وَأَمَّا مُوسَى فَكَانَ يَرْعَى غَنَمَ يَثْرُونَ حَمِيهِ كَاهِنِ مِدْيَانَ، فَسَاقَ ٱلْغَنَمَ إِلَى وَرَاءِ ٱلْبَرِّيَّةِ وَجَاءَ إِلَى جَبَلِ ٱللهِ حُورِيبَ. | ١ 1 |
مۇسا بولسا قېينئاتىسى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترونىڭ قوي پادىسىنى باقاتتى. ئۇ قويلارنى باشلاپ چۆلنىڭ ئەڭ چېتىگە خۇدانىڭ تېغى، يەنى ھورەب تېغىنىڭ باغرىغا كەلدى. |
وَظَهَرَ لَهُ مَلَاكُ ٱلرَّبِّ بِلَهِيبِ نَارٍ مِنْ وَسَطِ عُلَّيْقَةٍ. فَنَظَرَ وَإِذَا ٱلْعُلَّيْقَةُ تَتَوَقَّدُ بِٱلنَّارِ، وَٱلْعُلَّيْقَةُ لَمْ تَكُنْ تَحْتَرِقُ. | ٢ 2 |
شۇ يەردە بىر ئازغانلىقتىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئوت يالقۇنى ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا كۆرۈندى. مانا، ئازغانلىق ئوتتا كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئازغان ئۆزى كۆيۈپ كەتمىگەنىدى. |
فَقَالَ مُوسَى: «أَمِيلُ ٱلْآنَ لِأَنْظُرَ هَذَا ٱلْمَنْظَرَ ٱلْعَظِيمَ. لِمَاذَا لَا تَحْتَرِقُ ٱلْعُلَّيْقَةُ؟». | ٣ 3 |
مۇسا: ــ مەن بېرىپ، بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ باقاي؛ ئازغانلىق نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ــ دەپ ئويلىدى. |
فَلَمَّا رَأَى ٱلرَّبُّ أَنَّهُ مَالَ لِيَنْظُرَ، نَادَاهُ ٱللهُ مِنْ وَسَطِ ٱلْعُلَّيْقَةِ وَقَالَ: «مُوسَى، مُوسَى!». فَقَالَ: «هَأَنَذَا». | ٤ 4 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇنى كۆرگىلى يولدىن چەتنەپ [ئازغانلىققا] كەلگىنىنى كۆردى؛ خۇدا ئازغانلىق ئىچىدىن ئۇنى: ــ مۇسا! مۇسا! ــ دەپ چاقىردى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. |
فَقَالَ: «لَا تَقْتَرِبْ إِلَى هَهُنَا. ٱخْلَعْ حِذَاءَكَ مِنْ رِجْلَيْكَ، لِأَنَّ ٱلْمَوْضِعَ ٱلَّذِي أَنْتَ وَاقِفٌ عَلَيْهِ أَرْضٌ مُقَدَّسَةٌ». | ٥ 5 |
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە؛ پۇتلىرىڭدىن كەشىڭنى سالغىن؛ چۈنكى سەن تۇرغان بۇ يەر مۇقەددەس جايدۇر. |
ثُمَّ قَالَ: «أَنَا إِلَهُ أَبِيكَ، إِلَهُ إِبْرَاهِيمَ وَإِلَهُ إِسْحَاقَ وَإِلَهُ يَعْقُوبَ». فَغَطَّى مُوسَى وَجْهَهُ لِأَنَّهُ خَافَ أَنْ يَنْظُرَ إِلَى ٱللهِ. | ٦ 6 |
مەن ئاتاڭنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن، ــ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسا خۇداغا قاراشتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئېتىۋالدى. |
فَقَالَ ٱلرَّبُّ: «إِنِّي قَدْ رَأَيْتُ مَذَلَّةَ شَعْبِي ٱلَّذِي فِي مِصْرَ وَسَمِعْتُ صُرَاخَهُمْ مِنْ أَجْلِ مُسَخِّرِيهِمْ. إِنِّي عَلِمْتُ أَوْجَاعَهُمْ، | ٧ 7 |
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ بەرھەق، مەن مىسىردا تۇرۇۋاتقان قوۋمىمنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆردۇم، نازارەتچىلەرنىڭ ئۇلارنى [خارلاۋاتقانلىقىدىن] قىلغان پەريادىنى ئاڭلىدىم؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ دەردلىرىنى بىلىمەن. |
فَنَزَلْتُ لِأُنْقِذَهُمْ مِنْ أَيْدِي ٱلْمِصْرِيِّينَ، وَأُصْعِدَهُمْ مِنْ تِلْكَ ٱلْأَرْضِ إِلَى أَرْضٍ جَيِّدَةٍ وَوَاسِعَةٍ، إِلَى أَرْضٍ تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا، إِلَى مَكَانِ ٱلْكَنْعَانِيِّينَ وَٱلْحِثِّيِّينَ وَٱلْأَمُورِيِّينَ وَٱلْفِرِزَّيِّينَ وَٱلْحِوِّيِّينَ وَٱلْيَبُوسِيِّينَ. | ٨ 8 |
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، شۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ياخشى ھەم كەڭ بىر زېمىنغا، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىر زېمىنغا، يەنى قانائانىي، ھىتتىي، ئامورىي، پەرىززىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ بېرىشقا چۈشتۈم. |
وَٱلْآنَ هُوَذَا صُرَاخُ بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَتَى إِلَيَّ، وَرَأَيْتُ أَيْضًا ٱلضِّيقَةَ ٱلَّتِي يُضَايِقُهُمْ بِهَا ٱلْمِصْرِيُّونَ، | ٩ 9 |
مانا ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ نالە-پەريادى ماڭا يەتتى، مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارغا قانداق زۇلۇم قىلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. |
فَٱلْآنَ هَلُمَّ فَأُرْسِلُكَ إِلَى فِرْعَوْنَ، وَتُخْرِجُ شَعْبِي بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ مِصْرَ». | ١٠ 10 |
ئەمدى سەن كەل، مەن سېنى خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىرىش ئۈچۈن پىرەۋننىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. |
فَقَالَ مُوسَى لِلهِ: «مَنْ أَنَا حَتَّى أَذْهَبَ إِلَى فِرْعَوْنَ، وَحَتَّى أُخْرِجَ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ مِصْرَ؟» | ١١ 11 |
لېكىن مۇسا خۇداغا: ــ مەن كىم ئىدىم، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىسرائىللارنى مىسىردىن چىقىرالىغۇدەك؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ: «إِنِّي أَكُونُ مَعَكَ، وَهَذِهِ تَكُونُ لَكَ ٱلْعَلَامَةُ أَنِّي أَرْسَلْتُكَ: حِينَمَا تُخْرِجُ ٱلشَّعْبَ مِنْ مِصْرَ، تَعْبُدُونَ ٱللهَ عَلَى هَذَا ٱلْجَبَلِ». | ١٢ 12 |
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن؛ سەن قوۋمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن بۇ تاغدا خۇداغا ئىبادەت قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش مانا ئۆزۈڭگە مېنىڭ سېنى ئەۋەتكىنىمنىڭ ئىسپات-بەلگىسى بولىدۇ، ــ دېدى. ۈ |
فَقَالَ مُوسَى لِلهِ: «هَا أَنَا آتِي إِلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ وَأَقُولُ لَهُمْ: إِلَهُ آبَائِكُمْ أَرْسَلَنِي إِلَيْكُمْ. فَإِذَا قَالُوا لِي: مَا ٱسْمُهُ؟ فَمَاذَا أَقُولُ لَهُمْ؟» | ١٣ 13 |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خۇداغا: ــ مەن ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇلارغا: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار مەندىن: «ئۇنىڭ نامى نېمە؟» ــ دەپ سورىسا، ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ــ دېدى. |
فَقَالَ ٱللهُ لِمُوسَى: «أَهْيَهِ ٱلَّذِي أَهْيَهْ». وَقَالَ: «هَكَذَا تَقُولُ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ: أَهْيَهْ أَرْسَلَنِي إِلَيْكُمْ». | ١٤ 14 |
خۇدا مۇساغا: ــ مەن «ئەزەلدىن بار بولغۇچى»دۇرمەن ــ دېدى. ئاندىن ئۇ: ــ بېرىپ، ئىسرائىللارغا: ««ئەزەلدىن بار بولغۇچى» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى» دەپ ئېيتقىن، دېدى. |
وَقَالَ ٱللهُ أَيْضًا لِمُوسَى: «هَكَذَا تَقُولُ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ: يَهْوَهْ إِلَهُ آبَائِكُمْ، إِلَهُ إِبْرَاهِيمَ وَإِلَهُ إِسْحَاقَ وَإِلَهُ يَعْقُوبَ أَرْسَلَنِي إِلَيْكُمْ. هَذَا ٱسْمِي إِلَى ٱلْأَبَدِ وَهَذَا ذِكْرِي إِلَى دَوْرٍ فَدَوْرٍ. | ١٥ 15 |
خۇدا مۇساغا يەنە: ــ ئىسرائىللارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان «ياھۋەھ» مېنى قېشىڭلارغا ئەۋەتتى؛ ئۇ: [ياھۋەھ دېگەن] بۇ نام ئەبەدگىچە مېنىڭ نامىم بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگىچە مەن شۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن، دەيدۇ» ــ دېگىن. |
اِذْهَبْ وَٱجْمَعْ شُيُوخَ إِسْرَائِيلَ وَقُلْ لَهُمُ: ٱلرَّبُّ إِلَهُ آبَائِكُمْ، إِلَهُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ظَهَرَ لِي قَائِلًا: إِنِّي قَدِ ٱفْتَقَدْتُكُمْ وَمَا صُنِعَ بِكُمْ فِي مِصْرَ. | ١٦ 16 |
ــ بېرىپ، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ ئۇلارغا: ــ «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ماڭا كۆرۈنۈپ: ــ مەن سىلەرنى يوقلاپ كەلدىم، مىسىردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم؛ |
فَقُلْتُ أُصْعِدُكُمْ مِنْ مَذَلَّةِ مِصْرَ إِلَى أَرْضِ ٱلْكَنْعَانِيِّينَ وَٱلْحِثِّيِّينَ وَٱلْأَمُورِيِّينَ وَٱلْفِرِزِّيِّينَ وَٱلْحِوِّيِّينَ وَٱلْيَبُوسِيِّينَ، إِلَى أَرْضٍ تَفِيضُ لَبَنًا وَعَسَلًا. | ١٧ 17 |
شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزۈم شۇدۇركى، مەن سىلەرنى مىسىرنىڭ زۇلۇمىدىن چىقىرىپ، قانائانىيلار، ھىتتىيلار، ئامورىيلار، پەرىززىيلەر، ھىۋىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنى، يەنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن، دېدى، ــ دېگىن، دېدى. |
«فَإِذَا سَمِعُوا لِقَوْلِكَ، تَدْخُلُ أَنْتَ وَشُيُوخُ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِلَى مَلِكِ مِصْرَ وَتَقُولُونَ لَهُ: ٱلرَّبُّ إِلَهُ ٱلْعِبْرَانِيِّينَ ٱلْتَقَانَا، فَٱلْآنَ نَمْضِي سَفَرَ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ وَنَذْبَحُ لِلرَّبِّ إِلَهِنَا. | ١٨ 18 |
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدىغان بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سەن، ئۆزۈڭ ۋە ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار بىز بىلەن كۆرۈشتى. ئەمدى سىزدىن ئۆتۈنىمىزكى، بىزگە ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆلگە بېرىپ، خۇدايىمىز پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا ئىجازەت بەرگەيسىز» ــ دەڭلار. |
وَلَكِنِّي أَعْلَمُ أَنَّ مَلِكَ مِصْرَ لَا يَدَعُكُمْ تَمْضُونَ وَلَا بِيَدٍ قَوِيَّةٍ، | ١٩ 19 |
لېكىن مىسىر پادىشاھىنىڭ ھەتتا قۇدرەتلىك بىر قولنىڭ ئاستىدا تۇرۇپمۇ، سىلەرنى يەنىلا قويۇپ بەرمەيدىغىنىنى بىلىمەن. |
فَأَمُدُّ يَدِي وَأَضْرِبُ مِصْرَ بِكُلِّ عَجَائِبِي ٱلَّتِي أَصْنَعُ فِيهَا. وَبَعْدَ ذَلِكَ يُطْلِقُكُمْ. | ٢٠ 20 |
شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن [پىرەۋن] سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ. |
وَأُعْطِي نِعْمَةً لِهَذَا ٱلشَّعْبِ فِي عُيُونِ ٱلْمِصْرِيِّينَ. فَيَكُونُ حِينَمَا تَمْضُونَ أَنَّكُمْ لَا تَمْضُونَ فَارِغِينَ. | ٢١ 21 |
بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتۇرىمەن ۋە شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر شۇ يەردىن چىققىنىڭلاردا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. |
بَلْ تَطْلُبُ كُلُّ ٱمْرَأَةٍ مِنْ جَارَتِهَا وَمِنْ نَزِيلَةِ بَيْتِهَا أَمْتِعَةَ فِضَّةٍ وَأَمْتِعَةَ ذَهَبٍ وَثِيَابًا، وَتَضَعُونَهَا عَلَى بَنِيكُمْ وَبَنَاتِكُمْ. فَتَسْلُبُونَ ٱلْمِصْرِيِّينَ». | ٢٢ 22 |
بەلكى ھەربىر ئايال كىشى ئۆز قوشنىسىدىن ۋە ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق يات ئايالدىن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلارغا تاقايسىلەر، كىيدۈرىسىلەر؛ شۇ تەرىقىدە مىسىرلىقلاردىن ئولجا ئالغان بولىسىلەر، ــ دېدى. |