وَكَلَّمَ ٱلرَّبُّ مُوسَى قَائِلًا: | ١ 1 |
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ |
«فِي ٱلشَّهْرِ ٱلْأَوَّلِ، فِي ٱلْيَوْمِ ٱلْأَوَّلِ مِنَ ٱلشَّهْرِ، تُقِيمُ مَسْكَنَ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ، | ٢ 2 |
بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن. |
وَتَضَعُ فِيهِ تَابُوتَ ٱلشَّهَادَةِ. وَتَسْتُرُ ٱلتَّابُوتَ بِٱلْحِجَابِ. | ٣ 3 |
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛ |
وَتُدْخِلُ ٱلْمَائِدَةَ وَتُرَتِّبُ تَرْتِيبَهَا. وَتُدْخِلُ ٱلْمَنَارَةَ وَتُصْعِدُ سُرُجَهَا. | ٤ 4 |
شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. |
وَتَجْعَلُ مَذْبَحَ ٱلذَّهَبِ لِلْبَخُورِ أَمَامَ تَابُوتِ ٱلشَّهَادَةِ. وَتَضَعُ سَجْفَ ٱلْبَابِ لِلْمَسْكَنِ. | ٥ 5 |
ئالتۇن [بىلەن قاپلانغان] خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن. |
وَتَجْعَلُ مَذْبَحَ ٱلْمُحْرَقَةِ قُدَّامَ بَابِ مَسْكَنِ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ. | ٦ 6 |
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛ |
وَتَجْعَلُ ٱلْمِرْحَضَةَ بَيْنَ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ وَٱلْمَذْبَحِ، وَتَجْعَلُ فِيهَا مَاءً. | ٧ 7 |
ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. |
وَتَضَعُ ٱلدَّارَ حَوْلَهُنَّ، وَتَجْعَلُ ٱلسَّجْفَ لِبَابِ ٱلدَّارِ. | ٨ 8 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛ |
وَتَأْخُذُ دُهْنَ ٱلْمَسْحَةِ وَتَمْسَحُ ٱلْمَسْكَنَ وَكُلَّ مَا فِيهِ، وَتُقَدِّسُهُ وَكُلَّ آنِيَتِهِ لِيَكُونَ مُقَدَّسًا. | ٩ 9 |
ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ [پۈتكۈل چېدىر] مۇقەددەس بولىدۇ. |
وَتَمْسَحُ مَذْبَحَ ٱلْمُحْرَقَةِ وَكُلَّ آنِيَتِهِ، وَتُقَدِّسُ ٱلْمَذْبَحَ لِيَكُونَ ٱلْمَذْبَحُ قُدْسَ أَقْدَاسٍ. | ١٠ 10 |
سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ. |
وَتَمْسَحُ ٱلْمِرْحَضَةَ وَقَاعِدَتَهَا وَتُقَدِّسُهَا. | ١١ 11 |
سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. |
وَتُقَدِّمُ هَارُونَ وَبَنِيهِ إِلَى بَابِ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ وَتَغْسِلُهُمْ بِمَاءٍ. | ١٢ 12 |
ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ |
وَتُلْبِسُ هَارُونَ ٱلثِّيَابَ ٱلْمُقَدَّسَةَ وَتَمْسَحُهُ وَتُقَدِّسُهُ لِيَكْهَنَ لِي. | ١٣ 13 |
ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، [ماڭا ئايرىپ] مۇقەددەس قىلغىن. |
وَتُقَدِّمُ بَنِيهِ وَتُلْبِسُهُمْ أَقْمِصَةً. | ١٤ 14 |
ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، |
وَتَمْسَحُهُمْ كَمَا مَسَحْتَ أَبَاهُمْ لِيَكْهَنُوا لِي. وَيَكُونُ ذَلِكَ لِتَصِيرَ لَهُمْ مَسْحَتُهُمْ كَهَنُوتًا أَبَدِيًّا فِي أَجْيَالِهِمْ. | ١٥ 15 |
ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ [بەلگىسى] بولىدۇ. |
فَفَعَلَ مُوسَى بِحَسَبِ كُلِّ مَا أَمَرَهُ ٱلرَّبُّ. هَكَذَا فَعَلَ. | ١٦ 16 |
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى. |
وَكَانَ فِي ٱلشَّهْرِ ٱلْأَوَّلِ مِنَ ٱلسَّنَةِ ٱلثَّانِيَةِ فِي أَوَّلِ ٱلشَّهْرِ أَنَّ ٱلْمَسْكَنَ أُقِيمَ. | ١٧ 17 |
شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. |
أَقَامَ مُوسَى ٱلْمَسْكَنَ، وَجَعَلَ قَوَاعِدَهُ وَوَضَعَ أَلْوَاحَهُ وَجَعَلَ عَوَارِضَهُ وَأَقَامَ أَعْمِدَتَهُ. | ١٨ 18 |
مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى. |
وَبَسَطَ ٱلْخَيْمَةَ فَوْقَ ٱلْمَسْكَنِ، وَوَضَعَ غِطَاءَ ٱلْخَيْمَةِ عَلَيْهَا مِنْ فَوْقُ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ١٩ 19 |
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە [ئىچكى] يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَأَخَذَ ٱلشَّهَادَةَ وَجَعَلَهَا فِي ٱلتَّابُوتِ، وَوَضَعَ ٱلْعَصَوَيْنِ عَلَى ٱلتَّابُوتِ مِنْ فَوْقُ. | ٢٠ 20 |
ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ [ھالقىلىرىدىن] ئۆتكۈزۈپ، «كافارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى. |
وَأَدْخَلَ ٱلتَّابُوتَ إِلَى ٱلْمَسْكَنِ، وَوَضَعَ حِجَابَ ٱلسَّجْفِ وَسَتَرَ تَابُوتَ ٱلشَّهَادَةِ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢١ 21 |
ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَجَعَلَ ٱلْمَائِدَةَ فِي خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ فِي جَانِبِ ٱلْمَسْكَنِ نَحْوَ ٱلشِّمَالِ خَارِجَ ٱلْحِجَابِ. | ٢٢ 22 |
ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى] پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى. |
وَرَتَّبَ عَلَيْهَا تَرْتِيبَ ٱلْخُبْزِ أَمَامَ ٱلرَّبِّ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٣ 23 |
«تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَوَضَعَ ٱلْمَنَارَةَ فِي خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ مُقَابِلَ ٱلْمَائِدَةِ فِي جَانِبِ ٱلْمَسْكَنِ نَحْوَ ٱلْجَنُوبِ. | ٢٤ 24 |
ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى، |
وَأَصْعَدَ ٱلسُّرُجَ أَمَامَ ٱلرَّبِّ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٥ 25 |
چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَوَضَعَ مَذْبَحَ ٱلذَّهَبِ فِي خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ قُدَّامَ ٱلْحِجَابِ، | ٢٦ 26 |
ئاندىن ئۇ [خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى] ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛ |
وَبَخَّرَ عَلَيْهِ بِبَخُورٍ عَطِرٍ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٧ 27 |
ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَوَضَعَ سَجْفَ ٱلْبَابِ لِلْمَسْكَنِ. | ٢٨ 28 |
ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى. |
وَوَضَعَ مَذْبَحَ ٱلْمُحْرَقَةِ عِنْدَ بَابِ مَسْكَنِ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ، وَأَصْعَدَ عَلَيْهِ ٱلْمُحْرَقَةَ وَٱلتَّقْدِمَةَ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٩ 29 |
ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَوَضَعَ ٱلْمِرْحَضَةَ بَيْنَ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ وَٱلْمَذْبَحِ وَجَعَلَ فِيهَا مَاءً لِلِٱغْتِسَالِ، | ٣٠ 30 |
يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى. |
لِيَغْسِلَ مِنْهَا مُوسَى وَهَارُونُ وَبَنُوهُ أَيْدِيَهُمْ وَأَرْجُلَهُمْ. | ٣١ 31 |
مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
عِنْدَ دُخُولِهِمْ إِلَى خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ وَعِنْدَ ٱقْتِرَابِهِمْ إِلَى ٱلْمَذْبَحِ يَغْسِلُونَ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٣٢ 32 |
وَأَقَامَ ٱلدَّارَ حَوْلَ ٱلْمَسْكَنِ وَٱلْمَذْبَحِ وَوَضَعَ سَجْفَ بَابِ ٱلدَّارِ. وَأَكْمَلَ مُوسَى ٱلْعَمَلَ. | ٣٣ 33 |
ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى. |
ثُمَّ غَطَّتِ ٱلسَّحَابَةُ خَيْمَةَ ٱلِٱجْتِمَاعِ وَمَلَأَ بَهَاءُ ٱلرَّبِّ ٱلْمَسْكَنَ. | ٣٤ 34 |
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. |
فَلَمْ يَقْدِرْ مُوسَى أَنْ يَدْخُلَ خَيْمَةَ ٱلِٱجْتِمَاعِ، لِأَنَّ ٱلسَّحَابَةَ حَلَّتْ عَلَيْهَا وَبَهَاءُ ٱلرَّبِّ مَلَأَ ٱلْمَسْكَنَ. | ٣٥ 35 |
بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى. |
وَعِنْدَ ٱرْتِفَاعِ ٱلسَّحَابَةِ عَنِ ٱلْمَسْكَنِ كَانَ بَنُو إِسْرَائِيلَ يَرْتَحِلُونَ فِي جَمِيعِ رِحْلَاتِهِمْ. | ٣٦ 36 |
قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى. |
وَإِنْ لَمْ تَرْتَفِعِ ٱلسَّحَابَةُ لَا يَرْتَحِلُونَ إِلَى يَوْمِ ٱرْتِفَاعِهَا، | ٣٧ 37 |
بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى. |
لِأَنَّ سَحَابَةَ ٱلرَّبِّ كَانَتْ عَلَى ٱلْمَسْكَنِ نَهَارًا. وَكَانَتْ فِيهَا نَارٌ لَيْلًا أَمَامَ عُيُونِ كُلِّ بَيْتِ إِسْرَائِيلَ فِي جَمِيعِ رِحْلَاتِهِمْ. | ٣٨ 38 |
چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى. |