. | ٣٣ 33 |
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى. |
وَلَكِنْ فِرْعَوْنُ لَمَّا رَأَى أَنَّ ٱلْمَطَرَ وَٱلْبَرَدَ وَٱلرُّعُودَ ٱنْقَطَعَتْ، عَادَ يُخْطِئُ وَأَغْلَظَ قَلْبَهُ هُوَ وَعَبِيدُهُ. | ٣٤ 34 |
ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى. |
فَٱشْتَدَّ قَلْبُ فِرْعَوْنَ فَلَمْ يُطْلِقْ بَنِي إِسْرَائِيلَ، كَمَا تَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ عَنْ يَدِ مُوسَى. | ٣٥ 35 |
بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. |