«جَمِيعَ ٱلْوَصَايَا ٱلَّتِي أَنَا أُوصِيكُمْ بِهَا ٱلْيَوْمَ تَحْفَظُونَ لِتَعْمَلُوهَا، لِكَيْ تَحَيَوْا وَتَكْثُرُوا وَتَدْخُلُوا وَتَمْتَلِكُوا ٱلْأَرْضَ ٱلَّتِي أَقْسَمَ ٱلرَّبُّ لِآبَائِكُمْ. | ١ 1 |
مەن سىلەرگە بۈگۈن تاپىلىغان بۇ بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشقا كۆڭۈل قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا سىلەر ھايات بولىسىلەر، كۆپىيىسىلەر ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلەيسىلەر. |
وَتَتَذَكَّرُ كُلَّ ٱلطَّرِيقِ ٱلَّتِي فِيهَا سَارَ بِكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ هَذِهِ ٱلْأَرْبَعِينَ سَنَةً فِي ٱلْقَفْرِ، لِكَيْ يُذِلَّكَ وَيُجَرِّبَكَ لِيَعْرِفَ مَا فِي قَلْبِكَ: أَتَحْفَظُ وَصَايَاهُ أَمْ لَا؟ | ٢ 2 |
پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تۆۋەن قىلىپ، كۆڭلۈڭدە نېمە بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتىدىغان-تۇتمايدىغانلىقىڭنى بىلەي دەپ سېنى سىناش ئۈچۈن بۇ قىرىق يىل چۆل-باياۋاندا يېتەكلىگەن يولنى ئەسلىگىن. |
فَأَذَلَّكَ وَأَجَاعَكَ وَأَطْعَمَكَ ٱلْمَنَّ ٱلَّذِي لَمْ تَكُنْ تَعْرِفُهُ وَلَا عَرَفَهُ آبَاؤُكَ، لِكَيْ يُعَلِّمَكَ أَنَّهُ لَيْسَ بِٱلْخُبْزِ وَحْدَهُ يَحْيَا ٱلْإِنْسَانُ، بَلْ بِكُلِّ مَا يَخْرُجُ مِنْ فَمِ ٱلرَّبِّ يَحْيَا ٱلْإِنْسَانُ. | ٣ 3 |
دەرۋەقە ئۇ سېنى تۆۋەن قىلىپ، سېنى ئاچ قويۇپ، سەن ئەسلىدە بىلمەيدىغان، شۇنداقلا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان؛ ئۇ ساڭا ئىنسان پەقەت يېمەكلىك بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئاغزىدىن چىققان بارلىق سۆزلىرى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. |
ثِيَابُكَ لَمْ تَبْلَ عَلَيْكَ، وَرِجْلُكَ لَمْ تَتَوَرَّمْ هَذِهِ ٱلْأَرْبَعِينَ سَنَةً. | ٤ 4 |
بۇ قىرىق يىلدا كىيىم-كېچىكىڭ كونىرىمىدى، پۇتۇڭ ئىششىپ كەتمىدى. |
فَٱعْلَمْ فِي قَلْبِكَ أَنَّهُ كَمَا يُؤَدِّبُ ٱلْإِنْسَانُ ٱبْنَهُ قَدْ أَدَّبَكَ ٱلرَّبُّ إِلَهُكَ. | ٥ 5 |
سەن شۇنى بىلىپ قويغىنكى، ئادەم ئۆز ئوغلىنى تەربىيىلىگەندەك، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى تەربىيىلەيدۇ؛ |
وَٱحْفَظْ وَصَايَا ٱلرَّبِّ إِلَهِكَ لِتَسْلُكَ فِي طُرُقِهِ وَتَتَّقِيَهُ، | ٦ 6 |
شۇڭا سەن ئۇنىڭ يوللىرىدا مېڭىپ ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقىن. |
لِأَنَّ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ آتٍ بِكَ إِلَى أَرْضٍ جَيِّدَةٍ. أَرْضِ أَنْهَارٍ مِنْ عُيُونٍ، وَغِمَارٍ تَنْبَعُ فِي ٱلْبِقَاعِ وَٱلْجِبَالِ. | ٧ 7 |
چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ياخشى بىر زېمىنغا ــ ئېرىق-ئېقىنلىرى، بۇلاقلىرى ۋە جىلغا-دۆڭلەردە ئۇرغۇپ چىقىدىغان ئۇلۇغ سۇلىرى بار بىر زېمىنغا ــ |
أَرْضِ حِنْطَةٍ وَشَعِيرٍ وَكَرْمٍ وَتِينٍ وَرُمَّانٍ. أَرْضِ زَيْتُونِ زَيْتٍ، وَعَسَلٍ. | ٨ 8 |
بۇغداي ۋە ئارپا، ئۈزۈم تاللىرى، ئەنجۈر دەرەخلىرى ۋە ئانارلىرى بار بىر زېمىنغا، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە ھەسەل بار بىر زېمىنغا، |
أَرْضٍ لَيْسَ بِٱلْمَسْكَنَةِ تَأْكُلُ فِيهَا خُبْزًا، وَلَا يُعْوِزُكَ فِيهَا شَيْءٌ. أَرْضٍ حِجَارَتُهَا حَدِيدٌ، وَمِنْ جِبَالِهَا تَحْفُرُ نُحَاسًا. | ٩ 9 |
ــ سەن ھېچنېمىدىن كەملىك تارتماي ئوزۇقلۇق يەيدىغان بىر زېمىنغا ــ تاشلىرى تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس كولايدىغان بىر زېمىنغا يېتەكلەپ كىرىدۇ؛ |
فَمَتَى أَكَلْتَ وَشَبِعْتَ تُبَارِكُ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ لِأَجْلِ ٱلْأَرْضِ ٱلْجَيِّدَةِ ٱلَّتِي أَعْطَاكَ. | ١٠ 10 |
سەن شۇ يەردە يەپ تويۇنىسەن ۋە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شۇ ياخشى زېمىن ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىسەن. |
اِحْتَرِزْ مِنْ أَنْ تَنْسَى ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ وَلَا تَحْفَظَ وَصَايَاهُ وَأَحْكَامَهُ وَفَرَائِضَهُ ٱلَّتِي أَنَا أُوصِيكَ بِهَا ٱلْيَوْمَ. | ١١ 11 |
مەن ساڭا بۈگۈن تاپىلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئەمرلىرى، بەلگىلىمىلىرى ھەم ھۆكۈملىرىنى تۇتماسلىقتىن، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھېزى بول؛ |
لِئَلَّا إِذَا أَكَلْتَ وَشَبِعْتَ وَبَنَيْتَ بُيُوتًا جَيِّدَةً وَسَكَنْتَ، | ١٢ 12 |
بولمىسا، سەن يەپ تويۇنغاندىن كېيىن، ئېسىل ئۆيلەرنى قۇرۇپ ئۇلاردا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، |
وَكَثُرَتْ بَقَرُكَ وَغَنَمُكَ، وَكَثُرَتْ لَكَ ٱلْفِضَّةُ وَٱلذَّهَبُ، وَكَثُرَ كُلُّ مَا لَكَ، | ١٣ 13 |
كالا-قوي پادىلىرىڭ كۆپىيىپ، ئالتۇن-كۈمۈشۈڭ، شۇنداقلا سېنىڭ بارلىقىڭ كۆپەيگەندىن كېيىن، |
يَرْتَفِعُ قَلْبُكَ وَتَنْسَى ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ ٱلَّذِي أَخْرَجَكَ مِنْ أَرْضِ مِصْرَ مِنْ بَيْتِ ٱلْعُبُودِيَّةِ، | ١٤ 14 |
كۆڭلۈڭ مەغرۇرلىنىپ سېنى مىسىر زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ماكانى»دىن چىقىرىپ قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى ئۇنتۇيسەن؛ |
ٱلَّذِي سَارَ بِكَ فِي ٱلْقَفْرِ ٱلْعَظِيمِ ٱلْمَخُوفِ، مَكَانِ حَيَّاتٍ مُحْرِقَةٍ وَعَقَارِبَ وَعَطَشٍ حَيْثُ لَيْسَ مَاءٌ. ٱلَّذِي أَخْرَجَ لَكَ مَاءً مِنْ صَخْرَةِ ٱلصَّوَّانِ. | ١٥ 15 |
(ئۇ سېنى بىپايان ۋە دەھشەتلىك چۆل-باياۋاندىن، يەنى زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلار قاپلاپ كەتكەن، سۇسىراپ قاغجىراپ كەتكەن بىر چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ چىققان، شۇ يەردە ساڭا چاقماق تېشىدىن سۇ چىقىرىپ بەرگەن، |
ٱلَّذِي أَطْعَمَكَ فِي ٱلْبَرِّيَّةِ ٱلْمَنَّ ٱلَّذِي لَمْ يَعْرِفْهُ آبَاؤُكَ، لِكَيْ يُذِلَّكَ وَيُجَرِّبَكَ، لِكَيْ يُحْسِنَ إِلَيْكَ فِي آخِرَتِكَ. | ١٦ 16 |
سېنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتسۇن دەپ سىناپ، ساڭا ئاخىر راھەت-بەرىكەت كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆل-باياۋاندا ئاتا-بوۋىلىرىڭ كۆرۈپ باقمىغان «ماننا» بىلەن ئوزۇقلاندۇرغان) |
وَلِئَلَّا تَقُولَ فِي قَلْبِكَ: قُوَّتِي وَقُدْرَةُ يَدِيَ ٱصْطَنَعَتْ لِي هَذِهِ ٱلثَّرْوَةَ. | ١٧ 17 |
ــ ئەگەر ئۇنى ئۇنتۇساڭ، كۆڭلۈڭدە: «ئۆز كۈچۈم، ئۆز قولۇمنىڭ قۇدرىتى مېنى مۇشۇ دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن» دېيىشىڭ مۇمكىن. |
بَلِ ٱذْكُرِ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ، أَنَّهُ هُوَ ٱلَّذِي يُعْطِيكَ قُوَّةً لِٱصْطِنَاعِ ٱلثَّرْوَةِ، لِكَيْ يَفِيَ بِعَهْدِهِ ٱلَّذِي أَقْسَمَ لِآبَائِكَ كَمَا فِي هَذَا ٱلْيَوْمِ. | ١٨ 18 |
شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزى سېنى دۆلەتكە ئېرىشتۈرگۈچى قۇدرەتنى بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇنى ئېسىڭدە تۇت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان ئەھدىنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك مەھكەم قىلىدۇ. |
وَإِنْ نَسِيتَ ٱلرَّبَّ إِلَهَكَ، وَذَهَبْتَ وَرَاءَ آلِهَةٍ أُخْرَى وَعَبَدْتَهَا وَسَجَدْتَ لَهَا، أُشْهِدُ عَلَيْكُمُ ٱلْيَوْمَ أَنَّكُمْ تَبِيدُونَ لَا مَحَالَةَ. | ١٩ 19 |
ئەگەر سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قاچانىكى ئۇنتۇساڭ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشسەڭ، ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ ئۇلارغا باش ئۇرساڭ، مەن سىلەرگە بۈگۈن شۇ ئاگاھنى بېرەيكى، شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر تەلتۆكۈس ھالاك بولىسىلەر. |
كَٱلشُّعُوبِ ٱلَّذِينَ يُبِيدُهُمُ ٱلرَّبُّ مِنْ أَمَامِكُمْ كَذَلِكَ تَبِيدُونَ، لِأَجْلِ أَنَّكُمْ لَمْ تَسْمَعُوا لِقَوْلِ ٱلرَّبِّ إِلَهِكُمْ. | ٢٠ 20 |
پەرۋەردىگار كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىۋاتقان ئەللەردەك سىلەرمۇ يوقىتىلىسىلەر؛ چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانسىلەر. |