وَمِنَ ٱلْأَسْمَانْجُونِيِّ وَٱلْأُرْجُوَانِ وَٱلْقِرْمِزِ صَنَعُوا ثِيَابًا مَنْسُوجَةً لِلْخِدْمَةِ فِي ٱلْمَقْدِسِ، وَصَنَعُوا ٱلثِّيَابَ ٱلْمُقَدَّسَةَ ٱلَّتِي لِهَارُونَ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ١ 1 |
پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئىشلىتىلىپ، مۇقەددەس چېدىرنىڭ خىزمىتىدە كىيىلىدىغان [كاھىنلىق] كىيىملەر، شۇنداقلا ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى تەييار قىلىندى. |
فَصَنَعَ ٱلرِّدَاءَ مِنْ ذَهَبٍ وَأَسْمَانْجُونِيٍّ وَأُرْجُوَانٍ وَقِرْمِزٍ وَبُوصٍ مَبْرُومٍ. | ٢ 2 |
[بەزالەل] ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختلەردىن ئەفودنى ياساپ تەييارلىدى. |
وَمَدُّوا ٱلذَّهَبَ صَفَائِحَ وَقَدُّوهَا خُيُوطًا لِيَصْنَعُوهَا فِي وَسَطِ ٱلْأَسْمَانْجُونِيِّ وَٱلْأُرْجُوَانِ وَٱلْقِرْمِزِ وَٱلْبُوصِ، صَنْعَةَ ٱلْمُوَشِّي. | ٣ 3 |
ئۇلار ئالتۇننى سوقۇپ نېپىز قىلىپ، ئۇنى كېسىپ يىپ قىلدى، ئاندىن بۇلارنى ماھىرلىق بىلەن كۆك يىپلار، سۆسۈن يىپلار ۋە قىزىل يىپلاردىن ئاق كاناپ رەختكە لاھايىلەنگەن نۇسخىلار ئۈستىگە توقۇدى. |
وَصَنَعُوا لَهُ كَتِفَيْنِ مَوْصُولَيْنِ. عَلَى طَرَفَيْهِ ٱتَّصَلَ. | ٤ 4 |
ئۇلار ئەفودنىڭ [ئالدى ۋە كەينى] قىسمىنى بىر-بىرگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى مۈرىلىك تاسما ياسىدى؛ ئەفودنىڭ ئىككى تەرىپى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى. |
وَزُنَّارُ شَدِّهِ ٱلَّذِي عَلَيْهِ كَانَ مِنْهُ كَصَنْعَتِهِ مِنْ ذَهَبٍ وَأَسْمَانْجُونِيٍّ وَقِرْمِزٍ وَبُوصٍ مَبْرُومٍ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٥ 5 |
ئەفودنىڭ ئۈستىگە باغلايدىغان بەلۋاغ ئەفود بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش سىپتا ئىشلىنىپ، ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار ۋە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسالدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَصَنَعُوا حَجَرَيِ ٱلْجَزْعِ مُحَاطَيْنِ بِطَوْقَيْنِ مِنْ ذَهَبٍ مَنْقُوشَيْنِ نَقْشَ ٱلْخَاتِمِ عَلَى حَسَبِ أَسْمَاءِ بَنِي إِسْرَائِيلَ. | ٦ 6 |
ئۇلار ئىككى ئاق ھېقىقنى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۆھۈر ئويغاندەك ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىنى ئويۇپ ياسىدى. |
وَوَضَعَهُمَا عَلَى كَتِفَيِ ٱلرِّدَاءِ حَجَرَيْ تَذْكَارٍ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٧ 7 |
ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىغا ئەسلەتمە تاش بولسۇن ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك ئىككى ياقۇتنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىغا بېكىتىپ قويدى. |
وَصَنَعَ ٱلصُّدْرَةَ صَنْعَةَ ٱلْمُوَشِّي كَصَنْعَةِ ٱلرِّدَاءِ مِنْ ذَهَبٍ وَأَسْمَانْجُونِيٍّ وَأُرْجُوَانٍ وَقِرْمِزٍ وَبُوصٍ مَبْرُومٍ. | ٨ 8 |
ئۇ قوشېننى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلىتىپ ياسىدى؛ ئۇنى ئەفودنى ئىشلىگەن ئۇسۇلدا ئالتۇن ۋە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپلار بىلەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن ياسىدى. |
كَانَتْ مُرَبَّعَةً. مَثْنِيَّةً صَنَعُوا ٱلصُّدْرَةَ. طُولُهَا شِبْرٌ وَعَرْضُهَا شِبْرٌ مَثْنِيَّةً. | ٩ 9 |
ئۇلار قوشېننى ئىككى قات، تۆت چاسا قىلىپ ياسىدى؛ ئىككى قات قىلىنغاندا ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ، كەڭلىكىمۇ بىر غېرىچ كېلەتتى. |
وَرَصَّعُوا فِيهَا أَرْبَعَةَ صُفُوفِ حِجَارَةٍ. صَفُّ: عَقِيقٌ أَحْمَرُ وَيَاقُوتٌ أَصْفَرُ وَزُمُرُّدٌ، ٱلصَّفُّ ٱلْأَوَّلُ. | ١٠ 10 |
ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆت قاتار قىلىپ گۆھەرلەرنى ئورناتتى: ــ بىر قاتاردىكىسى قىزىل ياقۇت، سېرىق گۆھەر ۋە زۇمرەتلەر ئىدى؛ بۇ بىرىنچى قاتار ئىدى. |
وَٱلصَّفُّ ٱلثَّانِي: بَهْرَمَانُ وَيَاقُوتٌ أَزْرَقُ وَعَقِيقٌ أَبْيَضُ. | ١١ 11 |
ئىككىنچى قاتارغا كۆك قاشتېشى، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس، |
وَٱلصَّفُّ ٱلثَّالِثُ: عَيْنُ ٱلْهِرِّ وَيَشْمٌ وَجَمَسْتُ. | ١٢ 12 |
ئۈچىنچى قاتارغا سۆسۈن ياقۇت، پىروزا ۋە سۆسۈن كۋارتس، |
وَٱلصَّفُّ ٱلرَّابِعُ: زَبَرْجَدٌ وَجَزْعٌ وَيَشْبٌ. مُحَاطَةٌ بِأَطْوَاقٍ مِنْ ذَهَبٍ فِي تَرْصِيعِهَا. | ١٣ 13 |
تۆتىنچى قاتارغا بېرىل ياقۇت، ئاق ھېقىق ۋە ئانارتاش ئورنىتىلدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە بېكىتىلدى. |
وَٱلْحِجَارَةُ كَانَتْ عَلَى أَسْمَاءِ بَنِي إِسْرَائِيلَ، ٱثْنَيْ عَشَرَ عَلَى أَسْمَائِهِمْ كَنَقْشِ ٱلْخَاتِمِ. كُلُّ وَاحِدٍ عَلَى ٱسْمِهِ لِلِٱثْنَيْ عَشَرَ سِبْطًا. | ١٤ 14 |
بۇ گۆھەرلەر ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ناملىرىغا ۋەكىل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ سانىدەك ئون ئىككى بولۇپ، مۆھۈر ئويغاندەك ھەربىر گۆھەرگە ئون ئىككى قەبىلىنىڭ نامى بىردىن-بىردىن پۈتۈلدى. |
وَصَنَعُوا عَلَى ٱلصُّدْرَةِ سَلَاسِلَ مَجْدُولَةً صَنْعَةَ ٱلضَّفْرِ مِنْ ذَهَبٍ نَقِيٍّ. | ١٥ 15 |
ئۇلار قوشېنغا شوينىدەك ئېشىلگەن ساپ ئالتۇندىن [ئىككى] ئېشىلمە زەنجىر ياسىدى؛ |
وَصَنَعُوا طَوْقَيْنِ مِنْ ذَهَبٍ وَحَلْقَتَيْنِ مِنْ ذَهَبٍ، وَجَعَلُوا ٱلْحَلْقَتَيْنِ عَلَى طَرَفَيِ ٱلصُّدْرَةِ. | ١٦ 16 |
ئۇلار قوشېنغا ئالتۇندىن ئىككى كۆزلۈك ۋە ئىككى ھالقا ئېتىپ، ئىككى ھالقىنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ |
وَجَعَلُوا ضَفِيرَتَيِ ٱلذَّهَبِ فِي ٱلْحَلْقَتَيْنِ عَلَى طَرَفَيِ ٱلصُّدْرَةِ. | ١٧ 17 |
ئاندىن شۇ ئالتۇندىن ئېشىلىپ ياسالغان ئىككى زەنجىرنى قوشېننىڭ [يۇقىرىقى] ئىككى بۇرجىكىدىكى ھالقىدىن ئۆتكۈزۈپ، |
وَطَرَفَا ٱلضَّفِيرَتَيْنِ جَعَلُوهُمَا فِي ٱلطَّوْقَيْنِ، وَجَعَلُوهُمَا عَلَى كَتِفَيِ ٱلرِّدَاءِ إِلَى قُدَّامِهِ. | ١٨ 18 |
ئېشىلگەن شۇ زەنجىرلەرنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى كۆزلۈككە بېكىتىپ، [كۆزلۈكلەرنى] ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى قىسمىغا ئورناتتى. |
وَصَنَعُوا حَلْقَتَيْنِ مِنْ ذَهَبٍ وَوَضَعُوهُمَا عَلَى طَرَفَيِ ٱلصُّدْرَةِ. عَلَى حَاشِيَتِهَا ٱلَّتِي إِلَى جِهَةِ ٱلرِّدَاءِ مِنْ دَاخِلٍ. | ١٩ 19 |
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى قوشېننىڭ [ئاستى تەرىپىدىكى] ئىككى بۇرجىكىگە بېكىتتى؛ ئۇلار ئەفودقا تېگىشىپ تۇرىدىغان قىلىنىپ ئىچىگە قادالدى. |
وَصَنَعُوا حَلْقَتَيْنِ مِنْ ذَهَبٍ وَجَعَلُوهُمَا عَلَى كَتِفَيِ ٱلرِّدَاءِ مِنْ أَسْفَلُ مِنْ قُدَّامِهِ عِنْدَ وَصْلِهِ فَوْقَ زُنَّارِ ٱلرِّدَاءِ. | ٢٠ 20 |
مۇندىن باشقا ئۇلار ئالتۇندىن [يەنە] ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇلارنى ئەفودنىڭ ئىككى مۈرىلىك تاسمىسىنىڭ ئالدى تۆۋەنكى قىسمىغا، ئەفودقا ئۇلىنىدىغان جايغا يېقىن، كەشىتىلەنگەن بەلۋاغدىن ئېگىزرەك قىلىپ بېكىتتى. |
وَرَبَطُوا ٱلصُّدْرَةَ بِحَلْقَتَيْهَا إِلَى حَلْقَتَيِ ٱلرِّدَاءِ بِخَيْطٍ مِنْ أَسْمَانْجُونِيٍّ لِيَكُونَ عَلَى زُنَّارِ ٱلرِّدَاءِ، وَلَا تُنْزَعُ ٱلصُّدْرَةُ عَنِ ٱلرِّدَاءِ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢١ 21 |
ئۇلار قوشېننىڭ ئەفودنىڭ بەلۋېغىدىن يۇقىرىراق تۇرۇشى، قوشېننىڭ ئەفودتىن ئاجراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كۆك شوينا بىلەن قوشېننىڭ ھالقىسىنى ئەفودنىڭ ھالقىسىغا چېتىپ قويدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَصَنَعَ جُبَّةَ ٱلرِّدَاءِ صَنْعَةَ ٱلنَّسَّاجِ، كُلَّهَا مِنْ أَسْمَانْجُونِيٍّ. | ٢٢ 22 |
[بەزالەل] ئەفودنىڭ [ئىچىدىكى] توننى پۈتۈنلەي كۆك رەڭلىك قىلدى. |
وَفَتْحَةُ ٱلْجُبَّةِ فِي وَسَطِهَا كَفَتْحَةِ ٱلدِّرْعِ، وَلِفَتْحَتِهَا حَاشِيَةٌ حَوَالَيْهَا. لَا تَنْشَقُّ. | ٢٣ 23 |
توننىڭ [باشقا كىيىلىدىغان] تۆشۈكى دەل ئوتتۇرىسىدا، خۇددى ساۋۇتنىڭ ياقىسىدەك ئىشلەنگەنىدى؛ يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز ئىشلەندى. |
وَصَنَعُوا عَلَى أَذْيَالِ ٱلْجُبَّةِ رُمَّانَاتٍ مِنْ أَسْمَانْجُونِيٍّ وَأُرْجُوَانٍ وَقِرْمِزٍ مَبْرُومٍ. | ٢٤ 24 |
ئۇلار توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپتىن ئانارلارنى توقۇپ ئېسىپ قويدى. |
وَصَنَعُوا جَلَاجِلَ مِنْ ذَهَبٍ نَقِيٍّ، وَجَعَلُوا ٱلْجَلَاجِلَ فِي وَسَطِ ٱلرُّمَّانَاتِ عَلَى أَذْيَالِ ٱلْجُبَّةِ حَوَالَيْهَا فِي وَسَطِ ٱلرُّمَّانَاتِ. | ٢٥ 25 |
ئۇلار ھەمدە ئالتۇن قوڭغۇراقلارنى ياساپ، قوڭغۇراقلارنى توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە، ئانارلارنىڭ ئارىلىقىغا بىردىن ئېسىپ قويدى؛ ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر قوڭغۇراق ئېسىپ قويۇلدى. |
جُلْجُلٌ وَرُمَّانَةٌ. جُلْجُلٌ وَرُمَّانَةٌ. عَلَى أَذْيَالِ ٱلْجُبَّةِ حَوَالَيْهَا لِلْخِدْمَةِ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٦ 26 |
[كاھىنلىق] خىزمىتىگە ئائىت [قوڭغۇراقلار] توننىڭ ئېتىكىنىڭ چۆرىسىگە بېكىتىلدى؛ بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار، بىر ئالتۇن قوڭغۇراق، بىر ئانار قىلىپ بېكىتىلدى؛ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَصَنَعُوا ٱلْأَقْمِصَةَ مِنْ بُوصٍ صَنْعَةَ ٱلنَّسَّاجِ لِهَارُونَ وَبَنِيهِ. | ٢٧ 27 |
ئۇلار ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن خالتا كۆڭلەكلەرنى تىكتى؛ |
وَٱلْعِمَامَةَ مِنْ بُوصٍ، وَعَصَائِبَ ٱلْقَلَانِسِ مِنْ بُوصٍ، وَسَرَاوِيلَ ٱلْكَتَّانِ مِنْ بُوصٍ مَبْرُومٍ. | ٢٨ 28 |
سەللىنى ئاق كاناپ رەختتە ياسىدى، شۇنداقلا چىرايلىق ئېگىز بۆكلەرنى ئاق كاناپ رەختتە، تامباللارنى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ |
وَٱلْمِنْطَقَةَ مِنْ بُوصٍ مَبْرُومٍ وَأَسْمَانْجُونِيٍّ وَأُرْجُوَانٍ وَقِرْمِزٍ صَنْعَةَ ٱلطَّرَّازِ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٢٩ 29 |
بۇنىڭدىن باشقا ئۇلار بەلۋاغنىمۇ كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپ ئارىلاشتۇرۇلۇپ كەشتىلەنگەن، نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتە تەييارلىدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
وَصَنَعُوا صَفِيحَةَ ٱلْإِكْلِيلِ ٱلْمُقَدَّسِ مِنْ ذَهَبٍ نَقِيٍّ، وَكَتَبُوا عَلَيْهَا كِتَابَةَ نَقْشِ ٱلْخَاتِمِ: «قُدْسٌ لِلرَّبِّ». | ٣٠ 30 |
ئۇلار يەنە نەپىس تاختاينى، يەنى مۇقەددەس ئوتۇغاتنى ساپ ئالتۇندىن ياساپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۆھۈر ئويغاندەك: «پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىندى» دەپ ئويۇپ پۈتتى؛ |
وَجَعَلُوا عَلَيْهَا خَيْطَ أَسْمَانْجُونِيٍّ لِتُجْعَلَ عَلَى ٱلْعِمَامَةِ مِنْ فَوْقُ، كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. | ٣١ 31 |
ئۇلار ئوتۇغاتقا كۆك رەڭلىك يىپنى باغلاپ، ئۇنىڭ بىلەن ئوتۇغاتنى سەللىگە تاقىدى، بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. |
فَكَمُلَ كُلُّ عَمَلِ مَسْكَنِ خَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ. وَصَنَعَ بَنُو إِسْرَائِيلَ بِحَسَبِ كُلِّ مَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى. هَكَذَا صَنَعُوا. | ٣٢ 32 |
شۇ تەرىقىدە جامائەتنىڭ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ھەممە قۇرۇلۇشى پۈتكۈزۈلدى؛ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى شۇ بويىچە قىلدى؛ شۇ تەرىقىدە ھەممىسىنى پۈتتۈردى. |
وَجَاءُوا إِلَى مُوسَى بِٱلْمَسْكَنِ: ٱلْخَيْمَةِ وَجَمِيعِ أَوَانِيهَا، أَشِظَّتِهَا وَأَلْوَاحِهَا وَعَوَارِضِهَا وَأَعْمِدَتِهَا وَقَوَاعِدِهَا، | ٣٣ 33 |
ئۇلار چېدىرنى مۇسانىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى ــ چېدىر يوپۇقلىرىنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، ئىلمەكلىرىنى، تاختايلىرىنى، بالداقلىرىنى، خادىلىرى بىلەن تەگلىكلىرىنى، |
وَٱلْغِطَاءِ مِنْ جُلُودِ ٱلْكِبَاشِ ٱلْمُحَمَّرَةِ، وَٱلْغِطَاءِ مِنْ جُلُودِ ٱلتُّخَسِ، وَحِجَابِ ٱلسَّجْفِ، | ٣٤ 34 |
شۇنىڭدەك قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق بىلەن دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇقنى، «ئايرىما پەردە»نى، |
وَتَابُوتِ ٱلشَّهَادَةِ وَعَصَوَيْهِ، وَٱلْغِطَاءِ، | ٣٥ 35 |
ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ بالداقلىرىنى، «كافارەت تەختى»نى، |
وَٱلْمَائِدَةِ وَكُلِّ آنِيَتِهَا، وَخُبْزِ ٱلْوُجُوهِ، | ٣٦ 36 |
شىرە ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، شۇنداقلا «تەقدىم نانلار»نى، |
وَٱلْمَنَارَةِ ٱلطَّاهِرَةِ وَسُرُجِهَا: ٱلسُّرُجِ لِلتَّرْتِيبِ، وَكُلِّ آنِيَتِهَا وَٱلزَّيْتِ لِلضَّوْءِ، | ٣٧ 37 |
ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدان بىلەن ئۇنىڭ چىراغلىرىنى، يەنى ئۈستىگە تىزىلغان چىراغلارنى، ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرى ھەم چىراغ مېيىنى، |
وَمَذْبَحِ ٱلذَّهَبِ، وَدُهْنِ ٱلْمَسْحَةِ، وَٱلْبَخُورِ ٱلْعَطِرِ، وَٱلسَّجْفِ لِمَدْخَلِ ٱلْخَيْمَةِ، | ٣٨ 38 |
ئالتۇن خۇشبۇيگاھ، مەسىھلەش مېيى، دورا-دەرمەكلەردىن ياسالغان خۇشبۇينى، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى، |
وَمَذْبَحِ ٱلنُّحَاسِ، وَشُبَّاكَةِ ٱلنُّحَاسِ ٱلَّتِي لَهُ وَعَصَوَيْهِ وَكُلِّ آنِيَتِهِ، وَٱلْمِرْحَضَةِ وَقَاعِدَتِهَا، | ٣٩ 39 |
مىس قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ مىس شالاسىنى، ئۇنىڭ بالداقلىرى بىلەن ھەممە ئەسۋابلىرىنى، يۇيۇش دېسى بىلەن ئۇنىڭ تەگلىكىنى، |
وَأَسْتَارِ ٱلدَّارِ وَأَعْمِدَتِهَا وَقَوَاعِدِهَا، وَٱلسَّجْفِ لِبَابِ ٱلدَّارِ وَأَطْنَابِهَا وَأَوْتَادِهَا، وَجَمِيعِ أَوَانِي خِدْمَةِ ٱلْمَسْكَنِ لِخَيْمَةِ ٱلِٱجْتِمَاعِ، | ٤٠ 40 |
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنى، ئۇنىڭ خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسى بىلەن ھويلىنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرىنى، مۇقەددەس چېدىرنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىغا ئائىت خىزمەتكە ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ئەسۋابلارنى، |
وَٱلثِّيَابِ ٱلْمَنْسُوجَةِ لِلْخِدْمَةِ فِي ٱلْمَقْدِسِ، وَٱلثِّيَابِ ٱلْمُقَدَّسَةِ لِهَارُونَ ٱلْكَاهِنِ وَثِيَابِ بَنِيهِ لِلْكَهَانَةِ. | ٤١ 41 |
مۇقەددەس جايغا ئائىت خىزمەت ئۈچۈن تىكىلگەن كاھىنلىق كىيىمىنى، يەنى ھارۇن كاھىننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاھىنلىق كىيىملىرىنى بولسا، ھەممىسىنى ئېلىپ كەلدى. |
بِحَسَبِ كُلِّ مَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ مُوسَى هَكَذَا صَنَعَ بَنُو إِسْرَائِيلَ كُلَّ ٱلْعَمَلِ. | ٤٢ 42 |
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بارلىق بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئەنە شۇنداق ئادا قىلغانىدى. |
فَنَظَرَ مُوسَى جَمِيعَ ٱلْعَمَلِ، وَإِذَا هُمْ قَدْ صَنَعُوهُ كَمَا أَمَرَ ٱلرَّبُّ. هَكَذَا صَنَعُوا. فَبَارَكَهُمْ مُوسَى. | ٤٣ 43 |
مۇسا ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەپسىلىي قارىدى، مانا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزگەنىدى؛ بۇيرۇلغاندەك، دەل شۇنداق قىلغانىدى؛ مۇسا بۇلارنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلدى. |